ئورمان بالىسىدەك تەنھا ياشىغۇم بار

تەپەككۇر تامچىلىرى 2012-07-03 06:44 1,299 25

ئورمان بالىسىدەك تەنھا ياشىغۇم بار

ئورمان بالىسى «موگىلى»نىڭ كارتون فىلىمىنى كۆرگىلى ئون بەش يىلدىن ئېشىپتۇ، شۇ ۋاقىتلاردا ئۆزۈمچە شۇنداق خىياللارنى قىلاتتىم. مەنمۇ موگىلىدەك ياپ-يېشىل ئورمانلىقلاردا گۈزەل مەنزىرىلەر ئىچىدە ئەركىن-ئازادە ياشىسام، مېنى ھېچكىم باشقۇرمىسا، ئوقۇ دەپ مەجبۇرلىمىسا، مەكتەپكىمۇ بارماي موگىلىدەك ھايۋاناتلار ئارىسىدا ئورمان بالىسى بولۇپ ياشىسام نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى دەپ شۇنچىلىك شىرىن خىياللارنى قىلاتتىمكى بۇ خىياللىرىمنىڭ تاتلىقلىقىغا ھېچنەرسە توغرا كەلمەيتتى.
مېنىڭ نەزىرىمدىكى موگىلى شۇنچىلىك بەخىتلىك ئىدى. گەرچە ئۇ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسىمۇ بۆرىلەر توپىنىڭ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىشى ۋە بۆرە ئانىنىڭ ئۇنى ئۆز بالىسىدەك ئاسرىشى ئاستىدا موگىلى بەكلا بەخىتلىك ئىدى. ئۇنىڭ ئەتراپىدا يەنە ئۇنى قوغدايدىغان بۆرە ئاتىسى، ئېيىق، قاپلانلاردەك ئەڭ يېقىن سادىق دوستلىرى بار ئىدى. شۇ گۈزەل ماكاندا غەمسىز بەخىت ئىچىدە ياشاۋاتقان موگىلى ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئۆزىنىڭ بۆرىلەر توپىغا مەنسۇپ ئەمەسلىكىنى بىلىپ ئىنسانلار توپى ئارىسغا قايتىپ كېتىدۇ.
كارتوننىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىسمىنى كۆرۈپ بولۇپ شۇنچىلىك بىئارام بولغان ئىدىم. كۆڭلۈمدە موگىلىنى ئەخمەق دەپ ئويلىدىم. ئۇ نېمىشقا ئىنسانلار ئارىسىغا قايتىپ كېتىدۇ؟ زادى نېمىشقا؟ ئۇ ئەمدى بۇرۇنقىدەك ئەركىن ياشىيالمايدۇ، بۇ يەردىكى ئىنسانلار ئۇنى ئەركىن ياشىغىلى قويمايدۇ. شۇنچە ئىللىق ماكاننى تاشلاپ قايتىپ كەلگەندىكىن موگىلى بەكلا دۆتكەن. ئۇنى توختىماي ئەيىبلەيتتىم. مەن شۇنداق ماكانغا بارالماي ئارزۇلاپ يۈرسەم ئۇنىڭ يېنىپ كەلگىنى نېمىسى؟ موگىلىنىڭ بۇ ئەقىلسىزلىقىنى كاللامدىن قانداقلا قىلسام ئۆتكۈزەلمەيتتىم. موگىلىنى خېلى ۋاقىتلارغىچە ئەيبلەپ يۈردۈم، كېيىنچە ۋاقىت ئۆتكەنسېرى كارتونمۇ ئۇنتۇلۇپ كەتتى.
ھەش-پەش دېگۈچە نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كەتتى. مانا مەنمۇ چوڭ بولدۇم. ئاشۇ ئىنسانلار توپىدا تىرىشىپ-تىرمىشىپ ھاياتنىڭ قايناملىرىدا ئالدىمغا قاراپ ئىلگىرلىمەكتىمەن.
