روماندىن پۈتۈلگەن رىۋايەت

ھايات تەلقىنلىرى 2011-04-25 10:07 1,718 13

روماندىن پۈتۈلگەن رىۋايەت

«يېڭى ئەسىرگە قەدەم» قويغاندىن كېيىن «يىگانە ئارال»غا چىقىۋېلىپ «كۆرەشچان يىللار»غا نەزەر سالدىم، ئويلىسام ھەممىمىز «گۆردىن قايتقانلار» «ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر» ئىكەنمىز، «قۇم باسقان شەھەر»لەرگە قارىسام «ئانا يۇرت» «لېيىغان بۇلاق»لار بىلەن تولۇپ يېتىپتۇ. «كۆڭۈل»ۈم «ئاشۇ كۈنلەر»دىكى «ھايات سىرلىرى» توغرىسىدا «ئىزدىنىش»كە باشلىدى. ئەسلىدە بىز «ئۆز تەقدىرىنىڭ خوجايىنلىرى» ئىكەنمىز. ئاشۇ «جىمجىت جۇڭغارىيە» بۇرۇن «شاۋقۇن»لۇق «قاينام ئۆركىشى» ئىكەن. «سۈزۈك ئاسمان»دا «ئۈمۈد يۇلتۇزلىرى» چاقناپ تۇراتتىكەن. «دوقمۇش پاراڭلىرى»دىن شۇنى ئۇقتۇمكى «سۇتۇق بۇغراخان» «كۆكتىن چۈشكەن پەرىشتە» سۈپەت «ئاتا» بولۇپ «تەڭرىنىڭ ھۆكىمى» بىلەن «تۇمانلىق ئۇپۇق»تا «چاقماق» چېقىپ كۆمۈلمەس «ئىز»لارنى قالدۇرغان ئىكەن. ئۇ «ھەسرەتلىك مۇھەببەت» دەردىدە «ئۆلۈۋېلىش سەنئىتى»نى ئىزلەپ يۈرگەن «بوز ئەر»لەرنى «ئاۋات شەھەرنىڭ يېڭى پۇقراسى»غا ئايلاندۇرۇپتۇ. «ھايات شاماللىرى» «نۇرلۇق قەبرىلەر»نى سەپەرگە ئاتلاندۇرۇپ «ئۆچمەس ئىزلار»نى قالدۇرۇپتۇ، «مەھمۇد قەشقەرىي»گە ئوخشاش «بۆرە ئانا»لار «قۇتادغۇبىلىك»تەك «پۈتمەس سەتىرلەر» ئارقىلىق «ھايات سىرلىرى»نى ئېچىپ «سەئىدخان» «سۇلتان ئابدۇرەشىدخان» «مەلىكە ئاماننىسا خېنىم»لارنى تەقدىرىنى «ئاي يامغۇرى» بىلەن سۇغۇرۇپتۇ. كېيىنكى يىللاردا «بە دۆلەت» «قىساسكار»لىققا سەۋەپچى بولۇپ «پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر»نى «ھايات زەنجىرى» بىلەن باغلاپتۇ، بۇنى كۆرۈپ «قانغا بويالغان سايرام» بويىدا «تاڭ ئالدىدا تۇغۇلغانلار»دىن «لالە قۇربان» «گۈل ئايىم»لار «داۋان»لار ئېشىپ «زۇلپىقار»نى كۆتۈرۈپ «ئەجدادلار» ئىزىدىن مېڭىپتۇ. كېيىن «ئۇنتۇلغان كىشىلەر» «ئانا نەسىھەتى»گە قۇلاق سېلىپ «قىزىل تاغ چىراغلىرى»نى ياندۇرۇپتۇ، «ئاۋرال شاماللىرى» «ئىلى دولقۇنلىرى» «قارا ئېقىن» ياساپ «سادىر پالۋان» ۋە «ھېزىم شاھ پالۋان»نى «مۇھەممەد بىشىر چىڭۋاڭ»غا قارشى ئاتلاندۇرۇپتۇ. ئۇلارنى «تۈندىكى چاقماق»تا تاۋلاپ «سەرسان روھ»قا ئايلاندۇرۇپتۇ. «نۇرلۇق قەلىبلەر» «ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە قىسسە»لەردەك «يۇلتۇزلار ئەپسانىلىرى»نى سىزىپتۇ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىغا ئوخشاش «بالدۇر ئويغانغان ئادەم»لەر «رۇم ئەزەم ئەۋلادلىرى»دىن بولمىش «ئاپپاق خوجا» ۋە «تورغاق خوجىلار»نىڭ چاۋىسىنى چىتقا يېيىپتۇ. «كۆڭۈل»لەر «جۇدالىق» دەردىدە «داغ»لىنىپتۇ، ھاياتتا «شۇنداق كۈنلەرمۇ ئۆتكەن» ئىكەن «سەرسان روھ»لار ئاتقان «قىساس» ئوقلىرى «چالا تەگكەن ئوق» بولۇپ قاپتۇ. «ئاشۇ كۈنلەردە» «ئويغانغان زىمىن»دىكى «باش ئەگىم»دە «ئەجدادلار ئىزى»دىن «مىھرىگىياھ» ئۈنۈپ كېتىپتۇ. «قۇرىماس دەرەخلەر» كۆكلەپ چىقىپتۇ، «قالدى مۇھەببەت يىراقتا» دەمسىز؟ ئەنە قاراڭ «ئويغانغان زىمىن»نىڭ «كۆزى ئېچىلغان بۇلاق»لىرىدىن «ئۇنتۇلغان كىشىلەر» بۇلدۇقلاپ چىقىپتۇ، «قانلىق يەر» توغرىسىدا «ئۇرخۇن شەجەرىسى» ۋە «باش ئەگىمدىكى رىۋايەت»لەر توقۇلۇپتۇ، ئېھ «كۆكتىن چۈشكەن پەرىشتىلەر» بىلەمسىلەركى «ھايات شۇنداق» لېكىن ھامان «كۈن شەرىقتىن چىقىدۇ» «يىغلىما ئىنسان» «تۆشۈك مۇنچاق» يەردە قالمايدۇ.

