يوقاپ كەتكەن قىز

تۇرمۇش كارتىنىلىرى 2011-02-01 03:05 1,159 8

يوقاپ كەتكەن قىز

نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئۇرۇق-تۇققانلار ئىچىدە بىرسىنىڭ بالىسىنىڭ ئات توي مەرىكىسىگە باردىم. بىزنىڭ جەمەتىمىزدىكى چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن توي-تۆكۈن بولسا ئاندىن بىر يەرگە جەم بولالايمىز. ھەممىىمىز تۇرمۇشنىڭ تۈگىمەس ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش، ئايدا بىرمۇ كۆرۈشەلمەيمىز.
بۇ ئات توي مەرىكىسىگە نەۋرە ھەدە-سىڭىللىرىم، ئاكا-ئىنىلىرىم ھەممىسى يېغىلغانىدى. قىزلار بىر ئۆيگە كىرىپ مۇڭغا چۈشۈپ كەتتۇق. ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كوت-كوتراقى مەندە، تولا كوتۇلداپ گەپ بەرمەيلا ئولتۇراتتىم. پاراڭ ئارىلىقىدا نەۋرە ھەدەمنىڭ ئالتە يىل ئىلگىرى يوقاپ كەتكەن ئون ئالتە ياشقا كىرگەن قېيىن سىڭلىسىنىڭ گېپى چىقىپ قالدى. بۇ قىز يوقاپ كەتكەندىلا نەۋرە ھەدەمدىن ئاڭلىغان ئىدىم. ھەدەمنىڭ دېيىشىچە بۇ قىز يوقاپ كەتكەن شۇ كۈنى سەھەر سائەت ئالتىدە سىرىتقا بىر ئىش ئۈچۈن چىقىپ كەتكەنچە قايتىپ كەلمىگەن. ئۆيىدىكىلەر كەچ بولغىچە ساقلاپ باققان، كېيىن ئەنسىرەپ ئىزدىگەن بولسىمۇ ھېچيەردىن تاپالمىغان. بىرەر ئايغىچە خەۋرى بولۇپ قالارمىكىن دېگەن ئۈمىدتە ساقلاپ باققان بولسىمۇ تېپىلمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئاكىسى شىنجاڭنىڭ ھەممە شەھەرلىرىنى ئىزدىگەندىن كېيىن يەنىلا يىپ ئۇچى تاپالماي، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگىچە كىرىپ قايتىپ چىققانىكەن.
ھەدەم دەيدۇ: قېيىنئانامنىڭ تۆت ئوغۇل، مۇشۇ بىر تاللا قىزى بار ئىدى. «ئەتىۋارلىغانغا كۆز تەگسۇن» دېگەندەك بۇ سىڭلىم يوقاپلا كەتتى. ئىزدىمىگەن يېرىمىز قالمىدى. پەقەتلا خەۋرىنى ئالالمىدۇق. ئاخىرى مۇنداق ئىككى خىل ئېھتىماللىققا تەن بېرىپ ئولتۇردۇق. بىرى بۇ سىڭلىم يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان بولسا، بۇ نىيىتى يامانلار سىڭلىمغا پەسكەشلىك قىلغاندىن كېيىن ئۆلتۈرىۋەتكەن. شۇڭا سىڭلىم ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغان. يەنە بىرى قىزلارنى ئېلىپ-ساتىدىغانلار ئېلىپ قاچقان. چۈنكى بۇ قىز بەكلا چىرايلىقتى. قېيىنسىڭلىم يوقاپ كېتىپ تۆت يىلدىن كېيىن بىر يەردىن خەۋرى كەلدى. سىڭلىمنى شۇ يەردە بار ئىكەن دىگەن خەۋەر كەلگەن ھامان ئاكىلىرى يولغا چىقتى. كۇچارنىڭ بىر يېرىدە قىزلارنى يىغىۋالغان (پاھىشخانا) بار ئىكەن، ئىككى ئاكىسى بېرىپ ئۇ يەردىكى قىزلارنى كۆرگەن ھەمدە قېيىنسىڭلىم شۇكەن دەپ قالغان قىزنى كۆرگەن بولسىمۇ، سىڭلىم ئەمەس بولۇپ چىقىپتۇ.
ئادەم سودىگەرلىرى سىڭلىمنى پاھىشخانىلارغا سېتىۋەتكەندىن كېيىن سىڭلىم بىر مەزگىل نەزەربەنىت ئىچىدە بۇلارنىڭ بۇيرۇقىغا بوي سۇنۇپ شۇ يەردە تۇرغان، كېيىنچە قېچىشقا پۇرسەت چىقسىمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ، ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ ئالدىغا قايتىپ كېلىشكە يۈزى چىدىماي ئامالسىز شۇلارنىڭ بۇيرۇقىدا ياشاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. قېيىنئانام يىغلاۋېرىپ كۆزلىرى ئاجىز بولۇپ قالدى، نېرۋىسىمۇ جايىدا ئەمەس. قېيىنئانامغا قارىساملا بىئارام بولۇپ كېتىمەن. شۇنچە يىل ئۆتۈپ كەتتى. بۈگۈن قايتىپ كېلىپ قالار، ئەتە كېلىپ قالار دەپ ساقلاۋاتىمىز، كۈتىۋاتىمىز………..
ھەدەم كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا سۆزلىرىنى تۈگەتتى، ھەممىمىز جىمىپلا كەتتۇق، بايىقى كۈلكە-چاخچاقلار ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ كەتكەنىدى.
كۆڭلۈم غەش ھالدا ئۆيگە قايتتىم، ئەجىبا ئەشۇ مەسۇم، سەبىي قىزلاردا گۇناھ بارمۇ؟ ئىپلاس، پەس ئىنسانلار ئۇلارنىڭ ھاياتىنى بارلىقىنى قۇربان قىلدى، دۇنيادا شۇنداق لەنىتى ئىنسانلار باركى، شۇلارنىڭمۇ قىزلىرى، سىڭىللىرى بار. بۇنداق ئېغىر كۈنلەر سېنىڭمۇ بېشىڭغا ھامان بىر كۈنى كەپ قالىدۇ.
بۇ ھايۋان سۈپەت ئىنسانلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ چىقىش پۇرسىتى بولۇپ قالسىلا، ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلسە بولىدىغۇ؟!
بەلكىم، بىچارە قىزنىڭ قانچىلىك قايتقۇسى باردۇ؟ ئانىسىنى سېغىنغاندۇ؟ ئۇنىڭ قەلبىدىكى ساقايماس يارىلار، روھىي بېسىملار قايتىپ كېلىشكە يول قويمايۋاتقاندۇ؟………….

