بىلەيچى بوۋايدىن گازىرچى مومايغىچە

تۇرمۇش كارتىنىلىرى 2011-04-14 09:04 1,254 6

بىلەيچى بوۋايدىن گازىرچى مومايغىچە

بىر يېقىن دوستۇم بىلەن بازاردىن بىللە نەرسە سېتىۋالماقچى بولدۇق ھەمدە بىز دېيىشكەن يەردە ئۇنى ساقلاپ تۇردۇم. بۇ يەر بازارنىڭ ئەڭ ئاۋات قايناق يېرى ئىدى. يىمەك-ئىچمەك ساتىدىغانلار، لەڭپۇڭچىلار، مىۋە-چىۋە ساتىدىغانلار ھەممىسى ئۆز سودىلىرى بىلەن ئالدىراش ئىدى. دوستۇمنى ساقلاپ زېرىكىپ ئەتراپىمدىكى كىشىلەرگە قاراۋېتىپ ئۇدۇلىمدا كىچىك بىر ھارۋىدا گازىر سېتىۋاتقان 67-68 ياشلاردا بار بىر مومايغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى.
موماي ئۈستىگە تېگى ئاق، گۈللىرى قارا رەخىتتىن كۆڭلەك كەيگەنىدى، كۆڭلىكىنىڭ ئۈستىگە ھاۋا خېلى ئىللىپ قالغان بولسىمۇ ياز كىرگەنلىكىگە ئانچە پىسەنت قىلمىغاندەك كۈلرەڭ پوپايكا كىيىۋالغان پۇتىدا مەسە ساپما كەش بار ئىدى. بىر قاراشقىلا موماينىڭ تۇرمۇشتا خېلى قىينىلىپ ياشاۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى. ھارۋىنىڭ ئۈستىگە بىر پارچە ئاق خام رەخىت سېلىنغان ئۈستىگە گازىرلارنى تۆكۈپ قويغانىدى. بىر كىچىك قىزچاق كېلىپ ئىككى كويلۇق گازىر ئالدى. موماي گازىرلانى قاتتىق قەغەزدىن ياسىۋالغان كەمچىسىدە چاققانلىق بىلەن كەمچىلەپ سۇلياۋ خالتىغا قاچىلاپ قىزچاقنى يولغا سالدى. موماينىڭ گازىر سېتىشىلىرىغا قاراپ تۇرۇپ تۇيۇقسىز «بىلەيچى بوۋاي» دېگەن ھېكايە ئېسىمگە كېلىپ قالدى.
بىر نەچچە يىللار ئىلگىرى «بىلەيچى بوۋاي» دەپ ئەختەم ئۆمەر يازغان قىسقا ھېكايىغۇ دەيمەن بىر ھېكايە بولىدىغان ئېنىق ئېسىمدە قالماپتۇ. ھەممە ئادەم بىر زامانلارغىچە مۇلاھىزە قىلغان ھەمدە خېلى غۇلغۇلا قوزغىغان ھېكايە ئىدى.
بۇ ھېكايىدە خىزمەت قىلىدىغان بىر زىيالىي يىگىت بوۋاي بىلەي سېتىۋاتقان يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ بوۋاينىڭ بىلەيلىرىنى تۈزۈك ساتالمىغانلىقىنى كۆرۈپ بوۋايغا ئىچ ئاغرىتىپ بىلەيلەرنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋېلىپ خىزمەتداشلىرىغا بىردىن بېرىشنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ. ئەپسۇس ئۇنىڭ بۇ نىيىتىنى بىلمىگەن بوۋاي سىز بىر ئادەمگە بىر تال بىلەي يېتىدۇ بىرنى ئىشلىتىپ مەن شۇنچە جاپالاردا ياسىغان باشقا بىلەيلەرنى ئۆيىگىزگە تاشلاپ قويسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ دەپ خاپا بوپ كېتىدۇ.
بوۋاي بۇ بىلەيلەرگە قانچىلىك ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنى يىگىتكە دەپ بېرىدۇ. بوۋاينىڭ بىلەي ياساپ سېتىشى پۇلدىن قىسىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن بولماستىن بۇرۇندىن قىلىپ كەلگەن كەسپىنى تاشلىۋەتمەسلىك ھەمدە ئۆز ئەجىر-مېھنىتى بىلەن ياشاشنى ھەممىدىن ئەلا كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئىدى.
ئەينى ۋاقىتتا ماڭا بۇ ھېكايىدە ئەڭ تەسىر قىلغان يەر بوۋاينىڭ ئۆزى ئەجىر قىلىپ بەك كۆپ پۇل تاپالمىسىمۇ تۇرمۇشىنى قامداپ ياشاشتەك ئېسىل خىسلىتى ئىدى.
