ھەممىمىز بىر كۈنى قېرىيمىز

ھەممىمىز بىر كۈنى قېرىيمىز ئاپتۇبۇسنىڭ دەرىزىسىدىن شەھەر مەنزىرىسىگە قاراپ ئولتۇرماقتا ئىدىم. ئاپتۇبۇس بېكەتتە توختىدى، كىشىلەر بىر-بىرىنى ئىتتىرىپ دېگىدەك ئاپتۇبۇسقا چىقىۋاتاتتى. ھەممە كىشىلەر چىقىپ بولۇپ ئەڭ ئاخىرىدا بىر پۇتى مېيىپ ھاسىغا تايىنىپ تۇرۇۋاتقان بىر بوۋاي چىقىشقا تەمشەلدى. ئاپتۇبۇس ئىشىكىنىڭ يېنىدىكى تۆمۈرنى تۇتۇپ چىقاي دەۋاتقان بوۋاينى 25 ياشلاردا بار ياش بىر يىگىت قىستاپلا ئاپتۇبۇسقا چىقتى. بوۋاي دەلدەڭشىگىنىچە […]

بىلەيچى بوۋايدىن گازىرچى مومايغىچە

بىلەيچى بوۋايدىن گازىرچى مومايغىچە بىر يېقىن دوستۇم بىلەن بازاردىن بىللە نەرسە سېتىۋالماقچى بولدۇق ھەمدە بىز دېيىشكەن يەردە ئۇنى ساقلاپ تۇردۇم. بۇ يەر بازارنىڭ ئەڭ ئاۋات قايناق يېرى ئىدى. يىمەك-ئىچمەك ساتىدىغانلار، لەڭپۇڭچىلار، مىۋە-چىۋە ساتىدىغانلار ھەممىسى ئۆز سودىلىرى بىلەن ئالدىراش ئىدى. دوستۇمنى ساقلاپ زېرىكىپ ئەتراپىمدىكى كىشىلەرگە قاراۋېتىپ ئۇدۇلىمدا كىچىك بىر ھارۋىدا گازىر سېتىۋاتقان 67-68 ياشلاردا بار بىر […]

بالىلىقىم

بالىلىقىم بالىلىق دېگەندە ماندا ياشايمىز……… كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپلا بەكلا كەپسىز ئىدىم، لېكىن دەرەخكە يامىشالمايدىغان بىر كەمچىللىكىم بار ئىدى.ئۆزۈم سەل ئوغۇل بالا مىجەز بولغاچقا دائىم نەۋرە ئاكىلىرىم بىلەنلا ئوينايدىغان، نەۋرە ھەدىلىرىم بىلەن (سوبو) ئويناپ قوياتتۇق. بۇنى باشقا يەرلەردە نېمە دەيدۇ ئۇقمايدىكەنمەن، قىشلىق تەتىل بولسىلا بىزگە بوپ بېرەتتى. بىر كۈنى ھەدىلىرىم بىلەن 6-7 بالا نامازدىگاھلىقتا سوبو ئويناش […]

سودىدىكى راستچىللىقىمىز

سودىدىكى راستچىللىقىمىز ئاخشام سائەت سەككىزلەر بىلەن سىرتتا تاماق يەپ قايتىشىمدا ئاپلېسىن سېتىۋالاي دەپ باردىم. ــ سىڭلىم، ئاپلېسىننىڭ كىلوسى قانچە پۇل؟ ــ بىر كىلوسى 15 كوي. ــ نېمانچە قىممەت، بىر كىلوسىنى 14 كويدىن بېرىڭ. ئىككى كىلو ئالاي. ــ ئاچا بىر كىلو ساتسام كىلو بېشىدا ماڭا ئاران بەش مو چىقىدۇ. بۇنداق بەرسەم زىيان تارتىمەن. ــ مەيلى ئەمىسە […]

ياخشى كۆرۈپ قېلىش نىسبىتى يۇقىرى بولامدۇ؟

بىللە خىزمەت قىلىش جەريانىدا ياخشى كۆرۈپ قېلىش نىسبىتى يۇقىرى بولامدۇ؟ بىر دوستۇم مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى. دوستۇمنىڭ دېيىشىچە ئۇنىڭ تام قوشنىسى يېقىندا ئاجرىشىپ كېتىپتۇ، بىر ئىشخانىدا ئىشلەيدىغان ئۆزىدىن 7-8ياش چوڭ بىر ئادەم بىلەن توي قىپتۇ. بۇ ئايالمۇ 40 ياشلارغا كىرگەن ئايال ئىكەن. ئىككى ئوغلى بىر قىزى بار ئىكەن. ئوغۇللىرى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن. قىزى ئوتتۇرا […]

«ئانا»لىق سالاھىيىتىدىن ئېلىپ تاشلامدۇق؟

«ئانا»لىق سالاھىيىتىدىن ئېلىپ تاشلامدۇق؟ بىر بالىنى ئون ئاي، ئون كۈن قورساق كۆتۈرۈپ تۇغماق بەكلا تەس. ئانا مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەنلىك سەۋەبلىك بالىسىنى تاشلاپ كەتسە ئۇنى «ئانا»لىق سالاھىيەتتىن ئېلىپ تاشلاش توغرىمۇ؟ياق!…………… مەن ئويلايمەن ھەرگىز توغرا ئەمەس، بەزى مەسئۇلىيەتسىز ئانىلار باركى بالىلىرىنى ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن بالىلىرىنى تاشلاپلىۋېتىدىغان، يەنە بەزى ئاياللار بار نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلى […]

يوقاپ كەتكەن قىز

يوقاپ كەتكەن قىز نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئۇرۇق-تۇققانلار ئىچىدە بىرسىنىڭ بالىسىنىڭ ئات توي مەرىكىسىگە باردىم. بىزنىڭ جەمەتىمىزدىكى چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن توي-تۆكۈن بولسا ئاندىن بىر يەرگە جەم بولالايمىز. ھەممىىمىز تۇرمۇشنىڭ تۈگىمەس ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش، ئايدا بىرمۇ كۆرۈشەلمەيمىز. بۇ ئات توي مەرىكىسىگە نەۋرە ھەدە-سىڭىللىرىم، ئاكا-ئىنىلىرىم ھەممىسى يېغىلغانىدى. قىزلار بىر ئۆيگە كىرىپ مۇڭغا چۈشۈپ كەتتۇق. ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كوت-كوتراقى […]