نىران خانىدانلىقى(30)

تارىخ سەپىرىدە 2012-05-18 01:02 1,167 0

نىران خانىدانلىقى

(تارىخى ھېكايە)

(30)

ئايچىۋەر ئەركىنگە يۆلەنگىنىچە ئولتۇرۇپ ئۇيقىغا كەتتى. ئەركىننىڭ ئۇيقۇسى كېلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇ بارلىق ئىشلارنى بىر-بىرلەپ خىيال ئەينىكىدىن ئۆتكۈزۈپ چىقتى. ئۇنىڭ ئەڭ خۇشال كۈنلىرى ئايچىۋەر بىلەن بىرگە بولغان كۈنلىرى ئىدى. بۇ كۈنلەرنىڭ داۋاملىشىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلاتتى. بىراق، رىئال تۇرمۇش ئىنساننىڭ رايىغا باقمايتتى. ئەركىن كۆڭلىدە نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلىدى.

تاڭ ئاتتى. قۇياش بۇلۇتلارنى يېرىپ شەپەق نۇرىنى ئورمانلىققا چاچماقتا ئىدى. ئايچىۋەرنى تۇتۇپ ئولتۇرغان ئەركىننىڭ قولى تېلىپ كەتتى. قولىنى ئازراق يۆتكىۋېدى ئايچىۋەر ئويغۇنۇپ كەتتى. ئەركىن ئۇنىڭ چۇۋۇلغان چاچلىرىنى ئوڭشاپ قويدى.

ئەركىنگە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ راھەتتە ئۇخلىغان ئايچىۋەرنىڭ ھاردۇقى خېلى چىقىپ قالغانىدى.

ــ مەڭگۈ سىزگە مۇشۇنداق يۆلىنىپ ئولتۇرسام دەيمەن،ــ ئايچىۋەر كۆزلىرىنى يۇمدى.

ئەركىن ئۇنىڭ چىرايىغا تىكىلىپ قارىدى. ئايچىۋەر بەكلا چىرايلىق ئىدى. ئەركىن ئۆمرىدە بۇنداق چىرايلىق قىزنى كۆرۈپ باقمىغان. تەقدىرنىڭ قانداق بولۇپ بۇ قىزنى ئۆزىگە ئۇچراشتۇرغىنىغا ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشقا مۇيەسسەر قىلغىنىغا ئۆزىنىڭمۇ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى.

ــ ئايچىۋەر، مەن كۆپ ئويلاندىم. سىز ھازىرقى جىددىي پەيىتتە ئوردىغا قايتىشىڭىز كېرەك.

ئايچىۋەر بېشىنى كۆتۈرۈپ ئەركىنگە قارىدى.

ــ نېمىشقا؟ مەن ئىشلارنى ئارسلان ئاكام بىلەن ئابدۇراھمان تاغامغا تاپشۇرۇپ بەردىم. ئۇ ئىككىسى ئىشلارنى ياخىشى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. مېنىڭ ئەمدى بۇ جېدەل-ماجرالارغا ئارلاشقۇم يوق. مېنىڭ سىز بىلەن بۇ يەردە تىنىچ-خاتىرجەم ياشىغۇم بار،ــ دېدى ئايچىۋەر ئەركىننىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ.

ــ سىىزنىڭ مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى خاتىرجەم بىللە ياشىشىمىزنى قانچىلىك ئارزۇ قىلىدىغانلىقىڭىزنى ئوبدان بىلىمەن. ھەممىنى نۇرغۇن ئادەم ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان شاھلىقنى تاشلاپ مەن بىلەن بىرگە بولۇش ئۈچۈن ۋاز كېچەلىگەنلىكىڭىزدىن چەكسىز خۇرسەنمەن. بىراق، ئايچىۋەر بىلىشىڭىز كېرەك سىز ھۈسەيىن خاننىڭ قىزى نىران خانلىقىنىڭ تەخىت ۋارىسى. پۈتكۈل ئەل سىزدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىۋاتىدۇ. نىران خانلىقىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئەلنىڭ گۈللىشىنى سىزگە باغلىق. توغرۇل خانلىق تەخىتكە ۋارىسلىق قىلسا خەلقنىڭ ئۇنىڭ قولىدا ۋەيران بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىسىز. شۇڭا سىز ئۆز زىممىڭىزدىكى بۇ مەسئۇلىيەتتىن قاچىسىڭىز بولمايدۇ. ۋەتىنىمىز سىزگە موھتاج. سىز ئوردىغا قايتىپ ھۈسەيىن خاننىڭ سىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلىشىڭىز لازىم. شۇندىلا خان ئاتىڭىزغا خەلققە يۈز كېلەلەيسىز.،ــ ئەركىن ئايچىۋەرنىڭ ئىڭىنى ئالقىنىغا ئېلىپ ئۆزى تەرەپكە قاراتتى.

ــ نېمىشقا مەن ئاددىي ئادەمنىڭ قىزى بولۇپ قالمىدىم؟ شۇندىلا مېنى ھېچكىم ئاۋارە قىلمايتتى. ئۆزۈم ئارزۇ قىلغاندەك ياشايتتىم. راستىمنى دېسەم بۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستەمگە ئېلىشتىن قورقىمەن. بەزىدە شۇنداق ئاجىز بولۇپ قالىمەنكى ئازراقلا خاپىلىق كەلسىمۇ كۆتۈرەلمەي قالىمەن.

ــ ئايچىۋەر، غەيرەت قىلىڭ! سىز چوقۇم قىلالايسىز. سىزدە خان ئەۋلادىنىڭ قېنى، جاسارىتى بار. مەن ئېتىڭىزنى تەييار قىلاي.،ــ ئەركىن ئورنىدىن تۇرۇپ ئات تەرەپكە ماڭدى. ئۇ بىردەمدە ئاتنى تەييار قىلىپ يىتىلەپ كەلدى. ئايچىۋەر ئاستا ئورنىدىن تۇردى.

ــ كېلىڭە! سىزنى ئۆزۈم مىنگۈزۈپ قوياي.،ــ ئەركىن شۇنداق دېگىنىچە ئايچىۋەرنى كۆتۈرۈپ ئاتقا مىندۈرۈپ قويدى.

ــ سىز خانلىقنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ ھەممە ئىشلار ئۆز جايىغا چۈشكەن ۋاقىتتا مەن سىزنى يوقلاپ بارىمەن، شۇ چاغدا قوغدىغۇچىلىرىڭىز سەندەك ئادەمنى تۇنۇمايمىز دەپ كىرگۈزمەمدۇ تېخى!،ــ ئەركىن قىزىقچىلىقنى يەنە باشلىدى.

ــ چوقۇم بارىسىز، ئوردىنىڭ ئىشىكى سىز ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئوچۇق. سىزنى ساقلايمەن.،ــ ئايچىۋەر كۆز يېشىنى يۇشۇراي دېسىمۇ يەنە يۇشۇرالمىدى.

ــ بولىدۇ چوقۇم بارىمەن. ئەمدى مېڭىڭ!،ــ ئەركىن ئاتنىڭ يايلىغا بىرنى سېلىۋېدى ئات يورغىلاپ مېڭىپ كەتتى.

ــ ئەركىن خوش! كۆرۈشكىچە ئامان بولۇڭ!،ــ ئايچىۋەر كەينىگە قاراپ توۋلىدى.

ئەركىن قولىنى پۇلاڭلىتىپ خوش دېدى.

داۋامى بار…

جۇلالىق

تېخى ئىنكاس يېزىلمىدى ئىنكاس يېزىش