راڭپىزاخانىدىكى پاراڭلار

تۇرمۇش كارتىنىلىرى 2011-01-09 03:41 1,186 3

راڭپىزاخانىدىكى پاراڭلار

2010-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى.
ئەتراپىمدىكى بىر-بىرىدىن ئالدىراش كېتىۋاتقان كىشىلەرگە قاراپ مېڭىۋاتىمەن. يول مېڭىۋاتقان بولساممۇ خىياللىرىم ئاللىقاياقلاردا كېتىۋاتاتتى. راڭپىزاخانا ئىشىكىدىن كىرىپ ئورۇندۇقلىرى قالايمىقانلىشىپ كەتكەن بىر ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇردۇم. بۇ راڭپىزاخانا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يېنىدىلا ئىدى. ئادەتتىغۇ راڭپىزىنى بەكمۇ يەپ كەتمەيمەن بۈگۈن نىمىشقىدۇر يىگۈم كېلىپ قالدى.
راڭپىزىچى ئايالغا ئىككى دانە چاي تۇخۇم ۋە بىر تەخسە راڭپىزا بۇيرۇۋېتىپ ئولتۇردۇم. چاي تۇخۇمنى ئەكىلىپ بەردى، تۇخۇمنى سويۇپ ئولتۇرسام ئىشىكتىن 35 ياشلاردا بار بىر ئايال كىرىپ  ئۇدۇلۇمدىكى ئۈستەلدە ماڭا كەينىنى قىلىپ ئولتۇردى.
ئۇ ئايال راڭپىزىچى ئايالغا:- ماڭا، بىر قاچا راڭپىزا سېلىپ بېرىڭە؟ لازىسى كۆپرەك بولسۇن، بۈگۈنكى ئاچچىقىمنى راڭپىزا يەپ لازىدىن ئالاي دېدى.
راڭپىزىچى ئايال:- بۈگۈن نېمە بولدىڭىز؟ كەيپىياتىڭىز ياخشى ئەمەسقۇ؟
ئىككىسى تۇنۇشىدىغاندەك قىلاتتى.
ئۇنى بىر دېمەڭ، زاغرا يېسەممۇ خىزمەت قىلماي ئۆيدە ئولتۇرسام دەپلا قالدىم، مۇشۇ كۈنلەردە خىزمەت دېگەن نەرسىدىن جاق تويۇپ كەتتىمغۇ.
نېمىگە بۇنچە ئاچچىقىڭىز كېلىپ كەتتى؟ سورىدى راڭپىزىچى ئايال.
قىز بالا دىگەن مۇشۇنداق بولىدىغان بولسا قىز بالا تۇغماي باقمايلا قويغۇلۇقكەن.
تۇخۇمنى سويۇپ يىگەچ بۇلارنىڭ پارىڭىغا قۇلاق سېلىپ ئولتۇردۇم.
يەنە شۇ قىز ئوقۇغۇچىلىرىمنى مەكتەپكە يىغىپ بولالماي جىلە بولۇپ قالدىم.
قىز بالا بولغاندىكىن يۇۋاشراق بولسا نېمە بولار؟ ھەر قانچە ئوينىسىمۇ مەكتەپكە تولۇق كېلىپ بېرىپ ئاندىن نېمە قىلسا مەيلىدى. چوپچوڭ بوپ قالغان بالىلارنى مەكتەپكە ئەكىلەلمەي بالا يىغىپ يۈرۈيمىز. ئاينۇر دەپ بىر قىز بار ئىدى. بۇ قىز ئەمدى ئون تۆت ياشقا كىردى. مەكتەپكە كەلمىگىلى تۆت كۈن بولدى. كەلسىمۇ ئىككى سائەت دەرسكە قاتنىشىپ قويۇپ يەنە يوقاپ كېتەتتى. مەن سىنىپ مەسئۇلى بولغاندىكىن بالىلار دەرستىن قالسىلا ماڭا گەپ كىلىدۇدە. بۈگۈن شۇ قىزنى ئىزدەپ ئۆيىگە بېرىپ كەلدىم، ئۆيىدىمۇ يوق. دوستلىرىدىن سۈرۈشتۈرسەم تاسلا قالدىم كەينىمگە ئۇچۇپ كەتكىلى.
