بالىلىقىم

تۇرمۇش كارتىنىلىرى 2011-03-11 04:32 1,297 3

بالىلىقىم

بالىلىق دېگەندە ماندا ياشايمىز………

كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپلا بەكلا كەپسىز ئىدىم، لېكىن دەرەخكە يامىشالمايدىغان بىر كەمچىللىكىم بار ئىدى.ئۆزۈم سەل ئوغۇل بالا مىجەز بولغاچقا دائىم نەۋرە ئاكىلىرىم بىلەنلا ئوينايدىغان، نەۋرە ھەدىلىرىم بىلەن (سوبو) ئويناپ قوياتتۇق. بۇنى باشقا يەرلەردە نېمە دەيدۇ ئۇقمايدىكەنمەن، قىشلىق تەتىل بولسىلا بىزگە بوپ بېرەتتى.
بىر كۈنى ھەدىلىرىم بىلەن 6-7 بالا نامازدىگاھلىقتا سوبو ئويناش ئۈچۈن باردۇق.( جامائەتلەر بىر يەرگە يىغىلىپ ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ نامىزىنى ئوقۇيدىغان جاي) بۇنداق ئويۇننى كەڭرى يەردە ئوينىسا بەك كۆڭۈللۈك بولىدۇ. سوبونى ئويناشقا باشلىدۇق. تازا قىزىقىپ ئويناۋاتساق بىرسى كەينىمىزدە ۋارقىراپ بىزلەرنى تىللاۋاتماسمۇ، شۇنداق قارىسام مەھەللە مەكتىپىنىڭ ۋە مۇشۇ نامازدىگاھلىقنىڭ پاكىزلىقىغا مەسئۇل ئابدۇۋايىت دەيدىغان بوۋاي تۇرىدۇ.
زادى مەكتەپ تەخەيلىرىنىڭ ياخشىسى يوق، ھەي، ياغاچ قۇلاقلار شۇنچە كەڭرى يەرلەر تۇرسا شۇ يەرلەردە ئوينىماي، نامازدىگاھلىقنى ئالا-توپىلاڭ قىلىپ مۇشۇ يەردە ئوينىشامسەن؟ سەن قۇلاق كەستىلەر بىر ئوبدان قاتقان يەرنى توپىلاق قىلىپ قويساڭ جامائەتلەر نەدە ناماز ئوقۇيدۇ؟دەپ بىزلەرنى پىرقىرىتىپ قوغلىغىلى تۇردى. قاچە-قاچ ھەممىمىز تەرەپ-تەرەپكە قاچتۇق.
بالىلار ئىچىمىزدە بۇ قېرى بوۋاينى تىللىغاچ باشقا ئويۇن تېپىپ ئويناش ئۈچۈن ماڭدۇق.

ئوت دېگەننى بىزلا قويىمىزغۇ؟!

