خوجايىن ۋە خىزمەتچى
ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپلا بېكەتنىڭ ئۇدۇلىسىدىكى بىر تاللا دۇكىنىغا كىردىم. بۈگۈن ئالىدىغان نەرسىلىرىم جىددىيراق بولغاچ نەرسە-كېرەكلەرنى قايسى دۇكاندىن ئالسام بولار دەپ تاللاپمۇ ئولتۇرماي كىرىۋەردىم.
كىرىپ شاكىلاتلاردىن ئازراق ئېلىپ بولۇپ قۇتىلىق بەرەنگە قەلەمچىسىدىن ئىككى قۇتا ئالاي دەپ خېلى ئىزدىگەن بولساممۇ ھېچ تاپالمىدىم. بەرەنگە قەلەمچىسىنى ئىزدەپ پۇكەيدىكى نەرسىلەرگە قاراۋاتسام سەل نېرىدىراق بىر قىزچاق ماڭا قاراپ تۇرىدۇ. باشتا ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش بىرەر نەرسە سېتىۋالغىلى كىرگەن ئوخشايدۇ دەپ دىققەت قىلماپتىمەن. ئەمدى قارىسام بۇ قىز مېنىڭ نەرسە ئېلىۋاتقىنىمغا قاراپ تۇرۇپتۇ.
مەن دۇكانغا كىرگەندە دۇكان خوجايىنى ئىشىك تۈۋىدىكى ئۈستەلدە بىر ئادەمنىڭ ئالغان نەرسىلىرىنى ھېسابلاپ بېرىۋېتىپتىكەن. بۇ دۇكاندا پىركازچىك قىز باردەك كۆرۈنمەيتتى.
بۇ قىزنىڭ ماڭا دىققەت قىلىپ تۇرغىنىدىن پىكازچىك قىزمىكىن دەپ ئويلىدىم.
ــ سىڭلىم، بەرەنگە قەلەمچىسى بارمىدۇ؟ شۇنىڭدىن ئىككى قۇتا ئالاي دېگەنتىم.
ــ بەرەنگە قەلەمچىسى؟…،ــ قىزچاق تۇرۇپلا قالدى.
ئاپلا دېدىم ئىچىمدە، مەن نەرسە سېتىۋالغىلى كەلگەن قىزنى، خىزمەتچى دەپ قالدىممۇ نېمە؟ ئەمدى قانداق قىلارمەن؟ دەپ بىر خىل ئوڭايسىزلىنىپ كەتتىم. دۇكان خوجايىنى ئىككىمىزگە دىققەت قىلىپ تۇرغان بولسا كېرەك. ئۇ بىزدىن بەك نېرىدىمۇ ئەمەس ئىدى. بەلكىم ئارلىقىمىز ئۈچ-تۆت مېتىر كېلەتتى.
ــ بەرەنگە قەلەمچىسى بارمۇ؟،ــ قىزچاق ئۆزىگە قاراپ تۇرغان دۇكان خوجايىنىدىن سورىدى.
ــ ئالدىڭىزدىكىنىڭ ھەممىسى بەرەنگە قەلەمچىسىغۇ؟ كەينىڭىزدىكى پۇكەيدىكىمۇ بار. ئىسمىڭىز نېمە؟،ـــ خوجايىن قوپاللىق بىلەن سورىدى.
ــ ئىسىمىم پالانى…،ــ قىزچاقنىڭ خىجىللىقتىن يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى.
ــ بۈگۈن ئىشقا چۈشكەنىدىم، شۇڭا نەرسە-كېرەكلەرنىڭ ئورنىنى بىلىپ بولغىچە…،ــ قىزچاق دۇدۇقلاپ گېپىنىڭ كەينىنى دېيەلمىدى.
ــ يېڭىدىن ئىشقا كەلگەندىكىن شۇنداق بولىدۇ سىڭلىم، ھەممىمىز بىر ئىشلارنى ئاستا-ئاستا ئۆگۈنىمىزغۇ؟
ئازراق شاكىلاتلىق كەمپۈت ئالاي دەپ ئۆزۈمگە ياققان بىرسىنىڭ باھاىسىغا قارىسام ھېچ باھاسى كۆرۈنمەيدۇ. باشقا كەمپۈتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدى تەرەپكە باھاسىنى يېزىپ قويۇپتىكەن، بۇنىڭ يازغان باھاسى ئاجراپ كېتىپتۇ.
