مۇھتاجلىق ھەققىدە پاراڭلار

تۇرمۇش كارتىنىلىرى 2012-08-16 11:47 1,291 32

مۇھتاجلىق ھەققىدە پاراڭلار

2012-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى يەكشەنبە ئىشلىرىمنى تۈگۈتۈپ جامىئە مەسچىتنىڭ ئالدىدىكى يولدىن ماڭدىم. بۇ يولدىن بۇرۇن نۇرغۇن قېتىملاپ ماڭغان بولساممۇ ئانچە دىققەت قىلمىدىممۇ تاڭ، بۈگۈن يول بويىدىكى ھەر خىل مەنزىرىلەر دىققىتىمنى تارتتى. بەلكىم بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ يولدىن يەكشەنبە كۈنلۈكتە مېڭىپ باقمىغان بولسام كېرەك.

خوتەن چوڭ جامىئەسى شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ جامىئەنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىدە تۆت يول كېسىشكەن ئېغىز بار. بۇ يولنىڭ ئانچە ئۇزۇن ئەمەسلىكىگە قارىماي بۇ يەر ناھايىتى ئاۋات ئىدى. يەكشەنبە كۈن بولمىسىمۇ تاشىچلار يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ تاش سودىسى قىلىپ بۇ يەرنى قىزىتىدۇ.

خوتەننىڭ بازىرى يەكشەنبە كۈنلۈكتە بەك قىزىيدۇ. دېھقانلار ھەممىسى مۇشۇ كۈنلۈكتە نەرسە سېتىۋالغىلى يىراق-يىراقلاردىن كېلىشىدۇ.

بۈگۈنمۇ باشقا يەكشەنبە كۈندىكىدەك بازار خېلى قىزىپ كەتكەنىدى. جامىئە مەسچىىتنىڭ ئىككى تەرىپىدە يېزىدىن كەلگەن بىر تۈركۈم كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان كىچىك يايمىچىلار يايمىسىدىكى نەرسىلىرىنى خېرىدارلارغا سېتىش ئۈچۈن باھا تالاشماقتا ئىدى. شۇنچە تېز مېڭىۋاتقان مەن تۇيۇقسىز قەدەملىرىمنى ئاستىلاتتىم. ئاستا ماڭغاچ ئەتراپتىكى يايمىچىلارغا يايمىدىن نەرسە ئېلىۋاتقان دېھقانلىرىمىزغا سەپسېلىپ قارىدىم. يايمىچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشانغان كىشىلەر ئىدى. ئالدىدىكى نەرسىلەرگە زەن سېلىپ قارىدىم، قارىدىميۇ ھەيرانلا قالدىم. مۇشۇ نەرسىلەرنىمۇ سېتىۋالامدىغاندۇ؟ دېگەن سوئال پەيدا بولدى. يايمىچىلارنىڭ ئالدىدىكى نەرسىلەرنىڭ تولىسى كونا نەرسە-كېرەكلەر ئىكەن. كونا يوتقان-كۆرپە، كونا ئاياغ، سۇلياۋ قۇتا، كونا پىلاستىنكا دېگەندەك نەرسىلەر ئىدى. بىزنىڭ دېھقانلىرىمىزنىڭ شۇ نەرسىلەرگە ئېھتىياجى بارلىرى بۇلار بىلەن باھا تالىشىپ قىزغىن سودا قىلىۋاتاتتى. بىر ياشانغان مومايدىن ئاتمىش ياشلاردا بار بىر بوۋاي بىر كونا كۆرپىنى ھە دەپ باھا تالاشماقتا ئىدى. موماي كۆرپىنى بەش كويغا ئالساڭ بېرىمەن دەيتتى، بوۋاي ئۈچ كويغا ئالاي دەپ تالاشماقتا، ئاخىرى ئىككىلىسى سودىدا كېلىشەلمەي بوۋاي كېتىپ قالدى. بۇ ئىككەيلەنگە قاراپ تۇرۇپ قالغىنىمنى ئۆزۈممۇ تۇيمايلا قاپتىمەن. ئۆزۈمگە كېلىپ يولۇمنى داۋاملاشتۇردۇم، لېكىن ئەتراپىمدىكى شۇ مەنزىرە خىيالىمدىن كەتمىدى.

مۇھتاجلىق ئادەمنى نېمە كويلارغا سالمايدۇ؟ نېمە كۈنلەرنى كۆرسەتمەيدۇ؟ بىزلەر كۆزگە ئىلمايدىغان ئەشۇ ئاددىي نەرسىلەر نۇرغۇنلىغان يوقسۇل-بىچارىلەرگە ئەتىۋارلىق بىلىنەتتى. ئاددىيسى مەنمۇ بەزىدە ئاۋۇ يەردە سېتىلىۋاتقان نەرسىلەردىن ياخشى يېڭىراق نەرسىلەرنى جايلاشتۇرۇپ بولالمىدىم نەگىلا قارىسام كونا نەرسىلەر دەپلا تاشلىۋېتىمەن. تۇرۇپلا ئاچچىق كۈلدۈم، ئىنسان دېگەن شۇنداق ئىكەن. ئازراقلا باياشاتلىق كۆرسەڭ ئۆزۈڭنى قويارغا يەر تاپالماي قالىدىكەنسەن. بېشىڭغا ئېغىر كۈنلەر كەلسە ئاھ ئۇرماقتىن باشقا چارەڭ يوق ئىكەن. ئىنسان تەقدىر ئالدىدا بەكلا ئاجىز. ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان خىياللار ئىلكىدە ئۆيگە قايتتىم.

ئۆيگە كېلىپ بولغىچە كۈن پېتىشقىمۇ ئاز قالغانىدى، ئالدىراشلا تاماققا تۇتۇش قىلدىم، بىر قولۇمنى ئىككى قىلالمايۋاتسام بىرسى ئىشكنى چەكتى. كەچ ۋاقتىدا كەلگەن كىمدۇ بۇ؟ دەپ ئىچىمدە غۇدىرىغاچ ئىشكنى ئاچتىم. ئىشىك تۈۋىدە يەتمىش ياشلاردىن ئاشقان بىر ئايال تۇراتتى. ئىشكنى ئېچىشىمغىلا :

ــ بالام، ماڭا بولسا ئازراق ياردەم قىلغىن! مەندەك قېرىپ قالغان ئاجىز بىچارىگە قىلغان ياردىمىڭگە ئىگىمىز ھەسسىلەپ بەرسۇن،ـ دېدى.

بۇ ئاي كىرگەندىن بۇيان ياردەم دەپ كېلىدىغانلار كۆپىيىپ قالغانىدى، كۆپىنچىسى پۇت-قوللىرى ساق ياشلار بولغاچقا ھەممىسىنى چوڭلار بېرىدۇ دەپ شۇلارنىڭ يېنىغا يولغا سالغان ئىدىم. بىراق، بۇ ياشانغان ئايالغا ئۇنداق دېيىشكە يۈزۈم چىدىمىدى، قېرىپ قالغانلىقىنى، مۇھتاجلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ بۇنداق دەپ يولغا سالسام بولمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇن-تۈنسىزلا كىرىپ ئازراق ئاتىغىنىمنى ئەچىقىپ بەردىم. ئايال بىرمۇنچە ياخشى گەپلەرنى قىلىپ كېتىپ قالدى.

ئۆيگە يېنىپ كىردىم، تاماق پىشتى. تاماققا قاراپلا قورسۇقۇم تويۇپلا قالدى. بايىقى مەنزىرىلەر تېخىچە كاللامدىن كەتمەي ئىشتىھايىمنى تۇتتى. بىزلەرنىڭ ئالدىمىزدا يەيلى دېسەك ئېسىل تاماقلار تەييار ئىدى. بىراق، نۇرغۇنلىغان ئاجىز-بىچارىلەر يەيدىغانغا ئاش، كىيىدىغانغا كىيىم تاپالماي ئاچ-زارلىقتا ياشىماقتا…

بىزلەر ھوزۇر-ھالاۋەتكە چۆكۈپ كېتىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە كاللىمىزنى ئازراق سىلكىۋېتىپ ياشايدىغان ۋاقتىمىز كېلىپ قاپتۇ. بەخىت بۆشۈكىدە ئەللەينىلىۋاتقان مۇشۇ پەيىتتە ئەتىلا بۇ بەخىتتىن قۇرۇق قېلىپ قاق-سەنەم بولۇپ بىزلەرمۇ ئەشۇلاردەك مۇھتاج بولۇپ قالمايمىز دېيەلمەيمىز، چۈنكى ئىگىمىز بەرگەن نەرسىلەر ئىگىمىزنىڭ ئىلكىدە، كىمگە بەرگۈسى كەلسە بېرىدۇ، قايتۇرىۋالغۇسى كەلسە قايتۇرىۋالىدۇ. بىزلەر پەقەتلا ئاجىز بىر ئىنسان خالاس.

