نىران خانىدانلىقى_خاتىمە

تارىخ سەپىرىدە 2012-05-30 20:50 1,288 13

نىران خانىدانلىقى

(تارىخى ھېكايە)

خاتىمە

توغرۇل ئادەملىرىنى باشلاپ ئورمانلىقنىڭ ئەتراپىنى بىر ئايلىنىپ چىقتى ئارسلاننى يەنىلا تاپالمىدى. شۇ تاپتا ئۇ ئۆز گۆشىنى ئۆزى يىگۈدەك بولۇپ كېتىۋاتماقتا ئىدى. شۇنداق تۇرۇۋېدى ئارسلان ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىدىن ئات چاپتۇرۇپ چىقتى. ئارسلاننى كۆرگەن توغرۇل ئادەملىرىگە ئۇنى قورشاشقا ئىشارەت قىلدى. ئۇنىڭ ئەرسكەرلىرى تېزلىكتە ئارسلاننى قورشىۋالدى. ئەھۋالدىن ھاڭ-تاڭ قالغان ئارسلان نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي تۇرۇشىغا توغرۇل كەلدى.

ــ ئاخىرى قولۇمغا چۈشتۈڭ! بۈگۈن سېنىڭ بۇ دۇنيادىن ۋىدالىشىدىغان كۈنۈڭ!،ــ توغرۇلنىڭ كۆزلىرىدىن زەھەرخەندىلىك ئۇچقۇنلىرى چاچرىدى.

ــ ئەپتى-بەشىرەڭنى ئاخىرى ئاشكارىلاپسەندە؟! بەك بالدۇر خۇشال بولۇپ كەتمە! سەن ئۇنداق ئاسان مەقسىتىڭگە يېتەلمەيسەن.،ــ ئارسلان شەمشىرىنى سۇغارغىنىچە توغرۇلنىڭ سۆزلىرىنى مەنسىتمىگەن ھالدا.

ــ ئابدۇراھمان دېگەن قېرىنىڭ كاللىسىنى مۇشۇ شەمشىرىمدە ئالدىم. سېنىڭ كاللاڭنىمۇ مۇشۇنىڭدا ئالىمەن قاراپ تۇر!،ــ توغرۇل ئادەملىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئىشارەت قىلدى.

ــ ئىپلاس! ئابدۇراھمان تاغامنى نېمە قىلدىڭ؟ سېنىڭ ئىت جېنىڭنى ھازىرلا بارىدىغان يېرىگە يولغا سالىمەن،ــ ئارسلان غەزەپ بىلەن ئېتىلدى.

توغرۇلنىڭ ئەسكەرلىرى ئارسلانغا ھەر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلماقتا. ئارسلان ئەسكەرلەرنىڭ نەيزىلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يېقىن كەلگەنلىرىنى بىر-بىرلەپ يەر چىشلەتتى. توغرۇلنىڭ ئادەملىرى كۆپ بولغاچ ئارسلان ھەرقانچە باتۇرلۇق كۆرسىتىپ ئېلىشقان بولسىمۇ يەنىلا تەڭ كېلەلمەيۋاتاتتى. بىر ئەسكەر ئارسلاننىڭ كەينىدىن نەيزە سانچىۋېدى نەيزە ئارسلاننىڭ ئوڭ يوتىسىغا سانچىلىپ ئارسلان تىزلىنىپ قالدى. بۇنى پۇرسەت بىلەن ئەسكەرلەر تۇشمۇ-تۇشتىن ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى. ئارسلان ئۆزىگە قارىتىلىپ شىددەت بىلەن كېلىۋاتقان نەيزىلەرنى شەمشىرى بىلەن ھە دەپ قايتۇرماقتا ئىدى. شەمشەرنىڭ ھۇجۇمىنى بېسىپ ئۆتكەن نەيزىلەر ئارسلاننىڭ قورساق كۆكرەكلىرىگە سانچىلدى. ئارسلان يەرگە تىزلىنىپ قىلىچىغا تايىنىپ تۇرۇۋالدى. ئۇنىڭ بەدىنىدىن قانلار بۇلدۇقلاپ چىقىۋاتاتتى. ئارسلاننىڭ ھالسىزلانغىننى پۇرسەتنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن توغرۇل ئادەملىرىگە ئارسلاندىن يىراق تۇرۇشقا ئىشارەت قىلىپ ئېتىنى دىۋىتىپ ئارسلانغا ئىككى-ئۈچ مېتىر قالغان يەردە تۇردى.

ــ خان ئاتام نېمىشقا سەندەك بىر يېتىم ئوغلاقنى ئوردىغا ئەكىلىپ ئۆز بالىسىدەك كۆرىدۇ. مەن ئۇنىڭ جىيەنى تۇرسام ماڭا ئىشەنمەي ساڭا ئىشىنىدۇ؟ سېنى پارچە-پارچە قىلىۋەتسەممۇ مېنىڭ ئاچچىقىم چىقمايدۇ. سېنى ئوردىغا ئەكەلگەندىن تارتىپ سېنى ئۆز قولۇم بىلەن ئۆلتۈرىۋەتسەم دەپ ئويلايتتىم. بۈگۈن بۇ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشىدىغان بولدى.،ــ توغرۇل قاقاھلاپ كۈلدى.

ــ توغرۇل، خان ئاتامنىڭ سېنى نېمىشقا ئۆز ئوغلىدەك كۆرمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى بىلەمسەن؟ چۈنكى سەن خان ئاتامنى ئۆز ئاتاڭ ئورنىدا كۆرۈپ ئۇنىڭغا ۋاپادار بولالمىدىڭ. ۋاقتى-سائىتى كېلىپ قالسا خان ئاتامنىمۇ ئۆلتۈرۈشتىن يانمايسەن. خان ئاتام سېنىڭ قارا نىيەتلىكىڭنى بۇرۇنلا بىلگەن، شۇڭا سەن خان ئاتامنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالالمىغان. سەن نېمە دىگەن بىچارە! ساڭا ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ. بىر ئۆمۈر ھەسەت ئىچىدە ئۆرتىنىپ ياشىدىڭ. كەڭ-قورساقلىق، مېھرى-مۇھەببەت، قېرىنداشلىق مېھرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەي ئۆتۈپ كەتتىڭ. سەندەك ئادەم بىر ئۆمۈر خۇشال ياشىيالمايدۇ. غەمكىنلىك ھەسەت ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىسەن!،ــ دېدى ئارسلان مەسخىرىلەرچە كۈلۈپ.

ــ بولدى! زۇۋانىڭنى يىغ! سېنى ھازىرلار ئۇ ئالەمگە ئۇزىتىپ قويىمەن. خان ئاتامغا مەندىن سالام دېگىن!،ــ توغرۇل ئارسلانغا شەمشەر ئۇرىۋېدى ئارسلان ئۇنىڭ شەمشىرىنى توسۇۋالدى. توغرۇل ئېتىنىڭ بېشىنى بۇراپلا يەنە قايتۇرۇپ ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئارسلانغا يېقىنلىشاي دەپ قالغاندا:

ئىپلاس! قولۇڭنى تارت!،ــ دېگىنىچە ئايچىۋەر ئەسكەرلەرنىڭ ئارىسىنى يېرىپ كىرىپ كەلدى،ــ دە. توغرۇلغا شەمشەر سالدى. توغرۇل ئايچىۋەرنىڭ شەمشىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرىمەن دەپ ئاتتىن يىقىلىپ چۈشتى. ئايچىۋەرمۇ ئېتىدىن سەكرەپ چۈشۈپلا يەنە توغرۇلغا ھۇجۇم قىلدى. توغرۇل ئورنىدىن تۇرۇپ ئايچىۋەرنىڭ ھۇجۇمىغا قايتۇرما زەربە بەردى. ئايچىۋەر بۇرۇندىن ئارسلان بىلەن توغرۇلغا ماھارەتتە تەڭ كېلەلمەيدىغان بولغاچ ھەمدە قىز بالا بولغاچقا توغرۇل ناھايىتى تېزلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى. ئۇ ئايچىۋەرنىڭ شەمشىرىگە بىرنى ئۇرۇپلا قولىدىن چۈشۈرۈۋەتتى. ئايچىۋەر لەيلىگىنىچە يىقىلىپ چۈشتى. ئايچىۋەر ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشىلىۋېدى:

ــ ياق! ئايچىۋەر، سىز توغرۇلنىڭ رەقىبى بولالمايسىز. ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيسىز. بولدى قىلىڭ! ،ــ قانسىراپ ھالسىزلىنىپ كەتكەن ئارسلان بېشىنى ئارانلا كۆتۈرۈپ.

ــ نېمە دېگەن تەسىرلىك كۆرۈنۈش، قاراڭلار بۇ ئىككىسىگە بىر ئانىدىن تۇغۇلغان قېرىنداشلار بولسىمۇ بۇنچىلىك قىلماس بولغىيدى، بۇ ئىككىسىنىڭ بىر-بىرىگە كۆيۈنۈپ كېتىشلىرىنى، ئەمدى ھەر ئىككىڭلارنى ئۇ دۇنياغا يولغا سېلىپ مۇرادىڭلارغا يەتكۈزۈپ قوياي.

توغرۇلنىڭ سۆزى ئاياقلاشماي تۇرۇپ ئايچىۋەر بايا ئارسلان بىلەن ئېلىشىش جەريانىدا ئەسكەرلەرنىڭ قولىدىن چۈشۈپ كەتكەن نەيزىنى ئالدىدە،ــ دە. توغرۇلنىڭ باش تەرىپىنى نىشانلاپ ئاتتى. نەيزە توغرۇلنىڭ گېلىغا نەخ تەگدى. توغرۇل يەرگە گۈپپىدە يىقىلىپ بىردەم جان تالىشىپ توختاپ قالدى. ئايچىۋەر ئورنىدىن تۇرۇپ:

ــ يەنە قايسىڭلار قارشى چىقىسىلەر؟ نىران خانلىقىنىڭ تەخىت ۋارىسىغا قارشى چىققۇچىلار بولسا ھازىرنىڭ ئۆزىدە مەيدانغا چىقسۇن. مەن ئۇنىڭ بىلەن يەكمۇ-يەك ئېلىشىمەن. تاكى بىر تامچە قېنىم قالغىچە ئېلىشىمەن.،ــ ئايچىۋەر ئەسكەرلەرگە غەزەپ بىلەن قارىدى.

توغرۇلنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرگەن ئەسكەرلەر قوراللىرىنى پەسكە چۈشۈرۈپ تىزلاندى. ئەسكەرلەرنىڭ تەسلىم بولغانلىقىنى كۆرگەن ئايچىۋەر ئارسلاننىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ ئارسلاننى يۆلىدى. ئارسلاننىڭ ئېغىزىدىن قان چىقىپ گەپ قىلىشىمۇ قىيىنغا چۈشكەنىدى. ئارسلاننىڭ بەدىنىدە ئون نەچچە يەردە نەيزە ئىزى بار بولۇپ بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىدىن قان چىقىۋاتاتتى. ئايچىۋەر ئارسلاننى يۆلەپ ئولتۇردى. ئايچىۋەرنىڭ كۆز ياشلىرى ئارسلاننىڭ قان يۇقى يۈزىگە چۈشىۋېدى ئارسلان ئايچىۋەرگە قارىدى.

ــ ئايچىۋەر، يىغلىماڭ! سىزنىڭ يىغلىغىنىڭىزنى كۆرگۈم يوق. سىز يىغلىسىڭىز مەن بەكلا بىئارام بولىمەن. مەن سىزنى دائىم كۈلۈپ خۇشال يۈرسىكەن دەپ ئويلايمەن.،ــ ئارسلان قولىنى تەستە كۆتۈرۈپ ئايچىۋەرنىڭ يېشىنى سۈرتتى.

ــ ئارسلان ئاكا، مېنى كەچۈرۈڭ! سىزگە مەن زىيانكەشلىك قىلدىم. مەن كەتمىگەن بولسام بۇ ئىشلارمۇ يۈز بەرمىگەن بولاتتى. ئابدۇراھمان تاغامغىمۇ يۈز كېلەلمەيمەن. مېنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمىمدىن سىلەر ئىككىڭلار بار ئىدىڭلار. ئەڭ يېقىنلىرىمغا ئۆزۈم زىيانكەشلىك قىلدىم.،ــ ئايچىۋەر ئارسلاننىڭ بېشىنى قۇچاقلىغىنىچە يىغلاپ كەتتى.

ــ بولدى ئۇنداق گەپلەرنى قىلماڭ! ھەممىمىز تەقدىرىمىزگە پۈتۈلگەننى كۆرمەي ئامال يوق. ئېسىڭىزدىمۇ ئايچىۋەر، سىزنىڭ خۇشاللىقىڭىز ئۈچۈن مەن ھەممىدىن ھەتتا ھاياتىمدىنمۇ كېچىشكە رازى.،ــئارسلاننىڭ تىنىقلىرى يېتىشمەيۋاتاتتى.

ــ ئېىسمدە، مەن سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى ئاغرىتتىم. سىزنىڭ ماڭا شۇنچىلىك كۆيىنىدىغانلىقىڭىزنى مېنى ھاياتىڭىزدىنمۇ ئەزىز بىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپ مەن يەنىلا سىزنىڭ قېشىڭىزدىن باشقا بىرسنىڭ يېنىغا كەتتىم.

ــ ئۇنداق دىمەڭ! سىزنىڭمۇ ئۆز ئالدىڭىزغا تاللاش ئەركىنلىكىڭىز بار. مەن ئەزەلدىن سىزنىڭ تاللىشىڭىزغا ھۆرمەت قىلىمەن. مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ خۇشال ۋاقىتلىرىم سىز بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىم، ماڭا شۇنچىلىك بەخىت خۇشاللىق ئاتا قىلغىنىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئايچىۋەر، بۇنىڭدىن كېيىن ھەممە ئىشتا ئۆزىڭىزگە تايىنىدىغان بولدىڭىز، سىزگە ھەر ۋاقىت ياردەم قىلىدىغان ئارسلان ئاكىڭىز ئەمدى يوق. ئىرادىلىك بولۇڭ! نىران خانىدانلىقى ئەل-خەلق سىزگە موھتاج. يەنە ئاتلىرىمغا قاراپ قويۇڭ. ئۇلار ئورۇقلاپ قالمىسۇن، ئاتلىرىمدىن بىرەرسى سەل ئورۇقلاپ قالىدىكەن سىزدىن ھېساپ ئالىمەن!،ــ ئارسلان تەبەسسۇم قىلىپ كۈلدى. ئۇ شۇ كۈلگىنىچە بېشى قىيسىيىپ ئايچىۋەرنىڭ بىلىكىگە يۆلىنىپ قالدى.

ــ ئارسلان ئاكا، ئارسلان ئاكا…. ئايچىۋەر ھۆركىرەپ يىغلىۋەتتى.

ئايچىۋەر ئارسلاننى ئېلىپ ئوردىغا قايتتى. ئوردىغا كىرىپ ھەممىگە ئۆزىنىڭ قايتا تەخىتتە ئولتۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەتىسى ئارسلاننىڭ دەپنە ئىشلىرىنى تۈگىتىۋېتىپ ئەركىندىن ئەنسىرەپ ئورمانلىققا ماڭدى. ياغاچ ئۆيگە ئاز قالغاندا ئۇنىڭغا ئىككى ئادەمنىڭ يەردە قالايمىقان ياتقان جەسىتى ئۇچرىدى. ئايچىۋەر ئەركىندىن ئەنسىرەپ ئېتىنى تېزلەتتى. ئۆينىڭ قېىشغا كېلىۋېدى جەسەتلەر يەردە يېتىپ كەتكەن ئەركىننىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئوچۇق ئىدى. ئايچىۋەر ئۆيگە كىردى ئۆينىڭ ئىچى قالايمىقان ئەركىن يوق. ئەتراپنى ئىزدىدى ئۇنى تاپالمىدى. ئايچىۋەرنىڭ يۈرىكى ئەنسىز سېلىپ كەتتى. ئۇ بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى. تۇيۇقسىز كاللىسغا بىر ئوي كېلىپ ئېتىغا مىنىپ چوڭ دەرەخ تەرەپكە ئېتىنى چاپتۇردى. دەرەخ تۈۋىگە تېزلا يېتىپ كەلدى. شوتىغا يامىشىپ ئۈستىگە چىقىپلا تامغا يۆلىنىپلا جان ئۈزگەن ئەركىننى كۆرۈپ كەينىگە يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدى. دەرەخنىڭ بىر شېخىنى ئارانلا تۇتۇۋالدى. ئۇ يىغلىغىنىچە ئەركىننىڭ يېنىغا كەلدى.

ــ ئەركىن، ئەركىن،… ياق بۇ راست ئەمەس،ــ ئايچىۋەر ئاستا بېرىپ ئەركىننىڭ يۈزلىرىنى سىلىدى.

ــ ئەركىن كۆزىڭىزنى ئېچىڭ بۇ مەن، سىزنى ئوردىغا تەكلىپ قىلىپ كەلدىم. ئىككىمىز ئۇ يەردە بىللە بەخىتلىك ئۆتىمىز.،ــ ئايچىۋەر ئەركىننى قۇچاقلاپ يىغلىدى. ئەركىن ئاتىسىدىن قالغان شەمشىرىنىڭ دەستىسىنى چىڭ سىقىمدىۋالغانىدى. خېلى ۋاقىتلاردىن كېيىن ئايچىۋەر ئەركىننىڭ قولىدىن شەمشەرنى ئاجرىتىپ يېنىغا ئاستى.بۇ يەردە قانچىلىك ئولتۇردى ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ. بىر چاغدا ئېسىگە كېلىۋىدى. كۈن كىرىپ كېتەي دەپتۇ. ئەركىننى ئارغامچا بىلەن باغلاپ يەرگە چۈشۈرۈپ دەرەخنىڭ تۈۋىگە ئورا كولاپ بەخىتلىك مىنۇتلارنى بىللە ئۆتكۈزگەن، ئىككىسىنىڭ مۇھەببىتىگە شاھىت دەرەخ تۈۋىگە كۆمدى.

قۇياش شەپەق نۇرىنى ئەتراپقا چاچماقتا ئىدى. ئايچىۋەر كەينىگە بۇرۇلدى. چوڭ دەرەخنىڭ شاخلىرى مەيىن شامالدا ئاستا سىلكىنىپ ئايچىۋەرگە ئەركىننىڭ ئورنىدا خوش دەۋاتاتتى.

ــ ئەركىن، سىزنى مەڭگۈ ئەسلەيمەن…،-دېدى ئايچىۋەر ئەركىننىڭ شەمشىرىنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئىككى تامچە ياش مەڭزىنى بويلاپ سىرغىپ چۈشتى. ئايچىۋەر دەرەختىن كۆزىنى ئۈزەلمىگەن ھالدا ئېتىغا مىندى.

ئايچىۋەر بىر ئايغا قالماي نىران خانىدانلىقىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆز ئەسلىگە كەلتۈرۈۋالدى. نەچچە ئايدىن بۇيان جېدەل-ماجرالار تۈگىمەي كەلگەن خان ئوردىسى شۇنداق جىمجىت ئىدى. بۈگۈن ئايچىۋەر ۋەزىرلەرگە قايتىشقا ئىجازەت بىرىۋېتىپ ئوردىدا ئۆزى يالغۇز قالدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن ئايچىۋەرگە مېھرىبانلىق بىلەن قاراپ تۇرغان خان ئاتىسى، ھەممە ئىشلارنى ئالدىرىماي ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن قىلىدىغان ئابدۇراھمان، ئايچىۋەر خاپا بولۇپ قالسا ھەرخىل قىلىقلارنى قىلىپ كۈلدۈرۈۋېتىغان خۇشچاخچاق ئارسلان ئاكىسى قاتارلىقلار ئوردا ئىچىدە باردەك بىلىندى. ئايچىۋەر ئورنىدىن ئاستا تۇرۇپ ئارسلاننىڭ ئاتخانىسىغا ماڭدى.

ئاتخانىغا كىرىۋىدى تۇنۇش شەپىنى سەزگەن ئاتلار بەسلىشىپ كىشنەپ كەتتى. ئايچىۋەر ئاتلارنى سىلىغىنىچە كۆز يېشى قىلدى. بوينىدىن ئەينى ۋاقىتتا ئارسلانغا سوۋغا قىلغان پارقىراق تاشنى ئالدى. ئۇ تاشقا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن يەنە بوينىغا ئاستى. ئوردا تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى. ھوجرىسىغا كىرىپ ئارسلان بىلەن ئەركىننىڭ شەمشىرىنى ئالدى. ئوردىنىڭ قەھرىمانلار سارىيىغا قاراپ ماڭدى. ئىشىكنى ئېچىپ ئىچىگە كىردى. بۇ يەرگە نىران خانىدانلىقىنى قوغداش يولىدا قۇربان بولغان ئەزىمەتلەرنىڭ شەمشىرى قويۇلاتتى. ئايچىۋەر ئارسلاننىڭ شەمشرىنى غىلاپىدىن سۇغۇرۇپ بىسىنى سىلىدى ئاندىن يەنە غىلاپىغا سېلىپ شەمشەر تىزىدىغان تەكچىگە قويۇپ قويدى. ئەركىننىڭ شەمشىرىنىمۇ غىلاپىدىن سۇغاردى. شەمشەردىكى «ھىلال ئاي» دېگەن خەتكە بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن غىلاپىغا سېلىپ ئارسلاننىڭ شەمشىرىنىڭ يېنىغا قويۇپ يېنىك بىر تىندى ــ دە. شەمشەرلەرگە بىردەم قاراپ تۇرۇپ ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كەتتى.

تۈگىدى.

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 13 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    مۇئەللىم 2012-06-03 20:17

    بۇ ھىكايىنى ئۆزىڭىز يازدىڭىز ياكى بىرمۇ بىر ئۇرۇپ بىلوگىڭىزدا ئىلان قىلدىڭىز ؟
    ئاپرىن غەيرىتىڭىزگە …..! بۇ روماننى تولۇق ئوقۇپ چىقمىدىم ، ھەمدە بىلوگىڭىزغا كىرىشىم تۈنجى قىتىم بولغاچ ، بۇ ھىكايىنىڭ خاتىمە قىسمىنى ئوقۇش ماڭا نېسىپ بولدى . ۋەقەلىكى ياخشىدەك قىلىدۇ . مەنمۇ بىلوگنىڭ ئالدىراش ئىشلىرى بىلەن بىلوگ ئارىلاشقا ۋاقىت چىقىرالماپتىمەن ، قارسام ياخشى بىلوگلارمۇ كۆپكەن ئەمەسمۇ ؟……

    جۇلالىق

    بۇ مېنىڭ ئۆز ئىجادىيىتىم، ئەگەردە كىتابلاردىن يوللىغان بولسام ئەسكەرتىش بېرىمەن.
    بىلوگىمدىكى يازمىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز ئىجادىيەتلىرىم.