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 8 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    شاھبالام 2011-02-19 09:04

    بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك….

    جۇلالىق

    ھېچنىمە دېيەلمەيدىكەنمىز، ئەشۇ نائىنسابلارغا لەنەت ئوقۇماقتىن باشقا ئامال يوق.

  •   #2  

    پىنھان 2011-05-17 21:13

    ئادەم بىدىكلىرىنى تۇتۇپ ئەكىلىپ يول چىڭداش ماشىنىسىدا يولغا پاتۇرۋەتسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ .

    جۇلالىق

    ئادەم سودىسى قىلىدىغانلارنى قانچىلىك قىيناپ بىر نېمە قىلىۋەتسىمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. ھەر كۈنى كوچا-كويلاردىكى ئادەم ئىزدەش ئېلانلىرى ئوقۇغىنىمدا شۇنچىلىك ئازابلىنىمەن. بالىسىنى يوقىتىپ قويغان ئاتا-ئانىلار تىرىك تۇرۇپ ئۆلگەن بىلەن باراۋەر بولۇپ قالىدىكەن.

  •   #3  

    مەلەك 2013-04-11 04:32

    ئۆيىمىزدىكى بىرەر مۈشۈك يۈتۈپ كەتسىمۇ نەچچە كۈنگىچە بىئارام بولىمىز ، بىر ئادەم يۈتۈپ كەتسە شۇ ئائىلىگە كېلىدىغان ئازابنىڭ دەرىجىسىنى ئىپادىلەشكە سۆزلىرىمىز نامرات كېلىپ قالار. ئېنىم تولۇقسىز 2-يىللىققا چىققاندا يۈتۈپ كەتكەنىدى، شۇ ۋاقىتتا ھەممىمىز پۈتى كۆيگەن توخۇدەك بولۇپ كەتكەنىدۇق، ئاچىلىرىم ئۆزلىرى ئوقۇۋاتقان ئىچكىردىن ۋە باشقا قوشنا شەھەرلەردىن ئىزدەيتى ، يەنە بىر ئاچام مەكتەپتىن رۇخسەت سوراپ قەشقەرنىڭ ناھىيە يېزا بازارلىرىنى ئىزدىدى، مەن ئادەم ئىزدەش ئىلانى يېزىپ ھەر كۈنى كوچىغا چاپلىغىلى چىقاتتىم ، ئۇ چاغلاردا ئۆيىمىزدە كومپىيوتىر يوق ، كۆپەيتىش،بېسىش ئىشلىرىنى قىلىدىغان بىر يەرگە كىرسەم، بىر قىز ۋاقتىم يوق ، ھەم ئۇيغۇرچە خەتنى ئاستا ئۇرىمەن دەپ تۇرىۋىلىپ ،ئۇنداقتا بىرىپ تۇرۇڭ ،ئۆزۈم ئۇراي دېسەم ، خوجايىنىم كىرسە خاپا بولىدۇ دەپ بەرگىلى ئۇنىماي ،شۇنداقمۇ جىلە قىلغان ،تەييار بولغان ئىلاننى ئىستولبىلارغا ، يول چىراغلىرىنىڭ خادىلىرىغا چاپلاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغىنىمدا گۈررىدە بىر توپ كىشى كىېلىپ ئوقۇيتى ، بىر داداش ئوقۇپ يۈزۈمنى سىيلاپ يىغلاپ كەتكەنىدى ، ئىلاننىڭ ئاستىغا قوشۇمچا مۇنۇ قۇرلارنى يېزىپ قويغانىدىم :« دادام بىلەن ئانامدىن قالسا بىز 5 قىزنىڭ تاغدەك يۆلەنچۈكى ، ئۆيىمىزنىڭ ئەركىكى سانىلىدىغان ئېنىم ، قەيەرلەردە يۈرۈيدىغانسەن ، بىزنى بۇنداق ئەنسىرەتمىگىنچۇ ؟ »
