سېھىرلىك ئەينەك

تۇرمۇش كارتىنىلىرى 2011-01-09 03:54 1,773 8

سېھىرلىك ئەينەك

بۇ سېھىرلىك ئەينەككە قاچانلاردا باغلىنىپ قالدىم، كۈنلىرىم مۇشۇ سېھىرلىك ئەينەك بىلەنلا ئۆتىدىغان بولۇپ قالدى. سىرتلارغا بىر ئىش بىلەن چىقساممۇ ئەس-يادىم مۇشۇ سېھىرلىك ئەينەكتە قالاتتى. قىلىدىغان ئىشلىرىمنى قىلىپ بولۇپلا يەنە ئۆيگە مۇشۇ سېھىرلىك ئەينەكنىڭ ئالدىغا يۈگرەيتتىم. ئۆيگە كېلىپ قىلىدىغان ئىشلىرىمنى قىلىۋېتىپلا يەنە مۇشۇ ئەسكى تۆمۈرنىڭ ئالدىغا كەلگەن. بۇ سېھىرلىك ئەينەكنىڭ زادى قانداق سېھرى باردۇ؟ مېنى ئۆزىگە شۇنچىۋالا رام قىلىۋالدىغۇ؟ بۇ سېھىرلىك ئەينەك يوق كۈنلەرنى ھەرگىز تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن.
بۇ سېھىرلىك ئەينەك مېنى بىر مەزگىل ئۆزىگە بەكلا رام قىلىۋالدى. بىر ئولتۇرغانچە كۈنلەپ ئولتۇرۇپ كېتەتتىم.تاماقنىمۇ مۇشۇنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ يېيىشلىرىمچۇ تېخى!
بۇ سېھىرلىك ئەينەكتىن ئېرىشكەن بىلىملىرىممۇ نۇرغۇن. مەيلى مەنىۋى جەھەتتىن ۋە روھىي جەھەتتىن بولسۇن نۇرغۇن بىلىمگە ئېرىشتىم. شۇ ئېرىشكەن بىلىملىرىمنى تۇرمۇشۇمغا بىرلەشتۈرۈپ پايدىسىنىمۇ جىق كۆردۈم.بۇ تەرىپىگە ھەرگىز كۆز يۇممايمەن.
سېھىرلىك ئەينەكنى ئىشلىتىشكە باشلىغان ۋاقىتلىرىمنى دائىم ئەسلەيمەن. بۇ ئەسكى تۆمۈرنىڭ قۇلىقىنى تۇنجى قېتىم تۇتۇپ باققىنىمدا، بۇ نەرسە ماڭا ئاجايىپ سىرلىق تۇيۇلغان ئىدى. بىر يەرنى شۇنداقلا بېسىپ قويسا نۇرغۇن نەرسىلەر چىقىپ كېتەتتى. ماڭا ناتۇنۇش بولغان ھەر خىل نەرسىلەر چىققانسېرى ئۇنىڭ ھەممە يېرىگە كىرىپ چىقاتتىم. باسمىغان،ئاختۇرمىغان ھۆججەتلەر قالمايىتتى. ھېلىمۇ ئېسىمدە بۇ تۆمۈر ساندۇقنى  ئىشلىتىشنى ئۈگەنگەن  ۋاقىتلار ئىدى،كومپيۇتېرنى ساتقانلار موتوسىكىلىت ئويۇنى بىلەن جانبازلىق ئويۇنىنى قاچىلاپ قويۇپتىكەن. مەن ئۇ ۋاقىتلاردا كومپيۇتېرغا قاچىلىغان ئويۇن قانداق بولىدۇ؟ ئۇنى قانداق قاچىلايدۇ؟ ھېچنىمىدىن خەۋەرسىز ئىدىم. ھەممە نەرسە ماڭا ناتۇنۇش يېڭىلىق بىلىنەتتى. سېستىمىنىڭ ھەر بىر ھۆججەتلىرىدىن تارتىپ ھەممىنى ئاختۇرۇپ كۆرمىگەنلىرىم قالمايدىغان. بىر كۈنى موتوسىكىلىت ئويۇنىنى ئويناپ ئولتۇرۇپ تەڭشەيدىغان يېرىگە كىرىپ قالدىم . بۇ ئويۇن ئېنگىلىزچە ئىكەن. بىر يەرلىرىنى قالايمىقان بېسىۋېرىپتىمەن، شۇ يەردىن چېكىنىپ چىقىپ ئويۇننى ئويناي دەپ قوزغاتسام قانداق بولدى دىمەيسىلەر ،موتوسىكىلىت ئالدىغا ماڭماي، موتوسىكىلىتنى باشقۇرىدىغان قونچاق يان تەرەپكە مېڭىپ تامدىن ئۆتەلمەي قاراپلا تۇرۇۋالماسمۇ، شۇنىڭ بىلەن چېكىنىپ چىقتىمدە ئويۇن قاچىلانغان ھۆججەتنىىڭ بىر يەرلىرىنى بېسىپ ئېيتىشتىم، بىر چاغدا ئويۇن بىراقلا يوقاپ كەتمەسمۇ، ئاچچىقىمدا تاس قالدىم بۇ سېھىرلىك ئەينەكنى بىر نەرسە قىلىۋەتكىلى. ھازىر شۇ ۋاقىتلىرىمنى ئويلىسام كۈلۈپ كېتىمەن. ئادەم بىر نەرسىنى يېڭىدا كۆرگەن ۋاقتىدا ھەممە نەرسە قىزىقارلىق ۋە يېڭىلىق تۇيۇلىدىكەن.
