يوقاپ كەتكەن قىز

يوقاپ كەتكەن قىز نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئۇرۇق-تۇققانلار ئىچىدە بىرسىنىڭ بالىسىنىڭ ئات توي مەرىكىسىگە باردىم. بىزنىڭ جەمەتىمىزدىكى چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن توي-تۆكۈن بولسا ئاندىن بىر يەرگە جەم بولالايمىز. ھەممىىمىز تۇرمۇشنىڭ تۈگىمەس ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش، ئايدا بىرمۇ كۆرۈشەلمەيمىز. بۇ ئات توي مەرىكىسىگە نەۋرە ھەدە-سىڭىللىرىم، ئاكا-ئىنىلىرىم ھەممىسى يېغىلغانىدى. قىزلار بىر ئۆيگە كىرىپ مۇڭغا چۈشۈپ كەتتۇق. ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كوت-كوتراقى [...]

سۆگەت گۈلى

سۆگەت گۈلى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئانامنىڭ زورلاپ بېرىشلىرى بىلەن ئانام باققان بىر تەشتەك سۆگەت گۈلىنى ئۆيۈمگە ئەكەلدىم. ئانام دېدى: بالام بۇ سۆگەت گۈلىنى سىزگە ئاتاپ پەرۋىش قىلىپ باققان ئىدىم، سىز ئەكىتىڭ. ئالدىنقى يىلى ھەدىلىرىڭىزگە بىر تەشتەكتىن بەرسەم ياخشى پەرۋىش قىلالماي قۇرۇتۇۋەتتى. بۇ گۈل بەك چىرايلىق ئۆستى، سىزگە بېرەي دەپ ساقلىغانىدىم. مەن دېدىم: ئانا، مەن بۇ [...]

بېلىقچى بىلەن ئالتۇنبېلىق ھەققىدە چۆچەك

بېلىقچى بىلەن ئالتۇنبېلىق ھەققىدە چۆچەك جۇلالىق ئىلاۋىسى: بۇ چۆچەكنى باشلانغۇچتا ئوقۇمىغانلار يوققۇ دەيمەن. بۇ چۆچەكنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى ئادەمنى ھەقىقەتەن ئويلاندۇرىدۇ. ئاچكۆزلۈك، نائىنسابلىق ئادەمنى ھامان ھالاك قىلىدۇ. شۈكرى-قانائەتچانلىق ئىنساننى نۇرغۇنلىغان ياخشى كۈنلەرگە يەتكۈزىدۇ. ئالدىمىزدا بارنى قەدىرلەيلى. يوقنى ئىزدەيمەن دەپ، ئۆزىمىزدە بار نەرسىنىمۇ يوقىتىۋەتسەك، بۇنىڭ ئورنىنى ھەرگىز تولدۇرۇپ بولالمايمىز. بىر زاماندا كۆك دېڭىزنىڭ ياقىسىدا، ئۆزلىرىنىڭ پانا تاپقان [...]

سېھىرلىك ئەينەك

سېھىرلىك ئەينەك بۇ سېھىرلىك ئەينەككە قاچانلاردا باغلىنىپ قالدىم، كۈنلىرىم مۇشۇ سېھىرلىك ئەينەك بىلەنلا ئۆتىدىغان بولۇپ قالدى. سىرتلارغا بىر ئىش بىلەن چىقساممۇ ئەس-يادىم مۇشۇ سېھىرلىك ئەينەكتە قالاتتى. قىلىدىغان ئىشلىرىمنى قىلىپ بولۇپلا يەنە ئۆيگە مۇشۇ سېھىرلىك ئەينەكنىڭ ئالدىغا يۈگرەيتتىم. ئۆيگە كېلىپ قىلىدىغان ئىشلىرىمنى قىلىۋېتىپلا يەنە مۇشۇ ئەسكى تۆمۈرنىڭ ئالدىغا كەلگەن. بۇ سېھىرلىك ئەينەكنىڭ زادى قانداق سېھرى باردۇ؟ [...]

راڭپىزاخانىدىكى پاراڭلار

راڭپىزاخانىدىكى پاراڭلار 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى. ئەتراپىمدىكى بىر-بىرىدىن ئالدىراش كېتىۋاتقان كىشىلەرگە قاراپ مېڭىۋاتىمەن. يول مېڭىۋاتقان بولساممۇ خىياللىرىم ئاللىقاياقلاردا كېتىۋاتاتتى. راڭپىزاخانا ئىشىكىدىن كىرىپ ئورۇندۇقلىرى قالايمىقانلىشىپ كەتكەن بىر ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇردۇم. بۇ راڭپىزاخانا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يېنىدىلا ئىدى. ئادەتتىغۇ راڭپىزىنى بەكمۇ يەپ كەتمەيمەن بۈگۈن نىمىشقىدۇر يىگۈم كېلىپ قالدى. راڭپىزىچى ئايالغا ئىككى دانە چاي تۇخۇم ۋە بىر تەخسە راڭپىزا [...]

جەمئىي بەت:  ئالدىنقى بەت 1 2 3 ...6 7 8 9 10 11 12 13 14 15 16