نىران خانىدانلىقى(29)

تارىخ سەپىرىدە 2012-05-11 07:09 1,197 3

نىران خانىدانلىقى

(تارىخى ھېكايە)

(29)

مەن تىۋىپنىڭ يېنىدىن قانداق يېنىپ چىقتىم بىلمەيمەن. بىر چاغدا قارىسام كوچىدا مېڭىۋېتىپتىمەن.

ــ بۇ مۇمكىن ئەمەس؟! ئوسمان ئاتامنىڭ قول بېرىشكەن قېرىندىشى تۇرسا ئۇ قانداقمۇ ئاتامنى قەستلىسۇن؟

مەن ئاشۇنداق خىياللارنى قىلىپ يۈرۈپ ئۆيگە كېلىپ قالغىنىممۇ سەزمەي قاپتىمەن. ئۆيگە كىرىپ ئاتامنىڭ مۇشۇ شەمشىرىنى قولۇمغا ئالدىم. ئوسماننىڭ ئۆيىگە كىردىم ئۇ يوق ئىدى. ئارقا ھويلىدىكى مەشىق مەيدانىغا باردىم. يىگىتلەرنىڭ مەشىق قىلغىنىغا قاراپ ئولتۇرۇپتىكەن. بېرىپلا شەمشەرنى ئۇنىڭ گېلىغا تەڭلىدىم.

ــ ئېيتە! ئاتامنى نېمىشقا قەستلىدىڭ؟ ئۇ سېنى قۇتقۇزىۋالغان ئۆز يېنىدىن ئورۇن بەرگەنىدىغۇ؟ ئۇ سېنىڭ قول بېرىشكەن قېرىندىشىڭ ئىدى.،ــ ئۆزۈمنى قانچە تۇتۇۋالاي دېسەممۇ كۆز ياشلىرىممۇ ماڭا بويسۇنماي تاراملاپ تۆكۈلمەكتە ئىدى.

ــ ئوغلۇم ئەركىن، نېمە قىلىۋاتىسىەن؟ نەدىكى گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈيسەن؟،ــ دېدى ئوسمان شەمشەرنىڭ بىسىنى نېرىغا ئىتتەرگەچ.

ــ تولا ھىلىگەرلىك قىلما! سەن ئاتامنى قەستلەپ ئۆلتۈرىۋەتتىڭ. سەن بۇنى بۇرۇنلا پىلانلاپ قويغان. مەن ئەمدى سېنىڭ جېنىڭنى ئالىمەن، ئاتامنىڭ قىساسىنى ئالىمەن!،ــ شەمشەرنىڭ ئۇچىنى ئۇنىڭ گېلىغا سانچىدىم. ئۇ مىدىرلىيالماي قالدى. شۇ ئەسنادا بىرسى كەينىمدىن كېلىپلا قولۇمنى تۇتۇۋالدى. ياندىكى تۈۋرۈككە قولۇمنى ئۇرۇپ قولۇمدىن شەمشەرنى چۈشۈرىۋەتتى. كەينىمگە بۇرۇلۇپلا ئۇ ئادەمگە يۈزىگە بىر مۇشىت سالدىم. يەردىكى شەمشەرنى ئېلىپ ئوسمان تەرەپكە ماڭاي دېيىشىمگە مەشىق مەيدانىدىكى ئۇنىڭ ئادەملىرى ماڭا يۇپۇرۇلۇپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئىشىك تەرەپكە قاچتىم. ئۇلار كەينىمدىن قوغلاپ كەلدى. مەن قېچىۋېرىپ بىر تىك يارلىققا كېلىپ قاپتىمەن. كەينى تەرىپىم تىك يار ئالدىمدا مېنىڭ دۈشمەنلىرىم قىستاپ كەلمەكتە ئىدى. بۇ ئادەملەر تېزلا يېتىپ كەلدى. مەن بۇلار بىلەن ئېلىشمىسام بولمايدىغانلىقىنى پەملەپ ئاۋۋال ھۇجۇمغا ئۆتتۈم. ئاتامنىڭ ئۆتكۈر شەمشىرى بىلەن بىرىنىڭ بىلىكىنى يەنە بىرىنىڭ مۈرىسىنى چېپىۋەتتىم. بۇلار كۆپ بولغاچقا ھەممىسى ماڭا يۇپۇرۇلۇپ كەلدى. قايسى بىرىنىڭ شەمشىرى ئارقا سول مۈرەمنى كېسىۋەتتى. مەن ئايلانغاندەك بولۇپ لەيلەپ قالدىم. يەنە بىرسى كېلىپ قورساق تەرىپىمگە شەمشەر ئۇرىۋېدى. مەن ئۆزۈمنى قاچۇرغان بولساممۇ شەمشىرى قورسىقىمنى خېلى كۆپ تىلىۋەتتى. مەن تىك يارنىڭ لىۋىگە كېلىپ قالدىم. بىرسى مېنى تەپكىنىچە تىك ياردىن چۈشۈرىۋەتتى. كېيىن كۆزۈمنى ئاچسام تاغ باغرىدىكى بىر قويچى بوۋاينىڭ ئۆيىدە يېتىپتىمەن.

