يانفۇن، ئۈندىدار، ۋاقىت…

تەپەككۇر تامچىلىرى 2013-05-15 03:13 1,396 11

يانفۇن، ئۈندىدار، ۋاقىت…

يانفۇننى كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا كىنولاردا كۆرۈپ ھەيرانلا قالاتتۇق، كۆڭلىمىزدە بىزلەرمۇ ئاشۇ سىرلىق نەرسىنى ئىشلىتەلەرمىزمۇ؟ دەيدىغان شېرىن خىيال كېچىپ ئۆتەتتى. جاھان تېزلا تەرەققىي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا يانفۇن بىزلەرنىڭ ئەتراپىمىزدىمۇ پەيدا بولۇشقا باشلىدى. تۇنجى كۆرگەن يانفۇن «نوكىيا» ماركىلىق خېلىلا چوڭ يانفۇن ئىدى. مانا شۇنىڭدىن تارتىپ ئەتراپىمدا يانفۇنلارنىڭ تۈرلىرى كۆپىيىپ كەتتى. قىسقىسى يانفۇندىن ئىبارەت بۇ كىچىككىنە نەرسە ھەممەيلەنگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. يىراقنى يېقىنلاشتۇردى. بىراق، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە يانفۇننىڭ پايدىسىدىن زىيىنى خېلىلا چوڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. كوچىلاردا ماڭغاچ كىشىلەرنىڭ قولىغا دىققەت قىلىمەن، ھەر بىر ئادەمنىڭ قولىدا بىر تالدىن يانفۇن، ھەتتا يەتتە-سەككىز ياشلىق بالىلاردىمۇ بار ئىدى. بەزىلەر سودا ئىشلىرى توغرلۇق سۆزلىشىۋاتقان، يەنە بەزىلەر دوست بۇرادەرلىرى بىلەن، ياشلار ئاساسلىقى سۆيگىنى بىلەن پاراڭلىشاتتى. ئاپتۇبۇسقا چىقساممۇ ھەممە ئادەمنىڭ قولىدا يانفۇن، ئەتراپىدا نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقى بىلەن كارى يوق يانفۇنىدا بىر نەرسىلەرنى قىلىپ ئولتۇرماقتا ئىدى.

يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان ئەقلىفۇن مودا بولغاچقا كۆپىنچە كىشىلىرىمىزنىڭ قولىدا ئەقلىفۇن بار بولۇپ، يانفۇنغا بەنىت بولۇش تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققانىدى.

يانفۇندىن ئىبارەت بۇ نەرسە، بىزنى ئەتراپىمىزدىكى كىشلەرگە نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرمەيدىغان بىپەرۋا ھالەتكە ئەكىلىپ قويۇپتۇ،بىر-بىرىمىزگە مېھرى-مۇھەببەت يەتكۈزىدىغان كۆڭۈللەر، ئەقلىفۇنغا بەنىت بولۇپ كېتىپ ھەممىنى ئۇنتۇپتۇ. بىز ئىنسانلارنىڭ بۇ دۇنياغا نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىمىز، ياراتقۇچىمىزنىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيتىمىز توغرۇلۇق ئويلىنىدىغان ۋاقتىمىز ئەقلىفۇن ئويناشقا سەرىپ بولۇپتۇ.

كىيۇ-كىيۇدىن ئىبارەت پاراڭلىشىش قۇرالى، بىر مەزگىل ياشلىرىمىزنى مەۋھۇم دۇنيادىكى مۇھەببەت قاينىمىغا سۆرەپ كىرگەن بولسا، بىر يىلدىن بۇيان مودا بولۇۋاتقان ئۈندىدار، ياشلىرىمىزدىن ھالقىپ ئائىلىسى بار ئوتتۇرا ياشلىقلارغا خىرىس قىلماقتا. كىيۇ-كىيۇ سەۋەبلىك كۆپىنچە ياشلىرىمىز تورخانىدىن چىقماي كېچە-كېچىلەپ ئولتۇراتتى. مانا ئەمدى كىيۇ-كىيۇ مودىدىن قېلىپ، بىزلەرنى ئويۇن-تاماشانى ئاسان ئوينىسۇن ئۈچۈن ئۈندىدار پەيدا بولدى. ئۇندىدار ئويناش ئۈچۈن يانفۇندىن بىرسى بولسىلا يېتەرلىك ئىدى. سەن قانچىلىك يىراقلارغا كەتسەڭمۇ، يانفۇن ئىشلەيدىغان يەرلا بولسا ئۈندىدار ئوينىيالايتتىڭ.

ئارلىقتا بىر مەزگىل توردىكى بوران-چاپقۇنلار سەۋەبلىك تور ھەم كىيۇ-كىيۇدىن خېلىلا مېھرىنى ئۈزگەن ياشلىرىمىزغا ئۈندىدار كۆڭ كۆلەملىك ھۇجۇمىنى باشلىۋەتتى. روھىيىتى ئۇزۇقسىز قالغان ياشلىرىمىز، مەنىۋىيتىنى بىلىم ئارقىلىق قاندۇرۇشنىڭ ئورنىغا، ئەشۇ مەۋھۇم نەرسىلەرگە جېنىنىڭ بېرىچە بېرىلىپ، بىر كۈن ياشىۋالسام ھېساب دەيدىغان تەييار تاپلىق ھالىتىگە كەلدى.