ئاپتورى: نامەلۇم.
مەشغۇلاتتا: جۇلالىق.

بۇ يازمىدا جەمئىي 13 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    ۋەتەن 2011-05-05 08:01

    سالام جۇلالىق.
    بۇ مەن يېقىندىن بۇيان ئوقۇغان ئەڭ يېقىشلىق ئەسەر بولدى، راھەتلىك ۋە مەنىلەرگە باي يازمىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر.

    جۇلالىق

    تىنچلىقمۇ
    مەن يوللىغان يازما سىزگە روھىي ئۇزۇق بولالىغان بولسىلا مەن شۇنىڭغا خۇشال.

  •   #2  

    كۆك كەپتەر 2011-05-10 07:21

    «شىنجاڭ ياشىلىرى»نىڭ 2000-يىللىق سانلىرىنىڭ بىرسىدە كۆرۈپتىم بۇنى، شۇ ۋاقىتلاردا سالام خەتنىمۇ مۇشۇنداق يىزىپ قوياتتۇق. ^_^

    جۇلالىق

    بۇ رىۋايەتنى قايسى ژورنالدا ئوقۇغىنىم ئېسىمدە يوق. قايسى كۈنى ساقلىۋالغان رەسىملىرىمنى كۆرۈپ يۈرۈپ رەسىم ئۈستىگە يېزىلغان مۇنۇ رومانغا كۆزۈپ چۈشۈپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن بېسىپ بلوگىمغا يوللاپ قويدۇم.

  •   #3  

    گۈلىستان 2011-05-19 02:40

    تىنچلىقمۇ جۇلالىق،يەتتە قىزلىرىمدا كۆرۈپ تۇراتتىم ئەسەرلىرىڭىزنى.
    بۇنداق قۇراشتۇرۇپ يېزىش ھەربىر قەلەم ئېگىسىنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ جۇمۇ،بەكلا ياخشى چىقىپتۇ.