بىر ئوبدان قىزىغان ئويۇنىمىز يوق بولدى، مەھەللىنىڭ ئاياق تەرىپىگە ماڭدۇق. بۇ يەردە بىزنىڭ بىر قورۇق بار ئىدى. 15 مودەك كەلگىدەك بۇ يەرنى دادام بۇرۇنلا ئەپ قويۇپتىكەن، بۇ يەر ئۆستەڭنىڭ يېنىدا بولۇپ يان تەرىپىدە يارلىق بار ئىدى. يارنىڭ ئۇ تەرىپىدە بەك كۆپ بۇلاقلار ئېقىپ تۇراتتى. بۇ تەرىپىدە بولسا شىۋاقلار قۇرۇپ قاخشال بولۇپ كەتكەن. بۇ قىش مەزگىلى بولغاچ بۇلاقلاردىن چىققان سۇلار توڭلاپ يىراقتىن قارىسا خۇددى شارقىراتمىلار ئېقىۋاتقاندەك كۆرۈنۈش ھاسىل قىلغانىدى.(مەن بۇ يەرنى بىزنىڭ قورۇق دەۋالاتتىم. كىچىك ۋاقتىمىزدا كۆرۈدىغان ئەسمەتخان فلىمىدە قورۇق دەپ چىقىدىغۇ. )
قىلىدىغانغا ئىش تاپالماي تۇرغاندا، نەۋرە ئاكام ئىمىن ھەي باللا مەندە سەرەنگە بار ئاۋۇ شىۋاقلارغا ئوت قويۇپ ئوينامدۇق؟ بەكلا پەيزى كۆيىدۇ ما تەرىپىگە ئوت يېقىپ قويساق ئا تەرىپىدىكى شىۋاقلار تۈگىگىچە كۆيۈپ ئاندىن توختايدۇ دېدى. ھەمىمىز بىر ئېغىزدىن ماقۇل دېيىشتۇق. مانا پىشكەللىك ئاكام ئوتنى بىر قويۇۋېدى، شىۋاقلار تۈگەيدىغان يەردە 3-4 تۈپ قارا تېرەك بار ئىكەن شۇلارغا تۇتاشماسمۇ ئوت قويغانغا تويە-توي ئوتنى ھېچنەرسە قىلىپ ئۆچۈرەلمىدۇق. ھەممىمىز كىچىك بولغاچ قورقۇپ قېچىپ كەتتۇق. ئۆيىمىزدىكىلەردىن تىل ئاڭلايدىغان بولدۇق دىگەن قورقۇنۇچتا غىپپىدە كىرىپ ئولتادۇق.
كەچ بولدى بۇ تېرەكلەرنىڭ ئىگىسى ئۆيگە چوقۇم ئىزدەپ كېلىدۇ دەپ غەم-ئەندىشىدە ئولتۇردۇم. يەنىلا جىم ئەتىسى ئاكىلىرىمدىن سورىسام تېرەكلەرنىڭ قاۋزىقى كۆيۈپلا ئوت ئۆچۈپ قاپتۇ.
ئۇف………………. بىر تىندىمدە، چوڭ بالا-قازادىن قۇتۇلغىنىمغا مىڭلارچە خۇشال بولدۇم. ئىككىنچى ئوت ئوينىمايمەن.

