بالىلارنىڭ قەلبىدىكى غايىۋى قەھرىمان «ئەلى»

تەسىرات ئۈنچىلىرى 2011-03-28 10:01 1,236 13

بالىلارنىڭ قەلبىدىكى غايىۋى قەھرىمان «ئەلى»

تۈركىيە ئىشلىگەن «ئادانالىق رازۋىتچىك چاكىر» فىلىمىنى ئۇيغۇرلاردىن كۆرمىگەن ئادەم بەكلا ئاز دەپ ئويلايمەن. چۈنكى بۇ فىلىمنىڭ ئاخىرىسى تەرجىمە قىلىنىپ كېلىپ بولغىچە كۆپىنچىلەر ئىچى تىتىلداپ بىئارام بولۇپ كېتىدىكەن.
ئەمدى بۇ فىلىمنىڭ بىزلەرگە بولغان تەسىرى يەنە كېلىپ ئۆسمۈرلەرگە بولغان تەسىرى توغرىلىق ئازراق توختالغۇم كەلدى. چۈنكى قايسى كۈنى ھەدەمنىڭ ئوغلىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ كەتتىم. مېنى نۇرغۇن خىياللار چىرمىۋالدى. ئاچچىق ئۇھسىنىپ قويدۇم.
بۇ فىلىم تا ھازىرغىچە تەرجىمە قىلىنىپ ئاخىرلاشمىغان ئىدى. ھەدەمنىڭ ئوغلى يەنى ئىنىم بۇ كىنونىڭ ئاخىرىنىڭ تەرجىمە قىلىنىپ چىقىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتىدۇ. كىنودىكى باش رولچى «ئەلى» ئۇنىڭ كىچىككىنە قەلبىدىكى غايىۋى قەھرىمانى چوقۇنغۇچىسى بولۇپ قالغان. ھەدەمنىڭ دېيىشىچە بۇ كىنونى كۆرۈۋاتقاندىن بېرى قەدەم ئېلىپ يول مېڭىشلىرىدىمۇ ئەلىنى دوراپ ماڭىدىغان بولۇۋاپتۇ. ھەتتا بىر كۈنى ھەدەمگە ماڭا ئەلىنىڭكىدەك كۆك رەڭلىك جىلىتكە ئېلىپ بېرىڭ دەپ جېدەل قىلىپ ئالغۇزۇپتۇ.
ئۈلۈشكۈن يەنە شۇ كىنونىڭ ئاخىرىنى كۆرۈۋېتىپتىكەن.
ــ بۇ تېتىقسىز كىنونىڭ نەرىگە قىزىقىدىغانسەن؟ دېسەم سەكرەپ كەتتى.
ــ نەدە تېتىقسىز بەك ياخشى كىنو بۇ، قاراڭە ئەلىنىڭ باتۇرلۇقىغا قەيەردە ئەسكى ئادەملەر بولسا ھەممىنى ئۇرۇپ يىقىتىپ ماڭىدۇ. ئەلىنى ھېچكىم يېڭەلمەيدۇ. ئەلى بەكلا باتۇر جاسارەتلىك. ئانامغا دەپ ئەلىنىڭكىدەك كۆك جىلىتكە ئالغۇزدۇم. ئەلىنىڭ تاپانچىسىغا ئوخشايدىغان يالغان تاپانچىدىن بىرنى ئالىمەن. يەنە ئەلى تاقىۋالغان سائەتكە ئوخشايدىغىنىنى ئىزدەۋاتىمەن، ئۇ تاقىغان ئۈزۈكتىنمۇ بەك ئوخشاپ كەتمىسىمۇ بىرنى ئېلىپ تاقايمەن دەيدۇ.
ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئويلىنىپلا قالدىم. كۆزۈم تېلېۋىزوردىكى كىنودا خىياللىرىم مەن بىلەن سىردىشىۋاتىدۇ.
نېمىشقا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كىنولىرىدىمۇ بالىلارنىڭ قەلبىنى تىترەتكۈدەك ئۇلارنىڭ غايىۋى قەھرىمانى بولغىدەك باش رولچىلار چىقمايدۇ؟ بىزلەردە شۇنچىلىك رولغا چىققۇدەك ئارتىسلار يوقمىدۇ؟ ياكى كىنو ئىشلەش سەۋىيەرىمىز شۇنچە تۆۋەنمۇ؟
كىنو ئىشلەشتىمۇ نۇرغۇنلىغان چەكلىمىلەرگە ئۇچرايمىز بۇنىسى ھەممەيلەنگە ئايان. بىراق، سەبىي بالىلىرىمىزنىڭ چەتئەلنىڭ كىنولىرىدىكى باش رولچىلارنى غايىۋى قەھرىمانلىرى قىلىپ ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتكەنلىرىگە ئېچىنغۇم كېلىۋاتىدۇ.
ئېغىر خۇرسىنىپ، ئاچچىق ھەسرەتلەنمەكتىن باشقا نېمە ئامال بار؟!

