نىران خانىدانلىقى(1)

تارىخ سەپىرىدە 2011-06-08 03:03 1,135 9

نىران خانىدانلىقى
(تارىخى ھېكايە)

(1)

قەدىمي شەھەر نىراندا شۇنداق بىر پادىشاھلىق ئۆتكەنىكەن. بۇ مەملىكەتنىڭ شەھەرلىرى ئاجايىپ ئاۋاتلاشقان، ئادەملىرى بىلىملىك، جاسارەتتە شىرمەت ئەزىمەتلەر ئىكەن. پادىشاھنىڭ ھەربىي قوشۇنىدىكى ئەسكەرلەر بەكلا جاسارەتلىك بولغاچقا بۇ مەملىكەتكە ئاسانلىقچە دۈشمەن ھۇجۇم قىلىپ كېلەلمەيدىكەن. بۇ مەملىكەتنىڭ پادىشاھى ھۈسەيىن خان ئەللىك ياشلاردىن ئاشقان ئادەم بولۇپ ئايالى خېلى يىللار ئىلگىرى تۈگەپ كەتكەن. ھۈسەيىن خاننىڭ بىرلا قىزى بار ئىدى. ئاتا-بالا بىر-بىرىگە سىرداش بولۇپ ياشايتتى. ھۈسەيىن خاننىڭ بارلىق خۇشاللىقى بەختى مۇشۇ مەلىكە ئىكەن. ھۈسەيىن خاننىڭ شۇنچە ئەتىۋارلىشىغا لايىق مەلىكىمۇ ئەدەب-ئەخلاقلىق، ئەقىللىق، چېچەن قىز بولۇپ چوڭ بوپتۇ. مەلىكىنىڭ بالىلىق ۋاقىتلىرى غەمسىز بەخىرامانلىق ئىچىدە ئۆتۈپتۇ. مەلىكىنىڭ ئىسمى ئايچىۋەر ئىدى.
مەلىكە يەتتە ياشقا كىرگەن يىلى ھۈسەيىن خان مەلىكىنى ئېلىپ يېقىن ئەتراپتىكى شەھەرلەرنى زىيارەت قىلىپ خەلقنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەشكە چىقتى. ئوردىغا خېلى يىراق بىر شەھەرنى ئايلىنىپ بولۇپ مېڭىۋاتقاندا بۇلار يولدىن ئادىشىپ قالدى. خاننىڭ قورۇقچىلىرى ئەتراپتىن بىرەر كەنتنى تېپىش ئۈچۈن ئالدىراش يۈرۈپ كەتتى. ھۈسەيىن خان مەلىكە ئايچىۋەر ئىنىسىنىڭ ئوغلى توغرۇل ۋە بىر نەچچە خاس مەھرەملىرى بىلەن توختىماي ئىلگىرىلەۋاتاتتى.
ئايچىۋەر ئۆزىدىن تۆت ياش چوڭ بۇ نەۋرە ئاكىسى بىلەن پەقەتلا چىقىشالمايتتى. چۈنكى توغرۇلنىڭ خۇي-پەيلى بەكلا ئوسال ئىدى. ھەر خىل ئاماللارنى قىلىپ ئۇستازلىرىغا ۋە ئەتراپىدىكىلەرگە ياخشىچاق بولۇشقا بەكلا ئامراق، ماختانچاق بىر بالا بولغاچقا ئۇنىڭ بۇنداق تېتىقسىز قىلىقلىرىغا ئايچىۋەر بەكلا ئۆچ ئىدى. ئىككىسى بىر مەدرىسىدە ئىلىم تەھسىل قىلسىمۇ ھەر ئىككىلىسى ئۆز ئىشى بىلەن بىر يەرگە كەلسىلا جىدەللىشىپ ئۇستازلارغا ئارام بەرمەيتتى.
ئالاھەزەل يېرىم سائەت يول يۈرگەندىن كېيىن يولنىڭ ئۈستۈن تەرىپىدە بىر كەنت كۆرۈندى. ھۈسەيىن خاننىڭ چىرايىغا سەل كۈلكە يۈگۈردى. خاس مەھرەملىرى يېنىدا بولغاچقا ھەم بۇ قېتىم ئوچۇق-ئاشكارا زىيارەتكە چىققاچقا ئۇنچە كۆپ ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالمىغانىكەن. چوڭلارغۇ مەيلى كۆز قارچۇقىدەك ئاسراپ كەلگەن ئىككى نارەسىدەنى بىرەر ۋاق غىزادىن كەم قويسا نەچچە كۈنگىچە ئۇنىڭ كۆڭلى بىئارام بولاتتى. كەنتكە يېقىنلىشىپ بولغىچە قاراڭغۇ چۈشۈپ كەچ بولۇپ كەتتى. ھەممە ئۆيلەرنىڭ چىراقلىرى ئۆچۈپ بولغان ئىككى-ئۈچلا ئۆينىڭ چىرىقى يورۇق ئىدى. ھۈسەيىن خان بىر ئادىمىنى چىرىقى ئۆچمىگەن بىر ئۆيدىن بۇلارغا كەچلىك غىزا بېرىپ بىر كېچە قوندۇرۇپ قالالامدۇ يوق؟ سوراپ كېلىشكە ئەۋەتتى.
ئۇزاق ئۆتمەي ھېلىقى ئادەم ئۆي ئىگىسىنىڭ ماقۇل بولغانلىقى ئېيتىپ يېنىپ كەلدى. ھۈسەيىن خان ئېتىدىن چۈشتى باشقىلارمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى. ئۆيدىن يەتمىش ياشلاردىن ئاشقان بىر قېرى موماي چىراق كۆتۈرۈپ بۇلارنى قارشى ئېلىشقا چىقتى.
داۋامى بار…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 9 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    گۈلدەستە 2011-06-08 05:21

