نىران خانىدانلىقى(28)

تارىخ سەپىرىدە 2012-05-06 22:59 1,185 0

نىران خانىدانلىقى

(تارىخى ھېكايە)

(28)

شۇنداق قىلىپ ئوسمان بىزنىڭ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى ئاتامنىڭ ئەڭ يېقىن بۇرادىرى مېنىڭ ئاتامدىن قالسا ئەڭ يېقىن ئادىمىم بولۇپ قالدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىزنىڭ «ھىلال ئاي» مەزھىپىنىڭ نامى سىزنىڭ ئاتىڭىز يەنى ھۈسەيىن خاننىڭ دىققىتىنى تارتىپتۇ. بەلكىم خانغا ۋەزىرلەر «ھىلال ئاي» مەزھىپىدىكىلەرنىڭ نامراتلارغا يار-يۆلەك بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگەن بولسا كېرەك. خان ئاتىڭىز ئۆزىنىڭ يېقىن ۋەزىرلىرىدىن بىرىنى ئاتامنىڭ ھوزۇرىغا ئەۋەتىپ «ھىلاي ئاي» مەزھىپىنىڭ ئاتىڭىزغا ئىشلىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىراق بۇنى باشقىلار بىلسە بولمايدىغانلىقىنى ھەركەتلىرىنىڭ مەخپىي خاننىڭ بۇيرۇقلىرى بويىچە بولىدىغانلىقى ئېيتىپتۇ. ھۈسەيىن خاننىڭ «ھىلال ئاي» مەزھپىدىكىلەرگە ئاساسلىق قىلغۇزىدىغان ئىشى ئوردىدىكى خانغا قارشى ئەمەلدارلارنىڭ ھەركەتلىرىنى سىرىتتىن يۇشۇرۇن كۆزىتىش ۋە پارىخورلارنىڭ ئەدىۋىنى «ھىلال ئاي» مەزھىپىدىكىلەرنىڭ قولى ئارقىلىق بېرىش ئىكەن.

ئاتام بۇنىڭغا ماقۇل بولۇپتۇ. گەرچە ئاتام خاننىڭ ئۆزى بىلەن يۈز-تۇرانە كۆرىشىپ باقمىغان بولسىمۇ ھۈسەيىن خاننىڭ ئەلنى ئادىللىق بىلەن سوراپ كېلىۋاتقانلىقىدىن بەكلا مەمنۇن ئىدى.

شۇنداق قىلىپ «ھىلاي ئاي» مەزھىپى خان ئۈچۈن ئىككى يىل خىزمەت قىلدى. خاننىڭ مەخپىي بۇيرۇقى بىلەن نۇرغۇنلىغان ئەمەلدار ۋە ھاكاۋۇر بايلارنىڭ جاجىسىنى بەردى. شۇ يىلى ئاتامغا نەدىن چاپلاشتى تۇرۇپلا بېشى قاتتىق ئاغرىيدىغان كېسەل چاپلاشتى. كۆرسەتمىگەن تىۋىپ قالمىدى. ئۆزىمۇ دورا ياساپ يەپ باقتى كار قىلمىدى. ئاتامنىڭ باش ئاغرىقى كۈنسېرى كۈچىيىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بېشى ئاغرىپ چىدىيالماي قالغاندا مەن ھەممىدىن بەك قورقۇپ كېتەتتىم. چۈنكى مېنىڭ ئاتامدىن باشقا ھېچكىمىم يوق ئىدى. ئاتام شۇنداق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىر ئەتىگىنى ئۇنىڭ قېشىغا كىردىم. ئاتام تام تەرەپكە قاراپ يېتىپتىكەن چاقىرسام جاۋاب قايتۇرمىدى بېرىپ مىدىرىتىشىمغا تاس قالدىم كەينىمگە ئۇچۇپ كەتكىلى ئاتامنىڭ كۆزلىرى ئوچۇق ئېغىزىدىن كۆپۈكلەر چىقىپ قالغان ھالدا ياتاتتى، نەپىسى ئاللىقاچان توختاپ قالغان چىرايى كۆكىرپ كەتكەنىدى. مەن يىغلاپ تۇرۇپ باشقىلارنى چاقىردىم ئوسمان قاتارلىقلار ھەممىسى كەلدى. تىۋىپ چاقىرىپ كېلىۋېدۇق. تىۋىپ بېشى قاتتىق ئاغرىغانلىقتىن مېڭىسىدە قان ئۇيۇپ قېلىپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. ئاتامنى يەرلىكىگە قويدۇق. مەن يالغۇز قالدىم.

