نىران خانىدانلىقى(32)

تارىخ سەپىرىدە 2012-05-27 19:06 1,186 0

نىران خانىدانلىقى

(تارىخى ھېكايە)

(32)

ئەركىن ئىشىكنى ئېچىۋېتىپلا بىرسىگە ئوق ئۈزدى. ئوق ئۇ ئادەمنىڭ سول كۆزىگە تىگىپ يىقىلدى. ئوسمان ئادەملىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇق بەردى. بۇلارمۇ ئوقلىرىنى بەتلەپ ئېتىشقا باشلىدى. ئەركىن ئىشىكنىڭ كەينىگە ئۆتۈپلا دالدا قىلدى. بۇلاربارغانسېىرى يېقىنلاشماقتا ئىدى. ئەركىن شەمشەرنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە ئېتىلىپ چىقتى. چىقىپلا ئېلىشىپ ئىككىسىگە شەمشەر ئۇرۇپ يىقىتتى. شۇ ۋاقىتتا ئېتىلغان بىر تال ئوق ئەركىننىڭ ئوڭ كۆكرىكىگە تەگدى. ئەركىن ئوقنى تەستە سۇغۇرۇپ ئېلىۋېتىپتا چاققانلىق بىلەن ھەر بىرىنىڭ ھۇجۇمىنى قايتۇرۇپ بۇلارنى بىر-بىرلەپ يىقىتتى. ئوسمان بولسا سەل نېرىدىراق قولىدا شەمشەر كۈزىتىپ تۇراتتى. ئەركىن ئازراقلا ئالدىغا سىلجىيدىغان پۇرسەت بولسا ئوسمان تەرەپكە مېڭىشقا تەمشلەتتى. بىراق ئوسماننىڭ ئادەملىرىنىڭ ھۇجۇمى ئەركىننى ئالدىغا بىر قەدەممۇ سىلجىتمايۋاتاتتى. تۇيۇقسىز يان تەرەپتىن بىرسى ھۇجۇم قىلىۋېدى ئەركىن ئۆزىنى قاچۇردى. ئۆتكۈر شەمشەر ئەركىننىڭ يۈزىنى ئازراق تىلىۋەتتى. قانلار سىرغىپ چۈشۈشكە باشلىدى. ئەركىن يىڭى بىلەن قانلارنى سۈرتىۋېتىپ يەنە بىرسىنى يەر چىشلەتتى.

ئەركىن ئارقا-ئارقىدىن يەنە ئۈچنى يىقىتتى. ئوسماننىڭ ئادەملىرىدىن پەقەت بەشلا ئادەم قالدى. بۇلارنىڭ ھەيۋىسى ئەركىننىڭ باتۇرلىقىنىڭ ئالدىدا يەرگە ئۇرۇلغاچقا قالغانلىرى سەل تەمتىرەپ ئەركىنگە ھۇجۇم قىلىشتىن قورقۇپ قالدى. ئادەملىرىنىڭ كەينىگە داجىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئوسمان دەرغەزەپ بولۇپ ئۆزى ھۇجۇمغا ئۆتتى. مۇشۇ پەيىتنى كۈتۈپ تۇرغان ئەركىن شەمشەرنى ئويناتقىنىچە ئوسمانغا ھۇجۇم قىلدى.

شۇنچە يىللاردىن بېرى مەشىق قىلىپ يۈرۈپ ئوسمانمۇ ماھارەتتە يېتىشىپ قالغانىدى. ئەركىن قىلغان ھەر بىر شىددەتلىك ھۇجۇمنى ئەپچىللىك بىلەن توسۇپ ئەركىنگە قايتۇرما زەربە بېرەتتى. ئوسماننىڭ باشقا ئادەملىرىمۇ ئەركىنگە ھۇجۇم قىلدى. ئەركىن ئوسماننىڭ قىلغان ھۇجۇمىنى قايتۇرۇپلا ئۇنىڭغا شەمشەر ئۇردى. شەمشەر ئۇنىڭ سول مۈرىسىنى كېسىۋەتتى. ئوسمان مۈرىسىنى تۇتقىنىچە كەينىدىكى دەرەخكە يۆلىنىپ قالدى. شۇ ئەسنادا بىرسى ئەركىننىڭ كەينىدىن شەمشەر ئۇرىۋېدى شەمشەر ئۇنىڭ بېلىنى كېسىۋەتتى. شەمشەر بىلەن قانلار چاچراپ چىقتى. ئەركىن لەيلىگىنىچە يىقىلىپ چۈشمەسلىك ئۈچۈن شەمشىرىنى يەرگە سانچىپ ئۆرە تۇرۇۋالدى. ئەركىننىڭ زەربە يەپ قانسىرىغانىلىقىنى كۆرگەن بۇ ۋەھشى بۆرىلەر ئەركىنگە ئارقا-ئارقىدىن شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى. ئەركىن بار كۈچىنى يىغىپ ئۆزىگە توختىماي تېگىۋاتقان شەمشەرلەرنى قايتۇرۇۋېتىپ يەنە ئىككىسىگە شەمشەر ئۇرۇپ يەر چىشلەتتى. قالغانلىرى يېنىك يارىلانغان بولۇپ يارىلىرىنى تۇتقان پېتى ئوسماننى قوغداۋاتماقتا ئىدى.