قالغىنىنى ئەقىللىق ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ تەپەككۇرىغا، ئويلىنىشىغا قالدۇردۇم…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 32 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    يولۋاسباي 2012-08-16 21:21

    بۇ دۇنيادا ئىنساننىڭ ئىنسانغا ھاجىتى چۇشۇش ،ۋە مۇھتاجلىق ئەڭ ئىچىنىشلىق ئىشلار ھەر بىر كىشىنىڭ باشقىلارنىڭ قولىغا قارىماسلىقىنى دىن تىلەيمەن

    جۇلالىق

    دېگىنىڭىز بەكلا توغرا، بەندىنى بەندىگە مۇھتاج قىلمىسۇن!

    ئالىم

    ئىساننىڭ ئىنسانغا ھاجىتى چۈشۈشىنى ئېچىنىشلىق ئىش دەپ قاراش توغرا ئەمەس دوستۇم!!!
    تەڭرى ئىنسانلارنى يارىتىشتىلا بىر بىرىگە ھاجەتمەن قىلىپ ياراتقان.بولمىسا ئىدى بىزنىڭ گۈزەل گويا ھەممە بىر تەندەك ئۆتۈشىنى تەشەببۇس قىلماس ئىدى.

    جۇلالىق

    دېگىنىڭىز توغرا، ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچىغا ئاسانلىق بېرىدۇ.

    ئىستىقلال

    سىزدىن رازى بولسۇن قېرىندىشىم .

    جۇلالىق

    ھەممىمىزدىن رازى بولسۇن!

  •   #2  

    ئۇيغۇر بىلوگگىر مۇنبىرى 2012-08-17 08:14

    ھەي …… بۇ ئاشۇنداق تەڭشەلمىگەن جاھان مۇشۇ يەدىلا ئۆزەمنى ئاشكارلىۋىتەي مەنمۇ چوڭ بۇلۇپ تۇتۇپ باقمىدىم بۇ يىل چۇقۇم تۇتۇمەن دەپ يەنە تۇتامىىدم مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى شۇنداق بۇلۇپ قالدى

    ئۇيغۇر بىلوگ مۇنبىرى سىزنىڭ ئۇلىنىش قىلىۋىلاي دىگەن ئەگەر خالىسىڭىز ئۇيغۇر بىلوگ مۇنبىرنى ئۇلىنشىقا قۇتۇۋالسىڭىز بىزمۇ سىزنى شۇ ھامان ئۇلىنشىقا قۇتۇۋالساق

    جۇلالىق

    شۇ نەچچە يىللىق ياخشىلىق سىزنىڭ دەپتىرىڭىزگە يېزىلىپ ماڭىدۇ، ئامال بار ياخشىلىقنى ئۇنۇتماڭ. كېيىن تۇلۇقلاپ بولالماي قالىسىز.
    ئۇيغۇر بلوگگىر مۇنبرىگە مېنى ئۇلىنىش قىلىۋالسىڭىز قەۋەتلا خۇشال بولىمەن.
    مەنمۇ ئۇيغۇر بلوگگىر مۇنبىرىنى ئۇلىنىشقا قوشۇۋالدىم.

  •   #3  

    تورسودا 2012-08-17 03:33

    ھەقىقەتەن ئىسىل يازما بوپتۇ….مۇڭلۇق مۇزىكا ئاڭلىغاچ يازمىنى ئوقۇپ چىقىش جەريانىدا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلىكلەر بىر-مۇبىر كۆز ئالدىمدىن ئۆتكەندەك بولدى….
    يازمىڭىزغا رەھمەت

    جۇلالىق

    يازمىنىڭ سىزگە يارىغىنىدىن خۇشال بولدۇم.

  •   #4  

    ھىكمەت 2012-08-18 02:18

    ياخشى يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن !

    جۇلالىق

    يازما توغرۇلۇق بىرەر-ئىككى ئېغىز گەپ يوقما؟
    ھىكمەتمۇ مۇشۇ كۈنلەردە ھورۇن بولۇپ قاپتۇ.

