نىران خانىدانلىقى(30)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (30) ئايچىۋەر ئەركىنگە يۆلەنگىنىچە ئولتۇرۇپ ئۇيقىغا كەتتى. ئەركىننىڭ ئۇيقۇسى كېلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇ بارلىق ئىشلارنى بىر-بىرلەپ خىيال ئەينىكىدىن ئۆتكۈزۈپ چىقتى. ئۇنىڭ ئەڭ خۇشال كۈنلىرى ئايچىۋەر بىلەن بىرگە بولغان كۈنلىرى ئىدى. بۇ كۈنلەرنىڭ داۋاملىشىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلاتتى. بىراق، رىئال تۇرمۇش ئىنساننىڭ رايىغا باقمايتتى. ئەركىن كۆڭلىدە نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلىدى. تاڭ ئاتتى. قۇياش بۇلۇتلارنى […]

نىران خانىدانلىقى(29)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (29) مەن تىۋىپنىڭ يېنىدىن قانداق يېنىپ چىقتىم بىلمەيمەن. بىر چاغدا قارىسام كوچىدا مېڭىۋېتىپتىمەن. ــ بۇ مۇمكىن ئەمەس؟! ئوسمان ئاتامنىڭ قول بېرىشكەن قېرىندىشى تۇرسا ئۇ قانداقمۇ ئاتامنى قەستلىسۇن؟ مەن ئاشۇنداق خىياللارنى قىلىپ يۈرۈپ ئۆيگە كېلىپ قالغىنىممۇ سەزمەي قاپتىمەن. ئۆيگە كىرىپ ئاتامنىڭ مۇشۇ شەمشىرىنى قولۇمغا ئالدىم. ئوسماننىڭ ئۆيىگە كىردىم ئۇ يوق ئىدى. ئارقا […]

نىران خانىدانلىقى(28)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (28) شۇنداق قىلىپ ئوسمان بىزنىڭ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى ئاتامنىڭ ئەڭ يېقىن بۇرادىرى مېنىڭ ئاتامدىن قالسا ئەڭ يېقىن ئادىمىم بولۇپ قالدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىزنىڭ «ھىلال ئاي» مەزھىپىنىڭ نامى سىزنىڭ ئاتىڭىز يەنى ھۈسەيىن خاننىڭ دىققىتىنى تارتىپتۇ. بەلكىم خانغا ۋەزىرلەر «ھىلال ئاي» مەزھىپىدىكىلەرنىڭ نامراتلارغا يار-يۆلەك بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگەن بولسا كېرەك. خان ئاتىڭىز […]

نىران خانىدانلىقى(27)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (27) بۇ ئادەملەر بىلەن ئېلىشىپ سەل چارچىغان ئەركىن ئىشىك ئالدىدا يەردە ئولتۇردى. چىرايىنى قورقۇنچ قاپلىۋالغان ئايچىۋەرمۇ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ شەمشىرىنى يېنىدا قويۇپ ئولتۇردى. ــ بۇ ئادەملەر كىم؟ نېمىشقا بىزگە قەسىت قىلىدۇ؟،ــ ئايچىۋەر ئەركىننىڭ پېشانىسىدىكى تەرلىرىنى سۈرتكەچ. ــ «ھىلال ئاي» مەزھىپىنىڭ ئادەملىرى سىزنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلارمۇ شۇلار ئىدى.،ــ ئەركىن بۇ ئىشلارنى ئايچىۋەردىن يۇشۇرغىنىغا […]

نىران خانىدانلىقى(26)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (26)  ئايچىۋەر ئۆيلەرنى يىغىشتۇرۇۋېتىپ تاماق قىلىپ ئەركىننى ساقلاپ ئولتۇرغان ئىدى. يىراقتىن ئەركىننىڭ قارىسى كۆرۈندى. ئايچىۋەر ئىشىك ئالدىغا چىقىپ ئەركىننىڭ خالتىلارنى چۈشۈرۈپ جايلاشتۇرۇشىغا ياردەملىشىپ ئۆيگە بىللە كىرىپ تاماققا ئولتۇردى. ــ بۈگۈن ئورمانلىقتا كىمنى ئۇچراتتىم بىلەمسىز؟،ــ ئەركىن ئايچىۋەرنى قىزىقسىندۇرۇپ سورىدى. ــ كىمنى ئۇچراتتىڭىز؟،ــ ئايچىۋەر بۇ ئورمانلىقتا بىزدىن باشقا ئادەم بولمىسا يەنە كىمنى ئۇچراتماقچىدىڭىز […]

نىران خانىدانلىقى(25)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (25) ئوسمان ئارقا ھويلىغا ئۆتۈپ ئادەملىرىنىڭ ھەممىنى يىغدى. ــ بۈگۈن ھەممىڭلارغا ۋەزىپە بار. سىلەر ئورمانلىققا بېرىپ ئىككە تەرەپكە بۆلۈنۈپ ئەركىن بىلەن ئايچىۋەرنى تېپىڭلار! ئۇ ئىككىسنى تاپقان ھامان ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار! ئەركىن ھەرگىز ھايات قالمىسۇن ئۇنىڭ ئۆلگىنىنى چوقۇم كۆرىشىم كېرەك.،ــ ئوسماننىڭ قىسىق كۆزلىرىدىن زەھەرخەندىلىك ئۇچقۇنلىرى چاقنىدى. ئوسماننىڭ ئادەملىرى ئورمانلىقنى خېلىلا ئىنچىكىلىك بىلەن ئاختۇرغان بولسىمۇ […]

نىران خانىدانلىقى(24)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (24) ئايچىۋەر كېتىپ ئارسلان جىمىپلا كەتتى. ئوردىغىمۇ كىرمەي قىرائەتخانىسىدىن تۈزۈك چىقمىدى. ئوردىنىڭ ئىشلىرىنى ئابدۇراھمان چامىنىڭ يېتىشىچە قىلىۋاتاتتى. توغرۇل پۇرسەتنىڭ كەلگەنلىكىنى شاھلىق تەختىنى قولغا ئالسا بولىدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ ئاستىرىتتىن ھەركەتلەرنى قىلماقتا ئىدى. ئارسلان توغرۇلنىڭ ھەرىكەتلىرىنى سېزىپ تۇرسىمۇ ئارتۇقچە تەدبىر قوللانغۇسى كەلمىدى. بەرىبىر خەلقنى قايىل قىلالايدىغان ئايچىۋەر يوق. ئۇنىڭ گېپىنى كىم ئاڭلايدۇ؟ ئايچىۋەر […]