يۈتۈپ كەتكەن سومكام

باشلانغۇچنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىم ئىدى. دادام كەينىدىن يۈدۈپ ئاسىدىغان بىر سومكا ئېلىپ بەردى. ئۇ ۋاقىتلاردا ھەممە بالىلارنىڭ تاسمىلىق يانغا ئاسىدىغان سومكىلىرى بار بولۇپ دادام ماڭا ئېلىپ بەرگەن سومكا خېلى ئەتىۋار ئىدى. بۇنداق سومكا ئاسقان بالىلارنى تېلېۋىزوردا كىنولاردىلا كۆرەتتىم. بىزنىڭ مەكتەپتىمۇ بۇنداق سومكىسى بار بالا يوق ئىدى. بۇ سومكا ئۆزى قىزىل بەك چىرايلىق سومكا بولۇپ ھەممە بالىلارنىڭ كۆزى چۈشەتتى.
مەن يېڭى سومكىغا ئېرىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي بالىلار سومكىلىرىنى ئۆيىگە ئەكەتمەي مەكتەپتە قويۇپ كېتىش مودىغا ئايلاندى. مېنىڭ سومكام يېڭى ھەم ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان بولغاچقا كۈندە ئۆيۈمگە ئېلىپ كېتەتتىم. بىر كۈنى مەنمۇ بالىلارنىڭ كەينىگە كىرىپ سومكامنى قويۇپ ئۆيگە كەتتىم. ئەتىسى سەھەردە سىنىپقا كىرسەم مەندىن بۇرۇن كەلگەن بالىلار ماڭا قارىشىدۇ نېمە بولغاندە دەپ پارتامنىڭ ئالدىغا كەلسەم دەرسلىك ماتېرىياللىرىمنىڭ ھەممىسى پارتامنىڭ ئۈستىگە چېچىلىپ كېتىپتۇ. يۈرىكىم قارتتىدە قىلدى ـ دە. دەرھال پارتىنىڭ تارتمىسىغا قارىدىم سومكام يوق تۇراتتى. ساۋاقداشلىرىمنىڭ دېيىشىچە ئۇلار كەلگەندىمۇ كىتابلىرىم چېچىۋېتىلگەن ئىكەن. سىنىپىمىزنىڭ دەرىزىسىنىڭ بىر قانىتى سىرىتتىن ئىتتەرسە ئېچىلاتتى. ئوغرى مۇشۇ يەردىن كىرىپ مېنىڭلا سومكامنى ئەپچىقىپ كەتكەنىدى. نەس باسقان دېگەن شۇدە. ئەمدى ئۆيۈمدىكىلەرگە نېمە دەيمەن؟ سومكامنى مەكتەپتە قويۇپ كەلگەنىدىم ئوغرى ئاپتۇ دېسەم بىر ھازا تىل ئاڭلايمەن.
شۇ ئەندىشىلەر بىلەن مەكتەپتىن قويۇۋېتىدىغان ۋاقىت بولدى. ئۆيۈمگە قاراپ كېتىۋاتىمەن كۆڭلۈمدە بىر خىل قورقۇنچ بار ئىدى. تۇيۇقسىز كاللامغا بۈگۈن ئۆيگە كەچرەك باراي دېگەن خىيال كەلدى. مەكتەپتىن قايتقان مەھەللەمدىكى دوستلار بىلەن كەچ كىرگىچە ئويۇن ئوينىدۇق. قاراڭغۇ چۈشەي دېدى. ئۆيگە بارماي ئامال قانچە؟! ئۆيگە قايتتىم. ئۆيگە كەلسەم دادام،ئانام ئەنسىرەپ ئولتۇرۇپتۇ. بىردەم تەنبىھ ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاستا ھەدەمنىڭ قېىشغا بېرىپ ئولتۇرۇۋالدىم. سومكامنىڭ يۈتۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ دېمىدىم. ئەتىسى ھەدەمگە دېسەم بولدى قورقما! نەچچە كۈندىن كېيىن مەن دادامغا دەي باشقىدىن بىرنى ئېلىپ بەرسۇن دەپ، كۆڭلۈمنى خاتىرجەم قىلدى. بىرەر ھەپتىدىن كېيىن دادام باشقا بىر يانغا ئاسىدىغان سومكا ئېلىپ بەردى. بىر چىرايلىق سومكىنى يۈتتۈرۋەتكەندىكىن شۇنى ئاسمايمۇ ئامال يوق.
كىچىكلىك دېگەن ئاجايىپ بولىدىكەن. ئاددىي ئىشلاردىنمۇ شۇنداق قورقۇپ كېتىدىكەنمىز……..
ئۇنتۇلماس مەكتەپ ھاياتىم……..

