قوي ۋە مەن

قوي ۋە مەن كۈندىلىك ئادىتىم بويىچە مەكتەپتىن قايتىپلا قويلارنى ئېغىلدىن چىقىرىپ، قورۇقىمىز تەرەپكە ھەيدەپ ماڭدىم ( قورۇقىمىز توغرۇلۇق ئالدىنقى يازمىلىرىمدا تەپسىلىي دەپ ئۆتكەنىدىم، بۇرۇنقى يازمىلارنى ئوقۇغان دوستلىرىمنىڭ ئېسىدە بار بەلكىم). يەنە شۇ ئەسكى ئاق قۇلاق قوي ھەممە قويلارنىڭ ئالدىدا يۈگرەشكە باشلىدى. ھېچ يېرىدە باشقا رەڭ يوق، رەڭگى ئاپئاق كەلگەن بۇ قويغا مەنلا ئەمەس، ئاكا-ھەدىلىرىم ھەممىسى […]

شۇنداق بىر كۈنلىرىم ئۆتكەن…

شۇنداق بىر كۈنلىرىم ئۆتكەن… شۇنداق بىر كۈنلىرىم ئۆتكەن، ئانام ئېتىزغا خالتىنى كۆتۈرۈپ ماڭسا، ئانامنىڭ كەينىدىن تەمتىلەپ بىللە ماڭغان… شۇنداق بىر كۈنلىرىم ئۆتكەن، دادام ئېتىزدا بوغداي ئۈنچىلىرىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈسە، قىر بېشىدا دادامنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا زوقلىنىپ ئولتۇرغان… شۇنداق بىر كۈنلىرىم ئۆتكەن، ئانام پىژغىرىم ئىسسىقتا بېلىگە ياغلىقتىن بىرنى چىگىۋېلىپ پاختا تەرسە، كېۋەز شادىلىرىنىڭ ئارىسىدا قوللىرىمنى زىدە […]

سۈكۈت ئىچىدىكى خىياللار

سۈكۈت ئىچىدىكى خىياللار قەدەملىرىمنى بەكلا تەستە يۆتكىمەكتىمەن، پۇتۇمغا خۇددى بىرسى تاش ئېسىپ قويغاندەك بەكلا ئېغىر ئىدى. بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ دائىملىق جىمجىتگاھىم كۆل بويىدىكى ئورۇندۇققا كەلدىم. تۇرمۇشنىڭ بېسىملىرىدىن ھالسىرىغان بەدىنىمنى ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە ئارانلا تاشلىۋالدىم. ھېلىلا يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك ئىدىم. ھاياتنىڭ تۈگىمەس ئىشلىرىدىن ھېرىپ-چارچىغاندا، نېرۋىلىرىمنى ئارام ئالدۇرىدىغان بىردىنبىر جىمجىت يەر مۇشۇ كۆل بويى ئىدى. بۇ يەرگە ئۇنچە […]

يانفۇن، ئۈندىدار، ۋاقىت…

يانفۇن، ئۈندىدار، ۋاقىت… يانفۇننى كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا كىنولاردا كۆرۈپ ھەيرانلا قالاتتۇق، كۆڭلىمىزدە بىزلەرمۇ ئاشۇ سىرلىق نەرسىنى ئىشلىتەلەرمىزمۇ؟ دەيدىغان شېرىن خىيال كېچىپ ئۆتەتتى. جاھان تېزلا تەرەققىي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا يانفۇن بىزلەرنىڭ ئەتراپىمىزدىمۇ پەيدا بولۇشقا باشلىدى. تۇنجى كۆرگەن يانفۇن «نوكىيا» ماركىلىق خېلىلا چوڭ يانفۇن ئىدى. مانا شۇنىڭدىن تارتىپ ئەتراپىمدا يانفۇنلارنىڭ تۈرلىرى كۆپىيىپ كەتتى. قىسقىسى يانفۇندىن ئىبارەت بۇ كىچىككىنە […]

ئاجايىپ چۈش

ئاجايىپ چۈش بۇرۇندىن چۈش كۆرسەم، سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرسام ھەممىنى ئۇنتۇپ كېتىدىغان ئادىتىم بار. كېچىدىن كۆرگەن چۈشۈمنى سەھەردە ئەسلىسەم، خۇددى كىنو لىنتىسىدەك كۆز ئالدىمدىن بىرمۇ-بىر ئۆتۈۋاتمامدۇ، ھەيرانلا قالدىم. ئۇنىڭدىنمۇ ھەيران قالارلىقى، كۆرگەن چۈشۈم ئاجايىپ غەلىتە، مەن ئادەتتە تەسەۋۋۇر قىلاي دېسەممۇ قىلالمايمەن. قانداق چۈش كۆرۈپتىمەن دېمەيسىلەر. قايسى كۈنى بىر توردىشىمىز كىچىك ۋاقتىمدا خەنچە ئاۋازلىقىنى، كېيىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە […]

ۋاقىتنىڭ قىممىتى…

ۋاقىتنىڭ قىممىتى… ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى كىچىك ئورۇندۇقتا خېلىلا يىراقتىكى مۇنارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سائەتكە قاراپ ئولتۇرۇۋاتقىنىمغا يېرىم سائەتتىن ئاشتى. سائەت ئىستىرىلكىسى توختىماي ئايلىنىۋاتىدۇ. سائەت توختىماي ئۆز ئوقىدا ئايلانماقتا. بىر مىنۇت، بىر سىكۇنىتمۇ توختاپ قالماي داۋاملىق ئالدىغا قاراپ ماڭماقتا… بۇ يېرىم سائەت ۋاقىتنى ھېچ ئىش قىلماي سائەتكە قاراپ ئولتۇرۇپ بىكارغا ئۆتكۈزىۋەتتىم. سائەتكە قاراپ ئولتۇرۇپ نۇرغۇن خام-خىياللارنىمۇ سۈردۈم. سائەتنى كەينىگە […]

ئەركىنلىكى چەكلەنگەن قۇشلار

ئەركىنلىكى چەكلەنگەن قۇشلار خوشنامنىڭ ئۆيىگە بىر نەرسە لازىم بولۇپ قېلىپ ئالدىراشلا كىردىم. قىش بولغاچقا ئىشىكنى شۇنچە چەكسەممۇ بىرەرسى ئاچاي دېمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىرىۋەردىم. ئادەم يوق ئوخشايدۇ دەپ ئىچكىرىدىكى ئىشىكىنى چېكەي دەپ مېڭىشىمغا باغ تەرەپتىن پالاقشىغان ئاۋاز ئاڭلاندى. بۇ خوشنام نېمە قىلىۋېتىپتۇ دېمەمسىلەر؟ شۇنداق چىرايلىق كەپتەرلەرنىڭ پەيلىرىنى قىرقىپ، بوغقىلى تۇرۇپتۇ. ئۇ بىر كەپتەر ھەۋەسكارى. نەدە چىرايلىق […]