    ھەربىر ۋاراقنى چاپلىغىنىمدا كۆزلىرىمدە ياش، بەزىلەر كېلەتتى :« ۋاي ئېسىت ، ئىچكىرگە ئوغۇرلىققا سالغىلى تۇتۇپ ئەكىرىپ كېتىپتۇ دە » يەنە بەزىلەر دەيتى :« بىليارتخانىدا كۆرگەندەكلا قىلىمەنيا ما گۇينى ،ئويناپ يۈرۈيدۇ ئۇ » ھەركۈنى دېگۈدەك تېلىفۇنلار كېلىپ تۇراتتى ، ئېنىڭىزنى پالانى يەردە كۆردۈم دەپ ، شۇ يەرگە شۇھامان باراتتۇق ، ئەمەس بولۇپ چىقاتتى ، بەزىلەر قەستەن كولدۇرلىتىپ ،كىشىنىڭ ھىسياتى بىلەن ئوينىشاتتى .
    ئىشقلىپ بۇ خىل ھىسيات تولىمۇ ئېچىنىشلىق بولىدىكەن ، ئارىدىن 9 يىل ئۆتۈپتۇ ، شۇنداقتىمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى بۇ مەنزىرىنى يازغۇچە بۇرۇنلىرىم ئىچىشىپ، كۆزلىرىمدىن ياش ئېقىۋاتىدۇ .
    ئۈندىداردا، مىكرو بلوگلاردا، كوچا ئىستولبىلىرىدا ماڭدامدا بىر ئۇچرىتىپ تۇرىدىغان ئادەم ئىزدەش ئىلانلىرى كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئاغرىتىدۇ ، ئادەم ئىزدەش ئىلانى كۆرسەم ئەزەلدىن ئوقۇپ باقىمەن ، بەلكىم كۆرگەندىمەن ، بەلكىم تونۇيدىغاندىمەن دەپ جىددىيلىشىپ كېتىمەن .
    جىمى ئىنساننىڭ قەلبىگە قورقۇسىنى سېلىپ ، ياخشى ، مۇكەممەل ھالەتتە يارىتىدىكەن ، ئەمما ئىنسانلار چوڭ بولغانچە بۇلغىنىپ ، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر بولۇپ كېتىدىكەن ، جاھان ياخشىلار بىلەنلا تولسا نېمىدىگەن ياخشى ھە دەپ ئويلاپ كېتىمەن ، شۇ ئادەم بىدىكلىرىنىڭ يۈرىكى نېمىدىن پۈتۈلگەن بولغىيتى ھە ، نەپسى شەيتان قەلبىنى شۇنچىۋالامۇ ئىگەللىگەن بارمۇ ؟ ئۆز قەۋمىنىڭ ، قېرىنداشلىرىنىڭ بالىلىرىنى ئوغۇرلاشتىن ئۇيالمايدىكەن.
    مەزكۇر تېمىدا تىلغا ئېلىنغان قىز كاللامغا كىرىۋالدى ، مەكتەپكە ماڭغان قىز ئىدى ھە؟! ئۇ ئىپلاسلار نېمىدىگەن رەزىل ، ئۇ سىڭلىمىزنى تىنچ ئامان قايتىپ كېلىشكە نىسىپ قىلسۇن ، ھاياتلا بولسا قايتىپ كېلىدۇ ھامان بىر كۈنى….

