ھەممىمىز بىر كۈنى قېرىيمىز
ئاپتۇبۇسنىڭ دەرىزىسىدىن شەھەر مەنزىرىسىگە قاراپ ئولتۇرماقتا ئىدىم. ئاپتۇبۇس بېكەتتە توختىدى، كىشىلەر بىر-بىرىنى ئىتتىرىپ دېگىدەك ئاپتۇبۇسقا چىقىۋاتاتتى. ھەممە كىشىلەر چىقىپ بولۇپ ئەڭ ئاخىرىدا بىر پۇتى مېيىپ ھاسىغا تايىنىپ تۇرۇۋاتقان بىر بوۋاي چىقىشقا تەمشەلدى. ئاپتۇبۇس ئىشىكىنىڭ يېنىدىكى تۆمۈرنى تۇتۇپ چىقاي دەۋاتقان بوۋاينى 25 ياشلاردا بار ياش بىر يىگىت قىستاپلا ئاپتۇبۇسقا چىقتى. بوۋاي دەلدەڭشىگىنىچە ئاپتۇبۇسنىڭ ئىشىكىگە يۆلىنىپ قالدى. بوۋاي تۆمۈرنى مەھكەم تۇتۇۋېلىپ ئاۋۋال ھاسىسىنى ئاپتۇبۇسقا قويدى، بوۋاينىڭ ئاپتۇبۇسقا ئاستا چىققانلىقىدىن تاقىتى تاق بولۇپ كەتكەن بېلەتچى ئايال يولۇچىلارغا بېلەت سېتىۋاتقان يېرىدىن غۇدىرىغان پېتى كەلدى.
ــ ئاكا، تېزراق بولسىلا ئاپتۇبۇس قوزغىلاي دەپ قالدى. بىزنىڭ بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقتىمىز بار. بۇنداق ئاستا چىقىپ ۋاقتىمىزنى ئالسىلا بولمايدۇ. ئۇنىڭ چىرايىدىن بوۋايدىن شۇنچىلىك بىزار بولغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. بېلەت ساتقۇچى ئايال شۇ گەپلەرنى دەپ قويۇپ بىرەرسى مىخلاپ قويغاندەك ئاپتۇبۇسنىڭ ئىشىكى تۈۋىدە بوۋاينىڭ شۇنچە جاپالار بىلەن چىققىنىغا قاراپ تۇردى. بوۋاي چىقىپلا ئىشىكنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇقنىڭ يېنىدىلا ئولتۇرۇۋالدى.
بېلەت ساتقۇچى ئايالنىڭ يەنە جۇدۇنى ئۆرلىدى.
ــ بۇ يەردە ئولتۇرىۋالسىلا بولمايدۇ، بۇ يەردە ئولتۇرىۋالسىلا ئاپتۇبۇستىن چىقىپ چۈشىدىغانلارغا دەخلى قىلىلا! بوش ئورۇن بولغاندىكىن شۇ يەردە ئولتۇرىۋالسىلا.
ــ بالام، ئورۇندۇقتا ئولتۇرسام ھېلى چۈشىدىغان ۋاقىتتا قىينىلىپ قالىمەن شۇڭا مۇشۇ يەردىلا ئولتۇراي.
بوۋاينىڭ سۆزى شۇنداق سىلىق-سىپايىلىق بىلەن ئېيتىلغانىدى. بېلەت ساتقۇچى ئايالنىڭ قوپال مۇئامىلىسىگە ئازراقمۇ خاپا بولغاندەك قىلمايىتتى.
بېلەت ساتقۇچى ئايال بۇ بوۋايغا گەپ كار قىلمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتتىمۇ قانداق چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ بېلەت سېتىشقا كىرىشىپ كەتتى.
ماشىنا مېڭىۋاتىدۇ، مېنىڭ خىياللىرىممۇ ئۆزۈم بىلەن سۆزلەشمەكتە ئىدى.
تۇرۇپلا ئۆزۈمدىن نۇمۇس قىلغۇم كەلدى. نېمىشقا بوۋاي ئاپتۇبۇسقا چىقالماي قىينىلىۋاتقاندا بېرىپلا بوۋاينى يۆلەپ ئۇنىڭغا ياردەملەشمىدىم؟ بەلكىم بۇ مەندىكى مېھرى-مۇھەببەتنىڭ سۇسلىشىپ قالغانلىقىدىن، ئۆزىمىزدىن چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ئەدەب-ئەخلاق سىماسىنىڭ قەلبىمىزدىن بارغانسېرى يوقىلىپ ئاق قەغەز يۈزىدىكى قارا سىياھنى ئۆچۈرگۈچتە ئۆچۈرگەندەك ئۆچۈرۈپ سۈپۈرۈپ تاشلىغانلىقىمىزدىندۇر.
مېيىپ، ياشانغان كىشىلەرنى كۆرسەك ۋە ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى بىلسەك ئۇلارغا ياردەم قىلىش ئەمەس ئۇلاردىن يىرگەنگەندەك قىلىقلارنى قىلىپ قاچىدىغان ئەھۋالغا قاپتۇق. ئۆزۈمنىڭمۇ كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى ھاياتىي كۈچۈم ئۇرغۇپ تۇرغان بۇ ياشلىق مەزگىلىم ئۆتۈپ قېرىيدىغانلىقمنى ئۇنتۇپ قالغان بولسام كېرەك.
ئېسىڭدە بولسۇن يىگىت، سەنمۇ ھامان بىر كۈنى قېرىيسەن، بىر كۈنلەردە سېنىڭمۇ ئاشۇ بوۋايدەك ئاپتۇبۇسنىڭ ئىشىكىدىن تەستە چىقىدىغان كۈنلىرىڭ كېلىدۇ.
بېلەت ساتقۇچى خانىم سىزدە مەسئۇلىيەت دەيدىغان ئاڭ بارمۇ؟ بۇ خىزمەتنى بىر ئاينى توشقۇزۇپ پۇل تېپىپ تۇرمۇشىڭىزنى قامداش ئۈچۈنلا قىلىۋاتامسىز؟ ئۆزىڭىزنىڭ بىر كۈنلەردە قېرىيدىغانلىقىڭىزنى بىلەمسىز؟ ئۆزىڭىزدىن چوڭلارغا ياردەم قىلىش دېگەن ئەقەللىي قائىدىنى ئۇنۇتقان بولسىڭىزغۇ مەيلى، مۇشۇ ساھەدە خىزمەت قىلغانىكەنسىز خىزمەتتىكى مەسئۇلىيىتىڭىزنىڭ ھۆددىسىدىن ئازراق بولسىمۇ چىققان بولسىڭىز، ياشانغان بوۋاي-مومايلىرىمىزغا ياردەم قولىڭىزنى سۇنغان بولسىڭىز، سىزدىن نەقەدەر خۇرسەن بولۇپ كېتەر ئىدۇق!؟
شۇنى ئۇنۇتمايلى ئەزىزلەر!
ھەممىمىز بىر كۈنلەردە قېرىيمىز…
جۇلالىق
بۇ يازمىدا بىر پارچە ئىنكاس بار ئىنكاس يېزىش
#1
بىزدىكى ئەخلاق مەسىلىسى دەپ ئويلايمەن بۇنى…
ھەي، بۇ ئىشلارمۇ ئوڭشىلىپ قالار…