«ئانا»لىق سالاھىيىتىدىن ئېلىپ تاشلامدۇق؟

تۇرمۇش كارتىنىلىرى 2011-02-12 01:22 1,242 2

«ئانا»لىق سالاھىيىتىدىن ئېلىپ تاشلامدۇق؟

بىر بالىنى ئون ئاي، ئون كۈن قورساق كۆتۈرۈپ تۇغماق بەكلا تەس. ئانا مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەنلىك سەۋەبلىك بالىسىنى تاشلاپ كەتسە ئۇنى «ئانا»لىق سالاھىيەتتىن ئېلىپ تاشلاش توغرىمۇ؟ياق!……………
مەن ئويلايمەن ھەرگىز توغرا ئەمەس، بەزى مەسئۇلىيەتسىز ئانىلار باركى بالىلىرىنى ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن بالىلىرىنى تاشلاپلىۋېتىدىغان، يەنە بەزى ئاياللار بار نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلى بالىسى بىلەن كۆرۈشىدىغان پۇرسەتتىن مەھرۇم قالىدۇ، بالىسىنى ھەر ۋاقىت سېغىنىدۇ، ئەسلەيدۇ، كۆرگۈسى كېلىدۇ.
شۇنداق بىر ئانا بولۇپ ئۆتكەن:
توي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي يولدىشى بىلەن كېلىشەلمەي قالىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئانىنىڭ قورسىقىغا ئالتە ئايلىق بولغان ئىدى. ئانا بالىسىنى ئويلاپ، ئېرىنىڭ ئۇرۇپ-تىللاشلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ كەلگەن. بۇ ئەر بەكلا زالىم ئىدى. قولىغا نېمە چىقىشىدىن قەتئىينەزەر ئايالىنى ئۇراتتى، ھەتتاكى بىر كۈنى ئايالىنى تاياق بىلەن ئۇرۇپ قانماي ئامبۇر بىلەن ئۇنىڭ كالپۇكىنى قىستاپ تارتىۋاتقاندا قوشنىسى كىرىپ قېلىپ ئاجرىتىۋېتىدۇ. ئايال مانا مۇشۇنداق خورلۇقلارغا چىداپ ئاخىرى بالىسىنى ئېرىنىڭ ئۆيىدە تۇغىدۇ. ئانىسىنىڭ ئۆيىدە قىرىقى توشقىچە يېتىپ، يەنە ئېرىنىڭ ئۆيىگە قايتتى. ئەرنىڭ مىجەزى پەقەتلا ئۆزگەرمىگەنىدى. ئايال ئاخىرى بەرداشلىق بېرەلمەي بالىسىغا تۆت ئايلىق بولغاندا ئېرىنىڭ قارشىلىقلىرىغا قارىماي ئاجرىشىپ كەتتى.
ئەر بالىنى ئۆزۈم باقىمەن دەپ تۇرۇۋالغان بولسىمۇ بالا كىچىك بولغاچقا ئانا قەتئىي ئۇنىماي بالىنى بىللە ئېلىپ كەتتى. بىر كۈنى ئانا ئېتىزغا ئىش قىلغىلى چىقىپ كەتكەن ۋاقىتتا ئېرى بالىسىنى كۆرگىلى كەلدى. ھەمدە قىيىنئانىسىنىڭ سىرتقا چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بالىنى ئەكەتتى.
ئانا بالىسىدىن شۇ كۈنى ئايرىلىپ قالغانچە تاكى بالا ئونبەش ياشقا كىرگىچە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلمىدى. بەلكىم ئېرىنىڭ زالىملىقىدىن قورققاندۇ ياكى باشقا سەۋەبلەردۇر.
بالىنى چوڭ ئانىسى بېقىپ چوڭ قىلغانىدى، ھەمدە بالىغا ئاناڭ سېنى بىزگە تاشلاپ بېرىپ باشقا ئەرگە تېگىۋالغان دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغاچقا بالىنىڭ كۆڭلىدە ئانىغا نىسبەتەن ئۆچمەنلىك بار ئىدى،ئانىسىنىڭ ئۇنى تاشلاپ كەتكەنلىكىدىن، مېھرىنى ئوغلىغا بەرمىگەنلىكىدىن نەپرەتلىنەتتى. تۇيۇقسىز بىر كۈنلەردە بالا بىر دوستىنىڭ ئانىسىدىن ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلدى. ئانىسىنىڭ ئۆيىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن ئانىسىنى ئىزدەپ باردى.
ئانىمۇ بالىسىنى دائىم سېغىناتتى ئۇنى كۆرگۈسى كېلەتتى. بالىسىنى ئۇنتۇمىغان.
بالا ئانىسىنى كۆرۈپ دەماللىققا تۇرۇپ قالغان بولسىمۇ ئۆزىنى ئانىسىنىڭ باغرىغا ئاتتى. ئانا بالا ئاخىر كۆرۈشتى بىر-بىرىنىڭ مېھرىگە ئازراق بولسىمۇ قاندى. كۈنلەر مۇشۇ تەرىقىدە ئۆتۈۋاتاتتى. بالا پات-پات ئانىسىنى يوقلاپ كېلەتتى. ئۇ ئون سەككىز ياشقا كىردى. يىگىت بولۇپ قالغانىدى. ئانا بالىسىغا قارىغانسېرى ئۇنىڭغا مەسلىكى كېلەتتى. ئانىنىڭ كۆزى تەگدىمۇ بۇ خۇشاللىق كۈنلەر بەربات بولۇپ كەتتى.
دوستلىرى بىلەن موتىسىكىلىت مىنىپ كېتىۋاتقان بالا يان تەرەپتىكى يولدىن چىققان ئېشەك ھارۋىسىدىن موتسىكلىتىنى قاچۇرىمەن دەپ يولنىڭ ياقىسىدىكى تۆمۈر تۈۋرۈككە ئۈسۈۋېلىپ ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئوغلىنىڭ ئۆلۈم خەۋەرنى ئاڭلىغان ئانا بىر ھوشىدىن كەتتى. تۇتقاقلىق كېسىلى بار بولغاچ بىرەر تۇيۇقسىز خەۋەرنى ئاڭلىسا كېسىلى دائىم تۇتۇۋالىدىكەن. بالىنىڭ نامىزى كۈنى ئىككى قېتىم ھوشىدىن كەتتى. شۇ كۈندىكى ئانىنىڭ يىغىسىغا ئادەم چىداپ تۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.
ئانا، بالىسىدىن ئايرىلدى، ئەمدىلا ئانىلىق مېھرى كۆرگەن بۇ بەختسىز دۇنيادىن مەڭگۈگە خوشلاشتى……

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 2 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    شاھبالام 2011-02-19 08:56

    تۈگىدىما؟!……………..
    ئۇف…….
    مەنمۇ ئانامنى تېپىپ ئەمدى بالىلىقنى يەتكۈزەي دېگەن چېغىمدا شۇنداق بولدى.
    دادىلارنىڭ، ئانىلارنىڭ كۆڭلىگە ئېنساب ئاتا قىلسۇن…
    مانا ئەمدى دادا بولغان چېغىمدا بالامغا چوڭ ئانا، ئانامغا نەۋرىسىنى كۆرسىتەلمەي يۈركىم لەختە…

    جۇلالىق

    سەبىر قىلىڭ، ھەمدە ئانىڭىزنى ياد ئېتىڭ!