پۇل ۋەسۋەسىسىدە

تەسىرات ئۈنچىلىرى 2012-07-26 23:23 1,237 13

پۇل ۋەسۋەسىسىدە

نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 5-يۈرۈش قانىلىدا «پۇل ۋەسۋەسىسىدە» دېگەن بىر فىلىمنى قويدى. كىتاب كۆرۈپ ئولتۇراتتىم بېشىدا فىلىمگە ئۇنچە قىزىقمىغانىدىم. فىلىم ئامېرىكىنىڭ بولۇپ توي قىلىپ بولغان ئۈچ ئايالنىڭ تۇرمۇشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ ئىشلىگەنىكەن. بىردەم كىتابقا بىردەم فىلىمگە قاراپ ئولتۇرۇپ فىلىمنى كۆرۈشكە قىزىقىپ قالدىم. فىلىم ئۇنچە بەك ئادەمنى جەلىپ قىلغىدەك قىزىقارلىقمۇ ئەمەس. مېنى قىزىقتۇرغىنى ئۈچ ئايالنىڭ تۇرمۇش بېسىمى ئاستىدا تىرىشىپ-تىرمىشىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى بولدى.
بىرىنچى ئايالنىڭ ئوغلىنىڭ ئەقلى كەمتۇك ئىدى. ئېرىنىڭ خىزمىتىمۇ ئاددىيلا خىزمەت بولغاچقا ئائىلىسىنى ئارانلا قامداپ كېتىدىكەن. ئۇ ئوغلىنى ياخشى شارائىتلىق ئۇنى ھەر تەرەپتىن يېتەكلىيەلەيدىغان مەكتەپكە بېرىش ئۈچۈن پۇل تېپىشنىڭ ئامالىنى قىلىپ ھەر تەرەپكە قاتناپ باقىدۇ.
ئىككىنچى ئايال ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن بالىسىمۇ يوق. ئېرىنىڭ خىزمىتى بولمىغاچ ئۆي ئېلىپ ئولتۇرۇشقىمۇ قۇربى يەتمىگەچ ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىنىڭ ياندىكى ئۆيىدە تۇراتتى. ئايالنىڭ خىزمىتى بار بولسىمۇ خىزمەت قىلىپ تاپقان مائاشى ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزى ئويلىغاندەك راھەت-پاراغەتتە ئۆتكۈزۈشكە يەتمەيتتى.
ئۈچىنچى ئايالنىڭ بىر قىزى بار. ئېرىنىڭ خىزمىتى يوق ھەم ئۆزى ھەر تەرەپتىن خىزمەت ئىزدەپ تاپالماي ئامالسىز قالغان، كۈندە دېگۈدەك خىزمەت ئىزدىگەن بولسىمۇ خىزمەت تاپالماي چارىسىز ئۆيىدە ھاراق ئىچىپ كۈن ئۆتكۈزەتتى.
پۇل دەردىنى يەتكۈچە تارتقان قانچە ئاماللارنى قىلىپ باقسىمۇ چارىسىز قالغان بۇ ئۈچ ئايال ئەرلەرگە ھەمراھ بولىدىغان ئورۇن ئاچقان بىر ئايالنىڭ يېنىغا كېلىپ شۇ يەردە تونۇشىدۇ.
بۇلار بىرەر ئاي ھېچكىمگە بىلدۈرمەي پۇل تاپىدۇ. بىراق، تەلەي ھەمىشىە ئوڭدىن كېلىۋەرمەيدۇدە، ئۈچەيلەن بىرلىكتە ئەلەرگە ھەمراھ بولۇپ ئولتۇرغان يېرىدىن يەرلىك ساقچىلارغا تۇتۇلۇپ قالىدۇ. بۇ ئورۇننىڭ ئىشى ئاشكارىلىنىپ كېتىدۇ. بىرىنچى ئايالنىڭ ئېرى خىزمەت بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتكەن بولغاچ قايتىپ كېلىپ ئايالىنىڭ ئىشىنى بىلىپ ئاجرىشىپ كەتتى. ئەر كىشىگە بۇنىڭدىن ئارتۇق ئازاپ بولمايدۇ.
ئىككىنچى ئايال ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن بولغاچ قىلغان ئىشىدىن ئۆزى پۇشايمان قىلىپ يۈرۈۋەردى.
ئۈچىنچى ئايال ئېرىنىڭ بۇ ئىشلارنى بىلىپ قېلىشىدىن قورقۇپ ئېرى ساقچىخانىغا كېىلىپ بولغىچە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالدى.
ئىككى ئايال ھېلىقى دوستىنىڭ قەبرىسى ئالدىدا ئۆزىنىڭ توغرا قىلمىغانلىقىنى، ھازىر بەكلا پۇشايمان قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلىشىپ خوشلىشىپ ھەر ئىككىلىسى يەنە ئۆز تۇرمۇشى ئۈچۈن تىركىشىش يولىغا قاراپ ماڭدى.
فىلىم پاجىئە بىلەن ئاخىرلاشتى. كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى. پۇل شۇنچە قۇدرەتلىكمىدۇ؟ بەزىلەرنىڭ نورمال كېتىۋاتقان ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىۋەتسە يەنە بەزىلەرنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەبچى بولسا پۇل بولمىسا زادى ياشىيالماسمىزمۇ؟
سوئاللار كاللامغا تىزىلىپ كەتتى، ئەمما جاۋابى يوق. يانچۇقۇمدىن ئون كويلۇق پۇلدىن بىرنى ئالدىم پۇلغا قاراپ ئولتۇرۇۋاتىمەن، قولۇمدىكىسى بولسا ئاددىيلا بىر قەغەز، بىزلەر كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئىشلىتىپ تاشلىۋېتىدىغان قەغەزلەردىن پەرقى يوق. بىراق بۇ پۇلنىڭ قۇدرىتى شۇنچىلىك كۈچلۈككى بەزىدە سەن ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايسەن. ھاياتىڭ پۇلسىز داۋاملىشالمايدۇ. بىر كۈنۈڭ پۇلسىز ئۆتمەيدۇ. شۇ ئاددىي قەغەرنى دەپ نۇرغۇنلىغان ئەقىلسىزلەر ئۆز تۇرمۇشىنى ۋەيران قىلماقتا…