ئۇنتۇپ كەتكىلى نۇرغۇن يىللار بولغان موگىلىنىڭ كارتونىنى يېقىندىن بۇيان قايتىدىن ئەسلەپ قالدىم. بالىلىقىمدىكى ئەشۇ شىرىن خىياللار يەنە پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بۇ قېتىم پەيدا بولغان ئارزۇلار بالىلارچە ئەمەس ئىدى. چۈنكى مەن چوڭ بولغانىدىم، ئارزۇ-ئارمانلىرىممۇ بىللە چوڭ بولدى.
ئەينى ۋاقىتتا مەن ھەممە ئىشلاردىن بىخەۋەر غەمسىز بىر سەبىي ئىدىم. ھازىر ماڭا تۇرمۇشنىڭ نۇرغۇنلىغان بېسىملىرى يۈكلەنگەن، شۇ يۈكلەرنىڭ ئېغىرلىقىدىن يەلكەمنى كۆتۈرەلمەي بەللىرىم مۈكچىيىپ كەتكەن، چىرايىمدىن ھارغىنلىق، سۇلغۇنلۇق چىقىپلا تۇراتتى. ئەتراپىمدىكى مۇھىت ئۇنىڭدىن بەتتەر ئىدى. ئىنسانلار شۇنچىلىك رەزىللىشىپ كەتكەن. پايدا-مەنپەئەت ئۈچۈن ھەر قانداق ئىپلاسلىقلارنى قىلاتتى. ناھەقسىزلىك بەكلا ئەۋىج ئالغان، قەيەرگىلا قارىما ئەتراپ شۇنچىلىك دەھشەتلىك، ھەقىقەتتىن ئەسەرمۇ يوق. سەن ھەقىقەتپەرۋەر بولاي دەپ كۈچەپ باقىسەنۇ ھالسىراپ قايتىپ كېلىسەن…
بۈگۈن شۇنچىلىك ناھەقسىزلىكنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ بېشىمنى ساڭگىلاتقىنىمچە كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كەتتىم. ئۆزۈمدىن نۇمۇس قىلدىم، ئىچىمدە يارامسىزلىقىمغا لەنەتلەر ئوقۇدۇم. تۇيۇقسىزلا كاللامدىن بىرەيلەننىڭ مۇنۇ گېپى يادىمدىن كەچتى. «سىز بىر ئادەم بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى ئۆزگەرتىپ بولالمايسىز، ئۆزىڭىزنىڭ چامى يېتىدىغان ئىشلارنى قىلىڭ شۇندىلا ئۆزىڭىزگىمۇ ئۆزگىگىمۇ پايدىڭىز يېتىدۇ» مۇشۇ سۆز بىلەن ئۆزۈمگە تەسەللىي بەرمەك بولدۇم. مەن بىر ئادەم بۇ دۇنيادىكى ناھەقچىلىكلەرنى تۈگۈتۈپ بولالامدىم؟ مەن بىر ئادەمنىڭ قانچىلىك كۈچى بولماقچىدى؟ كۆڭلۈم ئازراق ئارام تاپقاندەك بولدىيۇ، يەنىلا يۈرىكىمنىڭ بىر يەرلىرى ئاغرىۋاتاتتى. ۋىجدانىم مېنى توختىماي ئەيىبلەۋاتاتتى. سەندەك يارىمسىزلار كۆپىيىپ قالغاچ ھەقىقەت مانا مۇشۇنداق ئاستا-ئاستا يوقاپ كېتىۋاتىدۇ. ئاخىرى بېرىپ ناھەقچىلىك پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغاندا زار قاخشىغىنىڭ بىلەنمۇ بىكار، سەن بىر ۋىجدانسىز…
بېشىمنى قاماللىغىنىمچە يول بويىدىكى ئورۇندۇقتا ئاران ئولتۇرۇۋالدىم. ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مېنى يارىماس دەپ ئەيىبلەۋاتقاندەك كۆرۈندى. بۇ يەردە قانچىلىك ئولتۇردۇم بىلمەيمەن. كاللامغا يالىتتىدە ئورمان بالىسى ياشىغان ئورمانلىق كەلدى. ئختىيارسىز ئورنۇمدىن تۇردۇم، توغرا مەن ئورمانلىققا بارىمەن، ئۇ يەردە مەن بىزار بولغان مۇھىت يوق، ناھەقچىلىكلەرمۇ يوق. مەن ئىلگىرىكىدەكلا خۇشال غەمسىز ياشىيالايمەن. ماڭا بۇ بىردىنبىر چىقىش يولىدەكلا بىلىندى. رەزىللىككە تولغان بۇ مۇھىتنى كەينىمگە تاشلاپ قەدەملىرىمنى ئىتتىكلەتتىم. قانچىلىك يوللارنى ماڭدىم ۋە جاپا تارتتىم بۇنى بىر ئۆزۈم بىلەتتىم. كارتوندا كۆرگەن ئېسىمدە قالغان يوللارنى مېڭىپ ئاخىرى بۆرىلەر جىلغىسىغا يېتىپ كەلدىم. يىراقتىن بۆرىلەر جىلغىسىنىڭ قورام تېشى كۆرۈندى. يېنىككىنە بىر تىندىم. قەدەملىرىمنى تېز-تېز ئېلىپ جىلغا تەرەپكە ماڭدىم، تۇرۇپلا مېنى قورقۇنچ قاپلىۋالدى-دە تۇرۇپلا قالدىم. بۆرىلەر مېنى ئارىسىغا قوشىۋالارمۇ؟ موگىلى كىچىكىدىن باشلاپ بۆرىلەر ئارىسىدا ياشاپ چوڭ بولغان شۇڭا بۆرىلەر ئۇنى ئۆز قېتىغا ئېلىپ قوغداپ بىللە ياشىغان. مەن بولسام ئۇلارغا يات بىر ئىنسان. ھەم بۆرىلەر ئىنسانلارنى يامان كۆرىدۇ. چۈنكى بىز ئۇلاردىن پايدىلىنىمىز دەپ خالىغانچە ئۆلتۈرۈپ بۆرىلەر بىلەن ئارىمىزدىكى دوستلۇقنى يوق قىلدۇق. قانداق قىلىشىم كېرەك؟ قايتىپ كېتەيمۇ يا؟ بۆرىلەرنىڭ يېنىغا بارسام مېنى بىردەمدىلا ھالاك قىلىۋېتەرمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ئۆلۈكۈمنىمۇ كۆمىدىغانغا ئادەم يوق ئىز-دېرەكسىزلا بۇ دۇنيادىن ئايرىلارمەنمۇ؟ ئىككىلىنىپ بىردەم تۇرۇپ قالدىم. مەن يەنىلا غەيرەتكە كەلدىم. ياق، بۆرىلەر كۆرۈنۈشتە شۇنچە ۋەھشىي كۆرۈنگەن بىلەن ئۇلاردا ساپ مېھرى-مۇھەببەت بار. ئەگەردە بۆرىلەر ۋەھشىي بولغان بولسا موگىلىنى ئاللىبۇرۇن ئۆزىنىڭ بىر ۋاقلىق مىزىلىك تامىقىغا ئايلاندۇرىۋەتكەن بولار ئىدى. ھەم بىزلەر تارىختىن بۇيان بۆرىلەر بىلەن ياشاپ كەلگەن ، ئەينى ۋاقىتتا «ئوغۇزخان»مۇ بۆرىلەر بىلەن ھەمنەپەس ياشىغان. مەنمۇ شۇ مىللەتنىڭ ئەۋلادى، مەندە رەزىللىكتىن خالىي بولغان ساپ قەلب بولسىلا بۆرىلەر مېنى ئارىسىغا ئالىدۇ. ئۆزۈمگە زور تەسەللىيلەرنى بېرىپ يولۇمنى داۋاملاشتۇردۇم. بۆرىلەر جىلغىسىغا كىرىشىمگىلا بىر بۆرە ئالدىمغا سەكرەپ چىقتى. كەينىمدىكى تاشقا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالدىم. ئۆزۈمنى ئارانلا ئوڭشىۋالدىم. بۆرە چىشلىرىنى چىقىرىپ ماڭا خىرىس قىلىپ كەلدى. كەينىمگە داجىغاچ نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي، قېچىشنى ياكى بۇ بۆرىگە كېلىش مۇددىئايىمنى ئۇختۇرۇشنى بىلەلمىدىم. شۇ چاغدا ئورمانلىقتىن بۆرىلەر ئاقساقىلى چىقىپ كەلدى. ھېلىقى بۆرىنى توسۇپ قويدى. ماڭا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن:
ــ نېمە ئادەمسەن؟ بۇ يەرگە ئىنسانلار ئاياغ بېسىپ باقمىغىلى بەك ئۇزاق بولغان، بۇ يەرگە نېمە دەپ كەلدىڭ؟،ــ دەپ سورىدى.

بۆرىلەر ئاقساقىلىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مەندىكى قورقۇنچلار ئازراق بولسىمۇ يوقىدى. بۇ يەرگە كېلىش مەقستىمنى ئېيتتىم. بۆرىلەر ئاقساقىلى بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ:
ــ قايتىپ كەتكىن، سەن بۆرىلەر توپىغا تەۋە ئەمەس، سەن بىر ئىنسان، شۇلار بىلەن ياشىشىڭ لازىم. شۇندىلا ئۆز رولۇڭنى جارى قىلدۇرالايسەن، قىممىتىڭنى تاپالايسەن.،ــ ئاقساقال سۆزىنى تۈگۈتۈپ ئورمانلىققا ماڭدى. مەن ئالدىراپ-تېنەپ ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈردۈم.
ــ ئاقساقال، مېنى بۇ يەردە ئېلىپ قېلىڭ، مېنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدا ئەمدى ياشىغۇم يوق، مەن ئىنسانلار ئارىسىدىكى پەسكەشلىك، ناھەقچىلىكلەرگە چىداپ بولالمىدىم. مەندەك بىر يارامسىزنىڭ قولىدىن ھېچ كەلمىدى مېنى ئېلىپ قېلىڭ، سىز ئەينى ۋاقىتتىمۇ موگىلىنى ئېلىپ قالغان ئۇنىڭغا بۆرىلەر توپىدىن ئىبارەت بىر چوڭ ئائىلىنىڭ مېھرى-مۇھەببىتىنى ھېس قىلدۇرغانتىڭىز، سىزدىن ئۆتۈنەي مېنى ئېلىپ قالسىڭىز ،ــ مەن ئاقساقالنىڭ ئالدىدا تىزلاندىم.
ــ ھۇ يارىماس! ئورنۇڭدىن تۇر! سەن ئاددىي ئىشلار ئۈچۈنمۇ ئاشۇنداق تىزلىنىپ ياشىساڭ بۆرىلەر توپىدا ئەمەس قۇرۇت-قوڭغۇزلار توپىدىمۇ ياشىيالمايسەن.،ــ ئاقساقال ماڭا غەزەپ بىلەن تىكىلدى. ئۇنىڭ سۈرلۈك كۆزلىرىدىن تېنىم شۈركەندى. ئورنۇمدىن ئاستا تۇردۇم.
ــ مەن بىلەن ماڭ!،ــ ئاقساقال مېنى ئورمانلىقتىكى چېغىر يوللارغا باشلاپ ماڭدى. يۈرىكىم ئازراق ئورنىغا چۈشۈپ ئاقساقالغا ئەگىشىپ ماڭغاچ ئۇنىڭغا سەپسالدىم. ئۇ بەكلا قېرىپ كېتىپتۇ. لېكىن جەسەرلۇقىدىن قالمىغانىدى.
بىز خېلى ئۇزاقتىن كېيىن بۆرە ئانىنىڭ ئۇۋىسى ئالدىغا يېتىپ كەلدۇق. ئۇۋا ئالدىدا ئويناپ يۈرگەن بۆرە كۈچۈكلىرى مېنىڭ قارامنى كۆرۈپلا ئۇۋىلىرىغا يۈگۈرۈشۈپ كىرىپ كەتتى. بۆرە كۈچۈكلىرىنىڭ ئەنسىز ئاۋازىنى ئاڭلىغان بۆرە ئاتا ياندىكى ئورمانلىقتىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىپ ماڭا تاشلاندى. ئاقساقال ئۇنى توسۇۋالمىغان بولسا ئۇ بىردەمدىلا مېنى بوغۇپ قوياتتى. ئۇۋىدىن بۆرە ئانا كۈچۈكلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ چىقتى. ئاقساقال ئىككەيلەنگە مېنىڭ كېلىش مەقسىتىمنى ھەمدە مۇشۇ يەردە موگىلىدەك بۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشاش ئويۇم بارلىقىنى ئېيتىۋېدى، ئاقساقالنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا بۆرە ئاتا تۇرۇپ كەتتى.
ــ ياق، مەن بۇ ئىنساننى بۇ يەردە ئېلىپ قالالمايمەن. ئۇ كەتسۇن. مەن موگىلىنى ئېلىپ قالغانىدىم، بىراق، ئۇ يەنىلا ئىنسانلار ئارىسىغا قايتىپ كەتتى. چۈنكى ئىنسانلار ھامان بىز بۆرىلەر توپىغا تەۋە ئەمەس. ئۇنى ئېلىپ قالغىنىم بىلەنمۇ ئۇ بىر كۈنلەردە يەنىلا ئۆز دۇنياسىغا قايتىپ كېتىدۇ.،ــ بۆرە ئاتا ئۇۋىسىغا ماڭدى. مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ ئالدىنى توستۇم.
ــ مەن قايتىپ كەتمەيمەن، مەن مۇشۇ يەردە ياشاش ئۈچۈن كەلدىم. مەڭگۈ سىلەر بىلەن بىرگە ياشايمەن. مېنى ئېلىپ قېلىڭ،ــ مەن بۆرە ئانىغا بىچارىلەرچە تەلمۈردۈم. بۆرە ئانا گەپ قىلاي دېۋىدى بۆرە ئاتا ئۇنى توسۇپ قويدى.
ــ بىلەمسىز؟ ئەينى ۋاقىتتىمۇ مەن موگىلىنى بەكلا تەستە ئېلىپ قالغانىدىم. موگىلىنى ئۆز ئوغلۇمدەك كۆرەتتىم. ئۇنى بىز بۆرىلەرنىڭ بىر ئەزاسى دەپ بىلەتتىم. ئۇ كەتتى. ئۇنىڭ كېتىشىگە قىيالمىساممۇ كېتىشىگە يول قويدۇم. چۈنكى ئۇ بەرىبىر ئىنسان، بىزلەر بىلەن مەڭگۈ بىللە ياشىيالمايدۇ. ئۇ ئىنسانلار ئارىسىدا ئۆز يولىنى ئۆزى تېپىپ ياشىشى كېرەك. بۇ ئىنساننى ئېلىپ قالغىنىمىز بىلەن ئۇ بەرىبىر بۇ يەردە ياشىيالمايدۇ. يەنىلا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇنىڭ بۇ يەردە قالىمەن دەپ قىينالغىنىدىن ھازىر قايتىپ كەتكىنى ياخشى.،ــ بۆرە ئاتا ئۇۋىسىغا كىرىپ كەتتى. بۆرە ئانا ماڭا بىر قاراپ قويۇپ كۈچۈكلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ئۇمۇ كىرىپ كەتتى. ئاقساقال بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپقالدى. ماڭا مېڭىشقا ئىشارەت قىلىپ تاغ تۆپىسىدىكى بىر ئېگىزلىككە قاراپ ماڭدى. بۇ بۆرىلەر يىغىلىدىغان يەر ئىدى. مەن كارتوندا كۆرگىنى بىلەن جىق پەرقى يوقتى. ئاقساقال بىر قورام تاشنىڭ ئۈستىگە چىقىپ قاتتىق بىرنى ھۇۋلىۋېدى بىردەمدە تەرەپ-تەرەپتىن بۆرىلەر ھۇۋلاشقا باشلىدى. بىردەمنىڭ ئىچىدە بۆرىلەر بۇ يەرگە يىغىلدى. ئۇلار مېنى كۆرۈپ ھەيرانلا قېلىشتى. ھېچقايسىسى گەپ قىلماي ئاقساقالغا قاراپ ئولتۇردى. ئاقساقال بۆرىلەرنىڭ يىغىلىپ بولغانلىقى كۆرگەندىن كېيىن مېنىڭ نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىمنى ئۇلارغا چۈشەندۈردى. ھەم بۆرە ئاتا بىلەن بۆرە ئانىنىڭ مېنى ئېلىپ قالمىغانلىقىنى باشقىلارنىڭ مېنىڭ بۇ يەردە قېلىشىمغا قانداق قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۆرىلەر بىر ئېغىزدىن مېنىڭ بۇ يەردە قالسام بولمايدىغانلىقىمنى مېنىڭ بۆرىلەر توپىغا تەۋە ئەمەس ئىكەنلىكىمنى دېيىشتى. ئاقساقال بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى:
ــ بۇ ئىنسان شۇنچە زور ئۈمۈدلەر بىلەن بۇ يەرگە كەپتۇ. ئۇنى ھازىرچە قايتۇرىۋەتمەيلى. ئۇنىڭغا ئازراق ۋاقىت بېرەيلى ئارىمىزدا ياشاپ باقسۇن، ئۆزى بۇ يەردە ياشىيالمايدىغانلىقىنى بۆرىلەر توپىغا تەۋە ئەمەس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغاندا ھەممە ئىشلار ئۇنىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتىدۇ. ھازىر ئۇنى كەتكۈزىۋەتسەك بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ بۇ يەرنى ئۆزىنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى دەپ ئويلاپ بۇ يەرگە كەپتۇ. قېنى ئۇ ئۆزى بەرداشلىق بېرەلىگىنىچە ياشاپ باقسۇن، قالغان ئىشلارغا كېيىن بىر نەرسە دەيلى. ھەممىڭلار قايتىڭلار!،ــ ئاقساقال ماڭا مېڭىشقا ئىشارەت قىلدى. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدىم. بىز ئورمانلىقتا بىردەم ماڭدۇق. خېلى ئۇزاقتىن كېيىن ئورماننىڭ چېتدىرەك بىر قىيالىقنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلدۇق. بۇ يەردە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن شاخ-شۇمبۇلاردىن ياسىغا بىر كەپە ئۆي تۇراتتى. بوراندا ئۇنىڭ شاخلىرى ئۇچۇپ قالمىغانىدى. پەقەتلا ئازراقلا كەپىنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ ئىزناسى قالغانىدى.
ــ بۇ ئۆيدە موگىلى تۇرغان، ئۇ كېتىپ بۇ يەر چۆلدەرەپ قالدى. ئەمدى بۇ يەردە سەن تۇرغىن.،ــ ئاقساقال كېتىپ قالدى.
بۇ ئۆينى ئازراق تۈزىمىسەم بۈگۈن كېچىنى كەپىنىڭ سىرتىدا ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولىدىغاندەك قىلاتتىم، شۇڭا شۇنچە كەچ بولۇپ كەتكىنىگە قارىماي كەپىنى ئوڭشاشقا باشلىدىم. خېلى ۋاقىتلاردىن كېيىن كەپە ئۈستىمنىى بولسىمۇ يامغۇردىن قوغدىغىدەك ھالغا كەلدى. نۇرغۇن يوللارنى مېڭىپ ھېرىپ ھالىم قالمىغاچ بىرەدەمدىلا كۆزۈم ئۇيقۇغا كەتتى.
ئەتىسىدىن باشلاپ مەن ھەممە ئىشلاردا بۆرىلەر بىلەن بىللە ماڭدىم. ئۇلار بىلەن بىللە ئوۋ ئوۋلىدىم.بۆرىلەر بولسا ئوۋلىرىنى شۇ يەردىلا تەقسىملەپ قورسىقىنى توقلاپ كېتىپ قالاتتى. بىراق مەن ئۈچۈن بىر قېتىم قورسىقىمنى تويغۇزۇش بەكلا قىيىنغا چۈشتى. چۈنكى مەن موگىلىدەك كىچىكىمدىن بۇلارنىڭ قېشىدا خام گۆش يەپ چوڭ بولمىغاچقا ئوۋلاپ كەلگەن ئوۋلارنى ئوت قالاپ پۇشۇرۇپ ئاندىن يەيتتىم. ماڭا بۇ ئىشلارنى قىلىشقا نۇرغۇن ۋاقىت ئەجىر كېتەتتى. بەزىدە بۇ ئىشلارنى قىلىشتىن بەكلا قىينىلىپ خام گۆشلەرنى يېيىشنى ئۆگىنىشنى ئويلاپمۇ باقتىم يەنىلا قىلالمىدىم. بۆرىلەر ئاقساقىلى مېنىڭ ئەھۋالىمنى كۈزىتىپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭ مېنى بەرداشلىق بېرەلمىدىڭ يەنىلا قايتىپ كەت دەپ قايتۇرۇۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ بار كۈچۈم بىلەن غەيرەت قىلىپ ياشىماقتىدىم. مەن يەنىلا ئەتراپتىكى مۇھىتتىن زېرىكىشلىك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. بۇ يەرنىڭ شارائىتىغا كۆنەلمىگىنىم ئېنىق ئىدى. بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن ئويلىغان ئارزۇ-ئارمانلىرىم نەلەرگىدۇر غايىپ بولغانىدى. بىراق، مېنىڭ يەنىلا تەن بەرگۈم يوقتى. بار كۈچۈمنى يىغىپ غەيرەت قىلىپ،ياشاۋاتماقتىمەن. ئاخىر بىر كۈنى مەن ھالسىزلىنىپ ئورنۇمدىنمۇ تۇرالمىغىدەك ھالغا چۈشۈپ قالدىم. بۆرىلەر ئاقساقىلى مېنىڭ ئەھۋالىمنى بىلىپ كۆرگىلى كەلدى. ئۇ بىردەم يېنىمدا ئۈن-تۈنسىز ئولتۇردى.
ــ قايتىپ كەتكىن! سەن بۇ يەرگە تەۋە ئەمەس، ئىنسانلار ئارىسىدا ھايات مۇساپەڭنىڭ توغرا يولىنى تېپىپ ياشىساڭ تۇرمۇشتىن بىزارلىق ھېس قىلمايسەن. سەن ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنى سۆي! ئۆزىنى ھۆرمەتلىمىگەن ئادەم ئۆزگىنىمۇ ھۆرمەتلىمەيدۇ. سەن ھەقىقەتنى ئىزدىمىسەڭ ئۇ سېنىڭ ئالدىڭغا ئۆزلىكىدىن كەلمەيدۇ. ھەقىقەت سېنىڭ ئەتراپىڭدا بار. پەقەتلا سەن ئۇنى تاپالمايۋاتىسەن. ئۇنى ئىزلەپ تاپ! سەن بۇ دۇنياغا ئاپرىدە بولغانىكەنسەن بىر كىشىلىك ئىنسانلىق بۇرچۇڭنى ئادا قىل! شۇندىلا ھاياتنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلىسەن. سېنى بۆرىلەر جىلغىسىنىڭ ئېغىزىغىچە ئاپىرىپ قوياي.،ــ ئاقساقال ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭدى. مەن بېشىمنى ساڭگىلاتقىنىمچە ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدىم. ئۇ مېنى جىلغا ئېغىزىغىچە ئەكىلىپ قويۇپ قايتىپ كەتتى.
ئازراق ماڭغاندىن كېيىن كەينىمگە قايرىلىپ بۆرىلەر جىلغىسىغا قارىدىم. ئورمانلىقنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمدىن ئاستا-ئاستا يوقاپ كەتمەكتە…
مەن يەنىلا ئىنسانلار دېڭىزىغا قايتتىم. دېڭىز دەھشەتلىك دولقۇنلىماقتا…
مەن دولقۇنلار ئىچىدە گاھ شۇڭغۇپ، گاھ لەيلەپ ئۈزمەكتىمەن…
قىرغاققا ئۈزۈپ بارالامدىم يوق بۇنى بىلمەيمەن…
بەلكىم قىرغاققا ئۈزۈپ بارالىشىم مۇمكىن…
تۇرمۇش دېڭىزى مېنى بىراقلا يۇتۇپ كېتىشىمۇ مۇمكىن…

