بىنەپشە گۈلى

تەپەككۇر تامچىلىرى 2011-02-21 21:37 1,264 4

بىنەپشە گۈلى

مەن بىنەپشە رەڭگە ئالاھىدە ئامراق. ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئەتىيازدا ئۆيگە بارسام ئانام گۈل تېرىۋېتىپتۇ.
ــ ئانا، بۇ قانداق گۈل؟ دەپ سورىدىم.
ــ ئانام، بىنەپشە گۈلى بەك چىرايلىق ئېچىلىدۇ. يەڭگەمنىڭ ئۆيىدە كۆرۈپ ئۇرۇقىنى ئەپ قويۇڭ دېگەنىدىم ئەپ قويۇپتىكەن تېرىپ قويۇۋاتىمەن.
ئانامنىڭ گۈلگە ئالاھىدە ئىشتىياقى بار ئىدى. مودەن گۈل، سېرىن گۈل، يەنە پاكار ئۆسىدىغان بىر خىل گۈللەرنى تېرىيتتى.بۇ پاكار گۈلنى بوزەك گۈل دەيدىكەن. بوزەك گۈلنى نېمىشقا بوزەك گۈل دەيدىكىن دېسەم يۇلۇپلا باشقا يەرگە كۆچۈرۈپ قويسا تۇتۇپلا قالىدىكەن. شۇڭىمۇ ئىسمىنى شۇنداق قويغان چېغى.
تازا ياز مەزگىلى ئىدى، ئۆيگە بارسام گۈللەر بەك چىرايلىق ئېچىلىپ كېتىپتۇ. مەن ئامراق بىنەپشە گۈلىمۇ ئېچىلىپتۇ شۇنداق چىرايلىق ئىكەن. باغقا كىرىپ گۈللەرگە بىر ھازا قاراپ تۇرۇپتىمەن.
ئانام مېنىڭ گۈللەرگە قاراپ ھاڭۋېقىپ تۇرغىنىمنى كۆرۈپ:
ــ تېرىيدىغان كەڭرى بېغىڭ بولسىدى قىزىم، ساڭىمۇ گۈللىرىمنىڭ ئۇرۇقىدىن بېرەتتىم بېغىڭغا چىرايلىق تېرىپ قويساڭ گۈلگە قارىسىمۇ ئادەمنىڭ ھاردۇقى چىقىپ قالىدۇ.
ــ بېغىمدىكى تالنىڭ ئەتراپىغا تېرىپ قويسام كۆكلەرمۇ؟
ــ سېنىڭ بېغىڭ بەكلا كىچىك گۈل ئاينىماسمىكىن؟ قېنى بىر تېرىپ باققىن ياشىرىپ گۈللەر ئېچىلىپ كەتسە ئەجەب ئەمەس.
ــ ئانا، ماڭا ئاۋۇ بىنەپشە گۈلنىڭ ئۇرۇقىدىن ئەپ قويۇڭە مەن شۇنىلا تېرىيمەن. بۇرۇندىن بىنەپشە رەڭنى ياخشى كۆرەتتىم. بۇ گۈلگە قاراپ بىنەپشە رەڭگە تېخىمۇ ئامراق بولۇپ قالدىم.
قىش چىقىپ كېتىپ، ئەتىياز كەلدى، ئانام ماڭا ئاتاپ ئېلىپ قويغان گۈلنىڭ ئۇرۇقىنى ئەكىلىپ كىچىككىنە بېغىمغا تېرىدىم. سۇلياۋ يوپۇق يېپىپ تېرىسا گۈل تېز ئۆسىدۇ دېگەن گەپنى ئاڭلاپ تېرىپ بولغان گۈلنىڭ ئۈستىگە سۇلياۋ يوپۇقنى يېپىپ قويدۇم.
كۈندە بىر قارايمەن. گۈل ھېچ ئۈنگەندەك ئەمەس، بىرەر ئايدىن كېيىن گۈللەر بىخ سۈرۈشكە باشلىدى. ئانامنىڭ دېگىنىدەك بېغىمدا گۈل ئاينىمايدىغان ئوخشايدۇ. ئادەتتە بىنەم ئېتىزلارغا ياكى كەڭرى باغلارغا تېرىسا 10-15 كۈنلەرگە قالماي ئۈنۈپ ياشىرىپ بولاتتى.
گۈللىرىم قاچان ئېچىلىدىكىن دېگەن تەقەززالىق ئىچىدە دائىم قارايمەن. گۈل بەكلا ئاستا ئۆسىۋاتقاندەك بىلىنىۋاتىدۇ.شۇنداق پاكار كۆرۈنىدۇ . ئانامنىڭ گۈللىرى مېنىڭكىدىن بىر ھەسسە ئېگىز تۇرىدۇ. يا مەن گۈلنىڭ ئۆسۈشىگە بەك ئىنتىزار بوپ كەتكەچكە شۇنداق كۆرۈندىمۇ. بېغىمنىڭ كىچىكلىكى گۈلنىمۇ ئەركىن چوڭ بولغىلى قويمىدى. مانا يازنىڭ ئىسسىق كۈنلىرىمۇ ئاخىرى كەلدى. گۈللىرىممۇ يامان ئەمەس ئۆسۈۋاتاتتى. قارىسام ھېچ ئېچىلىدىغاندەك قىلمايدۇ. ئانامنىڭ ئۆيىدىكى گۈللەرنى مەن بىلەن تەڭ تېرىغان ئۇ گۈللەر شۇنداق چىرايلىق ئېچىلىپ بوپتۇ. گۈللىرىم ئېچىلمىغانسېرى بىئارام بوپ كەتتىم. بىر كۈنى بىنەپشە گۈلۈم ئاخىرى ئېچىلدى.
مەن ياخشى كۆرۈدىغان رەڭدىكى گۈلۈم ئېچىلدى……
بۇ يىلمۇ ياز كىرەي دەۋاتىدۇ، قېنى بىر تېرىپ باقاي بۇلتۇرقىدەك پاكار ئۆسەرمۇ؟ ياكى ئېگىز ئۆسۈپ چىرايلىق ئېچىلارمۇ؟…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 4 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    مەلەك 2011-03-13 01:28

    شۇنششۇنداق تاتلىق بىر نەسىر ئوقۇغاندەك بولدۇم،بىلوگىڭىزنى ئەمدى دائىم زىيارەت قىلىپ تۇرىمەن

    جۇلالىق

    بلوگىمغا كەلگەنلىكىڭىزنى قارشى ئالىمەن. كېلىپ تۇرۇڭ سىردىشىپ تۇرايلى.

  •   #2  

    گۈلىستان 2011-06-02 19:47

    تىنچلىقمۇ جۇلالىق،بىلوگىڭىىزنى ئۇلىنش قىلىۋالدىم،ھەر قېتىم كۆڭلۈم يېرىم بولغىنىمدا كىرىپ ياپيىشىل چىمەنلىكتە ئولتۇرۇپ ،گۈزەل تۇيغۇلىرىڭىزنى ئوقۇپ ئۇنىڭغا يانداش يېقىملىق مۇڭ كۈيلەردىن ھوزۇرلىنىپ شۇنداق يېنىكلەپ قالىمەن.
    ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

    جۇلالىق

    تىنچلىقمۇ، ئەسەرلىرىمنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغىنىڭىزغا رەھمەت.
    مەن يوللىغان يازما سىزگە روھىي ئۇزۇق بولالىغان بولسىلا مەن شۇنىڭغا خۇشال.
    گۈلىستان بلوگىنى جۇلالىق بلوگىغا ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم.