دادا سېنى سېغىندىم…

تەپەككۇر تامچىلىرى 2011-02-06 21:48 1,136 3

دادا سېنى سېغىندىم…

دادا سېنىڭ بىزدىن ئايرىلغىنىڭغا شۇنچە يىللار بولدى. سېنى ئەسلەپ، سېغىنىپ كەلدىم. ئاكا-ھەدىلىرىمدەك سېنىڭ مېھرىڭگە قانالمىغانىدىم.
مەھەللىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى سېنى شۇنداق چوڭ كۆرەتتى ھۆرمەتلەيتتى. سەن ھۆرمەتلىنىشكە لايىق ئېسىل پەزىلەتلىك كىشى ئىدىڭ. ياشتا سەندىن چوڭ بوۋايلار ئۆيىمىزگە كېلىپ سەندىن ئىش قىلىشتا مەسلىھەت ئالسا سېنىڭ ئەتراپلىق پىكىرلەرنى بەرگىنىڭگە قاراپ زوقلىناتتىم.
ئېسىڭدىمۇ دادا، مەن بەكلا كىچىك ئىدىم، ياز كۈنلىرى ئورما ئورۇپ بولغان مەزگىل ئىدى سېنىڭ تولا ئىشلەتكەنلىكىڭدىن پارقىراپ كەتكەن ئاراڭنى ئېلىپ بوغداي ئۈنچىلىرىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن ماڭدىڭ. دادا نەگە بارىسەن؟ مەن ئويناۋاتقان يېرىمدىن كېلىپ سورىدىم.
ئېتىزغا……..
مەنمۇ بىللە بارايمۇ دادا؟
ماقۇل بالام بارساڭ بارغىن، لېكىن بېرىپ بولۇپ ئۆيگە كېتىمەن دەپ مېنى خاپا قىلما!
ماقۇل دادا، دادامغا ئەگىشىپ ئېتىزغا باردىم. بوغداي ئۈنچىلىرىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن ئېڭىزلارنى قىرىۋېتىپ خامان قىلغان يەرنىڭ قاشتا دادامنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا قاراپ ئولتۇردۇم.
دادام ئىشلارنى شۇنداق كۆڭۈل قويۇپ قىلىۋاتاتتى. يازنىڭ پىژغىرىم ئاپتىۋى دادامنىڭ ئۇچىسىنى كۆيدۈرەتتى، پىشانىسىدىن سۇ قۇيۇلۇپ كەتكەنىدى. دادام تاكى كۈن قىيسايغىچە جاپالىق ئىشىلىدى. ئاخىرى ئۆيگە قايتتۇق.
مەنمۇ چوڭ بولدۇم، سەن دائىم دەيتتىڭ بۇ قىزىم ئەقىللىق بالا بولدى. ئۇنىڭ ئوقۇۋاتقان ئىلمىدە كامالەتكە يەتكىنىنى بىر كۆرسەم ئىدىم. تولىمۇ ئەپسۇس دادا مەن، كۈتكەن ئۈمىدىڭدىن چىقىپ بولغىچە بىز بىلەن خوشلاشتىڭ. ھەم سەن كۈتكەندەك ئىلىمدە كامالەتكە يېتەلمىدىم. سېنىڭ مەندىن كۈتكەن شۇ ئارزۇيۇڭنى ھەر بىر ئويلىسام بىئارام بولىمەن. مەن ئىرادىسىز، يارامسىز ئەمەس دادا، ھامان بىر كۈنى سېنىڭ كۈتكەن يېرىڭدىن چىقىمەن. ئىگىمىزدىن ماڭا مۇشۇ يولدا ئاسانلىق بېرىشىنى ھەر ۋاقىت تىلەيمەن.
كۈز كىرەي دېگەن بىر كۈنى ساڭا بۇ ۋەھىمىلىك كېسەل تەگدى، بىر يىلغىچە سېنى ئاپارمىغان دوختۇرخانا قالمىدى. بۇ ساقايماس كېسەل ئاخىرى سېنى بىزلەرنىڭ قېشىمىزدىن ئېلىپ كەتتى.
سېنىڭدىن ئايرىلغاندىن كېيىن قانىتى سۇنغان قۇشتەك بولۇپ قالدۇق، يىغلىدۇق. يەنىلا ئىگىمىزدىن سەبرى تىلىدۇق. سېنىڭ ئاخىرەتلىكىڭنىڭ ياخشى بولۇشىنى، ئىگىمىزنىڭ گۇناھلىرىڭنى مەغپىرەت قىلىشىنى تىلىدۇق، ئىلتىجا قىلدۇق.
دادا، شۇنچە جاپالار بىلەن چوڭ قىلغان قىزىڭ، بالىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىپ بولغىچە مەندىن ئايرىلىپ كەتتىڭ، دادىنىڭ قەدرىگە تېخى يەتمىگەنىدىمغۇ؟!
ھازىر پەقەتلا قىلالايدىغىنىم سېنى ئەسلەپ تۇرۇش خالاس!

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 3 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    يۈكسەل 2011-02-08 11:58

    دادىڭىزنىڭ كېيىنلىكى خەيىرلىك بولسۇن! شەپقەتلىك دىن سىزگە سەبرى تىلەيمىز. ئاتىڭىزغا كۆپ ياخىشى گەپ قىلىڭ!

  •   #2  

    دىلروھ 2011-02-09 08:44

    ئادەمنى يىغلىتىپ

    جۇلالىق

    ئەزىزلەرنىڭ ياخشى تىلەكلىرىگە رەھمەت، تىن سەبرى تىلەيمەن!