مەن توختىماي ئۈزمەكتىمەن…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 25 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    بىلنۇر 2012-07-05 04:23

    ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ ، مۇشۇنداق ئەسەرلىرىڭىزنى داۋاملىق ھوزۇرىمىزغا سۇنىشىڭىزنى ئۈمىدى قىلىمەن!

    جۇلالىق

    تېتىملىق يازمىلارنى يېزىشقا تىرىشىمەن.

  •   #2  

    ھىكمەت 2012-07-06 05:26

    ئۈمىدۋار بولۇڭ، ياخشى كۈنلەر ئالدىمىزدا…

    جۇلالىق

    يازمىنى ھەرگىز مېنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشۇمغا باغلاپ چۈشەنمەڭ.
    شۇنداق ئىلھاملار بولمىسا يازما يازغىلى بولمايدىكەن.

    ھىكمەت

    مۇنداق دەڭ…

  •   #3  

    تورسودا 2012-07-08 12:11

    راستىنلا ئىسمى جىسمىغا لايىق جۇلالىق بلوگى ئىكەن ، ئىچىدىكى مەزمۇنلار بىر- بىرىدىن تىخىمۇ جۇلالىق…

    جۇلالىق

    بلوگنى بەكلا تەرىپلىۋېتىپسىز، يازمىلار سىزنىڭ ئوقۇشىڭىزغا ئەرزىگەن بولسا مەن شۇنىڭدىن خۇرسەنمەن.

  •   #4  

    كۆككەپتەر 2012-07-08 21:26

    مېنىڭمۇ مادىقاسقار ئارىلىدەك ئىپتىدائىي ئورمانلىقلارغا بېرىپ، ياشىغىم بار.

    جۇلالىق

    بىز ياشاۋاتقان بۇ مۇھىتتىن ھەممە ئادەم بىزاردەكلا قىلىدۇ.

  •   #5  

    پەخرىم 2012-07-13 10:52

    ۋاھ ۋاھ مەزمۇنلار نىمانداق سەرخىل . ئۇسلۇبىڭىز ئاندىن چىرايلىق

    جۇلالىق

    ئۇنچىۋالا تەرىپلەپكەتكۇدەك ئەمەس، رەھمەت.

