ئانىنىڭ ئاجىزلىقى

ھايات تەلقىنلىرى 2011-02-10 21:35 1,803 0

ئانىنىڭ ئاجىزلىقى

ساڭا ئاق-قارىنى ئايرىشنى ئۆگىتىمەن، ئەمما، ھەر بىر ئىشتا سەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرالمايمەن.
ساڭا چىرايلىق كۆينەكلەرنى ئېلىپ بېرەلەيمەن، ئەمما، گۈزەل پاك قەلبىڭگە كاپالەتلىك قىلالمايمەن.
سېنى نۇرغۇن ئىشلار ھەققىدە ئاگاھلاندۇرالايمەن، ئەمما، ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىش سالماسلىقىڭغا مەن بىر نېمە دېيەلمەيمەن.
ئانىلىق قەلبىمدە سېنى سۆيىمەن، لېكىن، مېنى ئانا ئورنىدا كۆرۈپ ھۆرمەتلىتىشكە ئامالسىزمەن.
جامائەت بىلەن بارنى تەڭ كۆرۈشكە دەۋەت قىلىمەن، لېكىن، سېخى ھاتەملەردىن بولۇشقا مەجبۇرلىيالمايمەن.
باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىتىمەن، ئەمما،بىراۋغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ئۆزۈڭنىڭ ئىختىيارلىقى.
قانداق دوستلىشىشنى ئۆگىتىمەن، ئەمما، قانداق دوست تاللاش ئۆزۈڭدىن.
شەھۋەتتىن، يامان ئادەملەردىن يىراق تۇرۇشقا ئۈندەيمەن، ئەمما شەرم-ھايانى ساڭا «چاپلاپ» قويالمايمەن.
ساڭا ئەخلاق ھەققىدە تەلىم بېرىمەن، لېكىن ئەخلاقلىق بولۇش ئۆزۈڭدىن.
ساڭا تاماكا ۋە ھاراقتىن ھەزەر ئەيلەشنى ئۆگىتىمەن، لېكىن، ساڭا ۋاكالىتەن ئۇ نەرسىلەرگە «ياق»دېيەلمەيمەن.
«زەھەر»گە يېقىن يولىماسلىقنى ئاگاھلاندۇرىمەن، ئەمما ۋاقتى كەلگەندە ئۇنى سەندىن ئايرىشقا قۇربىم يەتمەيدۇ.
ساڭا ئۇلۇغۋار غايىنىڭ نېمىلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىمەن، ئەمما، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا مېنىڭ قۇربىم يەتمەيدۇ.
باشقىلارغا سەمىمىي ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىشىڭنى ئۈمى قىلىمەن، ئەمما ھەممىگىلا «ئىللىق چىراي» ئېچىشقا زورلىيالمەيمەن.
سېنى ئارتۇقچىلىقى كەمچىلىكىدىن كۆپ ئادەم بولسۇن دەيمەنۇ، «مۇكەممەل ئادەم» قىلىشقا ئاجىزمەن.
سېنى سۆيىمەن بالام، ئەمما، بەخىتنى ئەھدى قىلالمايمەن.
سەن ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن، ئەمما، دۇئالىرىمنىڭ ئىجابەت بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالمايمەن.
ساڭا ھايات ھەققىدە سۆزلەپ بېرەلەيمەن، ئەمما، ھاياتىڭنىڭ «شەجەرىسى»نى مەن يازالمەيمەن.
سېنى سۆيىمەن، ئەبەدىل ئەبەت… دېگىنىم ھەق-ھەقىقەت قوزام!

ئېھتىبار قىز دۆلەت
شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى، 2010-يىل 6-سان
مەشغۇلاتتا: جۇلالىق.

تېخى ئىنكاس يېزىلمىدى ئىنكاس يېزىش