كېيىن بارغانسېرى بۇ سېھىرلىك ئەينەكنى ئىشلىتىشكە ئۇستا بولۇپ كەتتىم. كومپيۇتېرغا خېلى ئۇستا بولۇپ قالغان مەزگىللەردە تورغا چىقىشقا باشلىدىم، تور بۇ سېھىرلىك ئەينەكتىن ئۆتەر سىرلىق دۇنيا ئىكەن. ئۇنىڭدا ھەممە نەرسە چىقىدىكەن. ئويۇن، رەسىم، كىنو ھەممىسى بار ئىدى. تورنى ياخشى تەرەپكە ئىشلەتسەڭ ساڭا بىلىم بېرەتتى. يامان تەرەپكە ئىشلەتسەڭ سېنى تۈگىمەس بالا-قازاغا مۇپتىلا قىلىۋېتەتتى.تور شۇنداق بىر دۇنياكى سېنى بەزىدە خۇشال قىلىۋېتىدۇ، بەزىدە يىغلىتىۋېتىدۇ.
تور دۇنياسىغا قەدەم قويۇپ ئۇزاق ئۆتمەي مۇنبەرگە كىرىشنى ئۈگەندىم. مەن ئۈچۈن مۇنبەر بىلىم ئالىدىغان ياخشى بىر سورۇن ئىدى. تۇنجى مۇنبەرگە قەدەم قويغان ۋاقىتلىرىم شۇنداق كۆڭۈللۈك ئۆتكەن . ئۇ يەردە نۇرغۇنلىغان قەدىناس دوستلار بىلەن تۇنۇشقانتىم. ئۇلار بىلەن بىر مەزگىل يېقىن دوستلاردىن بولۇپ ئۆتتۇق. كېيىن بەزىبىر سەۋەبلەر تۈپەيلى نۇرغۇنلار بىلەن ئالاقىلاشماس بولۇپ قالدىم. بەزىلىرى بىلەن ھېلىھەم يېقىن دوستلاردىن بولۇپ ئۆتۈۋاتىمىز. ئەشۇ دوستلىرىم بىلەن بىللە ئۆتكەن ۋاقىتلىرىم بەك ئۇزاق بولمىسمۇ قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. بەزىدە شۇ ۋاقىتلارنى ئەسلەپ قالىمەن. كۆڭلۈم بىر خىل يېرىم بولۇپ قالىدۇ. ھازىرمۇ شۇ ۋاقىتتىكىدەك دوستلار بىلەن خۇشال ئۆتسەك بولمامسمۇ دېگەندەك خىياللارنى قىلىپ قالىمەن. ئەپسۇس، ھەممە ئىش كەلمەسكە كەتتى. كونىلار دىگەندەك ‹‹تارقىمايدىغان سورۇن يوق، يىغىلمايدىغان داستىخان›› بىزنىڭ دوستلۇقىمىزمۇ تارقاپ كەتتى.
شۇ كونا مۇنبەرداشلىرىمنى سېغىنىپ يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە ماڭا بىر مۇنبەر ئۇچراپ قالدى. بۇ يەرگە بىر كىرگىنىمچە چىقالماس بولۇپ قالدىم. مېنى بۇ يەرگە نېمە باغلىۋالدى ئۇقمايمەن. بىرەر كۈن كىرمىسەم ئىچىمنى بىر نەرسە تاتىلىغاندەك بولۇپ كېتىمەن. بۇرۇنلاردا تورغا كۆڭۈل ئېچىشنى، ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنى مەخسەت قىلىپ كىرسەم، مانا ئەمدى بۇ مۇنبەرگە بىلىم ئېلىش ئۈچۈن، بىلگەنلىرىمنى باشقىلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن كىرەتتىم. بۇرۇن تورغا كىرىپ، كۈنلىرىمنى ئەھمىيەتسىز ئىشلارنى قىلىش بىلەن كەچ قىلسام، مانا ئەمدىلىكتە خەلقىم ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ ئىش قىلىشنى نىيەت قىلىپ كىرىمەن. ئويلاپ باقسام مەن ئۆزگىرىپتىمەن. ياق، قىسقىسى مەن تور دۇنياسىدا كىچىكلىكتىن چوڭىيىپتىمەن. تور دۇنياسىغا تۇنجى قەدەم قويغان ۋاقىتلىرىمدا تېخى بالا بولسام، ھازىر ئەقىل ۋە بىلىمدە خېلى پىشىپ يېتىلگەن بىر ياش تىرىشقۇچىغا ئايلىنىپتىمەن. مۇشۇ ھالىتىمنى ئەڭ ياقتۇرىدىغان بولۇپ قالدىم. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇشبۇ ھالاتتە ماڭغايمەن!
بۇرۇنلاردا كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى كومپيۇتېر ۋە تور يوق بولۇپ قالسا قانداقمۇ قىلارمەن؟ كۈنلىرىمنى قانداق ئۆتكۈزەرمەن؟ دەپ ئويلاپ كېتەتتىم.
ئالدىنقى يىلى تورنىڭ توختىشى بىلەن ماڭا بىر مەزگىل ئۆزۈم ھەققىدە ئويلىنىشقا پۇرسەت چىقتى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن بارلىغىمنى كومپيۇتېر دەپلا بىلىپ ئۆزۈم توغرۇلۇق ۋە باشقا ئىشلار توغرۇلۇق ئويلىنىپمۇ باقماپتىمەن. بارلىق ئەس-يادىم مۇشۇ سېھىرلىك ئەينەكتىلا بولغاچ ئويلاشمۇ خىيالىمغا كىرىپ چىقماپتۇ. ئاخىرى چۈشەندىمكى، مەن ئۆزۈمگە ئوخشىمايلا قاپتىمەن. ھەر نەرسىنىڭ ياخشى ۋە يامان تەرىپى بولغىنىدەك كومپيۇتېر ۋە تورنىڭمۇ پايدىلىق ۋە زىيانلىق تەرەپلىرى بولىدىكەن. بۇنىڭ پايدىلىق تەرىپىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۆزۈڭنى كونتىرول قىلغان ھالدا ئىشلەتسەڭ ياخشى پايدىلىنالايدىكەنسەن. بۇ سېھىرلىك ئەينەككە بەك بېرىلىپ كېتىپ، ھەممىنى ئۇنۇتقان ھالدا ياشىساڭ، تارتقان زىيانلىرىڭنى كېيىن تولدۇرۇپ بولمىقىڭ بەسى مۈشكۈل ئىكەن.
تور توختاش بىلەن بىللە ئۆزۈم توغرۇلۇق ئويلۇنۇپ كونتىرول قىلغاندىن كېيىن، بۇ سېھىرلىك ئەينەككە ۋە تورغا بولغان قىزىقىشىم ئاستا-ئاستا پەس كويغا چۈشتى. كومپيۇتېر ۋە تورنى مۇۋاپىق ھالدا ئىشلىتىدىغان ، زۆرۈر پايدىلىق ئىشلارنى قىلىدىغان بولدۇم. بۇرۇنقىدەك قىلغىلى ئىش چىقمىسا تور بەتلەرنى ئارىلاپ بىكار يۈرۈيدىغان ئىشلارنى پەقەتلا قىلمىدىم.شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆزۈمنى بىر خىل يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلىپ، كۆڭلۈم توق تۇرىدىغان بولۇپ قالدى.
ئاخىرى شۇنى ھېس قىلدىمكى، بىر نەرسىگە بۇنچە بېرىلىپ كېتىش ياخشى ئىش ئەمەسكەن. ھەر قانداق ئادەمنىڭ بىرەر نەرسىگە بەكرەك قىزىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ. لېكىن شۇ قىزىقىش لايىقىدا بولۇشى كېرەك ئىكەن. بولمىسا ساڭا تەئەللۇق بولغان نۇرغۇن نەرسىلەردىن ئايرىلىپ قالىدىكەنسەن.
كومپيۇتېر ۋە تورنى مۇۋاپىق ھالدا ئىشلىتىپ، ئۆز تۇرمۇشۇڭلارنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشۈڭلارغا تىلەكداشمەن!

