ئەركىنلىكى چەكلەنگەن قۇشلار

تەپەككۇر تامچىلىرى 2012-12-19 07:23 1,254 11

ئەركىنلىكى چەكلەنگەن قۇشلار

خوشنامنىڭ ئۆيىگە بىر نەرسە لازىم بولۇپ قېلىپ ئالدىراشلا كىردىم. قىش بولغاچقا ئىشىكنى شۇنچە چەكسەممۇ بىرەرسى ئاچاي دېمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىرىۋەردىم. ئادەم يوق ئوخشايدۇ دەپ ئىچكىرىدىكى ئىشىكىنى چېكەي دەپ مېڭىشىمغا باغ تەرەپتىن پالاقشىغان ئاۋاز ئاڭلاندى. بۇ خوشنام نېمە قىلىۋېتىپتۇ دېمەمسىلەر؟

شۇنداق چىرايلىق كەپتەرلەرنىڭ پەيلىرىنى قىرقىپ، بوغقىلى تۇرۇپتۇ. ئۇ بىر كەپتەر ھەۋەسكارى. نەدە چىرايلىق كەپتەر باركەن دېسە ئارلىقنى يىراق كۆرمەي بېرىپ كۆرۈپ كېلىدۇ ياكى سېتىۋالىدۇ.

ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىدىن ھەيران بولۇپ قاراپ تۇرسام، يېنىغا بىرسى كەلگەنلىكىنى سەزگەن چېغى ئورنىدىن تۇرۇپ سالام قىلدى. ئۇنىڭغا سالام قايتۇرغاچ سورىدىم.

ــ نېمە قىلىۋاتىسىز؟ شۇنچە چىرايلىق كەپتەرلەرنىڭ پەيلىرىنى قىرقىۋەتىسىڭىز قانداق ئۇچىدۇ؟ يەنە تېخى بەزىلىرىنىڭ پەيلىرىنى يىپلار بىلەن چېتىپ قويۇپسىز؟

ــ بۇ كەپتەرلەرنى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا سېتىۋالغانىدىم، ۋاقتىنچە پەيلىرىنى قىرقىۋەتمىسەم ئەسلى ماكانىغا قايتىپ كېتىدۇ. شۇڭا ۋاقتىنچە پەيلىرىنى قىرقىۋېتىپ تۇرسام پەيلىرى ئۆسۈپ بولغىچە يېڭى ئۇۋىسىغا كۆنۈپ بولىدۇ. بەزى كۆنۈش ئېھتىماللىقى بار كەپتەرلەرنىڭ پەيلىرىنى چېتىپ قويىمەن، تازا ئۇچسا شۇ ئۆگزىگە چىقالايدۇ، ئۇنىڭدىن يىراققا كېتەلمەيدۇ. ھەپتە-ئون كۈندىن كېيىن ئۇلارنى يېشىۋېتىمەن. شۇ چاققىچە بۇ كەپتەرلەرمۇ كۆنۈپ بولىدۇ.

ــ شۇنداقتىمۇ بىر چىرايلىق كەپتەرلەنىڭ پەيلىرىنى قىرقىۋەتسىڭىز ئۇلارغا ئۇۋال بولىدىكەن. قاراڭە ئۇلارنىڭ قانىتىدىن ئايرىلغاندىكى بىچارە ھالىتىگە؟!

ــ مۇشۇنداق قىلماي ئامال يوق، بۇ كەپتەرلەنىڭ ھەر جۈپتىنى نەچچە مىڭدىن سېتىۋالدىم، ئەگەردە شۇنداقلا ئۇچۇپ كەتسە نەچچە مىڭ ھاۋاغا ئۈچۈپ كەتتى دېگەن گەپ. قاراڭ ئاۋۇ پېيىنى قىرقىۋەتكەن كەپتەرگە ئۇنى «خانىش كەپتەر» دەيمىز. بوينىدىكى پەيلىرى بەك چىرايلىق. يەنە ئاۋۇ پەيلىرىنى چېتىپ قويغىنىم «توز قۇيرۇق» قۇيرۇقى توزغىلا ئوخشايدۇ.

