بېلىقچى بىلەن ئالتۇنبېلىق ھەققىدە چۆچەك

شېئىرىيەت گۈلزارى 2011-01-15 01:34 1,546 6

بېلىقچى بىلەن ئالتۇنبېلىق ھەققىدە چۆچەك

جۇلالىق ئىلاۋىسى: بۇ چۆچەكنى باشلانغۇچتا ئوقۇمىغانلار يوققۇ دەيمەن. بۇ چۆچەكنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى ئادەمنى ھەقىقەتەن ئويلاندۇرىدۇ. ئاچكۆزلۈك، نائىنسابلىق ئادەمنى ھامان ھالاك قىلىدۇ. شۈكرى-قانائەتچانلىق ئىنساننى نۇرغۇنلىغان ياخشى كۈنلەرگە يەتكۈزىدۇ. ئالدىمىزدا بارنى قەدىرلەيلى. يوقنى ئىزدەيمەن دەپ، ئۆزىمىزدە بار نەرسىنىمۇ يوقىتىۋەتسەك، بۇنىڭ ئورنىنى ھەرگىز تولدۇرۇپ بولالمايمىز.
بىر زاماندا كۆك دېڭىزنىڭ ياقىسىدا،
ئۆزلىرىنىڭ پانا تاپقان مەھەللىسىدە.
ياشايدىكەن قېرى بوۋاي موماي بىلەن،
بۇ تۇرمۇشقا ئوتتۇز ئۈچ يىل بولاي دېگەن .
ئوچۇقىدا يىپ ئېگىرسە ئۆيىدە موماي،
بېلىق ئوۋى قىلىدىكەن كۈندە بوۋاي.
بىر كۈن بوۋاي ئۆز تورىنى ساپتۇ سۇغا،
ئەخلەت-چاۋا ئىلىنىپتۇ سالغان تورىغا.
قايتا ساپتۇ ئۇ،تورىنى ئۈچىنچى رەت،
ئىلىنىپتۇ بىر تال بېلىق ئەمما ھەيۋەت.
ئانداق-مۇنداق ئەمەس، ئالتۇنبېلىق،
يالۋۇرۇپتۇ شۇندا بېلىق تىلغا كىرىپ:
رەھىم قىلىپ قويۇۋەتسەڭ بوۋاي مېنى،
مۇرادىڭغا يەتكۈزەتتىم مەنمۇ سېنى.
نېمە خالىساڭ بېرەر ئىدىم ساڭا شۇنى.
ھۇدۇقۇپتۇ بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ بوۋاي،
كالۋالىشىپ تىللىرىمۇ سۆز قىلالماي.
قىلسىمۇ ئۇ بېلىقچىلىق ئوتتۇزئۈچ يىل،
ئاڭلىمىغان پۈتۈلگەننى بېلىققا تىل.
بۇ بېلىقنى بوۋاي سۇغا قويۇپ بېرىپ،
بىر-ئىككى ئېغىزسۆز قىلىپتۇ كۆڭلى ئېرىپ:
ھېچبىر نەرسەڭ كېرەك ئەمەس سېنىڭ ماڭا،
كۆك دېڭىزدا ئەركىن ئۈزۈپ ئوينا يەنە.
بېلىقچىغا رەھمەت ئېيتىپ ئالتۇنبېلىق،
خۇشال بوپتۇ ماكانىغا يېنىپ بېرىپ.
ھەيران بولۇپ بوۋاي ئاستا ئۆيىگە كەپتۇ،
بۇ ۋەقەنى مومىيىغا بايان قىپتۇ:
بىر ئاجايىپ بېلىق تۇتقان ئىدىم موماي،
باشقا ئەمەس، ئالتۇنبېلىق ئىكەن ئايھاي.
توۋا!-دەيمەن،يالۋۇردى ئۇ زۇۋان پۈتۈپ،
ئۆز ئەركىگە مەندىن تازا ئۈمىد كۈتۈپ.
قىلىپ نالە، ئازاد قىلغىن مېنى،-دېدى،
خالىغانچە رازى قىلاي سېنى،-دېدى.
رەھمىم كېلىپ قويۇپ بەردىم كۆك دېڭىزغا،
سورىمىدىم ھېچ نەرسىمۇ ئۆزىمىزگە.
شۇندا موماي بوۋاينى بەك جىمىلەپتۇ،
ئەقىلسىز سەن، ھاڭۋاقتى ھەم ساراڭ،دەپتۇ.
شۇنىڭدىنمۇ ئەپلەپ نەرسە ئالالماپسەن،
ھېچ بولمىسا بىرەر تەڭنە سورالماپسەن.
ئېسىڭدىغۇ تەڭنىمىزنىڭ چاك كەتكىنى،
تەڭنە بەرسۇن ۋەدىسىگە تۇرسا قېنى.
كەپتۇ بوۋاي كۆك دېڭىزغا ئويلا-ئويلاپ،
دولقۇنلىنار ئىدى دېڭىز قىرغاق يالاپ،
قىچقىرىپتۇ بېلىقنى ئۇ دەر گۇماندا،
ئالتۇنبېلىق چىقىپ كەپتۇ دەل شۇئاندا:
سورا بوۋاي تارتىنماستىن دەپتۇ بېلىق،
دەپتۇ بوۋاي خىجىل بولۇپ تەزىم قىلىپ:
-ئەي شاھ بېلىق، رەھىم قىلغىن كەلدىم ساڭا،
موماي قۇرغۇر ئازاب سالدى بۈگۈن ماڭا.
بىرەر يېڭى تەڭنە كېرەك ئىكەن،
راستىن بىزنىڭ تەڭنىمىزمۇ يېرىق ئىكەن.
قايغۇرمىغىن،-دەپتۇ بېلىق،- يانغىن بوۋاي،
ئۆيۈڭلاردا يېڭى تەڭنە بوپمۇ قالار.
ھېرىپ-ئېچىپ بوۋاي ئاستا ئۆيىگە كەپتۇ،
ئۆيىدە بىر يېڭى تەڭنە پەيدا بوپتۇ.
بىراق موماي يەنە قارغاپ بەرمەي ئارام:
ھەي ئەخمەقەي، ھەي ئالجىغان دىتسىز ساراڭ،
شۇ تەڭنىمۇ سورىغىنىڭ بېرىپ ئاران؟!
بېرىپ چاپسان تەزىم قىلىپ ئۇ بېلىققا،
تۈزۈككىنە ئۆي سورىغىن ھېچ بولمىسا.
كۆك دېڭىزغا بوۋاي يەنە بارغان ئىكەن،
دېڭىز سۈيى چايقىلىپ تۇرغان ئىكەن.
قىچقىرىپتۇ ئۇ بېلىقنى بوۋاي يەنە،
شۇئان بېلىق پەيدا بوپتۇ سۇ يۈزىدە.
سورا بوۋاي نېمە كېرەك يەنە ساڭا؟
بوۋاي دەپتۇ تەزىم بىلەن قاراپ ئاڭا:
رەھىم قىلغىن ئەي شاھ بېلىق، ئۆزۈڭ ماڭا،
موماي ئەخمەق بۇ بېشىمغا سالدى غوۋغا.
ئارام بەرمەي قويدى ماڭا قېرىغاندا،
بىر ياخشىراق ئۆي سورايدۇ كەلدىم ساڭا.
قايغۇرمىغىن،- دەپتۇ بېلىق،-بار ئۆيۈڭگە ،
يېڭى ئۆيمۇ بوپ قالار مومىيىڭغا.
بوۋاي ئاستا ئۆيىگە يېنىپ كەپتۇ،
بىراق مۇندا كەپىدىن ھېچ ئىز قالماپتۇ.
كەپە ئورنىدا پەيدا بوپتۇ ھەيۋەت بىنا،
نەقىشلىرى گۈزەل ئىكەن خويمىغىنا.
دوپ ياغاچلىق دەرۋازىسى زەپ ياراشقان،
ئۆينىڭ ئىچى جاھازغىمۇ خېلى توشقان.
ئۆي ئالدىدا ئولتۇرغىدەك موماي قاراپ،
كۆرۈش بىلەن بوۋاينى ئۇ كەتتى قارغاپ:
ھەي جىن ئالغۇر قېرى قاقباش، ئەقىلسىز سەن،
بېرىپ مۇشۇ بىر ئۆينىلا سوراپ كەپسەن.
ئەمدى زادى ئاددىي خوتۇن بولالمايمەن،
ئېسىلزادە ئايىملىقنى مەن خالايمەن.
يەنە بوۋاي كۆك دېڭىزغا بارغان ئىكەن،
دېڭىز سۈيى كۆپۈكلىشىپ تۇرغان ئىكەن.
قىچقىرىپتۇ سۇغا قاراپ بوۋاي يەنە،
ئالتۇنبېلىق پەيدا بوپتۇ شۇ ئاندىلا.
سورا بوۋاي نېمە كېرەك يەنە ساڭا؟
بوۋاي دەپتۇ تەزىم بىلەن قاراپ ئاڭا:
رەھىم قىلغىن شاھ بېلىق ئارتتى دەردىم،
ۋالاقتەككۈر ئاچكۆز موماي ئاشتى ھەددىدىن.
سالدى جاپا بولدى ئەمدى كۆنۈپ قىيىن،
ئاددىي خوتۇن بولماسمىش ئۇ بۇندىن كېيىن،
خالارمىش ئۇ خان ئايىملىق مەرتىۋىنى .
ئالتۇنبېلىق ماقۇل كۆرۈپ تەلىپىنى،
بوپتۇ،- دەپتۇ،- كېتىۋەرگىن ئۆز يولۇڭغا،
دېگىنىنى بېرەي يەنە خوتۇنۇڭغا.
بوۋاي ئاستا ئۆز ئۆيىگە كېلىدىكەن،
ھېچ بىلەلمەي ئەجەبلىنىپ قالىدىكەن.
ھەيران بوپتۇ ھەيۋەت ئۆينى كۆرۈپ بوۋاي،
ئۆز كۆزىدە خوتۇنىنى ھېچ تونالماي.
تۇرغۇدەك ئۇ بەك ھەيۋەتلىك بىر ئايۋاندا،
كىيگەنلىرى باشتىن-ئاياق تاۋار-دۇردۇن.
ياقۇت بىلەن باش كىيىمى بېزىلىپتۇ،
بوينىدا مەرۋايىتلار نەچچە قۇردىن.
قوللىرىدا كۆزنى چاقار ئالتۇن ئۈزۈك،
پۇتلىرىدا غىچىرلىغان قىزىل ئۆتۈك.
بېشىنى ئېگىپ خىزمەتچىلەر تۇرىدىكەن،
گەر خالىسا موماي ئۇنى ئۇرىدىكەن.
سالام!- دەپتۇ كېلىپ بوۋاي قىلىپ تەزىم،
تولدىمىكىن ئەمدى كۆڭلۈڭ خېنىم ئايىم؟.
دەرغەزەپتە موماي شۇ ئان ۋارقىراپتۇ،
ھەم بوۋاينى ئات ئېغىلىغا ھەيدەپ ساپتۇ.
قاتارلىشىپ ئۆتۈپ كېتىپ ھەپتە ۋە ئاي،
يەنە ھەددىدىن ئېشىپتۇ ئۇ ئاچكۆز موماي.
بوۋاينى ئۇ قىچقارغۇزۇپ ئەكەلدۈرۈپ:
ئېيىتقىن،- دەپتۇ شاھ بېلىققا دەررۇ بېرىپ،
خالىمايمەن ئايىملىقتا كۆپ تۇرۇشنى،
كۆڭلۈم تارتتى سەلتەنەتلىك شاھ بۇلۇشنى!
بوۋاي ئاڭا ھەيران قېلىپ مۇنداق دەپتۇ:
نىمە بولدۇڭ، ئاينىدىڭمۇ قانداق گەپ بۇ؟
يۈرۈش-تۇرۇش ، سۆزلەشنىمۇ ھېچ بىلمەيسەن،
پادىشاھلىق قىلىش شۇنداق ئوڭاي دەمسەن؟
موماي شۇندا بوۋاينى كاچاتلاپتۇ،
پۈتۈن ئۆينى باشقا كىيىپ ۋالاقلاپتۇ.
ھەي رۇدىپاي، سەن ماڭا سۆز ياندۇرامسەن؟
مېنىڭدەك بىر خانزادىنى سەل چاغلامسەن؟
ھازىر ماڭغىن ياخشىلىقچە دېڭىزغا سەن،
ئۇنىمىساڭ ماڭغۇزىمەن كۈچۈم بىلەن.
نائىلاج: خەير،- دەپتۇ بوۋايدا غەم،
كەلسە دېڭىز سۈيى ئاپتۇ قاپقارا رەڭ.
قىچقىرىپتۇ شۇندىمۇ ئۇ شاھ بېلىقنى،
بېلىق چىقىپ دەپتۇ بوۋاي سۆزلە قېنى،
يەنە قانداق ھاجىتىڭ بار سوراپ كۆرگىن.
دەپتۇ بوۋاي ئەي شاھ بېلىق، رەھىم قىلغىن،
ياۋۇز موماي بۇ ھالىمنى قويمىدى ھېچ.
ئەمدى ئاڭا كىچىك كەپتۇ خانزادىلىك،
ئەمدى ئۇنىڭ مۇددىئاسى پادىشاھلىق.
ئالتۇنبېلىق جاۋابىدا ماقۇل كۆرۈپ،
قايغۇرمىغىن كۆرگىن بوۋاي ئۆيگە بېرىپ.
كۆرۈپ باقسۇن مومىيىڭمۇ شاھلىق قىلىپ.
ھەيران قاپتۇ كېلىپ ئۆيگە شۇندا بوۋاي،
تۇرغۇدەكمىش كۆز ئالدىدا بىر شاھ ساراي.
ئولتۇرغىدەك بۇ سارايدا موماي ھەيۋەت ،
بۇلۇپ قاپتۇ مىجەزىمۇ ئۇنىڭ بۆلەك.
ئاق سۆڭەكلەر، بەگزادىلەر قىلىپ خىزمەت،
كەلتۈرۈلگەن ئالدىغا ھەرخىل نازۇ-نىمەت.
چۆرىسىدە تۇرىدىكەن كۆپ ساقچىلار،
تۇتۇۋېلىپ قوللىرىغا ئاي پالتىلار.
بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ قورقۇپ كېتىپ،
خوتۇنىغا تەزىم قىپتۇ باشنى ئېگىپ.
قۇتلۇق بولسۇن خان ئاغىچام،شاھلىقىڭىز!
ئەمدى تۇلۇق بولدىمىكىن خالىغىنىڭىز؟
ھېچ ئالماپتۇ نەزىرىگە موماي ئۇنى،
ساقچىلارغا بۇيرۇپتۇ: قوغلا بۇنى!
بەگزادىلەر ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ،
بۇ دەرگاھتىن قوغلاپ ساپتۇ ئۇنى ئۇرۇپ.
باسالماستىن جىسەكچىلەر غەزىپىنى،
تاسلا قاپتۇ چېپىۋېتىشكە بىچارىنى.
زاڭلىق ئارىلاش دەپتۇ خەقلەر بۇ بوۋايغا!
شۇنداق قىلىش لازىم ئىدى ئەمدى ساڭا،
لايىق ئىدى شۇنداق جازا، شۇنداق ساۋاق،
ئۇزاتىمىدىڭ پۇتۇڭنى سەن يوتقانغا قاراپ.
كۈنلەر قوغلاپ بىر-بىرىنى ئۆتۈپتۇ ئاي،
بەكمۇ ھەددىدىن ئېشىپتۇ ئۇ ئاچكۆز موماي.
ئاخىرىدا بوۋاينى ئۇ، ئىزدىتىپتۇ،
ساقچىلارمۇ ھايال قالماي كەلتۈرۈپتۇ.
بۇيرۇق قىپتۇ موماي يەنە ئۇنى كۆرۈپ:
شاھ بېلىققا ئېيىتقىن شۇنى ھازىر بېرىپ،
ئەمدى مېنىڭ بۇ شاھلىقتىن تاۋىم ياندى،
دېڭىزغىمۇ پادىشاھلىق قىلغۇم كەلدى.
ئوكيان،دېڭىز بولسۇن مېنىڭ ھوقۇقۇمدا،
ئالتۇنبېلىق بولسۇن مېنىڭ بۇيرۇقۇمدا.
چاكار بۇلۇپ خىزمەت قىلسۇن ئۆز ئالدىمدا.
ھەددىمۇ ئۇ- قانداق قىلسۇن بۇ بىچارە،
كۆنمەسكە ئەمدى تاپالمىدى ھېچبىر چارە.
ئامالى يوق كۆك دېڭىزغا بوپتۇ راۋان،
بارسا ئۇندا ئەۋج ئاپتۇ قارا بوران.
دولقۇنلىرى غەزەپ بىلەن گۈركىرەپتۇ،
ئاللىقانداق چىرقىراپ ھەم ھۆركىرەپتۇ.
قىچقىرىپتۇ بوۋاي يەنە شاھ بېلىقنى،
بېلىق چىقىپ دەپتۇ: بوۋاي سۆزلە قېنى،
ئېيىتقىن يەنە نىمە كېرەك ساڭا؟
رەھىم قىلغىن،- دەپتۇ بوۋاي،- يەنە ماڭا.
بۇ مومايدا ئىنسابتىن ھېچ ئىز قالمىدى،
خالىمايمەن شاھلىقنى-دەپ غوغا سالدى.
ئۇ خالارمىش دېڭىزلارغا بۇلۇشنى خان،
بارچە دېڭىز بولسۇن-دەيدۇ- ماڭا ماكان.
ئالتۇنبېلىق بولسۇن دەيدۇ بۇيرۇقۇمدا،
چاكار بولسۇن، دەيدۇ سېنى، ھۇزۇرۇمدا.
ئالتۇنبېلىق قايتۇرماستىن ھېچبىر جاۋاب،
قۇيرۇقىدا بىرلا ئۇرۇپ سۇنى چايقاپ،
راۋان بوپتۇ بىرلار شۇڭغۇپ سۇ تېگىگە،
قايتا يېنىپ ھېچبىر چىقماپتۇ سۇ يۈزىگە.
تىنجىپ قاپتۇ ئاۋۋالقىدەك دېڭىز شۇئان،
ھېچ بىلەلمەي قاپتۇ بوۋاي ئاڭا ھەيران.
ئۇزاق كۈتۈپ ئالالماپتۇ ھېچبىر جاۋاب،
ئاخىر بولماي قايتىپتۇ ئۇ ئۆيىگە قاراپ.
بوۋاي ئاستا مېڭىپ يېنىپ ئارقىسىغا،
كېلىپ قاپتۇ بىر چاغدىكى كەپىسىگە.
ئولتۇرغىدەك موماي غەمكىن بۇسۇغىدا،
تۇرغۇدەكمىش سۇنۇق تەڭنە بىر يېقىدا.
(تۈگىدى)
مەشغۇلاتتا: جۇلالىق.
رۇخسىتىمسىز باشقا يەرگە كۆچۈرمەڭ!