ئۇ قىزنى بىر سودىگەر بالا بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقان، نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا شۇ بالا بىلەن قەشقەرگە بېرىپ ئويناپ كەلمەكچى بولغان ئىدۇق دەپ يۈرەتتى. بىزمۇ ئۇنى ئەتىسىدىن باشلاپ كۆرمىدۇق، نەچچە كۈندىن بۇيان يوقاپ كەتتى دەيدۇ. ھازىر يېنىمدا بار بولغان بولسا تاياق بىلەن تازا سالار ئىدىم دەيمەن. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاچچىقى خېلىلا بار ئىدى.
راڭپىزىچى ئايال:- ھازىرقى قىزلارغا نېمە بولۇۋاتىدىكىن تاڭ، قايسى كۈنى بىر قىز بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدىم. كىرىپ راڭپىزا بۇيرۇتتى. راڭپىزا كېلىپ بولغىچە گازىر چېقىپ ئولتاماسمۇ ئۇكام ئاشخانىدا گازىر چاقماڭ دېسەم، گازىر چاقسام نېمە بوپتۇ دەيدۇ؟
ھېچنېمە بولمايدۇ، شۇ ئاشخانا مەينەت بولىدۇ، سىزدە ئەخلاق دەيدىغان نەرسە يوقمۇ؟ دېيىشىمگىلا سىز ئاشخانىنى تازىلاپ ئولتامىسىڭىز نېمە ئىش قىلاتتىڭىز دەپ چالۋاقاپلا كەتتى. دوستلىرى ئۇنى تارتىپ ئەپچىقىپ كەتمىگەن بولسا ئېغىزىدىن يەنە نېمىلەر چىقاتتىكىن. بۇ بالىلار مەكتەپتە تەربىيە ئۆگەنمەمدىغاندۇ؟
سىزنىڭ ئالدىڭىزدىلا ئۈچ قىز كىردى، بۇ قىزلارمۇ سىلەرنىڭ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، كىرىپلا ئوغۇللارنىڭ پارىڭىغا چۈشۈپ كەتتى. بۇ قىزلارغا راڭپىزا سېلىپ بەرگەچ قىلىشىۋاتقان گەپلىرىگە قۇلاق سالدىم.
A.قىز: ئاداش، تۈنۈگۈن فىزىكا دەرسىگە قاتناشمىدىڭغۇ؟
B.قىز: نېمىسىنى دەيسەن ئاداش، تۈنۈگۈن ئەنۋەر ئويناپ كېلەيلى دەپ تۇرۇۋېلىپ بىللە چىقىپ ئايلىنىپ كەلدۇق.
C.قىز: قادىر ئىككىمىز يۈرۈپ قالايلى دەپ نەچچە كۈن بولدى ماڭا ئارام بەرمەيۋاتقىلى، قانداق قىلسام بولار؟
يېنىدىكى ئىككى قىز چۇرقىرىشىپ كەتتى. يۈرۈپ قالايلى دېسە ماقۇل دېمەمسەن، مۇھەببەتلىشىپ ئۆتسەڭلار ھېچنىمە بولمايدۇ. مانا ھەممىمىزنىڭ يۈرۈۋاتقىنى بارغۇ شۇ سەنلا قالدىڭ.
بۇ قىزلارنىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ ھەيرانلا قالدىم. بۇ قىزلارغا نېمە ئىش بولۇپ كەتتى؟ ئەمدى ئون تۆت-ئونبەش ياشقا كىرگەن بالىلار بۇنچە بولۇپ كەتسە قالغانلىرى قانداق بولار؟
ئوقۇتقۇچى:- ھازىرقى ياشلارنىڭ دەردى بىز چوڭلارنىڭكىدىن كۆپ، چوڭلار ئائىلە، بالا، تۇرمۇش غېمىدە، ياشلار مۇھەببەتلىشىش غېمىدە.
بۇلارنىڭ پاراڭلىرى ئاخىرلىشىپ بولغىچە راڭپىزامنى يەپ چىقىپ كەتتىم. مېڭىۋاتىمەن كاللامدا نۇرغۇنلىغان سوئاللار قىزلىرىمىز مۇشۇنداق چۈشكۈنلىشىپ كېتەرمۇ؟ ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى قانداق بولار؟ بىر تۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى زامانلاردا ياشاپ قالمىغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم. ئۇ ۋاقىتلار شۇنداق گۈزەل چاغلار ئىدى، كىشىلەر بىر-بىرىگە شۇنداق مېھرىبان، ئىجىل-ئىناق ئۆتىدىكەن، بىر-بىرىگە سىلە-رېھىم قىلىشنى شەرەپ بىلىپ ياشايدىكەن، تۇرۇپلا يەنە ئۆزۈمگە قايتىمەن، ئۈمۈدسىزلىنىش ھەممىنى ھەل قىلالامدۇ؟
ياق! ھەرگىز ئۈمۈتسىزلەنمەسلىكىم كېرەك، ئەۋلادلارنى بىزلەر يىتەكلەپ ياخشى تەربىيلىمىسەك كىم تەربىيلەيدۇ؟ بالىلارنى ياخشى تەربىيلەش ئانىلارنىڭ زىممىسىدە، ئانىلار مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى، قايسىدۇ بىر مۇنبەردە بىرەيلەننىڭ دېگەن گېپى ھەر ۋاقىت ئېسىمدىن چىقمايدۇ‹‹بۇ دۇنيانى سىز بىر ئادەم ئۆزگەرتىپ بولالمايسىز، دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى ئۆزىڭىزگە يۈك قىلىۋالماڭ، قولىڭىزدىن كېلىشىچە ئەتراپىڭىزدىكى ئىشلارنى ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىڭ، شۇندىلا ئۆز رولىڭىزنى جارى قىلدۇرالايسىز››
بىزلەرنىڭمۇ قولىمىزدىن كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىز بولغان قىز-ئوغۇللىرىمىزنى يېتەكلەپ، ياخشى ئادەم قىلپ تەربىيلەش ۋە يامان يوللارغا مېڭىشقا تەمشىلىۋاتقانلارنى توسۇش كېلىدۇ. شۇنچىلىك ئىشلارنى قىلالمىساق، چوڭ سۆزلەپ، قۇرۇق شۇئار توۋلاپ، جار سېلىپ يۈرگىنىمىزنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟ قېنى سىزمۇ ئويلىنىپ بېقىڭ. بىرلىكتە تىرىشايلى!

