ئۈزۈم ھەققىدە رىۋايەت

شېئىرىيەت گۈلزارى 2011-02-24 21:25 1,286 0

ئۈزۈم ھەققىدە رىۋايەت

بوغدا ئابدۇللا

1
مۇشۇ يۇرتتا بۇرۇنىسىدا،
ئىككى تاغ ئارىسىدا،
توققۇز ئوغۇل، توققۇز قىز،
ئۆگەي ئانا قاقشىتىپ،
كۈن ئالماقنىڭ تەسلىكى،
بۇ تەلەينىڭ كاجلىقى،
كۈندە جىگدە قاينىتىپ،
كىمگە بارسۇن ھال ئېيتىپ؟

قىزلار ئىچىدە بىر قىز،
تۈندە ياتسا ئۇيقۇسىز،
مەككار ئۆگەي ئانىسى،
ئەقلى يوق شۇ ئاتىسى،
كۇسۇرلىشىپ كەتكەنمىش،
بىر مەسلىھەت ئەتكەنمىش؛
بېشىمىزدا توي قەرزى،
لايىق ئىزدەپ يۈرگىچە،
ئىش تۇتمامدۇق باشقىچە،
ئاكا بولسا نىم بوپتۇ؟
سىڭىل بولسا نىم بوپتۇ؟
چېتىپ قويساق بولمامدۇ،
بېشىمىز ساق بولمامدۇ؟!
بۇ گەپلەر بىز ئۈچۈنمۇ،
ئوڭۇممۇ يا چۈشۈممۇ؟
ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق،
جاننى نەگە ئالغۇلۇق؟
قىز غەزەپتە ئاھ ئېتەر:
(تولغىنىپ پەرياد ئېتەر)
توشقان ئۆلەر قۇمۇشتىن،
ئادەم ئۆلەر نومۇستىن،
تىرىكىمنى قېنى كۆر،
ئۆلۈكۈمنى قېنى كۆر.

3
يۈرەكتە ياش ئاققۇزۇپ،
تاڭنى ئاران ئاتقۇزۇپ.
نەگە دېسە ئاپىسى،
جىگدە تېرىپ كېلەي دەپ،
ئىنىم ھەمراھ بولغاي دەپ،
ئىككىلىسى يول يۈرۈپ،
يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپ،
بىر يەرگە كېىپ قارىسا،
كەلگىنىگە يارىشا،
ئالدىدا چوڭ جىگدىلىك،
يۈرەككە تەككۈدەك پىشىپ،
قانغۇچە ئال دېيىشىپ.
قىز توختاپتۇ: ھەي ئىنىم،
سەن گېپىمنى ئاڭلا جىم،
مەن سىلكىسەم ئۈستىدىن،
سەن تېرىپ ئال ئاستىدىن،
شۇنداق گەپنى دېگەنچە،
مايمۇندەك ياماشقانچە،
ئۆتۈكىنى يەشكەنچە،
بىر تال شاخقا ئاسقانچە،
قاچقانمىش شۇ قاچقانچە…
شامال گۈركىرەپ تۇرغان،
ئۆتۈك لەپەڭشىپ تۇرغان،
جىگدە تۆكۈلۈپ تۇرغان،
بەخىرامان ئۇ بالا
ئاچام بار دەپ، غەم قىلماي،
تېرىۋەرگەن پەم قىلماي.
قىزنىڭ بېشى چۆرگىلەپ،
يۈگرە-يۈگرە ھەسىرەپ،
قايغۇ – ئەلەم بېشىدا،
مۇشۇ ئون ئۈچ يېشىدا،
ماڭسا-ماڭسا يول تۈگەپ،
پۇتلىرىدا جان تۈگەپ،
شۇندىن سڭرە دېگەنمىش:
رەھمى قىل تاغ، ئاجىزمەن،
دىل رەنجىدە بىر قىزمەن.
مەن باغرىڭغا كىرمەكچى،
بولساڭ پاناھ، يۆلەكچى.
شۇنداققا دېگەندە
گۈلدۈرلەپ تاغ سىلكىنىپ،
ئىككى بۆلەك يېرىلىپ،
قىز كۆزىگە ئىشەنمەس،
نە بولغاننى چۈشەنمەس.
ئىمىش شۇنداق بىر دۇنيا،
بىر ئېرىقتا ھەسىلى،
بىر ئېرىقتا كەۋسىرى.
تاشلىرى گۆھەردىنمىش،
قەلئەلىرى زەردىنمىش،
شۇنداق بىر قۇش غايىبتىن،
دەپتۇ قىزغا توساتتىن:
بىر مېۋە بار شەربەتلىك،
يېمىگەنلەر ھەسرەتلىك،
مەيلىڭ بولسا كۆرۈپ باق.
نە گەپتۇر دەپ تېڭىرقاپ،
بىر ساپ ئۈزگەن ئېچىرقاپ،
شۇنداق يېسە شەربىتى،
تىلدا قاپتۇ لەززىتى.
شۇ چاغ خىيال ئەيلەپتۇ:
ئىنىم ئاندا يۈرگەندۇر،
ئەنسىرەپ نە دېگەندۇر.
بىر كۈن بولدى ئاۋارە،
ئاچ قالدى شۇ بىچارە،
دەپتۇ ئىچىدە ئاتاپ،
بىر ساپ ئۈچۈپ ئاستىلاپ،
كۆتۈرگەنمىش قوش قوللاپ،
تىلسىم تاغدىن ئايرىلىپ،
ساي-جىرادىن قايرىلىپ،
مېڭىپ يەنە مېڭىپتۇ،
ئاشۇ شىلدىر-شېكەردىن
بىر قىسمى ئېيىن بوپتۇ،
نەچچە تال چۈشۈپ قاپتۇ…

4
شۇ چاغدىن بۇ چاغقىچە،
قانچە جاھان ئۆتكەنمىش،
قانچە تىلەك ئاققانمىش…
ئۇنتۇلغاننى يەر بىلەر،
ھەر تۆھپىنى ئەل بىلەر،
شۇ قىز ئىمىش سەۋەبكار،
بۇ ئارادا ئۈزۈمتال،
شۇندىن بەنا بولغانمىش…

5
دېيىشىدۇ تۇرپاندا،
بىر دەز بارمىش چالقاندا،
چىقىپ تۇرارمىش ھېلى،
بىر تۇتام قىز كوكۇلى…

شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى، 2011-يىل 1-سان.
مەشغۇلاتتا: جۇلالىق.

تېخى ئىنكاس يېزىلمىدى ئىنكاس يېزىش