خوشنام كەپتەرلىرىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختىغىلى تۇردى. ئۇنىڭدا كەپتەرلەنىڭ سىرىتقى گۈزەللىكىدىن ھۇزۇلىنىشلا بار ئىدى. كەپتەرلەنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن قىلچە بىخەۋەر ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىنى يوللۇق دەپ قارايتتى. خوشنامغا ئۇنىڭدىن ئارتۇق گەپ قىلغۇم كەلمىدى. قانچە گەپ قىلساممۇ ئۆزۈمنىڭ كۆڭلىدىكى چۈشەندۈرمىكىم تەسكە چۈشكىدەك، شۇڭا ئۇنىڭدىن سوراپ كىرگەن نەرسەمنى ئېلىپ كۆڭلۈم باشقىچىلا يېنىپ چىقتىم. ئۆيگە كىرىپمۇ ئەشۇ كەپتەرلەر خىيالىمدىن نېرى كەتمىدى. پەيلىرى قىرقىلغان كەپتەرلەر ئۇچاي دېسىمۇ ئۇچالمىغاچقا بىر چەتتە شۈمشىيىپ تۇراتتى. پېيىنى چېتىپ قويغان كەپتەر بولسا ئۇچۇش ئۈچۈن ھەدەپ پالاقشىيتتىيۇ لېكىن قانچە قىىلسىمۇ ئۇچالمايتتى.

بۇرۇندىن بىرەر يەردە قەپەزدە قۇش كۆرۈپ قالسام شۇ قۇشنى قەپەزدىن چىقىرۋەتكۈم كېلىپ كېتەتتى.

يازدا نەۋرە ئاكامنىڭ ئۆيىگە بارسام كىچىككىنە بىر قەپەزگە بەكلا چىرايلىق قۇشتىن بىرنى سولاپ قويۇپتۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ ئۆيدە قۇش كۆرۈپ باقمىغانىدىم. ئاكامدىن ئالدىراپلا بۇ قۇشنى قاچان باققانلىقىنى سورىدىم. ئاكام ئوغلىنىڭ بۇ قۇشنى ياقتۇرۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ئېلىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ــ ئاكا، بۇ قۇشنى قويۇۋېتەيلىچۇ؟

ــ نېمە؟ بىكاردىن قويۇۋېتەمدىم؟

ــ بۇ قۇشقا قاراڭە؟! قەپەستىن چىقىش ئۈچۈن ئۆزىنى قەپەزنىڭ ھەممە تەرىپىگە ئۇرۇپ ئۇچۇۋاتىدۇ. شۇڭا قويۇۋېتەيلىچۇ؟ ئەركىن دۇنيادا نەگە ئۇچقىسى كەلسە شۇ يەرگە ئۇچۇپ ياشىسۇن.

ــ سېنىزە، بۇرۇندىن ئەخمەقلەرچە خىيالنى تولا قىلاتتىڭ، بۇ ئادىتىڭنى چوڭ بولۇپمۇ تاشلىماپسەن ھە؟! بۇ قۇشنى قويۇۋەتسەك ئۆزىنىڭ جېنىنى باقالمايدۇ. بۇ قۇش كىچىكىدىنلا تەييار دان يەپ كۆنۈپ قالغان، شۇڭا ئۇنى قويۇۋەتسەك ئۆلۈپ قالىدۇ، ئۇنىڭ قەپەزدە ياشىغىنى ياخشى.

ــ نەدە ئۇنداق ئىش بار، قۇش دېگەن دالىدا ئۇچۇپ يۈرۈپ ياشايدىغان جانىۋار تۇرسا ئۇنى قويۇۋەتسەك قورسىقى ئاچسا بىر ئاماللارنى قىلىپ جېىنى باقىدۇ. نېمىشقىدۇر قەپەزدىكى قۇشلارنى كۆرسەم تۈرمىدىكى جىنايەتچىلەر كۆز ئالدىمغا كېلىۋالىدۇ. شۇڭا قۇشنى كەڭرى دۇنياغا ئەركىن قويۇۋەتكۈم كېلىدۇ. ھەممە جانلىق ئەركىن ياشىسىكەن دەيمەن.