سۈيى تۈگىمەس ئۆستەڭ

بىزنىڭ قورۇقنىڭ يېنىدا بىر ئۆستەڭ بار. مەن ئەقلىمگە كەلگەندىن تارتىپ بۇ ئۆستەڭنىڭ سۈيىنىڭ بىرەر قېتىم توختاپ باققىنىنى بىلمەيمەن. مەيلى قىش ياكى ياز بولسۇن ھەر ۋاقىت سۈيى ئېقىپ تۇرىدۇ. دادامنىڭ بۇ ئۆستەڭنىڭ سۈيىنىڭ نېمىشقا توختىمايدىغانلىقىڭ سەۋەبى سورىدىم. دادامنىڭ دېيىشىچە بۇ ئۆستەڭ يارلىقنىڭ يېنىدا بولغاچقا ئەتراپىدا بۇلاقلار بەك كۆپ ئىكەن. بۇلاقلاردىن يىغىلغان سۇلار بۇ ئۆستەڭگە چۈشۈپ بۇ ئۆستەڭنىڭ سۈيى شۇڭا توختاپ قالمايدىكەن. ياز مەزگىلى بولسا ئۆستەڭنىڭ سۈيى خېلىلا كۆپىيىپ قالاتتى. قىش كۈنلىرى ناھايىتى ئاز ئاقاتتى.
ياز كىرسە مەكتەپتىن قايىتقاندىن كېيىن مۇشۇ ئۆستەڭگە بىر قېتىم سۇغا چۈمۈلىۋالماي ئۆيگە قايتمايتتۇق. بىر كۈنى دوستلىرىم بىلەن سۇ چېچىشىپ ئويناۋاتسام نەۋرە ھەدەم يىلان دېمەسمۇ چۆچەپ كەتتىم دە ئاران تەستە قىرغاققا چىقىۋالدىم. يىلاندىن مەندەك قورقىدىغان ئادەم يوقتۇ دەپ ئويلايمەن. ھازىرمۇ شۇنچە چوڭ بوپ قالغان تۇرۇقلۇق يىلاننىڭ ئۆزىنى كۆرسەمغۇ ئون مىتىر نېرىغا قاچىمەن. تېلېۋىزوردا كۆرسەممۇ كۆزۈمنى يۇمۇۋالىمەن. تاكى شۇ كۆرۈنۈش ئۆتۈپ كەتكىچە بىر خىل سۈر بېسىۋالىدۇ.
ئۆستەڭنىڭ قىرغىقىدا تۇرۇپ بۇ يىلان نەدىدۇ دەپ ئىزدەۋاتسام ھەدەم قاقاقلاپ كۈلمەسمۇ بۇ ئۆستەڭ يارلىقنىڭ يېنىدا بولغاچقا بەزىدە يىلانلار يان تەرەپتىكى ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا يۈرۈشەتتى. مېنىڭ يىلاندىن قورقىدىغانلىقىمنى بىلگەچكە مېنى قەستەن قورقىتىپتۇ. ھەدەمنى بىرمۇنچە تىللىۋېتىپ يەنە سۇغا چۈشۈۋەردىم.
گۈزەل ئەسلىمىلەر…..

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 3 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    جۇلالىق 2013-11-01 05:32

    تىنچلىقمۇ،
    مەن چ چ ئىشلەتمىگىلى ئۇزاق بولۇپ كەتتى. ھەر قانداق گەپ بولسا ئىنكاس قالدۇرسىڭىز جاۋاب قايتۇرىمەن.
    ياكى بولمىسا julaliq@126.com خەت قالدۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

  •   #2  

    مەلەك 2013-11-06 04:22

    بالىلىقتىكى بولۇپمۇ مەكتەپتىكى بەزى ئىشلار ئېسىمگە كەپ قالدى.

    مايماق چىلەكنى قۇتقۇزۇش يولىدا….

    مەن تازىلىق قىلىشقا بەك ئامراق ئىدىم پەقەت مەكتەپتىلا، ئۆيدە قىلغىلى ئۇنىمايتىم، مەكتەپتە تازىلىق قىلىشقا ئامراقلىقىمنىڭ سەۋەبى مەيدان تازىلاپ دەرسكە قوڭغۇراق چېلىنسىمۇ كىرمەي 10-15 مىنۇتنى ئۆتكۈزىۋىتىپ كىرسىمۇ ئوقۇتقۇچىلار گەپ قىلمايتى، بۇ ۋاقىتتا سورىلىدىغان ، تەكشۈرۈلىدىغان تاپشۇرۇقلار بىر تەرەپ بوپ بولاتتى، بىزدەك تالادا ئىشلەپ كىرگەن نەمۇنىچىلەردىن ھېچكىم تاپشۇرۇق سورىمايتى.
    بىر كۈنى تۇربىنىڭ ئالدىدا كىچىككىنە مايماق چىلەككە سۇ ئېلىش ئۈچۈن ئۆچرەت تۇردۇم، شۇ ئەسنادا چېلىكىم، سۇ تۇربىسىنىڭ ئالدىدىكى يوغان سىمۇنىت كۆلچەككە چۈشۈپ چۆكۈپ كەتسە بولىدۇ، ۋاي ئانام، سىنىپنىڭ مۈلكىنى ئاسرىماسلىققا ھەددىممۇ، قىلچە ئىككىلەنمەي، توبا يۇيغان مەينەت سۇلار بىلەن توشۇپ كەتكەن، كىرىپ كەتمەي يىغىلىپ كەتكەن سۇغا كىردىم، سۇ يوتامغا كەلدى، كاساپەت سىر چېلىكى ھىچ پۇتۇمغا يا قولۇمغا ئۇرىناي دېمەيتى، مىڭ جاپادا ئۇنى ئېلىپ ئىشتىنىمدىن سىرغىۋاتقان قاپقارا سۇلارنى سىقىۋاتقاندا قىستىشىپ ئىتتىرىشىۋاتقانلاردىن بىرسى بىر ئىتتىرىپ تىزىمنىڭ ئاستى تەرەپ تۇربىغا تىگىىپ سۈرۈلۈپ قىپقىزىل قان پاچىقىمنى بويلاپ ئېقىشقا باشلىدى، بىر قولۇمدا ھېلىقى سەت چېلەك، بىر قولۇمدا يېشىمنى ئېيتىمەن، بىر پۇشقىقىمدىن سۇ سىرغىيدۇ، يەنە بىر تۈرۈگلۈك پاچىقىمدىن قان سىرغىيدۇ. يىغلامسىراپ سىنىپقا كىرسەم خانىم قورقۇپ كېتىپ قولۇمدىن يىتىلەپ ھەر بىر سىنىپقا ئەكىرىپ :« ما قىزىمنىڭ پۇتىنى قايسىڭ مۇشۇنداق قىلىشىۋەتتىڭ »دەپ مېنى گۇماندارنى تونىغىلى سالغان.
    شۇ سىنىپقىمۇ بىر قولۇمدا خانىمنىڭ قولىدىن تۇتۇپ يەنە بىر قولۇمدا يىم بەرگەن مايماق چىلەكنى كۆتۈرۈپ كىرىپتىكەنمەن.