    جۇلالىق

    تىنچلىقمۇ، گۈلىستان، يەتتە قىزلىرىمدا ئەسەرلىرىمنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغىنىڭىزغا رەھمەت.
    بۇ ئەسەرنى مەن يازمىغان ئۇقۇشماسلىق بولمىسۇن، ئاستىدا ئەسكەرتمە بار ئىدى. ئەسەرنىڭ ئاپتورى باشقا مەن پەقەت بۇنى رەسىملىك ھۆسنىخەتتىن بلوگىمغا يوللاپ قويغانىدىم.

  •   #4  

    huxhuy 2012-04-16 11:09

    پاھھوي،بەك قاملاشقان مۇۋاپىقىيەتلىك سەپەر بوپتۇ. يەنە داۋاملاشتۇرۇشقا ئىمكانىيەت باركەنتۇق.چۈنكى ھازىر نەشىر قىلىنغان رومانلار 300 پارچىدىن ئاشتى ئەمەسمۇ.

  •   #5  

    ھىكمەت 2012-06-13 07:23

    پاھ!… بۇ يازمىڭىز ھەقىقەتەن مەنىلىك ئىكەن، باشتىن – ئاخىر ئوقۇپ چىقىپ، تارىخ بىتىنى قايتا بىر ۋاراقلىغاندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالدىم. ياخشى يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي

    جۇلالىق

    بۇ يازمىنى پات-پات ئوقۇپ قويىمەن. كۆڭلۈم باشقىچە كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ.

  •   #6  

    ئالىم 2013-01-22 21:22

    ئەسەرلىرىڭىزنى ئاتايىن ئىزەپ كىرسەم شۇ پېتى تۇرۇپتۇ بۇ يەر!!!!!!
    ھورۇن بوپ قالدىڭىزمۇ قانداق؟
    ئاز لېكىن ساز،ئاشۇ ۋەزنى بار تېما ئىنكاسلىرىڭىز يوقاپ كەتمىسۇن.
    خەير!!! ئامان بولۇڭ.

    جۇلالىق

    شۇ پېتىمۇ تۇرمىغاندۇ؟ خېلى يېڭىلىقلار بارغۇ؟
    ھورۇن بوپ قالمىدىم، شۇ سەل ئالدىراشچىلىق دەڭە، ئەمدى قولۇم بوشاۋاتىدۇ، يېڭى يازمىلىرىمنى يوللايمەن.
    مېنىڭ ئاددىي يازمىلىرىمنى سېغىنىپ كەلگەنلىكىڭىزدىن بەكلا خۇشال بولدۇم.
    سىز يەنە بىر كەلگىچە يېڭى يازمىلارنى تۆكمە قىلىۋېتىمەن.
    سىزمۇ ئامان بولۇڭ.

  •   #7  

    ئالىم012-ئالىم 2013-02-10 00:19

    مەنمۇ خوتەن شەھىرىدىن.سىزنى بىر دوستۇمغا ئوخشىتىپ قالدىم. كىملىكىمىزنى بىلىشسەك بولامدۇ؟(ئەگەر توي قىلىپ بولغان بولسىڭىز تەكلىۋىمگە ئېتىبارسىز قاراڭ!رەنجىمەيمەن)

    جۇلالىق

    كەچۈرۈڭ، تور يۈزىدە بۇرۇندىن كىملىكىمنى ئاشكارىلاشنى ياقتۇرمايمەن.
    مەن توي قىلىپ بولغان. بۇنچىلىك ئىشقا رەنجىش كەتمەيدۇ، بۇ مەۋھۇم دۇنيا ئەمەسمۇ، شۇڭا بىرەرسىنى دوستىمىزغا ئوخشىتىپ قېلىش بولۇپ تۇرىدۇ.