ــ ئەخمەق سىڭلىم، خىيالپەرەسلىكنى ئەمدى تاشلا! سەن چوڭ بولدۇڭ. بالىلارچە قىلىقىڭنى قاچانمۇ تاشلارسەن؟!،ــ.ئاكام شۇنداق دەپ قاقاھلاپ كۈلگەچ ئۆيگە كىرىپ كەتتى. نەچچە كۈنگىچە شۇ قۇش ئېسىمگە كېلىۋېلىپ كۆڭلۈم بىر قىسمىلا يۈردۈم. كېيىن بۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپمۇ قاپتىكەنمەن. بۈگۈن خوشنامنىڭ ئۆيىدە ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قالغان كەپتەرلەرنى كۆرۈپ يەنىلا كۆڭلۈم بۇزۇلدى.

نېمىشقا ئۆزىمىزنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن ئۆز ئەركىدە ياشايدىغان جانىۋارلارنى ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىدىغاندىمىز. بۇ بەكلا رەھىمسىزلىك ئەمەسمۇ؟!

ھەر بىر جانلىق بۇ دۇنيانىڭ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلانسا، ئەركىن ياشىسا بولمامدۇ؟!

ئەركىنلىك ھەر بىر جانلىقنىڭ ئىنتىلىدىغان نىشانى، ياشىسۇن ئەركىنلىك!

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 11 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    ھىكمەت 2012-12-22 11:35

    دىۋاندا ئولتۇرۇپ جۇلالىقنىڭ يەنە بىر ئېسىل يازمىنىسىنى ئوقۇغۇنۇمدىن خۇش بولدۇم.
    ھەي… ئەركىنلىكى بوغۇلغان « قۇش »لار…

    جۇلالىق

    ھېچكىم ئوقۇماي غېرىپسىنىپ قالغان يازمامنى دىۋاندا ئولتۇرۇپ ئوقۇپسىزيۇ؟ بىرەر-ئىككى كەلىمە سۆزلەي دېمەپسىز؟

  •   #2  

    جۇلالىق 2013-01-01 03:50

    تىنچلىقمۇ، سىزنىڭمۇ يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
    سىزنىڭمۇ تېنىڭىزنىڭ سالامەت، تۇرمۇشىڭىزنىڭ بەخىتلىك، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلۇشىنى تىلەيمەن!
    يېڭى يىلدا، سىزگە يېڭىچە تۇرمۇش، يېڭىچە كەيپىياتلار ھەمراھ بولغاي!
    سىزنىڭمۇ بلوگىڭىزنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

  •   #3  

    مەلەك 2013-01-05 20:04

    تىنچلىقمۇ،جۇلالىق بلوگى ئالدىراش كۈنلىرىمدە ئېسىمگە كەلمەيدۇ،تۈگىمەس تور ھۈنەرلىرى،ئەسەر يېزىش،ماقالە تەرجىمە قىلىش،خەتلىك فىلىم ئىشلەش قاتارلىق تۈگىمەس ئىشلاردىن ھېرىپ چارچىغىنىمدا،ئۆزۈمنىڭ شەخسىي ھالدا تور كۆرىدىغان،خىيال سۈرىدىغان ۋاقتىمنىڭ ئازلاپ كېتىۋاتقىنىنى ھېس قىلغىنىمدا ئەڭ ئاۋال ئۈشبۇ بلوگ ئېسىمگە كېلىدۇ. دەبدەبىىدن خالىي،كىشىنى خىياللار قاينىمىغا سۆرەيدىغان شۇ يازمىلارنى ئوقۇغىنىمدا شۇنداق يېنىكلەپ قالىمەن.
    كىچىك ۋاقتىمدا موماملارنىڭ چالما كېسەكلىك كونا ئۆيلىرنىڭ كەينىدە جىققىدە قۇشقاچ ئۇۋىلىرى بار ئېدى ،يېقىن كېلىپ زەن سالساملا قۇشلارنىڭ ۋىچىلداشلىرى ئاڭلناتتى، قوللىرىمنى تىقسام ۋە ياكى پىچاق بىلەن ئۇۋىنىڭ ئۇ يەر بۇيېرىنى قىرىۋەتسەم بىمالال ھالدا قۇشلارنى ئالالايتىم.
    بىر قېتىم قولۇمنى سالسام،ئىككى تۆت تاللا تۈكى بار قالغان يېرى قىپقىزىللا بىر گۆش چىققانىدى،ئۈستى بېشىدا ئاز-تولا سارغۇچ شىلىمشىق نەرسىمۇ بار ئېدى،قورقۇپ كېتىپ يەرگە تاشلىۋەتكەنىدىم ، يەر بولۇق قۇمۇش ۋە ئوت-چۆپ بىلەن قاپلانغانىدى،قايتا ئۇۋىسىغا سېلىپ قوياي دېسەممۇ تاپالماي،ئۇنى شۇ ھالەتتە تاشلىۋەتكەن بولدۇم.بەلكىم يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق كەبى كۆيىنىشكە ،پەرۋىشكە مۇھتاج بولغىيتى.