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 13 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    يۈكسەل 2011-03-29 10:00

    نادىر كىنو – فىلىملارغا تۈرتكە بولغۇدەك بازار ، ئىجتىمائىي مۇھىت يوق. تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى قويمايدۇ. ئۇنى لېنتا قىلىپ ئىشلىسە، ئۇياقتىن بازارغا سالغۇچە ما ياقتىن ساقتىسى بازارنى ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىشلىگۈچىگە ھېچنېمىسى قالمايدۇ. شۇڭا، بۇ ساھە مۇشۇ پېتى ئىزىدا توختاپ قېلىۋاتىدىغۇ تاڭ ؟! …

    جۇلالىق

    چەتئەلنىڭ نادىر كىنولىرىدىكى قەھرىمان رولچىلارنى ھەر بىر كۆرسەم بىر خىل بىئارام بولۇپ كېتىمەن.
    ئۇيغۇر يىگىتلىرىدىنمۇ ھەممىنى بېسىپ چۈشكىدەك باھادىر يىگىتلىرىمىز بارغۇ؟ نېمىشقا سەبىيلىرىمىزنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالالمايدۇ؟
    سوئالىم يەنىلا جاۋابسىز؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

  •   #2  

    دولقۇن731 2011-04-12 11:50

    بالا ۋاقىتلىرىمدا خاسىيەتلىك ئادەم بۇلۇپ ئاسمانغا چىقىش، ئۇچۇش، خىمەندەك بىرلا ۋارقىراپ كۈچكە تولۇپ رەزىل كۈچلەرنى يۇقۇتۇش، دۈشمەنلىرىمنى قورقۇتۇش، ….. قاتارلىق ئارزۇلىرىم بار ئىدى. بۇ يازمىڭىزنى ئۇقۇپ ئويلىسام ئويلىنىپ قالدىم، ھەركىشىدە باشقىلارغا بوزەك بولماسلىق، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قارىتىش، ھۆزمەتكە ئېرىشىش ئېھتىياجى بۇلىدۇ. بۇ ئىنساننىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى ئېھتىياجلىرىنىڭ بىرى. كىچىكلەردە قوساق غېمىنى ئاتا ئانىسى قىلغانلىقى ئۈچۈن «دىققىتىنى قارىتىش، ھۆزمەتكە ئېرىشىش ئېھتىياجى» تېخمۇ كۆرىنەرلىك دەرىجىدە بۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنىڭىزدە بۇنداق ئەھۋالنىڭ كۆرىلىشى نورمال ئەھۋال.
    كىنو-فلىملىملىرىمىزدىن ئۇنداق غايىۋى ئوبرازلارنىڭ چىقماسلىقىنى مۇھىتتن كۆرۈش كېرەك. بۇ ھەقتە ئارتۇقچە سۆزلەشنى خالىمايمەن.

    جۇلالىق

    مېنىڭمۇ كىچىك ۋاقتىمدا نۇرغۇن ئارزۇلىرىم بولغانىدى، كىچىكىمدىن تارتىپ ئۇيغۇرلاردىن چىققان قەھىرىمان قىزلىرىمىز نۇزۇگۇم، تۇمارىسلارنىڭ جەسۇرلىقىغا بەكلا قايىل بولاتتىم.
    بالىلىقتا بۇنداق ئارزۇلار كۆپ بولىدىكەن.