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 8 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    ناتىق 2011-12-30 11:31

    ‹‹كومپيۇتېر ۋە تورنى مۇۋاپىق ھالدا ئىشلىتىپ، ئۆز تۇرمۇشۇڭلارنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشۈڭلارغا تىلەكداشمەن!››

    مۇنۇ سۆزلەر ياخشى چىقىپتۇ ھەمدە باشتىكى ئوخشۇتۇش ناھيىتى ياخشى چىقىپتۇ …

    تەسىراتىڭىز خېلىلا باركەن.
    .تېخىمۇ ياخشى يازما يېزىپ تۇرغايسىز….
    سىزنى ھەر ۋاخ قوللايمىز.

    جۇلالىق

    مەدەت بەرگىنىڭىزگە ۋە قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت.

  •   #2  

    مەلەك 2013-04-11 05:23

    كومپىيوتىر ئانچە ئومۇملاشمىغان ۋاقىتلاردا تېلىۋىزۇرلاردا بىرلىرىنى زىيارەت قىلسا كەينىدە لاپ لاپ لاپ قىلىپ يوغان ،كەينىدە قورسىقى بار ئاق رەڭلىك كومپىيوتىرلار چىقاتتى ، مەن تېلىۋىزۇردىن كۆرۈپ ، ئاشۇنداق لاپپاڭشىپ تۇرسىمۇ قانداق ئىچى پۇشماي ئىشلىتىدىغاندۇ دەيتىم .كىيىن بىلدىمكى ئىكران ئالدىغا كامىرا ئەكەلسە ئاشۇنداق لاپپاڭشىيدىكەن ،ھەم ئۇ بۇرۇنقى ۋىندوس 98 دېگەن چاپاق سېستىمىلار ئىكەن .
    كېيىن ئاچاملار ئاندا مۇندا كومپىيوتىر دەرسىنىڭ گېپىنى قىلىدىغان بولدى ، مەن ھەيران بولۇپ ، ھېلىقى ئىكراندا مىتىلداپ تۇرىدىغان چاشقان بەلگىسىنى قانداق قىلىپ كۆزلىگەن جايغا ئاپارغىلى بولىدۇ، ئىشلەتكەنلەر ھەجەپ ئۇستىكەن ، كۆزلىگەن جايىغا ۋاششىدە ئاپىرالايدىكەن ، مەن ھەرگىز ئۆگىنەلمىگدەكمەن دېسەم، ئاچىلىرم مەسخىرە قىلىپ :« سەن بىر ئىشنى سىناپ باقماي تۇرۇپ قىلالمايمەن دەپ ئۆزۈڭنى قاچۇرىسەن » دېسە ،راست قىلالمايمەن دېدىم ، تولۇق ئوتتۇرنىڭ 1-يىللىقىغا چىققاندا كومپىيوتىر دەرسى ئۆتتى ، كومپىيوتىر بىلەن شۇ چاغدا تونۇشتۇم،تىزلا ئامراق بولۇپ كەتتىم،بىر ساۋاقدىشىم ساڭا چ چ ئەپ بەردىم دەپ نۇمرىنى بەردى ، تۇنجى قېتىم مۇستەقىل كومپىيوتىر ئالدىدا ئولتۇرۇپ دوست خېنىم ئاتلىق چ چ نى ئېچىپ قويۇپ ئىچىدىكى توردىكى يوق ئادەملەگە خەت يېزىپ ماڭا نېمىشقا گەپ قىلمايدىغاندۇ ،قاچان گەپ قىلىدىغاندۇ دەپ .ئىڭكىمنى يۆلەپ ئولتۇرۇپتىمەن ، ئارىدىن بىرەر ئاي ئۆتكەندە مۇنبەرگە كىرىشنى ئۆگەندىم ، ئۇ چاغدا مېنىڭ بىلىدىغىنىم بىردىنبىر دىيارىم مۇنبىرى ئىدى، مۇنبەرگە مونالىسا دېگەن نامدا ئەزا بولدۇم( ئىسىملىرىمنى ئويلىسام كۈلگۈم كېلىدۇ) ئەسلى تۇيۇقسىزلا مۇنبەرگە قىزىقىپ قېلىشىمدا مۇنداق بىر سەۋەپ بار، ياغلىق ئارتقان بىر قىزنىڭ دىسكوخانىنىڭ ئالدىدا كېيىم ئالماشتۇرۇپ مودىلىشىپ ، ياغلىقىنى ئېلىۋىتىپ كىرىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ قېلىپ، غەزەپلىنىپ كەتتىم ۋە ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا بىر ماقالىسىمان بىرنېمە يېزىپ كەتتىم ،بۇنى بىر يەردە ئىلان قىلغۇم كەلدى، ساۋاقدىشىمدىن بىرسى دىيارىمغا يوللا دېدى ، يوللىدىم، سابىق باشقۇرغۇچى گۈزەل3.8 خانىم تەستىقلىدى، تېمىڭىز