ئانام ياققان نان

تەپەككۇر تامچىلىرى 2011-03-13 02:32 1,353 10

ئانام ياققان نان

ئانا، سەن ياققان ناننى، سېنىڭ ئەجرىڭ سىڭگەن ئاشۇ مەززىلىك نانلارنى شۇنداق يىگۈم كەلدى…
كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپ سەن ئۆز قولۇڭ بىلەن خېمىرىنى يۇغۇرۇپ يېقىپ بەرگەن نانلارنى يەپ چوڭ بولغانىدىم.
ھەر قېتىم سەن نان يېقىش ئۈچۈن چوڭ داسلاردا خېمىرلارنى كۈچەپ يۇغۇرۇۋاتقانلىرىڭدا چېكەڭدىن تەر چىقىپ كېتەتتى. لېكىن سەن ھېرىپ قالدىم دېمەي ئىككى-ئۈچ داسنىڭ خېمىرىنى يۇغۇرىۋېتەتتىڭ. سېنىڭ شۇ ۋاقىتتكى چىدامچانلىقىڭنى ئويلىسام مەن بەكلا ئاجىز ئىكەنمەن. بىرەر داسنىڭ خېمىرىنى يۇغۇرۇپ بولغىچە ۋايجانغا چۈشىمەنغۇ دەيمەن……
ئانا، تونۇرنى قىزىتىپ نانلارنى تونۇرغا شۇنداق ئەپچىللىك بىلەن ياقاتتىڭ. مەن دائىم يېنىڭدا قاراپ ئولتۇراتتىم. تونۇردىن قىزىرىپ پىشقان مەززىلىك نانلارنى قۇمۇرۇپ ئېلىشىڭغىلا يېيىشكە باشلايىتتىم. سەن ماڭا مېنىڭ نان يىگەن ھالىتىمگە زوقمەنلىك بىلەن قاراپ كېتەتتىڭ…
مەن دەيىتتىم ئانا، نېمىگە شۇنچە زوق بىلەن قارايسەن؟
ئانام دەيدىغان بالام، سېنىڭ ناننى ئىشتىھا بىلەن يىگىنىڭگە قاراپ كۆڭلۈم خۇشاللىققا چۆمدى.
مەن دەيتتىم مېنىڭ نان يىگىنىمگىمۇ شۇنچە خۇشال بولامسەن؟
ئانام، ھەئە بالام، كۈنلەرنىڭ بىرىدە سەنمۇ ئانا بولىسەن، شۇ چاغدا مېنىڭ قەلبىمنى چۈشۈنۈپ يېتىسەن بالام!
ئانام، بالام ئۆيدە ياققان نان پاكىزە بەرىكىتى بار نان بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان ئەجىر سىڭگەن. ئامال بار ئۆزۈڭنىڭ ئۆيىدە نان يېقىپ يېگىن بالام!
ھازىر ئويلىسام ئانا، بىزلەرنىڭ ئەقىللىق چوڭ بولۇشىمىزدىكى سەۋەب سېنىڭ پاكىزلىققا ئەھمىيەت بېرىپ ياققان شۇ نانلارنى يېگۈزۈپ چوڭ قىلغانلىقىڭدا ئىكەن.
بىراق، ئانا، مەن سەندەك قىلالمىدىم. بالىلىرىمغا سەندەك ئەجىرلەرنى سىڭدۈرۈپ نان يېقىپ يېگۈزۈپ چوڭ قىلالمىدىم. ھەر قېتىم بازاردىن نان ئەكىلىپ بالىلىرىم يەۋاتقاندا سېنىڭ سۆزلىرىڭنى ئويلايمەن. ئۆزۈمدىن خىجىل بولىمەن. بالىلىرىم ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلالمىغانلىقىمدىن ئۆكۈنىمەن.
ئانام ياققان، ئانامنىڭ ئەجرى -مېھنىتى سىڭگەن نانلار……

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 10 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    نۇرقۇت 2011-03-17 19:03

    ئانام ياققان ناننى سېغىندىم. مانا ئالتە يىل بوپتۇ ئانام ياققان ناننى يەپ باقمىغىلى …

    بۇ يېڭى يېشىل ئۇسلۇبىڭىز بەك چىرايلىق چىقىپتۇ ھەدە.