    ئۇيقۇنى يوق قىلغان «مەدەك»

    5-سىنىپقا ئوقۇيدىغان ۋاقىتلىرىم، بىر كۈنى تۆت كىشلىك گورۇھ دەپ ئاتالغان تۆت يېقىن ئاداش، مەيداندا پاراڭلىشىپ تۇراتتۇق، قايسىدۇر بىر كەپسىز، جان ئادىشىمنىڭ دۈمبىسىگە 2-قەۋەتتە تۇرۇپ قوناقنىڭ مەدىكىنى ئاتماسمۇ، ئۇ ۋايجان دېيىشىچە 2-قەۋەتتىكى 3-سىنىپنىڭ بىر توپ ئوغۇللىرى ئارىسىدىن كۈلكە كۆتۈرۈلدى، دوستۇمنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇ مەدەكنى كۈچەپ بىر ئېتىپتىكەنمەن، ئۇ تازەكلەرگە تەگمەي ئارقىسىدىكى سىنىپنىڭ ئەينىكىىنى تىشىپ كىرىپ كىتىپتۇ.
    بالىلار ئارىسىدا : ئو ئو ئون بەش كوي دېگەن رىتىملىق گەپلەر ئاڭلاندى، بىرەر چاتاق چىقسىلا ھەممە باللىلار مۇشۇنداق دەپ رىتىملىق توۋلاپ چاۋاك چېلىشنى ئادەت قىلىۋالغان.
    تەنەپپۇس توشۇپ سىنىپىمىزغا كىرىپ كەتتۇق، دەرسكە كىرىپ بەش مىنۇت بولا بولماي ، ئۇ سىنىپنىڭ مۇدىرى كىرىپ سىز چاقتىڭىزمۇ پۇل تۆلەمسىز يا ئەينەك سالدۇرامسىز دەپ غەزەبلىك كۆزلىرىنى تىكتى، ئۇ زامانلاردا سىنىپنىڭ ئەينىكىنى چېقىش خېلىلا چوڭ جىنايەت ئىدى.
    سەككىز يۈەن تاپسام، 5 يۈەنگە ئەينەك ئېلىپ ئاشقان ئۈچ يۈەنگە چاپلايدىغان زاماسكىلىرىنى ئالسا ئەسلىگە كېلەتتى،
    دەرس كاللامغا چۈشمەيتى، قانداق قىلىپ ئۆيدىكىلەردىن سەككىز يۈەن ئالارمەن دەپ بېشىم قاتتى، ئولتۇرسام قوپسام ۋۇجۇدۇمنى پۇشايمان ئوتلىرى قاپلايتى، ئېسىت مەدەك يا ماڭا تەگمىسە نېمىشقا مەن قايتۇرۇپ ئاتىمەن دەپ ئۆكىنەتتىم، شۇنداق قىلىپ ئۇخلىيالماي، ئاخىرى بولماي بىر كېچە يىغلاپ چىقتىم، ئەتىسى قاپاقلىرىم ئىششىپ مەكتەپكە بارسام دوستلىرىم ئىككى يۈەندىن چىقىرىپ تەڭ ئالايلى دېگەنتى، ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئادەمدەك ھېس قىلىپ، دوستلىرىم مېنىڭ نەزىرىمدە ئاجايىپ ئالىيجاناپ كىشىلەردەك كۆرۈنۈپ كەتكەنىدى.