تەستىقلاندى دېگەن ئۇچۇر كەلدى ، ئەمما باش بەتتىكى يېڭى تېمىلار قاتارىدىن كۆرمەي سەھىپىنىڭ ئىچىگە كىرىۋىلىپ ھەممە سەھىپىنى ئاقتۇرۇپ ،ماقالەم قېنىدۇ دەپ 150 بەتتەك تېما ماۋزۇسىنىڭ ھەممىسىنى بىر بىرلەپ ئاقتۇرۇپتىمەن . كېيىن گۈزەل ھەدەم كۆرسىتىپ قويدى ، قارىسام ئۇ تېما نۇرغۇن ئۇرۇش -جىدەلگە سەۋەب بوپ كېتىپتۇ ، بىربىرىنى تىللىشىپ ، 1 بەت ئىنكاس بوپتىكەن ، مېنى بىرسى كېلىپلا تۇتۇپ كېتىدىغاندەك قورقۇپ كېتىپ شۇ كىرمىگەنچە ساق بىر يىل مۇنبەر دېگەنگە يېقىن كەلمەي ئويۇن ئويناپ يۈرۈپتىمەن ، ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە يەنە ئىختىيارسزلا شۇ دىيارىمغا مەلەك دېگەن نامدا تىزىملىتىپ تېما يېزىپ كېتىپتىمەن ،بۇ قېتىم ھېچكىم ئۇرۇشمىدى ، تىللاشمىدى ، ھەممىسى مەن ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرگە قارىتا كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ، شۇ كۈنى يەنە بىر قىسقا ئۇچۇر تاپشۇرۋالدىم گۈزەل ھەدەم سىز بىر يىل بۇرۇن كىرىپ قويۇپ يوقاپ كەتكەن قىز شۇغۇ دەپ يېزىپتۇ ، ھاياجاندىن ئاسماندا ئۇچقىلى تاس قالدىم ،مەن ئۇنى ئۇنتۇپ قاپتىمەنيۇ ، ئۇ مېنى ئىسىم ئۆزگەرتسەممۇ باش سۈرتىمدىن ۋە گەپلىرىمنىڭ ئورامىدىن تونىۋاپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مىھرى ئىسسىق مۇنبەرگە جايلىىشپ قالدىم .
    شۇندىن ئىتبارەن چ چ ۋە ئويۇنلار بىر يەردە قالدى ، ھەركۈنى قېتىرقىنىپ ، ئەستايىدىللىق بىلەن تېما يوللايتىم ، خۇددى مۇنبەرگە كىرگەنكەنمەن ،مەن چوقۇم تېما يوللىشىم شەرتتەك ، ھەركۈنى بىر تېما يوللاشنى ئۆزۈمنىڭ ۋەزىپىسى دەپ بىلەتتىم ، شۇنداق قىلىپ يازغان شېئىرلىرىم ، كالتە كالتە چاتما نەسىرلىرىم بىراۋلارنىڭ قوللىشىغا ،ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى ، قىسقىغىنە 2 ھەپتە ئىچىدە ئالىي ئەزا بولۇپ سايلىنىپ قالدىم ، بۇ مېنى شاتلاندۇراتتى، ئۆزۈمنىڭ بىلگەنلىرىمنى بىراۋلارغا يەتكۈزۈش مەسئۇلىيىتى ئېغىرلاۋاتقاندەك قىلاتتى ، شۇنىڭ بىلەن كۈندىلىك تېما سانىمنى 2 گە ھەتتا 3 كە چىقىراتتىم ، ھەركۈنى ھېكايە ،شېئىر توقۇيتىم ،شۇ تەرىقىدە يىل ئۆتۈپ تولۇق 3-يىللىققا چىقتىم ، ھەممىسى ماڭا ھەيران ئىدى ، بۇ قىز ئالداپتۇ ، گەپلىرى چوڭ ئادەمدەك ، يىشى كىچىككىنە ، مەكتەپكە ئالدىراش ئوقامدىكى دېسە ،كۈندە مۇنبەردە يۈرگەن دەپ گەپلەر چىكەتتى ، بەزىلەر ھەتتا تېمىلىرىمنىڭ ئاستىغا ئۆگىنىشىڭىزنى قېلىڭ ، مۇنبەر ئەسقاتمايدۇ دەپ نەسىھەت قىلىپ ئىنكاسلارنى قالدۇرۇشتى ، ئەمما مۇنبەر،مۇنبەر ئەھلى مېنىڭ ھاياتىمنىڭ مۇھىم بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالغانىدى ، ھەتتا ئۇخلىسام چۈشۈمدىمۇ ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان مۇنبەرداشلارنى ، مۇنبەردىكى تېمىلارنى چۈشەيتىم.
    مۇنبەرگە ئاشىق بولۇپ يۈرگەن زامانلاردا 75 بال بوران چىقىپ تور تاقالغان بولدى ، ئەمما تىزلا ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىپ ئىچكىرگە كەلدۇق ، بۇ يەردە تور نورمال ئىدى ، ئەمما ھېلىقى سۆيۈملۈك مۇنبەرلەر يوق ئىدى .
    يەنە ئازىراق ۋاقىتتىن كېيىن ئەلكۈيى تورىنىڭ مۇنبەر ئەمەس ، تور ئەدەبىياتى شەكلىدە ئېېچىۋىتىلگەنلىكىدىن ، نۇرغۇن مۇنبەرداشلارنىڭ شۇ يەردە ئىكەنلىكىدىن ، مەن ئەڭ ئامراق گۈزەل ھەدەمنىڭمۇ شۇ يەردە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ ،كىرگۈم كېلىپ كەتتى ،ئەمما بىزدە ئىچىلمايتى ، كونا مۇنبەرداشلار ئىچىدە ماڭا ئامراق بىر ئاچاش ، مېنىڭ كونا مۇنبەردە يازغان ھەممە نەرسەمنى بېسىپ چىقىرۋالغانىكەن ،شۇلار بىلەن قوشۇپ ، ئەلكۈيىدىكى نادىر تېمىلارنى بېسىپ چىقىرىپ توم توم ژورنال ھالەتتە پوچتىدىن سېلىپ بەردى ، بۇنى تاپشۇرىۋالغان كۈنى مەن خۇشاللىقتىن يىغلىۋەتكەن ، مۇنبەردە ھەممە يازمام يوق بولدى دەپ ئاھ چەككەن كۈنلەردە بۇ سوۋغات ھەقىقەتەن بەك خۇش قىلىۋەتتى .
    شۇنداق قىلىپ تور ئېچىلغاندا باشچىلاپ ئەلكۈيىگە كىرىپ يۈردۇق ،ئەمما ئەسەرلەردىن چۈشكۈنلۈك ،قورقۇش،ئەندىشە پۇراپ تۇرغان ، باشقۇرغۇچىلار سەگەكلىشىپ كەتكەن ، مۇھەببەت شېئىرلىرىدىنمۇ سىياسى مەنا ئىزدىلىپ ئىز دىرەكسىز،سەۋەپسىز مۇنبەر يۈزىدىن غايىپ بولۇش ھادىسىلىرى ئېغىر ئىدى ، بۇرۇنقىدەك قىزغىنلىق ھېچكىمدە يوق ئىدى .
    ئاستا ئاستا ئۇ يەرلەردىنمۇ خوشلىشىپ، مانا ھازىر قەلەملەرنى دات بېسىپ ، ئىلھاملار كەلمەسكە كەتتى ، نەچچە يىلدىن بۇيان تۈزۈكرەك يېڭى شېئىر ياكى ھېكايە يېزىپ باققىنىمنى ئۇقمايمەن ، گېزى كەلسە بىرەر ئىككى پارچە ئەسەر تەرجىمە قىلىپ قويۇپ يۈرۈپتىمىز.
    توردىن ئىبارەت بۇ مەۋھۇم دۇنيانى ئويلىسام كۈلگۈم كېلىدۇ ، بىردە يىغلىغۇم قىلىدۇ .
    ھاياتىمدىكى ئەڭ ياخشى دوستقا، خۇشاللىققا مۇشۇ نەرسە ئارقىلىق ئېرىشىپتىمەن ،ئۆز نۆۋىتىدە ئەڭ رەزىل ،ئەمما تور يۈزىدە ،باشقىلارنىڭ نەزىرىدە قالتىس يازغۇچى ،شائىر سانالغان «ھەدەش»نىمۇ مۇشۇ يەردىن تېپىپ ،2 يىل روھى ئازاب،ئىسكىنچە ۋە قىيناش ئىلكىدە ياشاپتىمەن ، ئەنە شۇندىن ئىتىبارەن بۇ نەرسىگە ئۆچ بولدۇم، بۇ نەرسىنىڭ كارامىتى شۇنداق يۇقىرى ئىدىكى ئەڭ پەسكەش ئادەملەرمۇ بۇ يەردە بەك ئالىيجاناپ كۆرىنەلەيتى ، ئەڭ ياخشى ئادەملەرمۇ بىراۋلارنىڭ ، بىرەر تورداشنىڭ تىللاپ قويىشى ، بەتنام چاپلاپ قويىشى ۋە ياكى ئۆيىنىڭ نۇمرىنى بىلىۋىلىپ بىلجىرلاپ قويىشى بىلەن بىراۋلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن مەھرۇم قالاتتى .
    ھازىر بۇنىڭغا بولغان تونۇشۇم پەقەتلا، بىراۋلارنىڭ پۈچەك ماختاشلىرىغا مەست بولۇپ باشچىلاپ كىرىپ كەتمەستىن ، ئارىلىق ساقلاش كېرەك ئىكەن .
    ھازىر مېنىڭ بىردىنبىر ئارامىم ئىچىم پۇشقاندا شاھ ئۇيغۇر بلوگىدا ئەھمىيەتلىك فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىش ، ئەي بالام بلوگىدا ئانا بولماي تۇرۇپ ئانىلىق تونىغا كىرىۋىلىپ ئەسەر يېزىش ،ۋە جۇلالىق بلوگىدا يازمىلارنى ئەستايىدىل ئوقۇش ، ھارغىنلىقىمنى تۈگىتىش بولۇپ قاپتۇ….

