باھار شامىلى

تەپەككۇر تامچىلىرى 2011-04-05 09:16 1,316 2

باھار شامىلى

نورۇز كېلىشى بىلەنلا يەر-جاھان ئازراق بولسىمۇ ئىللىدى، بۇ يىل ياز بەكلا ئاستا كىرگەندەكلا بىلىنىپ كەتتى. نورۇز كۈنلىرى ئۆتۈپ كەتكىلى خېلى كۈنلەر بولغان بولسىمۇ سىرىتقا چىقسا ئادەمنىڭ دۈمبىلىرىنى سەل قورۇيدىغان سوغۇق شامال يەنىلا چىقىۋاتماقتا.
بۈگۈن ھاۋا شۇنداق ئوچۇق، يەنە بىر تەرەپتىن ئادەمگە باھارنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان يېقىملىق شامال چىقماقتا ئىدى. ئەتىيازنىڭ چىچەكلەر ئېچىلغان ۋاقتىنى، بولۇپمۇ چوكانتال مەزگىلدە دەرەخلەرنىڭ شاخلىرىدىن بېشىنى چىقارغان يوپۇرماقلىرىغا قاراپ تۇرۇش ماڭا شۇنچىلىك ھوزۇر بېغىشلايدۇ. ئانام دائىم دەرەخنىڭ يوپۇرمىقى چاشقان قۇلىقى بوپتۇ مۇشۇ پەسىل بەك گۈزەل دەيدىغان، دېمىسىمۇ بۇ ۋاقىت ئاجايىپ گۈزەل.
كۈزنىڭ يوپۇرماقلار چۈشۈۋاتقان مەزگىللىرىنى بەك ياخشى كۆرىمەن. دەرەخلەردىن يوپۇرماقلارنىڭ چۈشكىنىگە قاراپ ئولتۇرسام دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى شۇنچىلىك چوڭقۇر ھېس قىلغاندەك بولىمەن. بۇ دۇنيا نېمە دىگەن گۇزەل ھە؟!
ئاستا سىرتقا چىقتىمدە شامالنىڭ دەرەخلەرنى لىڭىشتىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىغا قاراپ تۇردۇم. مەيىن شامال يۈزۈمنى سىيپاپ ئۆتتى. شامال ماڭا شىۋىرلىماقتا ئىدى. باھار كەلدى، ياز كەلدى، جاھان گۈل-چىچەككە پۈركىنىدۇ. پۈتكۈل كائىنات يېشىل تون كىيىدۇ…
ياز پەسلى ئادەمگە شۇنچىلىك ھوزۇر بېغىشلايدىكەن. قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇقلىرىدىن كېيىن كەلگەن باھار ئادەمدىكى ھارغىنلىقلارنى ئۇنتۇلدۇرۇپ يېڭىچە تۇيغۇ، جۇشقۇن كەيپىيات ئاتا قىلىدىكەن.
باھار ئاخىرى كەلدى، ئۆرۈك چىچەكلىرىنىڭ چىرايلىق ئېچىلغانلىرىنى، چىچەكلەرنىڭ يېنىدا ھەرىلەرنىڭ گىڭىلداپ يۈرگەنلىرىنى كۆرىدىغان گۈزەل پەسىل كەلدى.
باھارنىڭ كەلگىنىگە مەن بىلەن تەڭ خۇشال بولۇپ جۆر بولغاندەك ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىكى سۆگەت دەرىخىنىڭ چوكانتال بولغان شاخلىرى مەيىن شامالدا ئۇسسۇل ئوينىماقتا… دەرەخ شېخىدا بىر تال قۇشقاچ ۋىچىرلىماقتا ئىدى… ئۇ بىر يەردە جىم تۇرماي شاختىن-شاخقا سەكرەپلا تۇراتتى. تۇيۇقسىز چېلىنغان ماشىنا ئاۋازى مېنى شىرىن خىياللار ئىلكىدىن ئويغىتىۋەتتى. ھەم قۇشقاچنىمۇ چۆچۈتىۋەتتى. قۇشقاچ ئۇچۇپ كەتتى. ئۇنىڭ كەينىدىن خېلىغىچە قاراپ تۇرۇپ قالدىم. مېنىڭمۇ قۇشتەك قاناتلىرىم بولغان بولسا ئىدى ھە؟! پۈتكۈل كائىناتنى، تاغ-دەريالارنى، مەنزىرىلىك جايلارنى ئۇچۇپ بېرىپ ساياھەت قىلىپ كېلەر ئىدىم، خىيالىمدىن نۇرغۇنلىغان شىرىن ئارزۇلار كەچتى…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 2 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    ئەلشات بلوگى 2011-04-12 03:10

    ئەلشات بلوگى يىڭىدىن قۇرۇلدى كەمىنىنى قوللاپ ئۇلىنىش قىلىپ قويسىڭىز تىرىشىپ بىرلىكتە تەڭ ئىلگىرلىسەك
    بلوگ ئادرىسىم:http://alxat.net/ تۇغ ئادرىسىم: http://alxat.net/wp-content/uploads/2011/04/logo.gif

    جۇلالىق

    ئەلۋەتتە قوللايمەن، بىر-بىرىمىزنى قوللاش ئاساسىدا تەڭ تەرەققىي قىلىمىز.
    ئەلشات بلوگىنى جۇلالىق بلوگىغا ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم. جۇلالىق بلوگىنىمۇ بلوگىڭىزغا ئۇلىنىش قىلىۋالغايسىز.