ئۆكسۈش

تەسىرات ئۈنچىلىرى 2011-03-05 02:57 1,433 6

ئۆكسۈش

بىر دوستۇم كىتاب سورىغانىدى. شۇ كىتابنى ئىزدەپ يۈرۈپ قولۇمغا «كەرىمە نادىر»نىڭ «ئۆكسۈش» رومانى چىقىپ قالدى. بۇ كىتابنى خېلى بۇرۇن ئوقۇغانىدىم. بۈگۈن مۇنداقلا ۋاراقلاپ كۆردۈم. كىتابتىكى بەزى ۋەقەلىكلەر ئېسىمدىن كەچتى.
بۇ كىتابنى تۇنجى ئوقۇغان ۋاقتىمدا ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان يېرى نالەننىڭ ئېرى ئىلھامى بەيگە بولغان ساداقىتى ئىدى.
كەنان، نالەنگە مۇھەببىتىنى شۇنچە ئىزھار قىلسىمۇ، نالەن، كەناننى ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇنى رەت قىلغانىدى. چۈنكى ئۇ توي قىلغان قىزى ئېرى بار ئايال ئىدى. ئېرىگە يۈزسىزلىك قىلىشقا ۋىجدانى يول قويمايتتى.
بەلكىم بەزى ئوقۇرمەنلەر ئېرى بار تۇرۇپ نېمىشقا باشقا ئەرلەرنى ياخشى كۆرىدۇ دېيىشى مۇمكىن. توغرا ئېرى بار ئايال باشقا بىرنى ياخشى كۆرمەسلىكى كېرەكتى، بىراق كۆڭۈلنى باغلاپ قويۇش مۇمكىن ئەمەس.
نالەن، كەناننىڭ نەچچە قېتىم ئىزھار قىلغان مۇھەببىتىنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلىۋېتىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟
ئەلۋەتتە ئېرىگە بولغان ساداقىتىدىن ئىدى.
تۇرمۇشتىمۇ بەلكىم نالەندەك ئەھۋاللارغا ئۇچرىغانلار بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئۇغۇ بىر رومان ھاياتلىقتا بۇنداق ئىشلار يۈز بەرمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ.
ئايال كىشى بىر ئەرنىڭ نىكاھىغا ئۆتكەندىن كېيىن بارلىقى شۇ ئەرگە مەنسۇپ بولىدۇ. مەيلى قانداق ئىشلار يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر ئايال بولغۇچى ئېرىگە بولغان ۋاپادارلىقىنى، ساداقەتمەن بولۇشنى ئۇنۇتماسلىقى كېرەك.
سىز شۇنداق قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراپ قالسىڭىز ئېرىڭىزگە سادىق بۇلۇڭ . شۇندىلا پەزىلەتلىك ئاياللارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالالايسىز.
جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 6 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    مەلەك 2011-03-13 01:25

    تىنچلىقمۇ،كەرىمە نادىرنىڭ بۇ ئەسىرىنى مەن ھەم تولىمۇ ياخشى كۆرىمەن

    جۇلالىق

    تىنچلىقمۇ،
    مەنمۇ بۇ ئەسەرنى بەكلا ياقتۇرىمەن. بولۇپمۇ نالەننىڭ جاسارىتىگە ۋە ساداقەتمەنلىكىگە قول قويىمەن.

  •   #2  

    يۈسۈپجان 2012-04-13 13:24

    مەن بۇ روماننى ئۇقۇپ چىقتىم ھەم مەندە بەك چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى بەك ياخشىكەن بۇ رومان

  •   #3  

    يۈسۈپجان 2012-04-13 13:28

    مەن بۇ روماننى ئۇقۇپ چىقتىم ھەم مەندە بەك چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى بۇلۇپمۇ نالەنگە ھىسداشلىقىم قوزغالدى مومكىن بولسا ۋاقىت چىقىرىپ يەنە بىر ئۇقۇغۇم بار…………!!!!!!!

  •   #4  

    كەنئان 2015-07-11 12:21

    مەن كەرىمە نادىرنىڭ ئۆكسۇش دىگەن روماننى تونجى قېتىم ئوقغان چېغىمدىلا باللىق بوپ قالسام كەنئان كەرىمە ئىككى ئىسمنى قويسام بولغىدەك دەپ ئويلىغانتىم مانا ئوغلوممۇ 9ياششقا كىردى قىزىم كەرىمە بىر يېرىم ياشقا كىردى ،ئايالىم بىلەنمۇ شۇنداق ياخشى ئۆتمىز لىكىن بىخەستەلىك قىپ ‹‹ئۆكسۇش››دىگەن روماننى يىتتۇروپ قۇيدۇم ئىزدە تورغا كەرىمە دەپ يازسام كەرىمە نادىرنىڭ ئاۋازلىق ئەسەرلىرى دىگەن سەھىپلەرنى كورۇپ قالدىم ئەپسۇس ماۋزۇ بولغان بىلەن ھەقىقى ئاۋازلىق ئەسەر يوقكەن ،تورداشلار ساقلىۋالغانلىرى بولسا ئەۋەتىپ بىرشىنى ئۇمىت قىلمەن.

    جۇلالىق

    بۇ روماننى تېپىش ئۇنچە تەس ئەمەسقۇ، كىتابخانىغا كىرسەم دائىم كىتابلار ئارىسىدا ئۇچرىتىپ قالىمەن.