بۇ ۋەھىمە ھەتتا توي قىلغان بالىسى بار، بەخىتلىك ئائىلىلەرنىمۇ قاپلىدى. ئەرلەر يولدا ماڭغاچ ئەتراپىدىكى قىزلار بىلەن مۇڭدىشىدىغان، ئاياللار خىزمەتكە ماڭغاچ ئەتراپىدىكى يىگىتلەرنى ئىزدەپ يۈرۈپ پاراڭلىشىدىغان بولدى. ھېلىمۇ ئىككى تەرەپتىن تارتىۋېرىپ بىر قېتىلا قالغان ئەر-ئاياللىق رىشتىسى ئۈزۈلۈش ئالدىدا ئىدى.

مەكتەپ يېشىمغا يېتىپ مەكتەپكە كىرگەندىن تارتىپ مۇنۇ بىر جۈملە سۆزنى دائىم تەكرارلايىتتۇق.

«ۋاقىت ئالتۇندىنمۇ قىممەت»…

توغرا، ۋاقىت ئالتۇندىمۇ قىممەتلىك، بىزنىڭ ھەر بىر مىنۇتىمىز نەقەدەر قىممەتلىك…

ئەشۇ قىممەتلىك ۋاقىتلىرىمىزنى قانداق ئىشلارغا سەرىپ ئېتىمىز؟…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 11 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    جۇلالىق 2013-05-23 00:38

    مەلەك سىڭلىم ئادەمنىڭ ھاردۇقى چىققىدەك ئىنكاس يازىدۇ. رەھمەت. ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇپ ھاردۇقۇم چىقىپلا قالدى.
    سىز دەپ ئۆتكەندەك، يانفۇن بىزگە نۇرغۇن قولايلىقلارنىمۇ ئېلىپ كەلدى، بۇنىڭغا كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ. ھەر نەرسىنىڭ ياخشى تەرىپىدە يامان تەرىپىمۇ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىكەن. شۇ نەرسىدىن قانداق پايدىلىنىش، يەنىلا بىزدەك ئەقىللىق ئىنسانلارغا باغلىق ئىكەن.
    يانفۇن شۇنچە قولايلىق بولغاندىكىن، ئامال بار ياخشى تەرەپلەرگە ئىشلەتسەك، يانفۇن ئويناپ بىكارغا ئۆتكۈزىۋەتكەن ۋاقىتلارنىڭ سورىقىدىن ئاسانراق چىقارمىز.
    مەن، سىزنىڭ مۇشۇنداق كوتۇلداشلىرىڭىزغا دەھشەت ئامراق. بولسا جىقراق كوتۇلداڭ. ھاھاھا…..

  •   #2  

    ھېكىمەت 2013-05-30 08:04

    مەلەك قىزنىڭ ئىنكاسى ما يازمىغا ئەجەپمۇ كەپتۇ دېسە…
    ئوقۇپ رازى بولۇپ قالدىم. جۇلالىق ئىككىڭلار مۇشۇنداق مۇڭدىشىپ بەرسەڭلار تېخىمۇ ياخشى يازمىلار مەيدانغا كەلگۈدەك دەپ ئويلاپ قالدىم…

    جۇلالىق

    ھەر يازمامدا مەلەك سىڭلىمنىڭ ئېسىل دۇردانىلىرى بولمىسا كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ قالىدۇ. مەلەك سىڭلىمنىڭ سۆزلىرىگە خۇمار بولۇپ قالغان ئوخشايمەن.

  •   #3  

    قاسىمجان 2013-06-25 02:25

    ۋاقىت . . .
    ئۆتۈپ كەتكەننى تەتقىق قىلماي ھازىردىن باشلاپ بولسىمۇ چىڭ تۇتىمەن . رەھمەت يازمىڭىزغا .

  •   #4  

    دوغاپ 2013-06-25 02:35

    يانفون دېگەننىمۇ بىرەرسى بىرەر ئىش بىلەن ئىزدەپ قالارمىكى دەپ ياندىن ئايرىپ قويمايمەن،شۇ…

  •   #5  

    kaliptax 2013-07-16 02:06

    مەنمۇ شۇ يانفۇننى بىرەرسى بىرەر ئىش بىلەن ئىزدەپ قالامىكى دەپ ئايرىمايمەن چچ نى پات پات ئېچىپ قۇيۇمەن بىراق زە مۇشۇ ئۈندىدار بىلەن پەقەت خوشام يوق

  •   #6  

    كۈلپەت 2013-09-09 15:19

    بىر ئويناپ باقاي

    جۇلالىق

    تېخى ئوينىغانمىدىڭىز بۇ ئۈندىدارنى؟ زاماننىڭ كەينىدە قاپسىز جۇمۇ.

  •   #7  

    پاك زىمىن 2013-10-11 04:11

    يانفۇنغىمۇ كۈنۈپ كەتتۇق خۇددى ھاياتقا ئۇزۇق بولغاندەك ، دىمىسىمۇ گاھىدا بۇمۇ بولمىسا بولمايدىكەن . قايسى كۈنى بىر كۈن ئىشلەتمىگەن ئىدىم . شۇنداق قەدرى ئۈتۈلدى .

    جۇلالىق

    ھەر نەرسىنى مۇۋاپىقىدا ئىشلەتسەڭ ئۆزۈڭگە پايدا، بولمىسا ئۇنىڭ زىيىنىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بولغىلى بولمايدىكەن.

  •   #8  

    كونسول 2015-06-23 09:37

    ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان يازمىكەن. دېمىسىمۇ تېلىفۇننىڭ پايدىسىمۇ زىيىمۇ زور نەرسىكەن. دېمەك، ئ‍ەقلى بارغا پايدىلىق، ئ‍ەقىلسىزگە زىيانلىق،