بوۋاينىڭ دىيىشىچە ئۇ تاغ باغرىدا قويلىرىنى بېقىۋاتقاندا مەن ئۇچراپ قاپتىمەن. ئۇ چاندا مەن يېرىم جان ھالەتتە ئىكەنمەن. بوۋاي مېنى ئېشىكىگە مىندۈرۈپ ئۆيىگە ئەكەپتۇ. مەن ساق بىر ھەپتە ھوشسىز يېتىپتىمەن. بوۋاي يارىلىرىمنى تېڭىپ داۋالاپتۇ. مەن ھۇشۇمغا كەلگەندىن كېيىن ئورنۇمدىن تۇرۇشقا تەمشىلىۋېدىم تۇرالمىدىم. مەن شۇ ياتقانچە بىر ئاي ياتتىم. بىر ئايدىن كېيىن ئانچە-مۇنچە سىرتلارغا چىقالايدىغان بولدۇم. مەن بۇ ئاقكۆڭۈل بوۋاينىڭ ئۆيىدە شبىر نەچچە ئاي تۇردۇم. كېيىن ئۆز تۇرمۇش يولۇمنى ئۆزۈم تېپىش ئۈچۈن بوۋاي بىلەن خوشلىشىپ يولغا چىقتىم. ئوسماننىڭ ئادەملىرىگە ئۇچراپ قالماسلىق ئۈچۈن ۋە كىشىلەردىن بەكلا كۆڭلۈم قالغاچقا ئادەم كۆپ يەردە ياشاشنى خالىماي مۇشۇ ئورمانلىقتا تۇرۇپ قالدىم. ئوسماننىڭ ئادەملىرى شۇ قېتىمدا مېنى ياردىن چۈشۈپ ئۆلۈپ كەتتى دەپ ئويلىغان ئوخشايدۇ قايتا ئىزدەپ كەلمىدى. ئۆتكەندە سىزنى قۇتقۇزىۋالغاندا بۇلار بىلەن ئېلىشقانىدىم. ئىچىدە «ھىلال ئاي» مەزھىپىنىڭ كونا ئادەملىرىدىن بىرسى بار ئىكەن مېنىڭ ماھارىتىمدىن تونۇۋالدى. شۇڭا بۇ قېتىم ئوسمان مېنى ئۆلتۈرۈشكە ئادەم ئەۋەتكەن گەپ. ھامان بىر كۈنى مۇشۇ شەمشەر بىلەن ئوسماننىڭ كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىلىپ ئاتامنىڭ قىساسىنى ئالىمەن.

ــ بۇ ئادەملەر نېمىشقا ماڭا قەسىت قىلىدۇ؟،ــ يەنىلا چۈشەنمىگەن ئايچىۋەر قايتۇرۇپ سورىدى.

ــ مېنىڭچە توغرۇل سىزنى ئۆلتۈرۈشكە ئوسماننى ياللىغان گەپ. بۇ ئىپلاس كۆپ پۇل بەرسە ئۆز ئاتا-ئانىسىنىمۇ ئۆلتۈرۈشتىن يانمايدۇ. ئۇ بۇ قېتىم سىزنى ھەم مېنى بىر يولىلا كۆزدىن يوقتىش ئۈچۈن كەلدى. ئەنسىىرىمەڭ سىزنى ئۆزۈم قوغدايمەن. مەنلا يېنىڭىزدا بولىدىكەنمەن بىرەرسى بىر تال مويىڭىزغا چىقىلالمايدۇ.،ــ ئەركىن ئايچىۋەرنىڭ قولىنى ئالىقانلىرى ئارىسىغا ئالدى.

ــ سىزنىڭ بۇنچە ئازاپلىق ئەسلىمىلىرىڭىز بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن. ھەممىنى ئۇنتۇپ كېتىڭ. خۇشال كۈنلەر تېخى ئالدىمىزدا بىز چوقۇم بەخىتلىك ياشايمىز،ــ ئايچىۋەر ئەركىننىڭ مۈرىسىگە بېشىنى قويدى.

ــ بۇنىڭغا ئىشىنىمەن. ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە ئىشىنىدىكەنمىز كەلگۈسىمىز پارلاق بولىدۇ.

داۋامى بار…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 3 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش