سۆگەت گۈلى

تەپەككۇر تامچىلىرى 2011-01-22 23:21 1,294 7

سۆگەت گۈلى

نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئانامنىڭ زورلاپ بېرىشلىرى بىلەن ئانام باققان بىر تەشتەك سۆگەت گۈلىنى ئۆيۈمگە ئەكەلدىم. ئانام دېدى: بالام بۇ سۆگەت گۈلىنى سىزگە ئاتاپ پەرۋىش قىلىپ باققان ئىدىم، سىز ئەكىتىڭ. ئالدىنقى يىلى ھەدىلىرىڭىزگە بىر تەشتەكتىن بەرسەم ياخشى پەرۋىش قىلالماي قۇرۇتۇۋەتتى. بۇ گۈل بەك چىرايلىق ئۆستى، سىزگە بېرەي دەپ ساقلىغانىدىم.
مەن دېدىم: ئانا، مەن بۇ گۈلنى سىزدەك ياخشى باقالارمەنمۇ؟ بىر ئوبدان چىرايلىق ئۆسۈۋاتقان گۈلنى قۇرۇتىۋېتەرمەنمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن. مەنغۇ گۈلگە قەۋەتلا ئامراق. ياخشى پەرۋىش قىلالماي قۇرۇپ كەتسە بىر خىل بىئارام بولۇپ قالارمەنمىكىن دەپ ئەنسىرەپ شۇنداق دېگەن ئىدىم.
ئانام: قېنى بىر پەرۋىش قىلىپ بېقىڭ، بەك بولمىغاندا بىر گەپ بولار.
بۇ گۈلنى ئۆيۈمگە ئەكىرگىلىمۇ خېلى كۈنلەر بوپ قالدى. ئانچە-مۇنچە سۇ قۇيۇپ قويغاندىن باشقا ئۇنىڭغا پەرۋىش قىلغىدەك ۋاقتىممۇ چىقمىدى. بۈگۈن ئەتتىگەن سۇ قۇيۇپ قوياي دەپ قارىسام يوپۇرماقلىرى سەل سارغىيىپ قاپتۇ. ۋاي خۇدا، مانا مەن ئەنسىرىگەن ئىش ئاخىرى يۈز بەردىمۇ نېمە؟
گۈلگە سۇنى كۆپرەك قۇيۇۋېتىپ ئۇنىڭغا بىردەم قاراپ تۇردۇم. قارىغانسېرى گۈل ماڭا بىر نەرسە دەيدىغاندەكلا بىلىنىۋاتاتتى. ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرىنى تۇتۇشىمغا گۈل بىر سىلكىندى، چۆچۈپ كەتتىم. نېمە ئىش بولغاندۇ؟ گۈل دېگەن جانسىز جىسىم تۇرسا، ئۇ مېنىڭ يوپۇرماقلىرىنى تۇتقىنىمنى نەدىن بىلسۇن. يوپۇرماقلىرىغا سەل چاڭ-توزان قونۇپ قاپتۇ. لۆڭگىنى ھۆل قىلىپ ئەكىلىپ يوپۇرماقلىرىنى سۈرتۈشكە باشلىدىم. يەنە بايىقى سىلكىنىش، تۆۋە بۇ نېمە ئىش؟ ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قالدىم.
بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن تەشتەكنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇم. سۆگەت گۈلۈم، ماڭا دەيدىغان گېپىڭ بارمۇ قانداق؟
ئۇ يەنىلا جىم، ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرىنى سۈرتۈۋاتىمەن، تۇيۇقسىز ئۇنىڭدىن سادا چىقتى.
سەندىن خاپا بولۇپ قالدىم.
چۆچۈپ سورىدىم: مەندىن نېمىشقا خاپا بولۇپ قالدىڭ؟
سۆگەت گۈلى: مېنى ئەكەلگەندىن بېرى ماڭا كۆڭۈل بۆلۈپ باقتىڭمۇ؟ ماڭا بەزى ۋاقىتلاردا سۇ قۇيۇپ قويغاندىن باشقا ھالىڭ نېچۈك ؟ دەپ سوراپ باقمىدىڭ. شۇنىڭ بىلەن يوپۇرماقلىرىم سارغىيىپ مۇشۇ ھالغا كېلىپ قالدىم.
مەن جىم تۇردۇم، دېمىسىمۇ شۇنداق قىلغان ئىدىم.
سۆگەت گۈلى: مەن، سېنىڭ مېنى ئوغۇتلار بىلەن پەرۋىش قىلىشىڭغا، ھەر ۋاقىت يوپۇرماقلىرىمنى پاكىز تۇتۇشۇڭغا ھال-ئەھۋالىمنى سوراپ تۇرۇشۇڭغا موھتاجمەن.
مەن دېدىم: كەچۈرگىن، تۇرمۇشنىڭ تۈگىمەس ئىشلىرى بىلەن بولۇپ كېتىپ سېنى پەرۋىش قىلىشنى ئۇنتۇپتىمەن.
سۆگەت گۈلى: بولدى ، سىلەر ياشلارنىڭ بۇنداق باھانە سەۋەبلىرى بەك جىق. ئەرزىمەس باھانە سەۋەبلەر بىلەن ئۆزۈڭلارنى مەسئۇلىيەتتىن قاچۇرىسىلەر. ھەممىلا ئىشتا مۇنداق مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ يۈرسەڭلار بىر ئىشنى قانداق باشقا ئېلىپ چىقىسىلەر؟ سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ. ئاناڭنىڭ مېنى قانداق باقىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟ ئۇ ھەر كۈنى ماڭا سۇ قۇيغاندىن باشقا ھەر خىل پەرۋىشلەرنى قىلىدۇ. مەن بىلەن مۇڭدىشىدۇ، ئۆزىنىڭ سىرلىرىنى ماڭا دەپ بېرىدۇ. بىز قەدىناس مۇڭداشلاردىن. شۇڭا مەن ھەر ۋاقىت كۆكلەپ، ياشىرىپ تۇرىمەن. ئاناڭمۇ مەن بىلەن سىرداشقاندىن كېيىن روھى كۆتۈرۈلۈپ كۈندە خۇشھال يۈرۈيدۇ.
مەن دېدىم: توغرا دەيسەن، بىزدە ھازىر بار-يوقى مۇشۇ باھانە سەۋەبلەرلا قالدى. ھەممە ئىشقا پەرۋاسىز قارايدىغان مەسئۇلىيەتسىز،يارامسىز ئىنسانلاردىن بولۇپ قالدۇق، ئۆزۈممۇ بۇ ھالىمغا ئېچىنىمەن. مەن ساڭا ياخشى كۆڭۈل بۆلەلمىدىم، بۇنىڭغا ئىقرارمەن. بۇنىڭدىن كېيىن ياخشى پەرۋىش قىلىمەن، ئاسرايمەن. كەچۈرگىن……

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 7 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    قىسمەت 2011-01-24 12:55

    توۋا، مۇشۇ يېشىمغىچە گۈل بىلەن پاراڭلىشىپ باقماپتىمەن، لېكىن «گۈل» بىلەن كۆپ پاراڭلاشقان بولمىسا (ئېغىزنى تۇتۇپ كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)

    جۇلالىق

    مەن مۇشۇ كۈنلەردە تولا پاراڭلىشىدىغان بولۇپ قالدىم. گۈل، ماڭا كۈلۈپ تۇرغان چىرايىنى ئاچماي ئۆزىنىڭ ئەسلىمىلىرىنى دەپ بېرىدۇ…..

  •   #2  

    شاھبالام 2011-02-19 09:10

    گۈل نېمە دەيدۇ؟ ئۇنىڭ ئەسلىمىلىرىنى بىزمۇ ئاڭلاپ باقىلى…
    لېكىن، سەمىڭىزدە بولسۇن، سۆگەت گۈلىنىڭ ئاستىدا ياكى ئەتراپىدا ئۇخلاشقا بولمايدۇ، چوڭ ئانام شۇنداق دەيتتى، كىچىكلىكتە سەۋەبىنى سورىماي بۇمۇ ‹‹يامان بولىدۇ››نىڭ بىر قىسمى ئوخشايدۇ، دەپتىكەنمەن…

    جۇلالىق

    گۈلنىڭ ئەسلىمىلىرى داۋاملىق ھوزۇرىڭلارغا سۇنۇلىدۇ. بۇ گۈلۈمنىڭ ئازابلىق كەچمىشلىرى بار.
    نېمىشقا سۆگەت گۈلىنىڭ يېنىدا يېتىشقا بولمايدۇ؟

  •   #3  

    جۇلالىق 2011-10-18 00:59

    تىنچلىقمۇ، نىران ئوغلى، بۇ يازمامنىڭ سىزگە يارىغىنىدىن خۇرسەنمەن.
    بۇ تارىخى ھېكايە پۈتۈنلەي يېزىلىپ بولدى. ئوتتۇز نەچچە بۆلەككە بۆلۈپ يازدىم. بلوگىمغا داۋامىنى يوللاپ تۇرىمەن.
    سىزنىڭمۇ ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن!

    نىران ئوغلى

    سىز نىران قەدىمى خارابە ئىزنالىرىنى يازغىنىڭىزغا قارىغاندا سىز نىيا ناھيىسىدىنمۇ قانداق،
    294050008 بۇ نۇمۇر مىنىڭ چ چ نۇمۇرۇم خالىسىڭىز قۇشۇۋېلىڭ رەخمەت ئاۋارە قىلدىم

    جۇلالىق

    مەن نىيە ناھىيىسىدىن ئەمەس، خوتەن شەھرىدىن.
    مەن ھازىر چ چ ئىشلەتمىگەن ئىدىم. ھەر قانداق تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىز بولسا بلوگقا قالدۇرسىڭىز ئورتاقلىشايلى!