    يەنە بىر قېتىم ئەمدى ئۇچۇرما بولاي دېگەن بىر قۇشقاچنى تۇتىۋالدىم، ئۇ ھەممىمىز بىلىدىغان تالادا ئۇچۇپ يۈرىدىغان رەڭگى سەتلا بىر قۇش ئىدى،ئەسلىدە شۇلارنى قوغداش ئۈچۈن تۇپراق رەڭگىدە ياراتقانىكەن،مەن قاپاقۋاشقا بۇ رەڭ پەقەتلا ياقمىدى، تېلېۋىزورلاردىكى شاتۇتلاردەك يېشىل،قىزىل، سېرىق رەڭدە بولىشىنى ئارزۇ قىلدىم، ئەمما ئاتا-ئانامغا شۇنداق قۇش ئېلىپ بېرىڭلار باقاي دىيەلمەيتىم دە،ئەمدىكى ئامال شۇ مېنىڭ رەزىل قولۇمغا چۈشۈپ قالغان بۇ بىچارىگە قارىتئا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش ئىدى، ھەدەمنىڭ ئاياپ ئىشلىتىدىغان ،قەلىمىگە ئىچكۈزىدىغان بىر قۇتا قىزىل سىياھسىنى ئوغۇرلاپ چىقتىم،ئىچىمدە قەلەمگە يېشىل،سىرىق رەڭلىك سىياھلارنى ئىشلىمىگەن زاۋۇتلارنى نەچچىنى قاغىۋەتتىم.
    شۇندىاق قىلىپ رەڭنى ئۇ بىچارە قۇشنىڭ ئۈستى-بېشىغا تۆكتۈم،ئەمما ئۆردەككە سۇ يۇقمىغاندەك،قۇشقاچقا رەڭ يۇقمايدىكەن، رەڭلەر پىيى ئۈستىدىن سىرغىپ چۈشۈپ كەتتى، پاختا پىلتىگۈچ بىلەن بېسىپ بېسىپ رەڭ بەرگەندىن كېيىن ئازراق رەڭ ئىچتى،ئۇنىڭ بېشى قىزىل رەڭ بولدى،خۇددى چېچىنى بويىۋالغاندەك بوپ قالدى،ئوڭ سول ئىككى قانىتى ئەتراپىدىكى گۆشلىرىمۇ قىزىل رەڭگە كىردى. بۇ ھۈنىرىمدىن خۇش بولۇپ ئۇنى ئۈستەل ئۈستىدە قويۇپ تاماشا قىلىۋاتسام ئۇ كاساپەت بىر ئىككىدىن پالاقشىپ مانچە قدەم يىراقلىقتىكى دەرەخكە قونىۋالدى،مەن تۇتىۋالغاندا ئۇچالمايتى،ھاقارەت ئۇنى ئورنىدىن دەس تۇرغان بولسا كېرەك، ئەنە شۇنداق كۈچەپ ،ئۇ شاختىن بۇ شاخقا قونۇپ يۈرۈپ مېنىڭدىن يىراقلاپ كەتتى.قۇشلار قانچە يىل ئۆمۈر كۆرىدۇ ئۇنى بىلمىدىم،بەلكى ھازىر ھايات بولسا شۇ پەدىدە ئالا بۇلماچ بوپ يۈرگەندۇ ۋە ياكى چاچ ئۆسكەندەك ئۇلارنىڭمۇ پەيلىرى ئۆسىدىغاندۇ ۋە ياكى تېرە تاشلىغاندەك ئۇلارمۇ تۈك تاشلاپ ئۇ «چاپان»نى سېلىۋەتكەندۇ.
    يەنە بىر قېتىم موماملارنىڭ ئېغىلىغا كىرسەم بەش ئالتە تال ئۇششاق تاياقنى ئوڭ تەتۈر كىرىشتۈرۈپلا ياسىۋالغان بىر ئۇۋا تۇرۇپتۇ،ئېنىقكى بۇ قۇشقاچنىڭ ئۇۋىسى ئەمەس، ئۆيىنى سامان ئارىلاشتۇرۇپ لاي سۇۋاقلار بىلەن مۇستەھكەم ياسايدىغان قارلىغاچنىڭ ئۇۋىسى ئەسلا ئەمەس، بەزىدە ئويلاپ قالىمەن قارلىغاچلار ئۇۋا سالىدىغان ئايۋان قالمىسا، ئۇلار ئۇۋا ياسايدىغان خام ماتىريال قالمىسا ئۇلارمۇ ئۇۋىسىنى چىنە خىشتا ياكى سىمۇنتتا سۇۋارمۇ؟
