سودىدىكى راستچىللىقىمىز

تۇرمۇش كارتىنىلىرى 2011-02-26 22:06 1,329 2

سودىدىكى راستچىللىقىمىز

ئاخشام سائەت سەككىزلەر بىلەن سىرتتا تاماق يەپ قايتىشىمدا ئاپلېسىن سېتىۋالاي دەپ باردىم.
ــ سىڭلىم، ئاپلېسىننىڭ كىلوسى قانچە پۇل؟
ــ بىر كىلوسى 15 كوي.
ــ نېمانچە قىممەت، بىر كىلوسىنى 14 كويدىن بېرىڭ. ئىككى كىلو ئالاي.
ــ ئاچا بىر كىلو ساتسام كىلو بېشىدا ماڭا ئاران بەش مو چىقىدۇ. بۇنداق بەرسەم زىيان تارتىمەن.
ــ مەيلى ئەمىسە ئىككى كىلو تارتىپ بېرىڭ. ئادەتتىمۇ بىرەر نەرسە ئالسام بەك باھا تالىشىپ كەتمەيمەن. بۈگۈنمۇ باھا تالىشىپ باقاي دېسەم قاملاشمىدى.
بىز باھا تالىشىش ئارىلىقىدا بۇ قىز بىر ئادەمگە ئىككى كىلو ئالما تارتىپ بەردى. ھېلىقى ئادەم ئەللىك كويلۇق پۇلدىن بىرنى بەردى. قىزچاق پۇلغا مۇنداقلا قاراپ قويۇپ پۇل قايتۇرۇشقا تەمشىلىۋېدى. ھېلىقى ئادەم پۇلغا ياخشىراق قاراپ ئېلىڭ. مەنمۇ بايا گۆش سېتىۋالغاندا بۇ پۇلنى قايتۇرۇپ بەرگەن راستمۇ يالغانمۇ بىلمەيمەن دېدى.
قىزچاق بۇ گەپنى ئاڭلاپ پۇلنىڭ ئالدى-كەينىگە بىر قارىۋېتىپ ئاندىن ئاشقان پۇلنى قايتۇردى.
باياتىن بېرى بۇ ئادەمگە دىققەت قىلمىغانىدىم بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۇ ئادەمگە قارىدىم. 43 ياشلاردا بار ئېگىز بوي ئورۇق كىشى ئىكەن. چىرايىدىن راستچىل ئادەملىكى بىلىنىپ تۇرىدىكەن. تۇرۇپلا بۇ ئادەمنىڭ سەمىمىيلىكىگە ھۆرمىتىم كەلدى. ئاپلېسىننى ئېلىپ ئۆيگە قايتىۋاتىمەن. كاللامدىن بايىقى كۆرۈنۈشلەر كەتمەيۋاتاتتى. بەزى ئادەملەر باركى قولىغا يالغان پۇل كىرىپ قالسا قانداقلا ئامال بولمىسۇن بىر نەرسىلەرنى قىلىپ قولىدىن چىقىرىشنىڭ كويىدا بولىدۇ. ئۇششاق تىجارەتچىلەردىن نەرسە سېتىۋېلىپ شۇ يالغان پۇلنى بەرسە، بولسا دىققەت قىلمايلا پۇلنى ئېلىپ ئاشقىنىنى قايتۇرۇپ بەرسىكەن دەپ ئەندىشىدە بىئارام بولۇپ كېتىدۇ.
بايىقى كىشىدەك باشقىلارغا زىيان سېلىشنى نومۇس بىلىدىغان پەزىلەتلىك كىشىلەرمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. سودا-سېتىق قىلغاندا ھەممىمىز راستچىللىق بىلەن قىلساق نەقەدەر ياخشى بولاتتى.

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 2 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    شاھمات 2017-01-06 17:14

    مەنغۇ سودىگەر ئەمەس ، لىكىن مېنىڭچە بىر كىلو ئاپلىسىننى راسىتلا سىز دىگەندەك 5 مو پايدىسىغا ساتسا زىيان چىقارمىكىن دەپ ئويلايمەن ، ھىچ بولمىغاندا بىر ئىككى يۇەن پايدا قالمىسا بۇزۇلغان قىسمى ، ئادەم ئىش ھەققى دېگەندەكلەرنى ھىساپلىساق زىيان چىقىدۇ .
    يەنە بىرى 43 ياشلار ئەتراپىدا دىگەن بۇ بىر ئىغىز گەپ بىر ئاز زورمۇ -زور يېزىلىپ قاپتۇ ، خۇددى باشقىلارنىڭ كىملىكىگە قاراپ دەۋاتقاندەكلا ، ئەسلى 40 ياشلار ياكى 45 ياشلار ئەتراپىدا دېيىلگەن بولسا بىر ئاز مۇۋاپىق بولاتتى .
    ھە راست يازمىغا كىرىشتۇرۇلگەن مۇزىكىنى ياقتۇردۇم ، بۇ بىلوگىڭىزنىڭ بىر ئۆزگىچىلىكى ئىكەن . ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي .

    جۇلالىق

    بەزى ۋاقىتلاردا ئاز پايدا قالسىمۇ كۈندە داۋاملىشىپ تۇرغان ئىشلاردىن نۇرغۇن مەنپەئەتلەرنى ئالىدىكەنمىز.
    مەن چوقۇم 43 ياش دېمىدىمغۇ، شۇ 43 ياشلار ئەتراپىدا دەپ مۆلچەر بىلەن دېگەنىدىم.
    مۇزىكىنى ياقتۇرغىنىڭىزدىن خۇشالمەن.