بۇ يازمىدا جەمئىي 13 پارچە ئىنكاس بار.

  •   #1  

    ئەلگە نەپ 2012-07-27 07:34

    ھەي مۇشۇ پۇل دىگەن نەرسىگە بىز خەق بەزىدە نىمانچە ئامراق ،بەزىدە ئۆچ!

    جۇلالىق

    پۇلنىڭ ئوتى بەكلا يامان ئەمەسمۇ؟

  •   #2  

    تەشنايى 2012-08-01 23:07

    ھەممە گۇناھنى پۇلغا ئارتىپ قويۇشمۇ ئاقىلانىلىك ئەمەس، ئۇ پەقەت بىر قورال خالاس… پۇل كەلتۈرۈپ چىقارغان پاجىئەلەرنىڭ مەنبەسىنى ئىنسان خارەكتىرىدىن چۈشىنىش كىرەك!

  •   #3  

    پەخرىم 2012-08-02 08:25

    پۇل ! ئولتۇرسىمۇ پۇل ، قوپسىمۇ پۇل نەگە بارسا پۇل پۇل دىگەن بۇ كەشپىياتنى ئۆزىمزى ياراتتۇق يۇ بىراق مۇشۇ پۇلغا ئىشت بولدۇق ھەي ……

  •   #4  

    ئابدۇلللا 2012-08-04 21:53

    گەرچە تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ يوللاۋېرەي….
    مۇشۇ بېتىڭىزنى ئاچسىلا چىقىدىغان مۇزىكىنى ماڭا يوللاپ بىرەلەرسىزمۇ ؟تولا ئىزدەپ ھېرىپ قالغان ئىدىم ؟ بۇلامدۇ ؟
    413299300 مۇشۇ كىيۇ كىيۇ ئېلخەتىكە يوللاپ بەرسىڭىز!

    جۇلالىق

    بولىدۇ، مەن سىزگە ئەۋەتىپ بېرەي.

    جۇلالىق

    ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى قالدۇرۇڭ، يوللاپ بېرەي.

  •   #5  

    مەلەك 2012-08-16 09:43

    تىنچلىقمۇ ، ھېرىپ قېلىۋىدىم تۇيۇقسىز بلوگىڭىز ئېسىمگە كەلدى ، سەرخىل يازمىلارنى ئوقىغاچ ، مۇزىكا ئاڭلاش نېمىدىگەن ھوزۇر

    جۇلالىق

    تىنچلىقمۇ،
    قانداق ئەھۋال؟
    مەلەك خانقىزنىمۇ بلوگىمدا كۆرگىلى بولىدىكەن ھە؟
    ئۇزاق زامانلار بولدى قەدەم باسماس بولۇپ كەتتىڭىز ئانچە-مۇنچە يوقلاپ قويۇڭ، سېغىنىپ قالىدىكەنمەن.

    ئالىم

    مەلەك قاچانلاردىن باشلاپ مۇزىكىغا ئامراق بولۇپ قالغاندۇ ئەمدى!!!!!!!!

    جۇلالىق

    مەلەك ئەزەلدىن مۇزىكىغا ئامراق، ھاھاھا،،،،

    ئالىم

    مەن saf ئاكىڭىز

    جۇلالىق

    قايسى ساف ئاكام؟