نىران خانىدانلىقى(31)

تارىخ سەپىرىدە 2012-05-26 20:54 1,173 0

نىران خانىدانلىقى

(تارىخى ھېكايە)

(31)

ئارسلان ئەركىن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئازراق خاتىرجەم بولۇپ ئوردا تەرەپكە قاراپ ماڭدى. توغرۇلنىڭ ئادەملىرى ئارسلاننى ئىزدەپ شەھەرنى قېزىۋەتكەن بولسىمۇ ئۇنى تاپالماي قۇرۇق قول قايتىپ كەلدى. ئارسلاننى يوقاتمىغىچە كۆڭلى تىنمايدىغان توغرۇل بۈگۈن مىڭ كىشىلىك تاللانغان سەرخىل ئەسكەرلەرنى ئەگەشتۈرۈپ ئارسلاننى ئىزدەش ئۈچۈن چىقتى. چۈشتىن بۇرۇن ئەتراپتىكى كەنىتلەرنىڭ بىرىنىمۇ قويماي ئاختۇردى. ئارسلاننى يەنىلا تاپالمىدى. تۇرۇپلا توغرۇلنىڭ خىيالىغا ئورمانلىق كېلىپ قالدى. ئايچىۋەر ئورمانلىق تەرەپتە ئادەملىرىنىڭ كۆزىدىن غايىپ بولدى. ئارسلان ئايچىۋەرنى ئىزدەپ ماڭغان بولسا ئۇ چوقۇم ئورمانلىقتا بار. توغرۇل ئادەملىرىنى ئورمانلىقنىڭ ئەتراپىنى ئىزدەشكە بۇيرۇق چۈشۈردى.

ئوسماننىڭ ئەركىن بىلەن ئايچىۋەرنى ئىزدەش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئادەملىرىنىڭ بىرقانچىسى قۇرۇق قول قايتىپ كەلدى. يەنە بىر نەچچىسىدىن ھازىرغىچە خەۋەر يوق ئىدى. چۈشكە يېقىن ئارسلاننى ئۆلتۈرۈشكە بېرىپ قېچىپ كەتكەن ئادەم ھېرىپ ماجالى قالمىغان ھالدا قايتىپ كەلدى ۋە ئوسمانغا بولغان ئىشلارنى ئىككى ھەمرايىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى يەتكۈزدى. ئەركىننىڭ ئادەملىرىنى ئۆلتۈرىۋەتكەنلىكىنى ئۇنىڭ تېخىچە ھايات ئۆلتۈرۈلمىگەنلىكىنى بىلگەن ئوسماننىڭ ئەرۋايى قىرىق گەز ئۇچتى. ئادەملىرىنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ يولغا چىقىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. ئون بەشتەك ئادەمنى باشلاپ ئېتىغا مىنىپ ئورمانلىق تەرەپكە ماڭدى.

ئەركىن ئايچىۋەرنى ئۇزىتىپ قويۇپ ئۆيىگە كىرىپ ئاتىسىنىڭ شەمشىرىنى قولىغا ئېلىپ سۈرتتى. شەمشەرنىڭ پارقىراقلىقىدىن ئادەمنىڭ چىرايىنىمۇ كۆرگىلى بولاتتى. ئوقدىنىنى قولىغا ئېلىپ مۈرىسىگە ئاستى ياچاقنى يېنىدا قويۇپ شەمشەرنى يەنە سۈرتۈشكە باشلىدى. ئەركىن ئوسماننىڭ ئۇنى ئىزدەپ كېلىدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا ئايچىۋەرنى كەتكۈزىۋەتكەن ئىدى. ھەم ئايچىۋەر خانلىقنى بۇنداقلا تاشلاپ قويسا بولمايتتى. ئۇ ئارسلانغا ئايچىۋەرنى قوغدايمەن دەپ ۋەدە بەرگەن بۇ ۋەدىسىدە تۇرمىسا بولمايدۇ. ئايچىۋەردىن ئايرىلغۇسى يوق تۇرۇپ ئۇنى يەنىلا كەتكۈزىۋەتتى. ئايچىۋەر ئەلنىڭ باشپاناھى ئۇنىڭغا بىرەر خەتەر يېتىپ قالسا ئەل پاناھسىز قالىدۇ. شۇڭا ئەركىن جېنىنى تىكىپ تۇرۇپ بولسىمۇ ئايچىۋەرنى قوغدايدۇ.

بىردىنلا شەمشەردە ئوسماننىڭ چىرايى پەيدا بولدى. ئەركىننىڭ نەپرىتى تېخىمۇ ئاشتى. بۈگۈن ئوسمان بىلەن ھىساپ-كىتاپنى چوقۇم قىلىشى كېرەك.

ئايچىۋەر ئاتقا توختىماي قامچا ئۇراتتى. ئەنە ئوردىنىڭ ئىشىكى كۆرۈندى. ئوردا قاراۋۇلى يىراقتىنلا ئايچىۋەرنى تونۇپ ئىشكىنى ئاچتى. ئايچىۋەر ئاتقا قامچا ئۇرغان پېتى ئۇچقاندەك ئوردىغا كىرىپ كەتتى. كىرىپ ئېتىدىن چۈشۈپلا ئۇدۇل ئوردا قۇبۇلخانىسىغا كىردى. قۇبۇلخانىدا ئىككى پىشقەدەم ۋەزىردىن باشقا ئادەم يوق ئىدى. ئايچىۋەرنى كۆرۈپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى. ئايچىۋەر ئولتۇرۇڭلار دەپ ئىشارەت قىلدى. ئىككەيلەن بولغان ئىشلارنى ئابدۇراھماننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى توغرۇلنىڭ تەخىتكە چىققانلىقىنى ئارسلاننىڭ نەچچە كۈندىن بېرى يوقاپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ئايچىۋەر بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ يىغلاپ تاشلىدى. ئابدۇراھمان ئۇنىڭغا ئۆز ئاتىسىدەك كۆيۈنەتتى. تەخىتنىڭ كەينىدىكى نىران خانلىقىنىڭ مۇقەددەس شەمشىرىنى ئالدى،ــ دە. ۋەزىرلەرنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپ چىقىپ كەتتى.

ئۆيىگە كىرىپ ئەينى ۋاقىتتا خان ئاتىسى بىلەن بىللە جەڭگە چىققان ۋاقتىدا كىيگەن دۇبۇلغا-ساۋۇتلىرىنى كىېيىپ تولۇق قوراللاندى. ئېتىغا مىنىپ ئوردا دەرۋازىسىدىن چىقىپ كەتتى.

شەمشەرنى توختىماي سۈرتىۋاتقان ئەركىن سىرىتتكى ئاۋازلارغا دىققەت قىلدى. سىرىتتىن نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئاستا مېڭىپ كېلىۋاتقان تاۋۇشى كېلىۋاتاتتى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ياچاقنى بەتلىدى. ئىشىكنى قىيا ئېچىپ قارىۋېدى. ئوسمان ئادەملىرى بىلەن ياغاچ ئۆينى قورشاپ يۇپۇرۇلۇپ كەلگەنىدى.

داۋامى بار…

جۇلالىق

تېخى ئىنكاس يېزىلمىدى ئىنكاس يېزىش