    قېرى موماينىڭ كېلىشكەن ئوغلى بولسا ئاي چىۋەر بىلەن تونۇشۇپ قالسە ھە؟ ھې ھې ئاخېرىغا تەشنا بولىۋاتىمەن.
    رۇخسىتىڭىزسىز،بىلوگىڭىزنى ئىلان ئورنىغا چىقىرۋالدىم.

    جۇلالىق

    قېرى موماينىڭ ئوغلى بىلەن ئەمەس نەۋرىسى بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ.
    بىراق، ھېكايىنىڭ ۋەقەلىكى سىز تەسەۋۋۇر قىلغاندەك چىقمايدۇ……ھى ھى ھى
    داۋامىغا دىققەت قىلىڭ ھە جانىم!
    بلوگىمنى ئېلان ئورنىغا چىقىرىۋالغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. گۈلدەستە بلوگىنىمۇ قوشۇۋالدىم بىرلىكتە ھەمكارلىشايلى. ئەكىلىڭە قولىڭىزنى…

  •   #2  

    جۇلالىق 2011-06-21 05:43

    تىنچلىقمۇ، مەھشىيە!
    ئەھۋالىڭىز قانداقراق؟ ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟
    مەن بۇ دۇنيادا بارغۇ ھاھا….. مەن بولمىسام كىم بولىدۇ.
    يېقىندىن بۇيان سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم. شۇڭا مەندىن رەنجىمەي تۇرۇڭ . سىزنى ئىزدەپ زېرىكتۈرۈۋەتمىسەم، شۇ چاغدا ۋاي بولدى مېنى ئىزدىمەڭ دېگىنىڭىزگىمۇ ئۇنىمايمەن.
    خۇشدىلنى كۆردۈم چىرايلىق ياسىۋاپسىز، مەنمۇ پات ئارىدا كىرىپ سىزگە ياردەمدە بولىمەن.
    مېنى ئىزدەپ خەت يازغىنىڭىزغا بەكلا خۇشال بولدۇم.
    ئەمىسە كۆرۈشكىچە ئامان بولۇڭ!

    مەھشىيە

    شۈكرى ، ئۆزىڭىزچۇ ؟ مېنى زېرىكتۈرىۋېتىدىغان خېنىم يەنە يوققۇ ؟ ئىشلار قانداق بوپ كەتتى ؟ 7 – ئايدا چىقىپ بولىمەن دېۋىدىڭىز ، 8 – ئاي كىردى مانا …
    كېلەر يىلغىچىمۇ چىقىپ بولالمامسىز نېمە ؟ ئەجەپ سېغىندۇردىڭىز … ئەسكى قىز !
    چىقسىڭىز – چىقمىسىڭىز ماڭا بىر ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى دەپ بېرىڭە . تېلفون قىلىپ …. ھېچ بولمىسا ئالاقىلىشىپ بولسىمۇ تۇرايلى . تورغا چىقالمىسىڭىز …
    ئەمىسە ، سىزنى ساقلايمەن – ھە ؟ كۆرۈشكىچە ئامان بولۇڭ.

    جۇلالىق

    سىزنى زېرىكتۈرۈۋېتىدىغان كۈنلەرمۇ كېلىپ قالار جانىم،
    مەن سىزگە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ئايرىم دەپ بېرەي.
    سىزمۇ ئامان بولۇڭ!

  •   #3  

    گۈلدەستە 2011-06-21 06:36

    تىنچلىقمۇ،ھەر كىرىپ بىرنى ماراپ باقىمەن،يا باسمايسىز بۇ خاندانلىقنىڭ ھېكايىسىنىڭ ئاخىرىنى.
    مەھشىيە ھەدەممۇ بار ئىكەندە بۇ تور دۇنياسىدا،بىلوگباسنى نەچچە يىلدىن بۇيان يېڭىلاپ باقماپتىكەن،گېپىڭلارغا قارىغاندا باشقا يەرگە كۆچىۋالغان ئوخشىمامدۇ؟
    پېقىر ئەلكۈيىنىڭ ئۇنتۇلغان ئەزاسى مەلەك ۋە گۈل كاپىتان،سىزنى كۆرۈپ خۇش بولدۇم