  •   #2  

    ئالىمجان 2012-06-07 17:17

    سالام، بىلوگىڭزدا ھەقىقەتەن ياخشى ياازمىلار بارئىكەن . مۇمكىن بولسا ئەڭ باشتا چىقان مۇزىكىنىڭ چۇشۇرۇش ئادىرسىنى يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز . سىزدىن مىننەتدار بولغان بولاتىم

    جۇلالىق

    تىنچلىقمۇ!
    كومپيۇتېرىڭىزغا چاقماق قاچىلانغان بولسىلا مۇزىكىنى چۈشۈرەلەيسىز.
    بلوگنىڭ مۇزىكا قويغۇچىغا مائۇسنى ئەكەلسىڭىز چاقماقنىڭ چۈشۈرۈش بەلگىسى چىقىدۇ ھەم چۈشۈرۈۋالالايسىز.

  •   #3  

    نۇرقۇت 2012-06-13 00:49

    تىنچلىقمۇ، ھەدە، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ شۇنداق قىلىپ بۇ رومان ئاخىرلاشقان بولدىمۇ؟ بەكلا پاجىئەلىك توختىتىپسىز … كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ قالدى …

    جۇلالىق

    تىنچلىقمۇ ئىنىم، مەن ياخشى تۇرۇۋاتىمەن.
    ئۆزىڭىزچۇ قانداراق تۇرۇۋاتىسىز؟ ئوقۇشىڭىز ياخشى كېتىۋاتامدۇ؟
    شۇنداق ئىنىم، ئاخىرى يېزىپ تۈگەتتىم.
    رېئال دۇنيا بۇنىڭدىنمۇ رەھىمسىز ئىنىم، ئەمەلىيەتچانلىقتىن چەتنەپ كەتمىسۇن دەپ مۇشۇ تەرىزدە ئاخىرلاشتۇردۇم.

  •   #4  

    تەشنايى 2012-06-17 04:18

    خاتىمىسىنى ئوقۇپلا ياقتۇرۇپ قالدىم. خالىسا ۋاقىت چىقىرىپ تولۇق بىر ئوقۇپ چىقمىسام… قەلەم تۇلپارىڭىز مەڭگۈ ھارمىغاي!

    جۇلالىق

    يازمامنى ياقتۇرغىنىڭىزدىن خۇرسەنمەن.
    تولۇق ئوقۇپ بولۇڭ، يازما توغرۇلۇق پىكىرلىشەيلى.

  •   #5  

    ئۇچقۇن 2012-06-18 11:28

    ھەي بۇنى كىتاپ قىلىش كېرەك ئىكەندۇق

    جۇلالىق

    يازمىغا شۇنچىلىك يۇقىرى باھا بەرگىنىڭىزدىن خۇرسەنمەن.

  •   #6  

    قەقنۇس 2012-06-26 11:05

    مەن ئامراق بلوگدىن بىرسى كۆپەيدى دېسە، تارىخقا ئالاھىدە ئىشقىم بار. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا

    جۇلالىق

    بلوگىمنى ياقتۇرغىنىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم.

  •   #7  

    جۇلالىق 2012-09-30 05:58

    تىنچلىقمۇ!
    يازمىنى شۇنچە زوق بىلەن ئوقۇپ چىقىپسىز. بۇ يازمىنىڭ باشقىلارغا مۇشۇنچىلىك بولسىمۇ خۇشاللىق بېغىشلىغىنىدىن بەكلا خۇشال بولدۇم.
    بلوگ ئۇسلۇبىنى ياقتۇرغىنىڭىزدىن خۇرسەنمەن. كېلىپ تۇرۇڭ، قارشى ئالىمەن.