    ھە ئەسلى گەپكە كىلەيلۇق، ئەتىسى قارىسام بىر پاختەك كىرىپ چىقىپ يۈرۈيدۇ پاختەك سىرتقا چىقىپ كەتكەن پۇرسەتنى كۈتۈپ قارىسام تۇخۇم پەيدا بوپ قاپتۇ، نەچچە كۈنىدن كېيىن بۇ تۇخۇمدىن بىر تال پاختەكچاق تۇغۇلدى،ئەسلىدە تۇخۇم ئىككى ئىدى، بولمىسا بىرنى مەن ئوغۇرلىۋالمىغانتىم،يەنە بىرسى تۇغۇلۇپلا ئۆلۈپ كەتكەنمۇ ياكى تۇخۇم پۈچەك بوپ قالغانمۇ بىلمدىم،ئىشقىلىپ بىر بوۋاق غايىپ بوپتۇ،بۇ جەرياندا تۇغۇتنى يوقلىغىلى كىرىدىغان مىھمانلاردەك ئېغىلغا كۈندە دېگۈدەك كىرىپ پاختەكچاقنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇردۇم، پاختەكچاك ھەپتىلىك بولغاندا ئانىسى غايىپ بوپ كەتتى، دان ئىزدەپ چىقىپ «ياۋا كەپتەر»قىسسەسىدىكى باتۇر ياۋا كەپتەردەك دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ قالغانمۇ بىلمىدىم، ئۇۋىسىغا قايتمىدى،بالىسىنىڭ قورسىقى ئاچ ئىدى،گۇگۇكلىغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.مەن يا ئۇنىڭ ئانىسىدەك قۇرتنى چىشلەپ ئەكىلىپ بېرەلمىسەم ، قۇرتنى قىسقۇچقا قىسىپ ئاغزىغا سېلىپ قويالمايمەن دە.شۇنىڭ بىلەن ئامال يوق،يامىشىپ يۈرۈپ ئۇنى ئالدىم، يامىشىش جەريانىمنى دىمەيلا قوياي،ئۇ كونا،چالمىلىرى ئۇۋىلىپ تۇرغان ئېغىلنىڭ يوغان يوغان چالمىلىرىغا دەسسىسەملا ئۇۋىلىپ،مەن سىيرىلىپ چۈشۈپ كېتىپ يۈرۈپ تەستە بىر چىقتىم،بولمىسىغۇ ئانچە ئېغىرمۇ ئەمەستىم.
    ئۇنى ئاۋايلاپئىككى قولۇمدا كۆتۈرۈپ ئۆيگە ئەكىردىم، پەيلىرى يۇمشاق،مامۇقتەك ئېدى،ئەمما بۇمۇ كۆرۈمسىز، كۈلرەڭ ئىدى، ئاپئاق بولغان بولسىدى كەپتەرلەردەك ،قانچە خۇش بولار ئىدىم، بۇ ئاداشقا دان بەردىم يېمىدى، داننى چايناپ سېلىپ قويالمايمەن دە، ئاغزىغا سۇ قۇيۇپ قويدۇم مەجبۇرى ، ئۇبەكمۇ ئازابلانغاندەك كۆرىنەتتى،كۆزلىرىنى يۇمۇپ پوكىنىنى يەرگە چاپلاپ ئۆلۈكتەك ياتاتتى. كىچىسى ئۇنى ئۇ يالغۇز ئۇۋىسىغا ئەكىرىپ قويسام بولمايتى دە،تېشىلىپ كەتكەن ئەسكى كورىغا سېلىپ قويدۇم،ئۇ ياق بۇياققا سىيرىلىپ تىپىرلاپ يۈردى،مۇزدەك سوغۇق تۆمۈر بىئارام قىلىۋاتقان چېغى دەپ سامان سلېىپ بەردىم ياتقان بولدى. ئەتىسىمۇ ھېچنىمە يېمىدى،شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ئەھۋالى خەتەر ئىچىدە قالدى ، توساتتىن كاللامغا تەڭنىگە سېلىپ دەريادىن ئېقىتىۋىتلگەن بوۋاقلار،ئۇلارنى كىملەرنىڭدۇر قۇتقۇزىۋالغىنى ئېسىمگە كەلدى،ئەلۋەتتە ئەڭ ئاۋال ئېقىتىۋىتىلگەن تاڭ سىڭ ئېسىمگە كەلدى.
    شۇنداق قىلىپ ئۇنى ئاشۇ كورا بىلەن ئۆستەڭگە سېلىپ ئېقىتىۋەتتىم ،كورىنىڭ تۆشۈكىدىن سۇ كىرىپ بۇ بىچارە «كېمە» سۇ ئاستى پاراخوتقا ئايلىنىپ قالمىسۇن دەپ تۆشۈككە ماز تىقىپ ،لايدا سۇۋاپ ئېتىپ قويدۇم.شۇنداق قىلىپ بۇ بىچارە ئېقىپ كەتتى.كىملەر قۇتقۇزىۋالدى بۇنىسى ماڭا نامەلۇم.
    بۇنداق جىنايەتلىرىمنى ساناپ تۈگىتەلمەيمەن ، گۇناھىمنى كەچۈرسۇن، بىلسەم ئىدىم شۇلارنىڭمۇ ئۇنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىنى،بىلسەم ئىدىم شۇلارنىڭمۇ ئۆز تىلىدا قا تەسبىھ ئېيتىدىغانلىقىنى …ھەرگىز ئۇنداق قىلمايتىم.