ــ سىڭلىم ماۋۇ كەمپۈتتىن بىر جىڭ ئالاي دېگەن تارتىپ بەرسىڭىز؟
قىزچاق دەرھاللا يېنىمغا كەلدى. باھا يىرتىلىپ كەتكەچكە بىر جىڭغا قانچە پۇللۇق كېلىدىغانلىقىنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالدى.
ــ ماۋۇ كەمپۈتنىڭ بىر كىلوسى قانچە پۇل؟،ــ ئۇ تارتىنىپلا خوجايىندىن سورىدى.
ــ بارغۇ ئاشۇ يەردە، ئوبدان قاراڭ،ــ خوجايىن زەردە بىلەن.
ــ باشقىلىرىنىڭ باركەن، مۇشۇنىڭلا يىرتىلىپ كېتىپتىكەن.
كەمپۈت ئېلىشتىنمۇ ۋاز كەچتىم، ئۈندىمەيلا ئالغان نەرسىلىرىمنى ھېساپلاتقۇزۇپ دۇكاندىن يېنىپ چىقتىم. غەشلىك ئىچىدە ئاپتۇبۇسنىڭ كەلگىنىنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن. ئەتراپىمدا ئالدىراپ ئاپتۇبۇسقا چىقىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرۈپ مەنمۇ ئالدىراپلا ئاپتۇبۇسقا چىقتىم. ئاپتۇبۇس شەھەرنىڭ قىستى-قىستاڭ كوچىلىرىدىن ئالدىرىماي كېتىۋاتىدۇ…
مېنىڭ خىيالىم بولسا بايىقى كۆرۈنۈشلەرنى كۆز ئالدىمدىن بىرمۇ-بىر ئۆتكۈزمەكتە…
ھېلىقى قىزنىڭ خىجىللىقتىن قىزارغان چىرايى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيۋاتىدۇ، ئازار يېگىنى ئۇ قىز ئەمەس بەلكىم ئۆزۈمدەكلا بىر خىل بىئارامچىلىق قەلبىمنى قاپلىۋالدى.
پىركازچىك قىزچاق بۈگۈن يېڭىدىن ئىشقا چۈشكەندىكىن، بۇ دۇكان خوجايىنىدا ئازراق ئەدەب-ئەخلاق، ئىلمىيلىك، سەمىمىيىلىك بولغان بولسىدى، بۇ قىزغا دۇكىنىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئورنىنى بىرمۇ-بىر كۆرسۈتۈپ، نەگە قويۇلغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن بولار ئىدى. ئەپسۇس، ئۇنىڭدا بۇنداق سەمىمىيلىكتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى.
ياخشى ئىشلەپ، پۇل تېپىپ، جېنىنى جان ئېتىش ئۈچۈن باشقىلارغا ھاجەت بولۇپ كەلگەن شۇنچە گۇناھمۇ؟
ئازراقلا پۇلى بولسا ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، قول ئاستىدىكىلەرگە ھەيۋىسىنى كۆرسىتىدىغانلارنىڭ، قىلىۋاتقان شۇ تىجارىتى ئاخىرغىچە داۋاملىشارمۇ؟
بىر-بىرىمىزگە كۆيۈنىدىغان، مۇھتاجلىقتا قالغانلارغا ياردەم قىلىدىغان، باشقىلارغا سىلىق-سىپايە مۇئامىلە قىلىدىغان مېھرى-مۇھەببەتلىك كۆڭۈللەر نەگە كەتكەندۇ؟…
جۇلالىق
بۇ يازمىدا جەمئىي 9 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش
#1
ئەجەپ ئىچىم سېرىلدى ئاۋۇ قىزچاققا!
#2
ئەتراپىمىزدا مۇشۇنداق كىشىنى ئاچچىق قىلىدىغان ئىشلار ھەقىقەتەن كۆپ ھە ، ئەپسۇس نۇرغۇن ئادەمگە بۇ ئىشلار ئادەتتىكى ئىشلاردەك تۇيۇلىدۇ .
