بالىلىقىمنى ئەسلەپ…

بالىلىقىمنى ئەسلەپ… مەن ئامراق كۈز پەسلى كەلدى. باھار پەسلى بىلەن كۈز پەسلىنى ئەڭ ياقتۇرىمەن، كۈز پەسلىدە سارغايغان يوپۇرماقلار چۈشۈۋاتقان يولدا يالغۇز سەيلە قىلىپ ماڭسام ئۆزۈمنى شۇنداق روھلۇق تېتىك ھېس قىلىمەن.سارغايغان يوپۇرماقلارنىڭ چۈشۈۋاتقان ھالىتىگە قارىغانسېرى قارىغۇم كېلىدۇ، ھەر بىر تال يوپۇرماق بىر خىل مۇزىكا رېتىمىنى ياڭرىتىپ يەرگە چۈشۈۋاتقاندەكلا سېزىم پەيدا بولىدۇ.بۈگۈن ھاۋا شۇنداق ئوچۇق مەيىن شامال […]

ئورمان بالىسىدەك تەنھا ياشىغۇم بار

ئورمان بالىسىدەك تەنھا ياشىغۇم بار ئورمان بالىسى «موگىلى»نىڭ كارتون فىلىمىنى كۆرگىلى ئون بەش يىلدىن ئېشىپتۇ، شۇ ۋاقىتلاردا ئۆزۈمچە شۇنداق خىياللارنى قىلاتتىم. مەنمۇ موگىلىدەك ياپ-يېشىل ئورمانلىقلاردا گۈزەل مەنزىرىلەر ئىچىدە ئەركىن-ئازادە ياشىسام، مېنى ھېچكىم باشقۇرمىسا، ئوقۇ دەپ مەجبۇرلىمىسا، مەكتەپكىمۇ بارماي موگىلىدەك ھايۋاناتلار ئارىسىدا ئورمان بالىسى بولۇپ ياشىسام نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى دەپ شۇنچىلىك شىرىن خىياللارنى قىلاتتىمكى بۇ […]

كەچكى شەپەق

كەچكى شەپەق ئۆيىمىزنىڭ بالىكونىغا چىقىپ قۇياشنىڭ پېتىۋاتقان ھالىتىگە قاراپ ئولتۇردۇم، قۇياشنىڭ كەچكى شەپەق نۇرى بەكلا گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلغانىدى. كەچكى شەپەق نۇرىدا بەزى بۇلۇتلار ئوتقاشتەك قىزارغان يەنە بەزىلىرى بولسا سارغۇچ رەڭلەرگە كىرگەنىدى.سەل قارايغان بۇلۇتلار ئارىسىدىكى سارغۇچ بۇلۇتلار كۈچلۈك بىر نۇر ئېقىمى ئېتىلىپ چىقىدىغاندەك بىر خىل كۆرۈنەتتى. قۇياش بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى تۈگۈتۈپ ئارام ئېلىش ئۈچۈن قايتماقتا. […]

قىشتىكى نەشپۈت دەرىخى

قىشتىكى نەشپۈت دەرىخى   قىشتىكى نەشپۈت دەرىخى ئاستىدا، جاندىن ئۆتىدىغان سوغۇقنىمۇ تۇيمىغان ھالدا كېچىدىكى ئاي مەنزىرىسىگە قاراپ ئولتۇرماقتىمەن … ئەتراپ جىمجىت، نۇرغۇنلىغان ئازاپلىق مىنۇتلارنى نەشپۈت دەرىخى ئاستىدا ئۆتكۈزدۈم، ئۇ مېنىڭ زا-زار قاخشاشلىرىمغا سۈكۈت قىلىپ قاراپ تۇراتتى… مەن بولسام ساراڭلاردەك ۋارقىراپ، قەلبىمدىكى ئازابلىرىمنى يېنىكلىتىشكە تىرىشماقتا ئىدىم… مېنىڭ بالىلارچە قىلىقلىرىمدىن بىزار بولغان نەشپۈت دەرىخى، شاخلىرىدا مۇز بولۇپ […]

قىزىل دېڭىز

قىزىل دېڭىز سەھەر مەزگىلى، ئۆيىمىز ئالدىدىكى كوچىغا چىقتىم. مەھەللىمىز دېڭىزنىڭ قىرغىقىدا ئىدى. تولا چىقىپ چۈشكەنلىكتىن كۆپىنچە يەرلىرىنىڭ سۇۋاقلىرى ئاجراپ كەتكەن پەشتاقتا ئولتۇردۇم. قۇياش ئەمدىلا قىزىرىۋاتقان ۋاقىت قۇياش ئۆزىنىڭ شەپەق نۇرىنى ئەتراپقا چاچماقتا. قۇياشنىڭ چىقىۋاتقان ھالىتىگە قاراپ تۇرۇش مەن ئۈچۈن بەك كۆڭۈللۈك ئىدى. قۇياش ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلمەكتە. خۇددى دېڭىز سۈيى ئارىسىدىن چىقىۋاتقاندەكلا كۆرۈنەتتى. يېرىمى چىقىپ بولغان قۇياش […]

باھار شامىلى

باھار شامىلى نورۇز كېلىشى بىلەنلا يەر-جاھان ئازراق بولسىمۇ ئىللىدى، بۇ يىل ياز بەكلا ئاستا كىرگەندەكلا بىلىنىپ كەتتى. نورۇز كۈنلىرى ئۆتۈپ كەتكىلى خېلى كۈنلەر بولغان بولسىمۇ سىرىتقا چىقسا ئادەمنىڭ دۈمبىلىرىنى سەل قورۇيدىغان سوغۇق شامال يەنىلا چىقىۋاتماقتا. بۈگۈن ھاۋا شۇنداق ئوچۇق، يەنە بىر تەرەپتىن ئادەمگە باھارنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان يېقىملىق شامال چىقماقتا ئىدى. ئەتىيازنىڭ چىچەكلەر ئېچىلغان ۋاقتىنى، بولۇپمۇ […]

ئانام ياققان نان

ئانام ياققان نان ئانا، سەن ياققان ناننى، سېنىڭ ئەجرىڭ سىڭگەن ئاشۇ مەززىلىك نانلارنى شۇنداق يىگۈم كەلدى… كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپ سەن ئۆز قولۇڭ بىلەن خېمىرىنى يۇغۇرۇپ يېقىپ بەرگەن نانلارنى يەپ چوڭ بولغانىدىم. ھەر قېتىم سەن نان يېقىش ئۈچۈن چوڭ داسلاردا خېمىرلارنى كۈچەپ يۇغۇرۇۋاتقانلىرىڭدا چېكەڭدىن تەر چىقىپ كېتەتتى. لېكىن سەن ھېرىپ قالدىم دېمەي ئىككى-ئۈچ داسنىڭ خېمىرىنى يۇغۇرىۋېتەتتىڭ. […]