  •   #3  

    دولقۇن731 2011-04-12 11:53

    قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كىتەي، بىز ئەدەبىي ئەسەرلىرىمىزدە شەكىللەنگەن «نۇرى، ئەخمەتجان قاسىم، سادىر پالىۋان، سۈپۈرگە، لۇتپۇللا، ئابدۇخالىق،……………. » بىزنىڭ رىيالىي قەھرىمانلىرىمىز. ئەگەر ئۇلارنىڭ فىلىمى چىقسا باشقىلارمۇ بۇ لارغا ئاشۇنداق تىكىلىپ ئوتتۇرۇپ كۆرىدۇ خۇددي ئىنىڭىزگە ئوخشاش. قۇشۇلامسىز؟!

    جۇلالىق

    سىز ئېيتىپ ئۆتكەنلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرى كىنو قىلىنىپ ئىشلەنسە، بالىلار تۈنىڭ كىنولىرىغا قىزىققاندىن ئون ھەسسە قىزىقىپ كۆرىدۇ بۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنىمەن.

  •   #4  

    مەلەك 2011-04-13 03:35

    تىنچلىقمۇ سىز مۇ مەندەكلا ئويلاپسىز،قايسى كۈنى دوستۇمنىڭ بىر ئۇكىسى :«ئاچام ئەلىگە تىگىدۇ» دەيدۇ،تۇرۇپلا قالدىم.ھازىرقى فىلىملەرنىڭ بالىلارغا بولغان سەلبى تەسىرى ئىجابى تەسىرنى بېسىپ كىتىۋاتىدۇ

    جۇلالىق

    تىنچلىقمۇ،
    يېقىندا ئارقا-ئارقىدىن تەرجىمە قىلىنىۋاتقان فىلىملەرنىڭ بالىلارغا بەرگەن بەزىبىر ياخشى تەسىرلىرىنىمۇ چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ. بىراق، ياخشى تەسىرىدىن غايىۋى تەسىرى كۆپ بوپ قېلىۋاتىدۇ.

  •   #5  

    پىنھان 2011-05-17 21:07

    راست گەپنى قىلسا بۇ كىنودىكى ئەلى دەلدۈش كۆرۈندى ماڭا ، تاپانچىنى مايماق تۇتۇشلىرىدىن تارتىپ ، مېڭىشلىرى ، يۈگىرەشلىرى ، ئىنكاسىنىڭ ئاستىلىقى ئىچىمنى بەك سىقىۋەتتى ، ھېلىقى چاكىر بىلەن پىكو دىگەن تېتىقسىزلارىڭ تولا گەپ قلىشىنى دىمەيلا قۇيۇڭ .
    باشقىلار ماختىۋىدى راست ياخشى ئوخشايدۇ دەپ پىلاستىنكىسىنى سېتىۋېلىپ كۆرگەنتىم . بۇ كىنودىكى تېتىقسىزلىقلارغا چىدىيالماي پىلاستىنكىنى سۇندۇرۇپ تاشلىدىم .
    بۇ كىنو ، ئەقىلى قۇۋۋىتى سەل تۆۋەنرەك كىشلەرگە ماس كەلگۈدەك

    جۇلالىق

    بۇ كىنونىڭ زادى قەيەرى ئادەمنى شۇنچىلىك ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالىدىغاندۇ بىلمىدىم؟ يا مەن كىنودىن ھۇزۇر ئېلىشنى بىلمەمدىمەن؟
    تاپانچا تۇتۇپ ئادەم ئاتقاندىكى كۆرۈنۈشلىرى خۇددى ئالدىغا قونچاقلارنى تىزىپ ئاتقاندەكلا بەكلا كۈلكىلىك……….

  •   #6  

    ھونزادە 2011-08-08 08:32

    ئۆز-ئار ئۇلىنىش ئالماشتۇرساق،قوللىشىپ،ھەمكارلىشىپ ئۆتسەك دىگەن ئويدا ئىدىم،خالىسىڭىز.

    جۇلالىق

    ئەلۋەتتە بولىدۇ خالايمەن، بىر-بىرىمىزنى قوللاپ ئۆتەيلى.
    ھونزادە بلوگى ئۇلىنىش قىلىندى، مېنىڭ بلوگىمنىمۇ ئۇلىنىش قىلىۋالغايسىز.

  •   #7  

    ھونزادە 2011-08-13 04:06

    مىنى ئۇلىنىش قىلۋالغىنىڭىزغا رەھمەت،ھەمكارلىقىمىز ئۈزۈلمىسۇن رەھمەت.