    جۇلالىق

    بۇ سۆزلىرىڭىزنى ئوقۇۋېتىپ كۆزلىرىمگە يىغا ئولاشتى، ئىنىڭىز ئۈچۈن قانچىلىك ئازابلانغان بولغىيدىڭىز؟
    سۆزلىرىڭىزدىن خۇددى ئىنىڭىز تېپىلمىغاندەكلا ھېس قىلدىم سىڭلىم، يا مەن خاتا چۈشۈنىۋالدىممۇ؟ خاتا چۈشۈنىۋالغاندىمەن دەپ ئويلايمەن.
    ئەدەپسىزلىك بولسىمۇ سورىغۇم كەلدى. ئىنىڭىزنى تاپالىغانمىدىڭلار؟
    نەۋرە ھەدەمنىڭ شۇ سىڭلىسىنىڭ تا ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى يوق. ئاتا-ئانىسىمۇ ئىزدەپ ھاردى. يىغلاپ كۆز ياشلىرى قۇرۇپمۇ تۈگىدى. بۇ قىز ئۆلۈكمۈ ياكى تىرىكمۇ؟ ھېچكىم بىلمەيدۇ.
    باشقىلارنى شۇنداق تۇتۇۋېلىپ ساتىدىغان ئىپلاسلارنىڭ يۈرىكىنى بىر كۆرۈپ باقسام دەيمەن. يۈرىكى گۆشمىدۇ؟ ئۇلارنىڭمۇ ئۇرۇق-تۇققانلىرى بارمىدۇ؟
    تەڭرىم ھەر بىر بەندىسىگە تېنىچ-ئامانلىق ئاتا قىلسۇن!

    مەلەك

    قارا بۇلۇتنىلا يېزىپ،قارا بولۇتتىن كېيىنكى ھەسەن ھۈسەننى تەسۋىرلەشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
    تەڭرىمگە شۈكرى تېپىلدى ، 2 ئايدىن كېيىن، بۇ ئىككى ئايدا نەلەرگە بارغىنىنى، نېمىش قىلغىنىنى بىر ۋە ئۆزى بىلىدۇ.

    جۇلالىق

    شۈكرى ، ئىنىڭىز تېپىلىپتىكەندە، ئەمدى خاتىرجەم بولدۇم.