  •   #5  

    جۇلالىق 2012-08-19 19:28

    تىنچلىقمۇ
    بۇرۇن بەك دىققەت قىلمىغان ئوخشايمەن، قايسى شۇ نەرسىلەرنى كۆرۈپ بىر خىللا بولۇپ قالدىم. بىزلەر ئەرزىمەس دەپ تاشلىۋەتكەن نەرسىلەرنىڭ باشقىلارغا قىممىتى باركەن. بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزۈممۇ دىققەت قىلىمەن. لازىمى بار نەرسىلەرنى قالايمىقان تاشلىۋەتمەيمەن.

  •   #6  

    جۇلالىق 2012-08-19 19:33

    تىنچلىقمۇ،
    سىزنىڭمۇ روزا ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
    ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىن تىلەيمەن!
    سىزمۇ جۇلالىق بلوگىنى قوللاپ-قۇۋەتلەپ قويارسىز!

  •   #7  

    ئالىم 2012-08-21 02:56

    بەك ياخشى تېمىلار بار ئىكەن بۇ يەردە!!!!!
    قولىڭىز گۈل ئىكەن.
    نادىر تېمىلىرىڭىزنىڭ ئۆكسۈپ قالماسلىقىنى تەلەپ قىلىمەن.

    جۇلالىق

    ياخشى تېمىلارنى يېزىشقا تىرىشىمەن، رەھمەت.

  •   #8  

    جۇلالىق 2012-08-22 06:13

    تىنچلىقمۇ،
    سىزنىڭمۇ ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!
    ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى تىن تىلەيمەن!

  •   #9  

    بەرىبىر 2012-08-25 05:44

    توغرا ، كىشىلەرنى مۇھتاجلىقتا قويمىسۇن.

  •   #10  

    ئۇيغۇر بىلوگگىر مۇنبىرى 2012-08-31 11:19

    مەن ئۇقۇشقا كىتىپ مۇنبەرگىمۇ تازا ياخشى قاراپ بولالمىىدم ئازراق چاتاق چىقىپتىكەن بۈگۈن ئوڭشىۋىتمەن سىزنىڭ بىلوگىڭىزنىمۇ ئۇلىنىشقا قۇشۇپ قويدۇم

  •   #11  

    ئۇيغۇر بىلوگگىر مۇنبىرى 2012-09-15 10:59

    ئۇيغۇر بىلوگ مۇنبىرنىڭ لوگو ئادىرىسى ئۆزگەرگەن ئىدى
    http://web2712255.vip.uqkunxah.com/logo.gif

    جۇلالىق

    مەن ئۆزگەرتىپ قوياي.

  •   #12  

    مەلەك 2012-09-21 08:28

    قولۇمدا بەش موچەن پۇل بار ، بىراق بۇ ئوتتۇرسىدىن پارچە بولۇپ كەتكەن پۇل ، پۇلغا قېرىنداش ئېلىشىم كېرەك ئىدى ، بىراق بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋال پۇلنى چاپلىشىم كېرەك ، سۇلياۋ پىلاستىرمۇ بەش موچەن ئىكەن ، قېرىنداشنى قانداق ئېلىشنى ، ياكى پۇلنى قانداق چاپلاشنى بىلەلمەي ، يىغلىۋەتتىم ، ھەي تەڭقىسچىلىق بۇ سەنمۇ ؟

    ھەقىقەتەن بىزلەر كۆزگە ئىلمايدىغان كونا دەپ تاشلىۋىتىدىغان نەرسىلەر ئەنە شۇنداق ھاجەتمەنلەر ئۈچۈن بەلكىم بەكمۇ قەدىرلىكتۇ ، مەنمۇ ئانام ئۆي يۇغۇشتۇر دېسە ، ھەممىنى تاشلاپ تاشلاپلا «يۇغۇشتۇراتتىم » ئەمدى خېجىل بولىۋاتىمەن ، ھەر بىر شەھەردە بىردىن يىغىۋىلىش ئورنى تەسىس قىلىپ يىغىلغان نەرسىلەرنى ھاجەتمەنلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىدىغان بىر ئىش قىلىنسا بەك ئوبدان بولاتتىكەنتۇق ، مەنمۇ ئۆتكەندە توردا مارالبىشىدىكى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇشۇنداق ساخاۋەتلىك ئىش قىلىۋاتقانلىق خەۋىرىنى كۆرۈپ بىر چامىدان كېيىم-كىچەك تەييارلاپ قويغان ، ئەمما ئەۋەتىشكە قادىر بولۇپ بولالمىغانىدىم ، ئۆزىمىز تۇرۇشلۇق ھەر شەھەردە بىردىن بولسا بوپتىكەن .
    مانا مۇشۇنداق ئاچچىق رىئاللىقنى كۆرۈپ بولالماي ئۆتۈپ كېتىدىكەنمز تولاراق