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 3 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    مەلەك 2013-04-17 02:23

    بىر فىلىمنىڭ بىشىدا :« كىشلەرنىڭ ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان ھەقىقەتلەرگە ۋە نىڭ كالامى بولغان ئالدىدا قەلىبلىرى ئېرىپ قا تەسلىم بولىدىغان ۋاقتى كەلمىدىمۇ؟» دەيدىغان بىر گەپ چىقاتتى، بەزىدە ئويلاپ قالىمەن ، ئەتراپىمىزدا، رىئاللىقىمىزدا مۇشۇنداق كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان ئىشلار كۆپەيگەنسىرى يەنە بىر بۆلۈك كىشلەر يامغۇردىن كېيىن ئۈنۈشكە باشلىغان مايسىلاردەك، ئاستا-ئاستا ئويغىنىپ ، پەرزەنتلىرىنىڭ ، ھەدە-سىڭىل،قېرىنداشلىرىنىڭ تەربىيىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇپ كېتىۋاتىدۇ .
    مەنمۇ ھەيران قالىمەن بەزىدە، قىزلىرىنىڭ بولۇمسىزلىقى ،يولدىن چىققانلىقى دەستىدىن نې نې جاپالاردا باش ئەگمىگەن زەپەردەست ئاتىلارنىڭ كۆزلىرىدىن ياش ئېقىۋاتىدۇ، كىملەرگىدۇر يالۋۇرىۋاتىدۇ ، بېشىغا كەلگەن ئەرزىيەتلەر تۈپەيلى تىن بىلىپ بىلمەي زارلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.
    بۇنى كۈندىن كۈنگە تەرەققى قىلىۋاتقان زاماننىڭ ياشلارغا، ئەۋلاتلارغا قالدۇرىۋاتقان سوۋغىسى دەيمىزمۇ ياكى ، كېيىنكىلەرگە چېلىنىۋاتقان سىگىنال دەيمىزمۇ ؟
    يىگىتلەر قىزلاردا قالمىدى دەپ جار سېلىۋاتقان ، قىزلار بولسا باشقۇرىدىغان يىگىتلەر تايىنلىق بولغاچ شۇنداق بولىۋاتىدۇ دەۋاتقان، بۇ رىئاللىقنىڭ باھانىسىنى زادى كىملەرگە دۆڭگەش كېرەك؟
    ھېلىتەن كەلگۈسىدە ئانا بولسام ،بالامنى قانداق تەربىيلەرمەن؟ ئۇمۇ مۇشۇنداق بولۇمسىز ئىللەتلەرنى يۇقتۇرىۋالسا قانداق قىلارمەن دەپ ئەندىشە قىلىپ كېتىمەن .
    پەرۋىشنى ،تەبىيىنى كىچىدىن باشلاپ بېرىپ تەربىيلەش مۇھىمكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا ئانا بولغۇچى ئۆزىدە شۇنىڭغا لايىق ساپانى ھازىرلىشى كېرەككەن. ئۆزىنىڭ بولار يېرى تايىنلىق تۇرۇپ ،بالام مۇنداق دەپ ئاغرىنغانماي ئۆزىنىڭ تەربىىيە ئۇسۇلىغا ،ئائىلىدىكى ئەمىلىيىتىگە بىر نەزەر تاشلاپ بېقىش كېرەككەن.
    قەلىبلىرىنى قۇلۇپلىۋەتمىگەندىكىن ،ئەشۇنداق يامان يوللارغا كىرىپ قالغان بالىلار بىلەن ياخشى ئولتۇرۇپ كۆپ پاراڭلىشىپ بەرسە ئۈنىمى ياخشى بولامدىكى دەيمەن.

  •   #2  

    سەھرالىق 2013-04-20 11:19

    ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىمدا،مەكتەپنىڭ ئالدىغا چىقساملا 7-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ باللىرى چۇرقىرىشىپ يۈرەتتى،ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ يا كۈلۈشۈمنى يا يىغلىشىمنى بىلمەي قالغان ۋاقىتلىرىم كۆپ…
    -ھە بۈگۈن بىللە كېتەمىز ئۆيگە…
    -مەبىتىم بىلەن كېتىمەن
    -ئاينۇرما؟
    -ياق،ئۇ دىگەن قاچانقىسى..
    -…
    8-9ياشلاردىكى بالىلارنىڭ دىئالوگى…
    ھازىرغۇ بۇنداق قىززىق پاراڭلاردىن تولىمۇ يىراقتا مەن.ئەمما ئويلىسام-ئويلىسام ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ.

    جۇلالىق

    ئۇ چاغلاردىكى 8-9 ياشلاردىكى بالىلار بىلەن ھازىرقى بالىلارنى سېلىشتۇرۇش مۇمكىنمۇ؟
    ھازىرقى بالىلار باشلانغۇچقا قەدەم قويار-قويمايلا ھەممە ئىشنى باشلىۋېتىدۇ.