    جۇلالىق

    تىنچلىقمۇ، سىڭلىم، غېرىبانە مەھەللەمنى يوقلاپ كەلگىنىڭىزدىن شۇنداق خۇشال بولدۇم.
    ھېرىپ چارچىغىنىڭىزدا تۇنجى بولۇپ مېنىڭ بلوگىم يادىڭىزغا يېتىپ باشقىلارنى ئۇنچە بەك جەلىپ قىلالمايدىغان ئەشۇ ئاددىي يازمىلىرىمنىڭ سىزنىڭ ھارغىنلىقىڭىزنى ئازراق بولسىمۇ يېنىكلەتكىنىدىن ئۆزۈمنىڭ قىلغان ئەمگىكىمنىڭ ئازراق بولسىمۇ نەتىجىسىنى كۆرگەندەك بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم، ھەمدە ئۇشبۇ سۆزلىرىڭىز ماڭا مەنىۋىي ئۇزۇق بولدى. ئارلىقتا بىرەر يازما يازاي دېسەم ئۇنچە قىزغىنلىق يوق بلوگمۇ يېڭىلانماي تاشلىنىپلا قالغانىدى. ئەمدى قايتىدىن ئۆزۈمنى رۇسلاپ قىزغىنلىقىمنى ئاشۇرماي بولماپتۇ. چۈنكى بلوگىمدىكى يازمىلارنى سىزدەك سۆيۈنۈپ ئوقۇيدىغان قىزغىن ئوقۇرمەنلىرىم بار ئەمەسمۇ. مەلەك سىڭلىمغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.
    سىڭلىمنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى كەچۈرمۈشلىرىنى ئوقۇۋېتىپ شۇ ئىشلار بولۇۋاتقان يەردە ئۆزۈمنى باردەك ھېس قىلدىم. نېمە دېگەن تاتلىق ئەسلىمىلەر…
    قايسى بىرىمىزنىڭ بالىلىقىمىزدا كەپسىزلىكلىرىمىز بولمىغان دەيسىز، سىزنىڭ شېرىن ئەسلىمىڭىزنى ئوقۇپ ئولتۇرۇپ ئۆزۈمنىڭمۇ بالىلىقىمدا قىلغان ئەسكىلىكلىرىم يادىمدىن كەچتى. بىر كۈنى ئاكا-ھەدىلىرىم بىلەن مۆكۈشمەك ئويناۋاتاتتۇق، بىر قارا قۇشقاچ كونا تامدىكى بىر كامارغا كىرىپ كەتتى. بىز كىچىك ئەسكىلەر مۇكۈشمەك ئويناشنى تاشلاپ قويۇپ قۇشقاچنىڭ ئۇۋىسىنى ماراپ تۇردۇق. ئانا قۇشقاچ بىردەمدە چىقىپ كەتتى. كامارنىڭ يېنىغا بېرىپ قۇلاقلىرىمىزنى دىڭ قىلىپ تىڭشىساق كاماردا قۇشقاچنىڭ بالىلىرى ۋىچىرلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىز كىچىك بۇزغۇنچىلار كاماردىكى قۇشقاچ بالىسىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاماللارنى ئويلىدۇق. بىز قىزلار كامارغا قولىمىزنى تىقىشقا جۈرئەت قىلالمىدۇق، نەۋرە ئاكام مەندىن بىر ياش چوڭ ھەم خېلى يۈرەكلىك ئىدى. ئۇ كامارغا قولىنى تىقىپ قۇشقاچ بالىسىنى ئالماقچى بولغان بولسىمۇ قولى يەتمىدى. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ ھەممەيلەننىڭ بېشى قاتتى. كىچىك قۇشقاچ بالىسىنى چىقىرىپ ئويۇن قىلىش قىزغىنلىقى بىزنى قۇشقاچ بالىسىنى بىر ئاماللارنى قىلىپ ئېلىشقا قىزىقتۇرۇۋاتاتتى، خېلى ئاماللارنى ئويلاپ باققان بولساقمۇ ھېچ قاملىشىدىغاندەك ئەمەس. ئاخىرىدا مېنىڭ ئەقلىمگە نەدىن كەلدى بىر ئەقىل كەلدى. كامارنىڭ ئەتراپىنى ئازراق يېقىۋەتتۇق. نەۋرە ئاكام بىر قولىنى سوزاپ ئۇزارتقانچىلىك قىلىپ قۇشقاچ بالىسىنى تۇتۇۋالدىم دەپ سىرىتقا ئالدى. ئۇنىڭ قولىدىكى قۇشقاچ بالىسىنى كۆرۈپ ھەممەيلەن قورقۇپ چۇرقىرىشىپ كەتتۇق. ئۇنىڭ ئالغىنى نېمىكەن دەڭلار؟ ئالغىنى قۇشقاچ بالىسى بولماستىن ھۆپۈپ بالىسىكەن. نەۋرە ئاكام قورقۇپ ھۆپۈپ بالىسىنى نېرىغا تاشلىۋەتتى ھەممەيلەن قورقۇپ بەدەر قاچتۇق.
    قۇشقاچنىڭ ئۇۋىسى بىلەن ھۆپۈپنىڭ ئۇۋىسىنىڭ ئېغىزى يېقىن بولسا كېرەك، بىز قۇشقاچ ئۇۋىسىنىڭ ئېغىزىنى يېقىۋەتكەندە ھۆپۈپنىڭ ئۇۋىسىنىڭ ئېغىزى بىلەن بىرلىشىپ قالغان چېغى شۇڭا نەۋرە ئاكام قۇشقاچ بالىسىنى ئالىمەن دەپ ھۆپۈپ بالىسىنى ئاپتۇ. كىچىك ۋاقتىمىزدا چوڭلار «ھۆپۈپنى تۇتسا ئادەمنىڭ قولى قۇرۇپ كېتىدۇ» دەپ قورقۇتاتتى. ھەممىمىز قېچىپ خېلى بىر يەرگە بارغاندا نەۋرە ئاكامنىڭ قولىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىدىن قورقتۇق. نەۋرە ئاكام مېنى بىر ھازا تىللىدى. كامارنىڭ ئەتراپىنى يېقىۋېتىدىغان ئامالنى مەن تاپمىغان بولسام ئۇمۇ ھۆپۈپ بالىسىنى تۇتۇپ يۈرمەيتتى دە، خېلى بىر مەزگىلگىچە نەۋرە ئاكامدىن ئەنسىرەپ يۈردۈق. نەۋرە ئاكامنىڭ قولىمۇ قۇرۇپ كەتمىدى. شۇ ئىشتىن كېيىن ھەممىمىز كىچىك جانىۋارلارغا ئانچە چېقىلمايدىغان بولدۇق.
    ئەسلى چوڭلارنىڭ «ھۆپۈپنىڭ بالىسىنى تۇتسا ئادەمنىڭ قولى قۇرۇپ كېتىدۇ» دېيىشىدىمۇ بىز كىچىك بۇزغۇنچىلارنى ئەشۇنداق ئاجىز قۇشلارنى بوزەك قىلمىسۇن دەپ قورقۇتۇپ دېگەن گېپى ئىكەنلىكىنى چوڭ بولغاندا ئاندىن چۈشەندىم.
    بىرەر يەردە قارا قۇشقاچ ياكى ھۆپۈپ كۆرۈپ قالسام شۇ ۋاقىتتىكى كەپسىزلىكىمىزنى ئەسلەپ قالىمەن.