ئەھۋالنىڭ ئۆزىگە پايدىسىز ئىكەنلىكىنى كۆرگەن ئوسمان يەنە ھۇجۇمغا ئۆتتىدە ئەركىن بىلەن جان ئاچچىقىدا تازا ئېلىشتى. ئۇ ئەركىننىڭ شەمشىرىدىن كەينىگە ئىگىلىپلا ئۆزىنى قاچۇرۇپ ئەركىنگە شەمشەر ئۇردى. شەمشەر ئەركىننىڭ ئالدى كۆكرەك تەرىپىنى خېلى چوڭقۇر كېسىۋەتتى. ئەركىن كۆكرىكىنى تۇتقىنىچە شەمشىرىنى ئوسماننىڭ قورسقىغا سانچىۋەتتى،ــ دە كەينىدىكى دەرەخكە ئاران يۆلىنىۋالدى. شەمشەر ئوسماننىڭ قورسىقىنى تېشىپ كەينىگىچە ئۆتۈپ كەتكەنىدى. ئوسمان كۆزلىرىنى چەكچەيىتكىنىچە ئوڭدىسىغا چۈشتى. ئوسماننىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرگەن ئۇنىڭ يارىدار ئادەملىرى ئورمانلىققا قېچىپ كەتتى.

ئەركىن ئوسماننىڭ جەسىتى يېنىغا كەلدى. ئوسماننىڭ كۆزلىرى چەكچەيگىنىچە قېتىپ قالغانىدى. ئەركىن شەمشىرىنى ئوسماننىڭ قورسىقىدىن سۇغىرىپ ئېلىپ قانلارنى سۈرتىۋېتىپ غىلاپىغا سالدى. ئەركىن قان چىقىۋاتقان يەرنى قولىدا بېسىپ قەدەملىرىنى تەستە يۆتكەپ ھېلىقى ئېگىز دەرەخ تەرەپكە ماڭدى. ئۇنىڭ پۇتلىرىغا بىرسى تاش ئېسىپ قويغاندەك بەكلا ئېغىر ئىدى. پۇتلىرى ئۆزىنىڭ ئەمەستەكلا ئىدى. ئۇ شۇ ماڭغىنىچە خېلى ئۇزاقتا دەرەخنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلدى. قان يۇقى قوللىرى بىلەن شوتىغا ياماشتى ئۇ ئەڭ ئاخىرقى كۈچىنى يىغىپ دەرەخكە يامىشىپ ئۈستىگە چىقىپ ياغاچ ئۆينىڭ تېمىدىكى بىر تاختاينى تۇتۇپ ئارانلا ئۆرە تۇرۇۋالدى. ئەركىن شۇنچە ھالسىزلىنىپ كەتكەنلىكىگە قارىماي ئەتراپقا ئورمانلىققا قارىدى. ئەتراپ ياپ-يېشىل قۇشلار توختىماي سايرىماقتا…

ئەركىن بۇ گۈزەل مەنزىرىدىن ئايچىۋەر بىلەن بىللە ھوزۇرلانغان ئايچىۋەر بۇ يەرنى قەۋەتلا ياخشى كۆرۈپ قالغانىدى. ئايچىۋەر سىز بىلەن بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسىنى كۆرۈش ئەمدى ماڭا نېسىپ بولمايدىغان ئوخشايدۇ. شۇ تاپتا سىز نېمىلەرنى قىلىۋاتقانسىز؟ سىزنى بەكمۇ كۆرگۈم كەلدى. پەقەت بىرلا قېتىم كۆرۈۋالسام ئىدىم… ئەركىن ئاستا پىچىرلىدى. ئەركىننىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار سىرغىدى. ياغاچ ئۆينىڭ تېمىغا يۆلىنىپلا ئولتۇرۇپ قالدى. ئەركىندىن قان بەكلا كۆپ چىقىپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى ئاستا-ئاستا يۇمۇلدى…

داۋامى بار…

جۇلالىق

تېخى ئىنكاس يېزىلمىدى ئىنكاس يېزىش