  •   #6  

    ھىكمەت 2012-07-14 06:14

    « ئورمان بالىسىدەك تەنھا ياشىغۇم بار» دەپ ئورمانلىققا كىتىپ قالدىڭىزمۇ نېمە ؟ يېڭى يازمىلىرىڭىزنى بەك ساقلاپ كەتتۇققۇ…

    جۇلالىق

    ئىلھاملارنىڭ ھەممىسى ئورمانلىقتا ئەركىن ياشايمىز دەپ قېچىپ كەتتى دەڭە، ئىلھاملارنى قوغلاپ يۈرۈۋاتمامدىم.

  •   #7  

    ئالىمجان 2012-07-22 05:59

    مەنمۇ ھازىرقى بىنا بىلەن توشۇپ كەتكەن توت تامدىن باشقا نەرسە يوق تۇرمۇشتىن بەكلا بىزار بولدۇم ،
    ۋاقتىڭىز يەتسە بىز تەرەپلەر گىمۇ ئۆتۇپ قويارسىز

    جۇلالىق

    ئەلۋەتتە، مەھەللىڭىزنى زىيارەت قىلغىلى بارىمەن.

  •   #8  

    تەشنايى 2012-07-22 23:09

    ياۋرۇپا جەمئىيىتىنىڭ غىرىپلىقىدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى: ئاچكۆزلۈك بىلەن مەنپەئەتلا قوغلىشىش ئىنساننى ۋەيران قىلىدۇ… خىياللىرىڭىز نېمىدىگەن تاتلىق، تۇرمۇش ھەرخىل ئادەملەردىن تەركىب تاپقان، ياخشى – يامان كىشىلەر بىرلىكتە رىئاللىقنىڭ سىھرىي كۈچىنى ئاشۇرغان…. قەلەم تۇلپارىڭىز ھىرىپ قالمىغاي!

    جۇلالىق

    بەزىدە شۇ تاتلىق خىياللىرىم رېئاللىققا ئايلانسا دەپمۇ كېتىمەن.

  •   #9  

    پاساھەت 2012-08-16 09:39

    يېقىملىق مۇزىكا ، تېتىشلىق يازمىلار ئارسىغا چۆكۈپلا كېتىپتىمەن، دەبدەبىدىن خالىي بەكمۇ يېقىشلىق يېزىپسىز.

    جۇلالىق

    يازمىنى ئۆز ئەركىگە قويۇپ بېرىپ يازسا ئادەمگە مەنىۋىي ئۇزۇق بولالايدىكەن، تەپەككۇرۇڭنى رامكىغا ئەكىرىپ قويساڭلا بۇنداق يازما ئوقۇرمەننىمۇ زېرىكتۈرۈۋېتىدىكەن.

  •   #10  

    ئۇيغۇربەگ 2012-08-16 10:02

    نېمىشقىكىن، مەن ئەركىن تۈزۈمدىكى زامانىۋى شەھەرگە بەكرەك تەلپۈنىمەن، بەلكىم تۇرمۇشدىكى ئاچچىق رېئاللىقلار مېنى …

    جۇلالىق

    مەن قايناق شەھەر مۇھىتىدىن، ئىنسانلار توپى ئارىسىدىن بەكلا زېرىكىۋاتىمەن.

  •   #11  

    ئۇيغۇربەگ 2012-08-16 10:02

    مۇزىكا بەك ياقتى، مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ كېتىپ بارىمەن

    جۇلالىق

    بايا قارىسام بەگ ئىنىم مۇزىكىدىن مۇڭلۇنۇپ ئورۇندۇقتا ئۇخلاپلا قاپتىكەن. ھاھاھا….

  •   #12  

    ۋولقان 2012-11-07 04:35

    ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن، مەن يېقىندىن بۇيان شۇنداق ئويلايدىغان بوپ قالدىم، مۇمكىن بولسا شۇنداق بىر مۇھىت بولسا، ھۆكۈمەت، قانۇن، سىياسەت، مۇرەككەپ ئىجتىمائي مۇناسىۋەت ،پۇل- مال، ھەرخىل رەزىللىكلەردىن خالىي ياشىسام دەيمەن، بىراق بۇ ئەمەلگە ئاشمايدىغان خىيال دە!!!!!!!!!
    ئەسىرىڭىزگە تەشەككۈر.

    جۇلالىق

    بەزىدە ئادەم شۇنداق تاتلىق خىياللارنى قىلىپ قالىدىكەن. بىراق، شۇنداق بىر شارائىتلاردا ياشاپ قالساق شۇ مۇھىتتا ياشىيالامدىمىز يوق بۇنىسى ھەممىمىزگە نامەلۇم.