  •   #4  

    ھىكمەت 2013-01-22 06:03

    بارمۇسىز جۇلالىق ؟ يېڭى يىللىق يازمىلار يوقمۇ ؟

    جۇلالىق

    مەن بار، تورغا كۆپ چىقالمايۋاتىمەن، يېقىندا بەكلا ئالدىراش بولۇپ كەتتىم.
    يېڭى يازمىلار بار ئىدى تەھرىرلەپ يوللاشقا ۋاقىت يار بەرمەيۋاتىدۇ. مۇشۇ نەچچە كۈن ئىچىدە يوللايمەن.

  •   #5  

    ھايات 2013-08-10 06:17

    يازمىلار بىر – بىرىدىن ئىسىل چىقىپتۇ ، ئادەمگە مەنىۋى ئۇزۇق بىغىش ئەتكۈدەك . بۇلۇپمۇ مەن چۇلالىق نىڭ ھايات كارتىنلىرىنى تىڭشىغىنىمدا ۋۇجۇدۇمدا بىر خىل سىزىم لەرزىگە كىلىپ مىنى مۇڭلۇق كۇيلەرگە جۇر قىلدۇ .

  •   #6  

    سالىھ بىگ 2013-12-29 08:05

    كەپتەرۋاز دىسە مىنىڭ يادىمغىمۇ بىر نەچچە ئىشلار ، بىر كەپتەرۋاز ئۆگزىسىگە قونغان كەپتەرنى تۇتىمەن دەپ تۇرسا ئايالى تاماققا چاقىرغىلى ئۆگزىگە چىقىپ تۇۋلىسا كەپتەر ئۇچۇپ كىتىپتىكەنتۇق . شۇنىڭ بىلەن ئايالىنى بىر تىپىپ پەشتاقتىن يىقىتىۋىتىپ ، پۇتى سۇنۇپتىكەنتۇق . يەنە تىخى بىر بىرسىنىڭ كەپتىرىنى تۇتىۋالسا ئىگىسى ئۇنى قايتۇرۇپ بىرىشىنى دىسە پۇل دىيىشلىرى تىخى ، ھەم مۇشۇ كەپتەرۋاز نىرىۋا مىجەز كىلەمدۇ مىنىڭچە .

    جۇلالىق

    ئاۋۇ ئايالىنى يىقىتىۋەتكىنى جىڭ كەپتەرۋاز ئىكەن. كەپتەرۋاز نېرۋا مىجەز بولمىسا، ئايالىنى تېپىپ پۇتىنى سۇندۇرامتى؟

    سالىھ بىگ

    ئىشقىلىپ مەن كۆرگەن كەپتارۋازلار نىرىۋا مىجەز . مىجەزى چۈس ئادەملە . شۇڭا باشقىچە ئادەمنى تەسەۋۇر قىلالمايمەن كەپتەرۋاز دىسە .