ياخشى كۆرۈپ قېلىش نىسبىتى يۇقىرى بولامدۇ؟

تۇرمۇش كارتىنىلىرى 2011-02-18 22:13 1,308 10

بىللە خىزمەت قىلىش جەريانىدا ياخشى كۆرۈپ قېلىش نىسبىتى يۇقىرى بولامدۇ؟

بىر دوستۇم مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى. دوستۇمنىڭ دېيىشىچە ئۇنىڭ تام قوشنىسى يېقىندا ئاجرىشىپ كېتىپتۇ، بىر ئىشخانىدا ئىشلەيدىغان ئۆزىدىن 7-8ياش چوڭ بىر ئادەم بىلەن توي قىپتۇ. بۇ ئايالمۇ 40 ياشلارغا كىرگەن ئايال ئىكەن. ئىككى ئوغلى بىر قىزى بار ئىكەن. ئوغۇللىرى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن. قىزى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوخشايدۇ.
يېڭىدا توي قىلغان ئېرىنىڭمۇ 4 بالىسى بار ئىكەن. بۇ ئادەمنىڭ چوڭ بالىلىرى ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بوپ بولغان بالىلار بولۇپ دادىسىنىڭ بۇ قىلىقىدىن بەكلا خاپا بوپتۇ. ھەم دادىسى بىلەن گەپلەشمەيدىكەن.
بۇ ئايالدىن دوستلىرى نېمىشقا بىر ئوبدان ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىپ ئاجرىشىپ توي قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى سورىسا بۇ ئىككىسى بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغىلى ئىككى يىل بوپتىكەن. بالىلىرىنى ئويلاپ تا ھازىرغىچە ئاجراشماي كەپتۇ. ئەمدىلىكتە بولسىمۇ ئىككىمىز بىللە ياشاپ بەختلىك بولمىساق بولمايدۇ دەرمىش.
ئۇزۇن مۇددەت بىللە خىزمەت قىلىش جەريانىدا راستىنلا بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش نىسبىتى يۇقىرى بولامدىغاندۇ؟
كونىلاردا مۇنداق ماقال بار«كۆنگەن يامانمۇ، كۆيگەنمۇ؟» دەيدىغان ياكى بىللە ئىشلەۋېرىپ بىر-بىرىگە كۆنۈپ قېلىپ، ياخشى كۆرۈپ قالامدىغاندۇ؟

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 10 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    شاھبالام 2011-02-19 08:41

    ئۇلارغا كۆيگەن يامانمۇ ئەمەس، كۆنگەنمۇ….
    پەقەت بىر-بىرىنى دائىم كۆرۈپ تۇرغىنى يامان بولغاندەك تۇرىدۇ…

    جۇلالىق

    ئاتالمىش مۇھەببەتنى دەپ بىر چىرايلىق ئائىلىسىنى ۋەيران قىلغان، بالىلىرىنى يېتىم قىلىپ داغدا قويغان مۇشۇنداق ئاتا-ئانىلارغا لەنەت ئېيىتقۇم كېلىدۇ.

  •   #2  

    نۇرقۇت 2011-02-21 05:40

    كۆڭۈل دېگەن ساراڭ. ئەمما ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ساراڭلىق قىلىش ساراڭدىنمۇ ساراڭلىق بولسا كېرەك. مۇھەببەتنى باھانە قىلىپ ۋاپاسىزلىق قىلىش كەچۈرگىلى بولمايدىغان ئىش.

    جۇلالىق

    مۇشۇنداق ۋاپاسىزلار كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ.

  •   #3  

    soyqut 2011-02-25 10:45

    قېرىغاندا قېرى تارتۇق.قېلىقلىرى ئۇندىن ئارتۇق دېگەندەك ئىش بوپتۇ دېسە.ھەر ئىككىلىسى بويتاق بولسىغۇ بىر نۆرى،ئەمما نەچچە يىللىق بەىىتلىك ئائىلىسىنى بۇزغىنى جۆرىسى ۋە بالىلىرىغا قىلغان ۋاپاسىزلىقى قەتئىي قاملاشماپتۇ.ئەھلى مەھەللە ئالدىدا تازىمۇ بىر سەتلىشىپتىغۇ بۇلار.

  •   #4  

    ئاقلىغۇچى 2011-03-01 08:51

    مەن بۇلارنى ھەرگىز ئاقلاپ ئۇلتۇرمايمەن.مىنىڭچە بۇلارنى قانۇن جازالىمىغان بىلەن ئۇلۇغ تەڭرى ئۆزى بېشىدىن تاپىنىغەچە جازالايدۇ.لەنەت بۇنداقلار دۇزاخقا تاشلانغۇسى…..!!!!

  •   #5  

    ئۇچار بورا 2011-03-01 08:13

    مۇھەببەت دېگەن شۇ!

  •   #6  

    ئۇنچە 2011-03-01 21:35

    ئاجراشمىسا بوپتىكەن، بالىلىرى قانداق قىلغاندۇ؟……… ئۆزى بىلىدىغان يەرلىرى بادۇ،

  •   #7  

    بىرزات 2011-03-05 20:20

    قېرىغاندا قىلىپ ئولتۇرغان قىلىقلىرىنى ماۋۇ خەقنىڭ. ياش ۋاقتى بولسىغۇ …

    جۇلالىق

    ھەكىمنىڭ قەدىمىمۇ بلوگىمغا يېتىپتۇ. مەرھابا!
    بالىلىرى ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمايدىغان بۇنداق ئىنسانلارغا ئامال يوقكەن.