بۇ يازمىدا جەمئىي 6 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    دون_ئەپەندى 2013-01-31 03:25

    ھەي بىكەت مەسئۇلى توربىكېتىڭىزدىكى ئاۋۇ بىرىنجى مۇزىكىغا بەكلا ھېرىسمەن بولۇپ قالدىم بولسا مۇزىكىىنىڭ ئادرىسىنى خەت ساندۇقۇمغا بىر يوللاپ بىرەلەرسىزمۇ ….. رەھمەت سىزگە

    جۇلالىق

    كومپيۇتېرىڭىزغا چاقماق قاچىلانغان بولسا ئۆزىڭىز چۈشۈرۈۋالالايسىز، مۇزىكا چىقىۋاتقاندا چاقماقنى مۇزىكا قويغۇچقا ئەكىلىڭ.
    ئەگەردە مەن دېگەن ئۇسۇل بويىچە چۈشۈرەلمىسىڭىز خەت ساندۇق ئادرېسىڭىزنى قالدۇرۇڭ. ئەۋەتىپ بېرەي.

  •   #2  

    ئابلىتىپ ھېمىت 2014-04-10 20:01

    سىزنى ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم. ماڭا بۇ بەك لازىم ئىدى.

    جۇلالىق

    بەك لازىم بولسا ئىشلىتىۋېرىڭ.

  •   #3  

    جۇلالىق 2014-11-25 04:08

    تىنچلىقمۇ، يازمىلىرىم سىزنى رازى قىلالىغان بولسا، مەنمۇ قىلغان مۇشۇ ئىشىمدىن ئازراق بولسىمۇ رازى بولدۇم، رەھمەت.

  •   #4  

    جۇلالىق 2015-03-30 04:46

    تىنچلىقمۇ، سىزمۇ ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ سىزنىڭمۇ تېنىڭىزنى ساق-سالامەت قىلسۇن، ياخشى تىلەكلىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.
    بلوگىمدىكى يازمىلار بلوگىمغىلا تەۋە ئىدى. يازمىلىرىمنى مۇنبەرلەردە ئېلان قىلىش مەقسىدىم بولغان بولسىدى قاچان ئۆزۈم يوللىغان بولاتتىم. شۇڭا يازمىلىرىمنى باشقا مۇنبەرلەرگە يۆتكىمىسىڭىزكەن.