    جۇلالىق

    بىز كۆزگە ئىلمايدىغان ئەشۇ ئاددىي نەرسىلەر باشقىلارغا قىممەتلىك بولىدىكەن.
    تۇرمۇش قىسمىتى ئىنسانغا ئويلاپ باقمىغان قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. مانا بۇ ھايات.

  •   #13  

    مۇئەللىم 2012-09-27 07:35

    بىزنىڭ بىر-بىرىمىزدە ھەققىمىز بار . قېيىنچىلىققا ئۇچىرىغانلارغا ياردەم بىرىش ، مۇھتاجلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش ، ئازغانلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىش ……..يالغۇز ئادەمنىڭ كۈن ئۆتكۈزمىكى تەس . دىلىمىزغا سېلىنغان ياخشىلىق ئۇرۇقلىرى دەل ھاجەتمەنلەرنىڭ ھەققىدۇر . بىر قىتىملىق قاتار چايدىن قالغانغا يۈز ئۆرىگەن دوسىت ئەمەس ، ئەمما ، قاتار چايغا خەجلەنگەن ئاقچا دەل يەنە شۇ ھاجەتمەنلەرنىڭ بىزدىن ئېلىشقا تىگىشلىك ھەققى …..بىز ھامىنى مۇشۇ ھەقلەر ئۈستىدە بىرمۇ-بىر جاۋاب بەرگۈچىمىز….يازمىڭىزغا رەھمەت ، بەرىكەت تېپىڭ !

    جۇلالىق

    چوڭ بولۇپ مۇشۇ كۈنگە كەلگىچە مۇشۇ قاتار چاي دېگەن نەرسىنى ئويناپ باقماپتىمەن. ھەم ئەزەلدىن قاتار چاي ئوينىغانلارغا قارشى تۇرىمەن. مەيلى باشقىلار بۇ قاتار چايدا ياخشى ئىشلارنى قىلىمىز دەپ پەردازلاپ ئوينىسىمۇ مەن پەقەتلا توغرا تاپمايمەن. ھەم قاتار چاي ئوينىغانلارنىڭ بىھۇدە ئۆتكەن ۋاقىتلىرىغا ئېچىنىمەن.

  •   #14  

    ھېكمەت 2012-09-28 09:39

    مۇھتاجلىق بىلەن توختاپلا قالدۇققۇ ؟ يېڭى يازمىلىرىڭىزغا مۇھتاج ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇپ قالمىغايسىز…

    جۇلالىق

    يېقىندا ئىشىم چىقىپ قېلىپ تورغا چىقالمىدىم، ئەمدى داۋاملاشتۇرىمەن.
    ھىكمەتنىڭ مېنى يوقلاپ كەلگىنىگە رەھمەت.

  •   #15  

    جۇلالىق 2012-10-01 20:31

    ماقۇل قوشۇپ قوياي.
    سىزمۇ جۇلالىق بلوگىنى قوشۇپ قويۇڭ.

  •   #16  

    يەرشارى 2012-10-21 07:36

    بىر چۈمىلە بىر دانە بۇغداينى يۈدۈپ كامىرىغا ئەكىرىپ كىتىۋاتىدۇ،بىر ئانا قۇش بالىسىغا ئوزۇقلۇق تاپالماي پەرۋانە،ئىنسانلارنىڭ كۆزى،كۆڭلى،قۇرسىقى ئاچ ھالەتتە……

    جۇلالىق

    روھىيتىمىز بولسىمۇ توق بولسىدى كۈنلىرىمىز مەنىلىك ئۆتەر ئىدى.

  •   #17  

    ئاقنۇر 2014-04-04 10:06

    يىغلاپ كەتتىم!

    جۇلالىق

    ھازىرچە شۇ ئىچ ئاغرىتىشتىن باشقا ئىش قولىمىزدىن كەلمەيدىكەن، شۇ ئاجىز قېرىنداشلىرىمىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلالايدىغان كۈنلەرمۇ كېلىپ قالار.