چولپان يۇلتۇز ھەققىدە رىۋايەت

شېئىرىيەت گۈلزارى 2011-02-15 22:34 1,443 6

چولپان يۇلتۇز ھەققىدە رىۋايەت

بوغدا ئابدۇللا

قەدىم ئەييامدا
بىر خانقىز بولمىش لۈكچۈن ساياندا،
ئىزدەر ئىمىش بوز يىگىتنى،
كېچىلەر ئۇيقۇ يوق ئەپسۇن ئەتكەندەك،
دەردلىك ئۆتەرمىش، نەكۆڭۈل شادى،
شۇ ئوردا چۆرىسى ئالەمدە يوق باغ،
ھەرىلەر غوڭۇلدار ئۆرۈك پىشقاندا،
ئاسماندىن چۈشكەندەك بىر يوقسۇل يىگىت
گاھىدا سالقىنلار سايىغا كېلىپ،
بىر كۆرۈپ ھوشىنى يوقاتتى تامام
كۈندىن-كۈنگە ھال بەتتەر شۇ پەرىشاندا،
«نە بولغاي چۈشۈمدە كۆرسەم» دەر ئىمىش،
كۆز ياشلىرى سەل، قالمىش قىياندا.
بىر كۈنى باغ ئارىلاپ كەلمىش شۇ يىگىت،
تۆكۈلمىش ئۆرۈكلەر، يەيمىش پۈۋلەپ،
كۆرۈپ قىز ئاغزىغا كەلمىش سېرىق سۇ،
دەرلەركى: يىمىگەن تەھقىق ئارماندا.
كەچقۇرۇن چىقمىشتۇر بىر يان ئىشىكتىن،
ئۇرۇقچا چېچىلىپ قالمىش ھەرياندا.
ۋىسال قول سۇنۇپ بولماس ئېگىز شاخ،
كۆڭلىدە مېغىز ھاق دەرمىش ۋەسۋەسە،
كۆزىنى بىر يۇمۇپ قىلمىش تەۋەككۈل.
بىر ياقتىن چاقارمىش، بىر ياقتىن يەرمىش،
دەرمىش: بۇ قانداق لەززەت چاكىلدىغاندا.
كۈنلەر ئۆتكەنمىش بىر شېرىن ئايدەك،
كېيىن كېلەرىنى كىم بىلگەي ئەۋۋەل
باغرىدا بىر نەسىل مىدىرلىغاندا.
تېخى چاچلىق بىر قىز، ھامىلدار، نەگەپ،
كىمگە ئېيتقاي، كىمدىن كۆرگۈلۈك،
يۈرەك لەختە-لەختە،
دۇنيا ھارام، پىتنە، غوۋغا ھالسىراتقاندا.
مالامەت زەخمى،
يالۋۇرمىش قۇتقۇز دەپ قۇتقۇز،
ئەرزىگە يېتەر ئاھى،
تىلىكى ئىجابەت بولمىشتۇر بىر كۈن
ئىلاھىي بىر شامال كۆكسىدە.
ئۇچۇبان، ئۇچۇبان بۇرۇجقا يەتمىش،
ئۇھ دەرمىش، كۆك قەسىرىدە چولپان بولغاندا!

شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى، 2011-يىل 1-سان.
مەشغۇلاتتا: جۇلالىق.

بۇ يازمىدا جەمئىي 6 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    تورباجىن 2011-02-16 22:20

    يېڭىدىن قۇشۇلغان بۇ بىلوگقا مەن ئىزىمىنى قالدۇراي. رەڭ كۆزنى بىر ئاز چاقامدۇ نىمە ؟

    جۇلالىق

    بلوگىمغا ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ كەتكىنىڭىزگە رەھمەت.
    قىزلارغا خاس ئۇسلۇبلار ئىچىدە مۇشۇ چىرايلىقراق ئىكەن. رەڭ سەل ئوچۇقراق.

  •   #2  

    ئەنبەر 2011-03-16 21:28

    بۇنى كۆچۈرېۈۋالسام بولامدۇ؟

    جۇلالىق

    قايسىنى كۆچۈرمەكچى سىز؟ مېنىڭ ئەسەرلىرىمنى باشقا يەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ژورنالدىن يوللىغىنى بولسا مەنبەنى ئەسكەرتىپ يوللىسىڭىز بولىدۇ.

  •   #3  

    كۈرەش 2016-04-08 20:45

    بۇ شېئىرنى ياقتۇرۇپ قالدىم ، خاسلىقى بار بلوگدىن يەنە بىرنى بايقىغاندەك قىلىمەن ، شئىرنى كۆچۈرۋالدىم رەھمەت

    جۇلالىق

    شېئىرنى ياقتۇرغان بولسىڭىزلا بولدىغۇ، بۇ مېنىڭ شېئىرىم ئەمەس، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ئاساستا ئىشلەتسىڭىز بولىۋېرىدۇ.