    …..
    باشلانغۇچ دەۋرىمنى ئويلىسام بەكمۇ ئېچىنىشلىق ئۆتۈپتىكەن دەپ قالىمەن، 6 يىل مەيدان تازىلاپ ئۆتۈپ كېتىپتىمەن، تۆتىمىز خۇددى مەيدان مۇئەككىلىدەك بىر قوللۇق تازىلاپتۇق، دىجورنىلار سىنىپنىلا تازىلايتى، تۆتىمىز ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانا بىناسىنىڭ ئالدىنى تازىلايتۇق، قەھرىتان سوغۇقلاردا توبا يۇيۇپ، قوللىرىمىزدا سۈيىنى سىقىپ، بۇ ئاز كەلگەندەك لاتىدا ئۆمىلەپ يىشۇدەك سۈرتۈپ چىنەخىش ئۈستىدىن چىرايىمىز كۆرۈنگىدەك قىلىۋىتەتتۇق، ئوقۇتقۇچىلار ئاندا مۇندا ماختاپ قوياتتى….
    ئەمما ھازىر بوغۇم ياللۇغى بوپ ، كىچىككىنە سوغۇققا، ھۆل يېغىنغا بەرداشلىق بېرەلمەي كېچىچە قىينىلىپ چىقىمەن.

    سىزنىڭ بالىلىقىڭىز كۆڭۈللۈك ئۆتۈپتىكەن

    جۇلالىق

    كىچىك ۋاقتىڭىزدا نىمانچىۋالا ئاكتىپ ئىدىڭىز دەيمەن، بىر مايماق چېلەكنى قوغداش يولىدا يارىلانغان بارمۇ؟ بۇ ئاكتىپلىقىڭىز ھازىرمۇ بارما سىڭلىم؟ باشلانغۇچتا خانىملارنىڭ كۆزىنى بوياپ ئوقۇپمۇ يەنىلا ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپتىكەنسىز، ھەيران قالدىم جۇمۇ. ھاھاھا……..
    ئۇ ۋاقىتلاردا پۇلمۇ ئەتىۋار، ئۇنىڭدىن ئۆتەر ئالىدىغان نەرسىلەر بەكلا ئەتىۋار. پۇل بولسىمۇ لازىملىق شۇ نەرسەڭنى تەپماقمۇ بىر گەپ ئىدى. ھازىرقى قولايلىق شارائىتلارغا قاراپ بەزىدە ئويلۇنۇپ كېتىمەن، بىزلەر شۇنداق بىر ۋاقىتلاردا ياشاپتىكەنمىز، قولايلىق شارائىتلارمۇ يوق ئىدى. بىراق، شۇ چاغلىرىمىز يەنىلا كۆڭۈللۈك ئۆتۈپتىكەن.
    بەش يىل ئۆگىنىش باشلىقى بولۇپتىمەن. مەنمۇ خېلى ئاكتىپ ئىدىم، لېكىن سىزدەك مەيدان مۇئەككىلى بولمىغانىدىم، ھى ھى ھى……

    بالىلىقىمنى ئويلىسام ھەقىقەتەن كۆڭۈللۈك ئۆتۈپتىكەن، مەيلى مەكتەپ ھاياتىم بولسۇن، ياكى مەھەللىدە ئويناپ ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلىرىم بولسۇن بەخىتلىك ياشاپتىكەنمەن.