گازىرچى مومايغا قاراپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ھۆرمىتىم كەلدى. بەلكىم موماينىڭ بالىلىرى باردۇ بالىلىرىنىڭ قولىغا قاراپ ئولتۇرۇشنى ياقتۇرمىغاندۇ ياكى بالىلىرى ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن موماينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش يادىغا كىرىپ چىقمايدىغاندۇ. كىچىكىدىن ھالال مېھنىتى بىلەن ياشاپ كۆنۈپ قالغان ئادەمگە قېرىغاندا باشقىلارنىڭ قولىغا قاراپ ياشاش ئېغىر كېلىدۇ. موماينىڭ ھارۋىسىدىكى گازىرنى مۇنداقلا مۆلچەرلەپ كۆردۈم. 30 كويلۇقتىن يۇقىرى چىقمايدۇ. بەش مولۇق بىر كويلۇقتىن گازىر سېتىپ مۇشۇ 30 كويلۇق گازىردىن ئالىدىغان پايدىسى بەك كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن. بىراق، ئۇ ئۆزى ئەجىر قىلىپ پۇل تېپىپ ياشايدۇ. روھى كۆتۈرەڭگۈ قەددىنى تىك تۇتۇپ ياشايدۇ.
مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋېتىپ ئىككى ھەپتە ئالدىدا بىر يايمىچى ئايالنىڭ يايمىسى ئالدىدا بولغان ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان ئىش ئېسىمدىن كەچتى. ئۇششاق يايمىچىلار ئالدىدىن ئۆتۈپ ئۆيۈمگە كېتىۋاتاتتىم. بايا گېپىنى قىلغان موماي دېمەتلىك 60 ياشلاردىن ئاشقان بىر ئايال يايمىچى ئايالنىڭ يايمىسىدىن بىر تال مونچاقنى ئوغرىلىۋاپتۇ. بۇ ئايالنىڭ كىيىنىشىدىنلا يىراق يېزىلاردىن كەلگەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدىكەن. يايمىچى ئايال كۆرۈپ قالغان چېغى ھېلىقى ياشانغان ئايالنىڭ ياغلىقى بىلەن قوشۇپلا چېچىدىن تارتىپ سىلكىشلەپ ئالدىغا خېلىلا ئىگىلدۈرۈپ دۈشكەلەۋاتاتتى.
ــ ماڭا دېسىڭىز بەرمەسمىدىم، نېمىشقا ئوغرىلايسىز؟ قېرىغاندا ئوغرىلىق قىلىشتىن خىجىل بولسىڭىز بولمامدۇ؟ ــ دەپ ئايالنى خېلىلا ھاقارەتلىدى.
ھېلىقى ئايالنىڭ چېچىنى تەستە قويۇپ بەردى. ياشانغان ئايال ئەتراپىدا يىغىلىپ قالغان كىشىلەردىن خىجىل بولغان ھالدا تېزلا كېتىپ قالدى.
ئۆيۈمگە بېرىپ بولغىچە بايىقى ئىشلار خىيالىمدىن پەقەتلا كەتمىدى. نىمىشقىدۇر ياشانغان ئايالغا نەپرەتلەنمەي ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتتىم.
يايمىچى خوتۇنغا بولسا چەكسىز نەپرىتىم كەلدى. ھېلىقى ئايالنىڭ قىلغىنىغۇ توغرا ئەمەس، شۇنداقتىمۇ ئۇ ئايال ئانىسى دېمەتلىك بولغاندىكىن ئۇنداق ئازار بەرمەي چىرايلىقچە نەسىھەت قىلسىمۇ بولىدىغۇ. بەلكىم بۇ ئايالغا مونچاق چىرايلىق كۆرۈنۈپ يېنىدا پۇلى يوق ئېلىۋالغۇسى كەلگەندۇ.
«ياخشى سۆز تاشنىمۇ يارار» دەپ يايمىچى ئايالنىڭ قىلغان نەچچە ئېغىز چىرايلىق گېپى بىلەن بۇ ياشانغان ئايال ئىككىنچى ئۇنداق ئىشنى قىلماسلىقى مۇمكىن ئىدى.
ئۇ ئايالغا ئىچ ئاغرىتقانلىقىمغىمۇ ئۆزۈم ھەيرانىدىم. بۇ ئايال ئوغرىلىق قىلغان تۇرسا ئەسلى ئۇنىڭغا نەپرەتلىنىشىم كېرەك ئىدىغۇ؟ بەلكىم بۇ ئايال ياشقا چوڭ ئايال بولغاچقا ئۇنىڭغا ھېسداشلىقىم كەلگەندۇ؟…
ياشىنىپ بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغاندا ئوغرىلىق قىلىپ يۈرمەي ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى سېتىپ ئاز پايدا ئالسىمۇ ئەجىر قىلىپ ياشىغان بولسا خەلقى ئالەم ئالدىدىمۇ يۈزى يورۇق بولار ئىدى.