    جۇلالىق

    بۇ ئۇسلۇب ھەممىلا ئادەمگە ياراپتۇ مۇشۇنىلا مۇقىم ئىشلىتەي.
    رەھمەت ئىنىم.

  •   #2  

    سەھرالىق 2011-03-20 19:00

    ماۋۇ ئۇسلۇبنىڭ چىرايلىقلىقىنى. بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!

    جۇلالىق

    سىلەرگە يارىغان بولسىلا مەنمۇ خۇرسەن، سىزنىڭمۇ نورۇز بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!

  •   #3  

    يۈكسەل 2011-03-27 11:40

    گۈدەك چاغلىرىمدا ئانام رەھمەتلىككە نان يېقىشىپ بېرەتتىم. ئۆيىمىزدىكى ئوننەچچە جان ئۈچۈن يوغان تەڭنىلەردە خېمىر يۇغۇرۇپ، ئاتەش تونۇرلارغا باش تىقىپ نان ياقاتتى … ھازىر ئويلىسام ئانام ئائىلىنى ئاجايىپ بىر ئەقىدە بىلەن تۇتار ئىكەن، ئۆزىنىڭ ئاياللىق بۇرچىنى ، ئانىلىق ھەققىنى ئاجايىپ ئاشۇرۇپ ئادا قىلغان ئىكەن…
    ئانام ياققان ئەشۇ ھەمەك نانا، توقاچ نانلارنىڭ خېمىرىغا ئانامنىڭ ئائىلىگە بولغان چەكسىز مۇھەببىتى، بىز پەرزەنتلەرگە بولغان ئالەمچە سۆيگۈسى زۇۋۇلا قىلىنغان ئىكەن. ئەپسۇس، ئانام رەھمەتلىك نان يېقىشتىن قالغاندىن كېيىن، ئانام ياققان ناننىڭ تەمىگە يېتىدىغان ناننى ھازىرغىچە يېيىش نىسىپ بولمىدى، بەلكىم مەڭگۈ نىسىپ بولماس ….

    جۇلالىق

    ئانىنىڭ بارچە مېھرى سىڭگەن ناننى يېيىش ئەمدى نېسىپ بولمايدۇ.

  •   #4  

    دولقۇن731 2011-04-02 08:13

    بىناغا چىققان 10 يىلنىڭ ياقى ناننى ئۆزىمىز يېپىپ باقماپتۇق. ئۆزى ياققان نان بەك بەركەتلىك بولىدىكەن.

    جۇلالىق

    شۇڭىمۇ مەھمۇد قەشقەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك ئالىملىرىمىز مەيدانغا كېلىپتىكەن.
    چۈنكى ئۇلارنى مەسئۇلىيەتچان ئانىلار تەربىيىلەپ ھەم ئۆز ئەجىر مېھنىتى بىلەن پاكىزە يىمەكلىكلەرنى يىگۈزۈپ چوڭ قىلغان.

  •   #5  

    پاسىبان 2011-04-13 08:42

    ناننى قوشنىلارنىڭكىدە يېقىپ قالساق ئاشۇ ئېغىر خېمىر داسلىرىنى كۆتۈرۈپ ئەپچىقىش كېرەك ئىدى. مەن ئامراق قېلىن، توم نان بولىدىغان. مەخسۇس مېنى دەپ يېقىپ بېرەتتى. مۇشۇنى مەندىن باشقا ھېچكىم يىمەيتتى. مېنىڭ قاساپ-قاساپ يېگىنىمنى كۆرۈپ، تويغىچە يىگىن، تۈگىسە يەنە ياقىمىز دەيتتى. ئەتىگەندە يەنە مۇشۇ ناندىن بىر-ئىككىنى يىگەچ دەريا بويىغا قوي باققىلى بۇرادەرلىرىم بىلەن چۈشۈپ كېتەتتۇق. ئېشىپ قالغىنىنى چۈشكىچە ئېرىقتا ئېقىتىپ يەپ …
    ھەي … شۇ چاغلار ئاجايىپ بەختلىك، ھىچبىر غەمسىز چاغلار ئىكەن… ھەممە ئانىلارغا چەكسىز خۇشاللىق ئاتا قىلسۇن…

    جۇلالىق

    مېھرىبان ئانىمىز يېقىپ بەرگەن ناننىڭ تەمى باشقىچە بەكلا سېغىندىم…….