    مەزكۇر بلوگ يېڭىلانماۋىرىپ ، كونا يازمىلارنى قايتا قايتا ئوقۇۋاتىمەن ….
    بەك ئۇزۇن يىپىدىن يىڭنىسىغىچە سۆزلەپ كەتتىم ، ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز

    جۇلالىق

    مەلەك سىڭلىمنىڭ تور كەچۈرمۈشلىرىنى مېنىڭكىدىن ئۆزگىچە ئىكەن.
    ئىنساننىڭ تەبىئىتى شۇ بولسا كېرەك، بىرەر نەرسىنى يېڭى تۇنۇغان ۋاقتىڭدا ئۇنىڭغا بولغان قىزىقىشىڭ بەكلا يۇقىرى بولۇپ، بەكلا ئىچكىرىلەپ كېتىدىكەنسەن، ئۆزۈڭنى تارتاي دېسەڭمۇ، خۇددى ماگىنىت تۆمۈرنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرغاندەكلا، ئەس-يادىڭ شۇنىڭدا قالغان. بىز مەزگىل ئۆتسە بۇ قىزغىنلىقىڭ بارا-بارا سۇسلىشىپ كېتىدىكەن.
    ھەر بىرىمىز تور ھاياتىمىزدا نۇرغۇنلىغان ئىسسىق-سوغۇقنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈپتىمىز. تور بىزگە، بەزىدە خۇشاللىق، بەزىدە غەم-قايغۇ ئېلىپ كەپتۇ. يەنە بەزىدە باشقىلارنىڭ بىزنى قەدىرلىشىگە ئېرىشىپ ھۆرمەتلىنىپتىمىز. يەنە بەزىدە ئاددىي ئىشلاردىن ئۇقۇشماسلىق يۈز بېرىپ بىزلەر تونۇمايدىغان ئادەملەرنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپتىمىز… مەيلى نېمىلا بولمىسۇن توردىن ئىبارەت بۇ رەڭگارەڭ دۇنيادا بىر مەزگىل نۇرغۇن ئىشلارنى بېشىمىزدىن كەچۈرۈپ، تەجرىبە ساۋاققا ئىگە بولدۇق. ئالغان شۇ ساۋاقلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا پايدىسى تەگسە، ئەتراپىمىزدىكى ئادەملەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشۈنۈۋالغان بولساق، بىزنىڭ توردا ئۆتكۈزگەن شۇ بىز مەزگىل ۋاقتىمىز ئۇنچە بىكارغا كەتمىگەن بولىدۇ.
    مەنمۇ شۇ 75 بال بوراندىن كېيىن، توردىن قولۇمنى بىراقلا ئۈزگەنچە، بۇرۇنلاردا بىر كۈن كىرمىسەم ئۆزۈمنى ياشىيالمايدىغاندەك ھېس قىلىدىغان بۇ دۇنيانىڭ، ئۆيۈمدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدىغان بولۇپ قالدىم. قىسقىسى ئۆزۈمنىڭ بۇ دۇنياغا نېمە دەپ يارىتىلغانلىقىمنى، مېنىڭ نېمە قىلىشىم ھەم قانداق رولنى ئۆتىشىمنىڭ لازىملىقىنى تولۇق چۈشۈنۈپ يېتىپتىمەن. ئەتراپىمدىكى تۇمانلار تارقاپتۇ. ئەڭ يۇقىرى نىشانىم بولغان ئەشۇ نۇرانە يولغا بارغانسېرى يېقىنلىشىۋېتىپتىمەن…
    ھازىر تورغا چىقسام ئەڭ بۇرۇن بلوگىمنى ئاچىمەن، يېڭى ئىنكاسلار چۈشكەن بولسا جاۋاب قايتۇرۇۋېتىپ، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم بەتلىرىنى بىرەر قۇر كۆرۈپ، چۈشۈرگىدەك كىنو بولسا چۈشۈرۈپ قويىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلار خوش ياقماسلا بولۇپ قاپتۇ. چارچىغان ئوخشايمەن. ھارغىنلىق يېتىپتۇ.
    يېقىندا بەكلا ئالدىراش بولۇپ كېتىپ يېڭى يازما يېزىشقا ۋاقتىم چىقماي قالدى. ئەمدى يازىمەن جانىم سىڭلىم، سىزنى دەپ بولسىمۇ…
    مەن سىزنىڭ مۇشۇنداق يىپىدىن-يىڭنىسىغىچە دەيدىغان گەپلىرىڭىزگە بەكلا ئامراق، بولسا دائىم مۇشۇنداق سۆزلەپ تۇرۇڭ ئەزىزىم.
    بىلوگ قۇرۇۋاپسىزيۇ، ماڭا بىر ئېغىز ھەدە، بلوگ قۇردۇم، كىرىپ يوقلاپ چىقىڭ دېمەپسىزيا؟ سىزدىن رەنجىدىم. خەپ، يۈز-تۇرانە بىر كۆرۈشەيلىچۇ قانداق قىلىمەنكىن؟
    ئەي بالام بلوگىنى سىزنىڭ قۇرغانلىقىڭىزنى بىلگەن بولسام دائىم زىيارەت قىلاتتىم. مەلەك سىڭلىم ئانا بولماي تۇرۇپ نېمىلەرنى يېزىۋەتكەندۇ؟ بىر كۆرۈپ چىقاي.