    جۇلالىق

    تىنچلىقمۇ، كەچۈرۈڭ ئەزىزىم يېقىندىن بېرى بەكلا ئالدىراش بولۇپ قېلىپ ئاخىرىنى يوللاشقا ۋاقتىم چىقماي قالدى. خىجىلمەن. بۇ ھېكايە يېزىلىپ بولاي دېدى. داۋاملىق يوللاپ تۇرىمەن.
    ئەسلى گۈلىستان ئەلكۈيىدىكى مەلەك ئىكەندە تونۇشقىنىمدىن خۇرسەنمەن، ئالاقىلىشىپ تۇرايلى جانىم.
    مەھشىيە ھەدىڭىز مېنىڭ بلوگىمدا بار. مەندەك قەدىناسىنىڭ يېنىدا بولمىسا بولمايدۇ. چۈنكى مەھشىيە مەندىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ ھاھاھا………
    گۈلىستان بلوگىغا كىرىپ سىزگە دىمەكچى بولغان كۆڭۈل سۆزلىرىمنى شۇنچە جىق يازسام چەكلىمە بار دەپ يوللىغىلى بولمىدى، مۇشۇ يەردە مۇڭدىشىپ تۇرايلى. بلوگىڭىزنىمۇ زىيارەت قىلىپ تۇرىمەن.
    يەنە مەھشىيە ھەدىڭىز خۇشدىل تورىنى ئېچىۋالدى. بلوگىمدا ئۇلىنىشى بار زىيارەت قىلىپ بېقىڭ. بەت پەيزى چىقتى ئەمدى شۇ يەردە قاينايمىز.

    مەھشىيە

    تىنچلىقمۇ ! مەلەك سىزنى بۇ يەردە كۆرۈپ خۇش بولدۇم . تەرجىمىلىرىڭىزنى شۇنداق ياقتۇرۇپ ئوقۇيتتۇم . يوقاپلا كەتتىڭىزغۇ ؟ سىزمۇ بلوگقا ئۆگىنىۋالدىڭىزمۇ ئەمدى ؟ ئۇنداق قىلماڭلار دەيمەن … ما بىزدەك تور بەت قۇرغانلارغىمۇ ئىچىڭلار ئاغرىسۇن . ھاھا ….! (چاقچاق)
    سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرگەن بىلەن ، تونۇشۇش پۇرسىتى بولمىغانىدى . بۈگۈن بۇ يەردە ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ شۇنداق خۇش بولدۇم . مەخسۇس ھېكايە – پوۋېست بېتى قۇرغان ، سىز بىلەن تۈزۈك تونۇشمىغاچ ، قانداق تەكلىپ قىلىشنى بىلەلمەي تۇراتتىم . ئۆزىڭىز كەپسىز مانا ئالدىمغىلا …. ئەمىسە تور بېتىمگە تەكلىپ قىلدىم جۇمۇ سىزنى ، ياخشى ياخشى تۈرۈكچە ھېكايە – پوۋېستلىرىڭىز بولسا تەرجىمە قىلىپ يوللاپ بېرەرسىز . ئۆزىڭىز ئىجادىي يازسىڭىزمۇ بولىدۇ . سىزنى قارشى ئالىمەن !
    http://www.huxdil.com

  •   #4  

    جۇلالىق 2011-07-18 09:08

    تىنچلىقمۇ! ئىلقۇت،
    مېنى خانقىز دېسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئاچا دېسىڭىزمۇ مەيلى مېنى ئۆز كۆرگەنلىكىڭىزدىن خۇشال بولىمەن. بۇنچىلىك ئىشلارغا خاپا بولۇش كېتەمدۇ؟
    «نىران» سۆزى ھەققىدە مەنمۇ بەك كۆپ بىلمەيمەن. قايسىدۇر بىر ماتېرىيالدا نىران شەھرىنىڭ كىروران شەھرىگە يېقىن يەردە تارىختا ئۆتكەنلىك خەۋرىنى كۆرگەن ئىدىم. قايسى ماتېرىيالدا كۆرگەنلىكىم ئېنىق ئېسىمدە يوق يا توردا بىرەر يەردە كۆردۈممىكىن.
    بەلكىم سىز دېگەندەك نىيە ناھىيىسى نىران خانلىقىغا يېقىن بولسا كېيىن نىيە بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.
    تەكلىماكان باغرىغا جايلاشقان «خوتەن» شەھرىگە كىروران شەھرىمۇ يېقىن ئىكەنتۇق. نىيەمۇ خوتەننىڭ ناھىيىسى بۇ جايلارنىڭ چوقۇم باغلىنىشلىقى بار. مەن ھېكايىدا تىلغا ئالغان نىران خانلىقى دەل نىران قەدىمىي شەھرى .
    مەن نىران سۆزى توغرۇلۇق مۇشۇنچىلىك بىلىدىكەنمەن. ئەگەردە زۈرۈرىيەت بولسا مەن يەنە ئىزدىنىپ باقاي.