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 6 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    ئەلشات بلوگى 2011-04-22 23:15

    جۇلالىق ئۇلىنىش لوگو رىم چىقماي قاپتۇ ئىغىر كۆرمەي ئالماشتۇرۇپ قويغان بولسىڭىز http://alxat.net/logo.gif

    جۇلالىق

    ئالماشتۇرۇپ قويدۇم.

  •   #2  

    پىنھان 2011-05-17 21:01

    ماقالىڭىزنى ئوقۇپ ئىچىم ئاچچىق بولدى . ئېشىپ كەتسە نەچچە يۈەنلىك مۇنچاق ئۈچۈن ئانىسىدەك ئادەمگە ئۇنداق قىلىشى ئادەمنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ . بۇ تىگى پەس خوتۇننىڭ نەچچە يۈەن ئۈچۈن ئانىسىدەك ئادەمگە قىلغان دىل ئازارى ئۈچۈن تىگىشلىك نىسىۋە كەلگەي ئامىن !!!
    ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئادەم قېرىغانسىرى كىچىك بالا مىجەز بولۇپ قالىدىكەن . ئۆتكەندە يېزىدىن كەلگەن بىر ياشانغان ئايال ئوبورنى تاپالماي ئىشتىنىغا سىيىپ قۇيۇپ ، خىجىللىقىدىن ئورنىدىن قوپماي ئولتۇرۇپتۇ . بۇنى كۆرۈپ بۇرنۇمنىڭ ئۇچى ئېچىشتى . ئەتراپتىكى خەقلەرنى قوغلىۋەتتىم . بۇنىڭ زاڭلىق قىلغۇدەك ھىچقانداق يىرى يوقتە ئەلۋەتتە . قېرىغانسىرى ھەر قايسى ئەزالار ئاجىزلايدۇ . ھېلىغۇ ياشانغان ئايالكەن . بۇ كوچىغا كېلىپ باقمىغان ياش باللا كەلسىمۇ ئوبورنى تاپالماي ئىشتىنىغا سىيىپ قويىشى مۇمكىن . يولدا ماڭغۇچە ، ئەتراپتا يىغىلىپ ئۇيۇن كۆرۈپ تۇرغانلارنىمۇ تىللىدىم . خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز دەپ بولۇشىغا كاكىرايدىغان ئاشۇنداق نانقېپىلارنىمۇ بولۇشىغا تىللىدىم . ئەلۋەتتە ، ھىچ بولمىسا شۇنداق ياشانغانلارنى كۆزدە تۇتۇپ بولسىمۇ كوچا – كوچىلاردا قولايلىق ئوبورنىلارنى تەسىس قىلسا ، خەلق ئۈچۈن قىلىدىغان خىزمىتىنىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى بولۇپ قالار ئىدى . بىزگە ئاسماندىكى ئاينى ئۈزۈپ بەرمىسۇن ، تاغنى تالقان ، چۆلنى بوستان قىلىپ بەرمىسۇن . ھەممەيلەن ھۆرمەتلەشكە تىگىشلىك ، ئاسىراشقا تىگىشلىك ئاشۇ ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشى ئۈچۈن قولايلىق يارىتىپ بەرسە ئۇ دۇنيا ، بۇ دۇنيا رازى بولۇپ كېتەر ئىدۇق دەيمەن .

    جۇلالىق

    بىزدە ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەيدىغان مېھرىلىك قەلىبلەر بارغانسېرى يوقىلىپ كەتكەندەكلا بىلىنىۋاتىدۇ.

  •   #3  

    ئەمىربەگ 2011-07-18 09:12

    راس گەپنى قىلسام سىزنىڭ بىلوگىڭىزغا كىرسەم ئوزۇمنى ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىۋاتقاندەك ھىس قىلىمەن.كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا ئەمەس بەلكى بىر چەكسىزدالىدا تۇرغاندەك ھىس قىلىمەن، كوڭۇلسىز ئىش بولسىلا سىز نىڭ بىلوگىڭىزغا كىرىمەن،قايتىپ چىققاندا ،ئەشۇ كۆڭۇلسىز ئىشلانى ئۇنتۇپ قايتىپ چىقىمەن،بىلوگنى ئۆزگەرتمىگەن بولسڭىز مۇشۇ ئۇسلۇب مۇشۇ مۇزىكا تۇرىۋەرگەن بولسا بۇ مىنىڭ ئۇمۇدۇم ئەمەس ھەممە تورداشلانىڭ ئۈمۇدى دەپ ئويلايمەن..

    جۇلالىق

    بلوگىمدىن شۇنچىلىك بولسىمۇ ئازادىلىك ھېس قىلالىغان بولسىڭىز بەكمۇ خۇشال بولدۇم.
    بلوگ ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ، مۇزىكا ۋەئۇسلۇبىنىمۇ ئۆزگەتمەيمەن مۇشۇ پېتى تۇرىدۇ تەكلىپىڭىزگە رەھمەت.