تۆت بۇرادەرنىڭ سۆھبىتى

ھايات تەلقىنلىرى 2011-03-01 02:13 1,254 2

تۆت بۇرادەرنىڭ سۆھبىتى

بىر كۈنى كەچتە، چېكىت، پەش، سوئال، ئۈندەش قاتارلىق تۆت بۇرادەر ئۆز رولى ھەققىدە قىزغىن بەس-مۇنازىرە قىپتۇ، بۇ مۇنازىرىدە بىرىنچى بولۇپ ئۈندەشجان سۆز ئېلىپ:
ــ ئاڭلاڭلار، ھەي بۇرادەرلەر، خالايىق! مەنىسىز ھېچقانداق ئەسەر ئۆزنىڭ بەدىئىي قىممىتىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. مەن پۈتمەس-تۈگىمەس ھاياجانغا تولغانمەن، شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرەلەيمەن، ئۇلاردا كۈچلۈك مۇھەببەت، غەزەپ-نەپرەت قوزغىيالايمەن؛ ئەگەر مەن بولمىسام، ھەر كىم ئوقۇغان ئەسەرلىرىدىن ھېچقانداق ھۇزۇر ئالالمايدۇ؛ بەدىئىي ئەسەرلەر بىلەن باشقا ئەسەرلەرنىڭ پەرقىنىمۇ ئاجرىتىۋالالمايدۇ. شۇڭا، مېنىڭ بۇيۇم ھەممىڭلاردىن ئېگىز ۋە ئۆزۈممۇ قاۋۇل،ــ دەپتۇ كۆرەڭلىگەن ھالدا.
بۇ سۆزنى ئاڭلىغان چۆچۈرە قۇلاقنىڭ قېنى قىزىپ ھەم ئوتتۇرىسىغا سەكرەپ چىقىپ:
ــ نېمە دەيسىز؟ ئەسەردە ئەگەر مەن بولمىسام، قىزىق، چىگىش سوئال قويمىسام، ئوقۇرمەنلەر قانداق قىلىپ چوڭقۇر ئويغا پاتسۇن؟! قانداق قىلىپ ھېكمەت مېغىزىنى چاقسۇن؟! ھەر قانداق كىشى ئەسەر ئوقۇغاندا، چوقۇم «نېمە ئۈچۈن؟» دېگەننى ئويلايدۇ.
شۇڭا بۈگۈنكى پەننىڭ تەرەققىياتى پەقەت مەن ئارقىلىقلا مەيدانغا كەلگەن،ــ دەپتۇ.
ئېھتىمال، سوئالنىڭ سۆزى پەشكە ياقمىغان چېغى، شۇڭا ئۇ ئۆپكىسى سەل ئۆرۈلگەندەك بولۇپ ئوتتۇرىغا چۈشۈپتۇ:
ــ ئاغىنىلەر! سىلەردە ئىنساپ بارمۇ؟ ئەجەبا، ئىككىڭلار ئۆزۈڭلارنى ماختاپ، مېنىڭ تۆھپەمنى يوققا چىقارماقچىمۇ سىلەر؟ ھەممىڭلارغا قارىغاندا ئەسەرنىڭ ماڭا كۆپرەك ئېھتىياجى چۈشىدىغانلىقىنى كىم بىلمەيدۇ؟ ئەگەر مەن ھەر بىر دوقمۇشتا بېكەت قۇرمىسام، سۆز بىلەن سۆزنى ئايرىپ تۇرمىسام، ئەسەر لەڭمەندەك ئۇزىراپ كەتمەمدۇ؟ ئوقۇرمەنلەر ئوقۇپ چارچاپ كەتمەمدۇ؟ ھەتتا خاتا ئۇقۇم پەيدا بولۇپ، ئۆلۈم ئىشىمۇ كېلىپ چىقمامدۇ؟ نېمىشقا بۇنى نەزەرگە ئالمايسىلەر؟ ــ دەپ سۆزنى ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ.
سورۇن ئەھلى غۇلغۇلا قىلىپ، چۇقان كۆتۈرۈشۈپتۇ. دەل شۇ چاغدا چېكىتنىڭ قېنى ئۆرلەپ، پەيلىنى بۇزۇپ سۆز باشلاپتۇ:
ــ ئەتىگەندىن بېرى تىنچ ئولتۇرسام، ھەممىڭلار سۆزلىدىڭلار. مېنىڭ ئىسمىمنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمىدىڭلار. مەن يا مۇساپىر، يا يېتىم ئەمەسقۇ. ھەممىڭلارنىڭ دېگىنى بىمەنە قۇرۇق گەپ، مەن بولمىسام ھېچقايسىڭلار كارغا كەلمەيسىلەر، ئەگەر كىمدە كىم مېنى ئۆز ئەسىرىگە قوشمىسا، تۈگىمەس سەپەرگە راۋان بولىدۇ.ئۇ چاغدا سىلەرمۇ تىنماي مېڭىپ، نىشانغا يېتەلمەي ئۆلۈپ قالىسىلەر، شۇڭلاشقا مېنى چېكىت، دەيدۇ.
سورۇن بۇزۇلدى، بۇرادەرلەر بىر-بىرىگە قېيداپ، ھەر تەرەپكە قىيسايدى. دەل مۇشۇ چاغدا گرامماتىكا بوۋاي قەددىنى رۇسلاپ يېتىپ كەلدى، ئۇ تۆت دوستىغا نەسىھەت قىلدى:
ــ دوستلار، ھەممىڭلار تەڭ كۈچكە ئىگىسىلەر، سىلەرسىز كىتاب، ئەسەر، ماقالە… پۈتمەيدۇ. خەلق ئىچىدە: «ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە» دېگەن ماقال بار. شۇڭا، سىلەردە كۈچ ۋە دىل بىرلىكى بولۇشى كېرەك. شۇ چاغدىلا ھەممە ئىشتا ئۇتۇق قازىنالايسىلەر.
گرامماتىكا بوۋاينىڭ گېپى ھەممەيلەنگە مايدەك ياقتى، ھەممە چىن كۆڭلىدىن قايىل بولدى. دىلى يايراپ، شادلىققا چۆمدى، ئۇلار بىرلىكتە:
ــ قولنى قولغا تۇتۇشۇپ ئۆم بولۇپ، ئۆز مەجبۇرىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئۆز خىزمىتىمىزدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا تىرىشايلى، دېيىشتى.

مەشغۇلاتتا: جۇلالىق.

بۇ يازمىدا جەمئىي 2 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    قىسمەت 2011-03-05 10:12

    بۇ يازمىنى باشلانغۇچتا ئوقۇغاندەك قىلىمەنا …

    جۇلالىق

    باشلانغۇچ دەرسلىكىدىن يوللىغانىدىم.