    مەلەك

    ھې ھې ئەي بالام مېنىڭ ئەمەس، باشقا ئاچاشلارغا ياردەملىشىپ ئانىلار قاتارىغا تىزىلىۋىلىپ بىرنىمىلەرنى يېزىپ يۈرگەنىدىم ، يېقىندا ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ ۋەيران بولىشى بىلەن ،ئۇنىڭ نامىدا ئېلىنغان ئەي بالاممۇ يوق بولدى ، ئىنشا ئەسلىگە كېلىپ قالار.
    ھازىرقى قىلىدىغان ئىشىمىز ئوخشاپ قالىدىكەن ،مەنمۇ ھازىر خەتلىك فىلىم مۇنبەرلىرىگىلا كىرىمەن، بىكارلىق كىنو بولسا چۈشۈرۈپ قويىمەن ، ئەمما كۆرۈشكە ۋاقىت يوق.

    جۇلالىق

    ئانا بولماي تۇرۇپ ئانىلارنىڭ يازمىلىرىنى يېزىپ كېتىپسىزدە؟ بىر ئوقاي دېسەم بلوگ تاقىلىپ قاپتۇ. قايتا ئېچىلسا ئوقۇش نېسىپ بولار.
    بەگ ئىنىم بىلەن ئالدىراشچىلىقتا پاراڭلاشمىغاچ، بۇنچە چوڭ ئىشلار يۈز بەرگىنىدىن خەۋەرسىزكەنمەن. ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلار.
    بەزىدە ۋاختىم يەتسە خەتلىك فىلىم ئىشلىرىغا ئانچە-مۇنچە ياردەملىشىپ قويىمەن. شۇ ئىشلا خۇش ياقىدىغان بوپ قالدى. مەنمۇ كىنولارنى چۈشۈرۈپ قويغىنىم بىلەن كۆرگىلى ۋاقىت نەدە دەيسىز. بلوگقا يازما يوللىغىلىمۇ ۋاقىت چىقىرالماي يۈرۈۋاتمامدىم.

  •   #3  

    ئۆزخابەگ 2017-03-11 05:22

    بىلوگىڭىزدىكى مەزمۇنلارنى ياختۇردۇم
    قەلىمىڭىز ئۆتكۇر بولغاي

    جۇلالىق

    ئاددى يازمىلىرىمنى ياقتۇرغىنىڭىزدىن خۇشال بولدۇم، تېخىمۇ تىرىشىمەن.