نىران خانىدانلىقى(23)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (23) ئايچىۋەر ئۆيلەرنى تازىلاپ پاكىزە قىلىۋەتتى. ئۇنىڭغىچە ئەركىنمۇ ئىشلىرىنى تۈگىتىپ كىردى. ــ ئېگىز دەرخنى ئورمانلىقنىڭ مەنزىرىسىنى سېغىنمىدىڭىزمۇ؟،ــ ئەركىن بايىلا يۇيۇپ كىرگەن ھۆل قولىنى كارىۋاتنىڭ ئۈستىدىكى رەخىتكە سۈرتكەچ. ــ سېغىنماي قالامتىم. ئېگىزدىن ئورماننىڭ مەنزىرىسىنى كۆرۈشنى ئەڭ سېغىندىم. مېنىڭ ئىشلىرىممۇ تۈگىدى بېرىپ كېلەمدۇق؟ ــ بولىدۇ، مەن ئاتلارنى تەييار قىلاي. ئىككەيلەن چوڭ دەرەخ يېنىغا […]

نىران خانىدانلىقى(22)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (22) ئەتىسى سەھەر ئوردا قۇبۇلخانىسى. ئايچىۋەر تۇنجى شاھلىق تەختىگە ئولتۇرغان كۈندىكىدەك تەختنىڭ ئوڭ تەرىپىدە خانلىق شەمشەرنى تۇتۇپ تۇراتتى. تەختنىڭ سول تەرىپىدە بولسا ئابدۇراھمان بار ئىدى. بۈگۈن ئارسلان ئوردىغا كەلمىگەنىدى. ھەممە ۋەزىرلەرنىڭ كېلىپ بولغانلىقىنى كۆرگەن ئايچىۋەر سۆزىنى باشلىدى. ــ خان ئاتام تۈگەپ كەتكەندىن بۇيان پىشقەدەم ۋەزىرلەر ۋە دوستلىرىم ماڭا ھەر تەرەپتىن ياردەمدە […]

نىران خانىدانلىقى(21)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (21) ئايچىۋەر كەتكەندىن بېرى ئەركىننىڭ قولى ئىشقا بارمىدى. ھەر كۈنى ھېلىقى ئېگىز دەرەخكە چىقىپ ئەتراپنىڭ مەنزىرىسىگە قاراپ ئولتۇراتتى. نېمىشقىدۇر كۆڭلىدە ئايچىۋەر بىر كۈنلەردە ئورمانلىقنىڭ مەنزىرىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن كېلىدىغاندەكلا ھېس قىلاتتى. مۇشۇ كۈنلەردە ئۆزىگە نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي قالدى. ئايچىۋەر ئوردىغا قايىتىپ كېلىپ ئىشلارنى بىرەر قۇر ئورۇنلاشتۇردى، قالغان ئىشلارنى ئابدۇراھمانغا تاپشۇردى. ئۇ بۈگۈن […]

نىران خانىدانلىقى(20)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (20)   ئوردىدا ۋەزىرلەر دۆلەت خەزىنىسىنىڭ ئالدىنقى يىلدىكىدىن خېلىلا تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى ۋە ئۇنى قانداق قىلىپ تۇلۇقلاش توغرۇلۇق مەسلىھەت قىلىۋاتاتتى. جاكارچىنىڭ «ئايچىۋەر مەلىكە قايتىپ كەلدى» دەپ توۋلىشى ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇرىۋەتتى. ھەممە ئوردا ئىشىكىگە كۆز تىكتى. ئىككى كۈنلۈك مۆھلەت بەرگەن ئەتە شاھلىق تەختىنى قولۇمغا ئالىمەن دەپ مەغرۇرلىنىپ كەتكەن توغرۇل ئولتۇرغان يېرىدىن ئەندىكىپ تۇرۇپ […]

كەچكى شەپەق

كەچكى شەپەق ئۆيىمىزنىڭ بالىكونىغا چىقىپ قۇياشنىڭ پېتىۋاتقان ھالىتىگە قاراپ ئولتۇردۇم، قۇياشنىڭ كەچكى شەپەق نۇرى بەكلا گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلغانىدى. كەچكى شەپەق نۇرىدا بەزى بۇلۇتلار ئوتقاشتەك قىزارغان يەنە بەزىلىرى بولسا سارغۇچ رەڭلەرگە كىرگەنىدى.سەل قارايغان بۇلۇتلار ئارىسىدىكى سارغۇچ بۇلۇتلار كۈچلۈك بىر نۇر ئېقىمى ئېتىلىپ چىقىدىغاندەك بىر خىل كۆرۈنەتتى. قۇياش بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى تۈگۈتۈپ ئارام ئېلىش ئۈچۈن قايتماقتا. […]

نىران خانىدانلىقى(19)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (19)   ئابدۇراھمان بىلەن ئارسلان ئوردىغا كىردى. ئوردىدا توغرۇل تەخىتنىڭ سول يېنىدىكى ئورۇندا مەغرۇرلۇق بىلەن ئولتۇراتتى. ئابدۇراھمان تەخىتنىڭ ئوڭ يېنىدىكى ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردى. ھەممەيلەنگە ئولتۇرۇشقا ئىجازەت بەردى. ئابدۇراھمان كېڭىشىدىغان ئىشلار بارمۇ دەپ ئېغىز ئېچىشقا تەمشىلىۋېدى ئۇنىڭغىچە توغرۇل گەپ قىلدى. ــ ئارسلان، ئايچىۋەرنى تېپىپ كېلەلىدىڭمۇ؟ ئايچىۋەر قېنى؟،ــ توغرۇل مەسخىرە ئارىلاش كۈلدى. ــ […]

نىران خانىدانلىقى(18)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (18)   ئايچىۋەر بىلەن ئەركىن ئەتراپنىڭ ياپ-يېشىل گۈزەل مەنزىرىلىرىدىن ھوزۇرلانغاچ قىزىق پاراڭلارنى قىلىشىپ مېڭىۋاتاتتى. ئاتلار ئۆز مېڭىشىدا ئالدىرىماي ماڭماقتا. ئەركىن ئوچۇق-يۇرۇق خۇشچاخچاق يىگىت ئىدى. ئۇ ئادەمنى كۈلدۈرىدىغان سۆزلەرنى توختىماي قىلىپ ئايچىۋەرنى تولا كۈلدۈرۈپ ھاردۇرىۋەتتى. ــ ئەركىن، سىز نېمىشقا بۇ ئادەم يوق ئورمانلىقتا يالغۇز ياشايسىز؟ ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭىز يوقمۇ؟،ــ ئايچىۋەرنىڭ ئەركىن توغرۇلۇق ھەممىنى […]