ئاتام تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ئوسمان «ھىلاي ئاي» مەزھىپىنى پۈتۈنلەي قولىغا ئالدى ھەممە ئىش ئۇنىڭ بۇيرۇقى بويىچە بولاتتى. ئۇ ماڭا بۇرۇنقىدىن بەك كۆيىنىدىغان بولۇپ قالدى. مېنى ئۆز ئوغلىدەك كۆرەتتى مەنمۇ ئۇنى بەكلا ھۆرمەتلەيتتىم. ئوسمان مەزھەپكە ئاتامان بولۇپ يەنىلا ھۈسەيىن خانغا ئىشلىدى. كېيىن ئۇنىڭ نەپسى بارغانسېرى يوغىناشقا باشلىدى. ھۈسەيىن خان ئەۋەتكەن تەمىناتلارغا شۈكرى قىلماي باشقا ئەمەلدارلارغىمۇ ئىشلەپ كىم كۆپ پۇل بەرسە شۇنىڭ دۈشمىنىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشتەك قەبىھ ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈپتۇ. بۇنى ھۈسەيىن خاننىڭ خاس ئادەملىرى بىلىپ قالغان چېغى ئاتىڭىز تۇيۇقسىز بۇيرۇق چۈشۈرۈپ «ھىلال ئاي» مەزھىپىنى تارقىتىۋەتتى.

مەزھەپتىكى بۇرادەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھەر يانغا تارىلىپ كەتتى. كېيىن ئوسمان بىر قىسىم ناچار ئادەملەرنى ئۆز يېنىغا تارتىپ «ھىلال ئاي» مەزھىپىنىڭ نامى بىلەن ئەسكىلىكلەرنى قىلىپ يۈردى. مېنىڭ بۇنىڭغا قارىتا پىكرىم بار بولسىمۇ كىچىك بولغاچ ھەمدە ئوسماننى ئاتا ئورنىدا كۆرگەچكە ئۇنىڭدىن باشقا يېقىن ئادىمىم بولمىغاچقا گەپ قىلالمىدىم.

كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى. مەن يىگىرمىگە كىردىم. بىر كۈنى ئۇنىڭ قورسىقى ئاغرىپ قاپتىكەن ھېلىقى ئاتامنى كۆرسەتكەن تىۋىپنىڭ يېنىغا دورىغا باردىم. تىۋپ ماڭا دورىنى بېرىپ بولۇپ ئاتامنىڭ بۇرۇن باشقا كېسىلى بار يوقلۇقىنى سورىدى. مەن ئاتامنىڭ  باشقا كېسىلى يوقلۇقىنى پات-پات بېشى ئاغرىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتىم. تىۋىپ باش ھەر قانچە قاتتىق ئاغرىسىمۇ ئۇنداق تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتمەيدىغانلىقىنى دېدى. ئۇنىڭ ماڭا بىر نەرسىنى دېگۈسى باردەكلا قىلاتتى. مەن ھەر قانداق گەپ بولسا دەپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپ تۇرۇۋالدىم.

تىۋىپ ئاخىرى ئامالسىز ھەممىنى دەپ بەردى.

ــ سېنىڭ ئاتاڭ ماڭا كۆپ ياخشلىق قىلغان. ئۇ ۋاپات بولغاندا قىلغان ئىشىمغا ھازىرغىچە ئۆكۈنىمەن سېنى ھەر بىر كۆرسەم بەكلا خىجىللىق ھېس قىلىمەن. ئاتاڭنى باشقىلار قەستلىدى. ئاتاڭنىڭ ئىچىدىغان دورىسىغا زەھەر سېلىۋەتكەچكە ئاتاڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتتى.،ــ تىۋىپ خىجىللىقتىن بېشىنى كۆتۈرەلمىدى.

ــ ئاتامنى كىم قەستلىدى؟ ماڭا ئېيتىپ بېرىڭ؟،ــ تىۋىپنىڭ مۈرىسىدىن تۇتۇپ سىلكىشلىدىم.

ــ ئاتاڭ ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن ئاتاڭنىڭ قول بېرىشكەن قېرىندىشى ئوسمان يېنىمغا ئەڭ كۈچلۈك زەھەر تېپىپ بېرىشىمنى ئېيتىپ كەپتىكەن. مەن ئۇنىڭغا زەھەرنى تېپىپ بەرگەنىدىم. ئۇنىڭ ئاتاڭنى قەستلىشىنى كىم ئويلىغان دەيسەن بۇنداق بولۇشىنى بىلگەن بولسام ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ تېپىپ بەرمەس ئىدى.  ئاتاڭ ۋاپات بولغان كۈنى سەھەردە مېنى يەنە ئىزدەپ كەپتۇ. ئاتاڭنىڭ نېمە بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن تىۋىپ چاقىرىمىز دېسە مېنى ئاپىرىدىغانلىقىنى مېنىڭ ئۇنىڭغا بېشى ئاغرىپ مېڭىسىدە قان ئۇيۇپ قېلىپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ دېيىشىمىنى ئېيتتى. مەن ئۇنداق قىلالمايمەن دېسەم ئائىلەڭدىكىلەرنىڭ جېنى بىلەن ئويناشما دېگىنىمنى قىلمىساڭ مەندىن ياخشى كۆرمەيسەن دەپ تەھدىت سالدى. مېنى كەچۈرگىن ئوغلۇم، مەن ئالدىڭدا گۇناھكار.،ــ تىۋىپنىڭ كۆز ياشلىرى تاراملاپ چۈشەتتى.

داۋامى بار…

جۇلالىق

تېخى ئىنكاس يېزىلمىدى ئىنكاس يېزىش