مەن قەشقەردە سىرتقا چىقىشتىن قورقىمەن ، ئاپتوبۇسقا چىقسا ، ئۇ يەردىكىلەر ئىچىگىرەك مىڭىشسىلا ،تېشىغىراق مېڭىشسىلا،توختىغاندا نېمىشقا تىزراق چۈشۈۋالمىغان دېگەندەك قوپال گەپلەر بىلەن ئادەمنى سىلكىشلەۋاتقان ، ياشانغانلار كىنىشكى بار ھەقسىز چىقىدىغان بوۋاي مومايلار ئاتايىن قول كۆتۈرۈپ توسسا توختىماي كېتىۋاتقان ، بازارغا چىقسا ماللارنىڭ باھاسىنى سوراپ بولغۇچە ئادەم ياراتمىغاندەك قىممەت ئۇ دەپ قويۇشلىرى بار تېخى ، ېە ياكى باھا تالاشسا سېسىق گەپ قىلىپ ئادەمنى چىۋىن يىگەندەك قىلىپ قويۇۋاتقان … كىتاپخانىغا كىرسە كىتابلارنىڭ بېشىدىن بېرەر ئىككى بەت ۋاراقلاپ بولغۇچە ئالمىسىلىرى قوياشسىلا دەۋاتقان ، ئالىدىغان ئادەم ئانچە مۇنچە كۆرۈپ ئالمامدۇ ؟ بانكا دوختۇرخانا دېگەندەك يەرلەردىكى مۇلازىملارنىڭ قوپاللىقى چۇ تېخى .
ئابدۇقادىر جالالىدىن مۇئەللىمنىڭ ۋە زۇلپىقار باراتنىڭ ماقالىلىرىدا تۇيغۇ ئەمگىكى دەيدىغان بىر گەپ چىقىدىغان ،تۇيغۇ ئەمگىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ،ئۆزى ئېلىۋاتقان مۇئاشىغا ،خوجاييىنىغا يۈز كېلەلىشى ئۈچۈن جىسمانى ئەمگىكىنىلا ئەمەس ھىېس تۇيغۇلىرىىنمۇ سەرپ قىلىپ ئىشلىشىدۇر ….. تۇيغۇ ئەمگىكى قىلىۋاتقان ئادەم زادى قانچىلىكتۇ ،شۇ كىشى ئىللىق سۆزلۈك بولۇپ شۇ قىزنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلمىسا ئىكەن ،شۇ قىز قانچە جان پىدالىق بىلەن ئىشلەر ئىدى ھە …
ئىچىم ھەجەپ ئاچچىق بولدى . دەبدەبىدىن خالى،چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلىرىڭىزنى ئاڭلاشقا ئامراقمەن ….
نىسىپ قىلسا ئۆز ئاغزىڭىزدىن ئاڭلايدىغان چاغمۇ كېلىدۇ.
جۇلالىق
05:32 2013-02-22
سىرتقا بىر ئىش بىلەن چىقسام، نېمىشقىدۇر ئەتراپتىكىلەرگە دىققەت قىلىپلا ماڭىمەن. گەرچە ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ مەن بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى ھەم تۇققاندارچىلىقى بولمىسىمۇ، بىر ئانا، بىر دادىدىن بولغان شۇ كىشىلەرگە كۆڭۈل بۆلگۈم كېلىدۇ.
مەلەك سىڭلىم دېگەن ئىشلارنى سۆزلىگىلى تۇرساق تاغاردا بىر گەپ. قارىغاندا ھەممە يەردىكى كىشىلەرنىڭ باشقىلارغا تۇتىدىغان پوزىتسىيەسى ئاساسەن ئوخشىشىپ قالغاندەك تۇرىدۇ.
ئوبدان ئىشلەپ پۇل تېپىپ جېنىڭنى جان ئېتەي دېسەڭمۇ، ئەتراپتىكى رەھىمسىز مۇھىتلار ئادەمنى ئارامىدا ياشىغىلى قويمايدۇ. بەزىلەرنىڭ شۇ سوغۇق مۇئامىلىسىدىن، نۇرغۇن ئىشچان قىزلار ئوبدان ئىشلەپ ياشاش ئىرادىسىدىن ۋاز كېچىپ قېلىشى مۇمكىن.
خالىسا ئەزىزىم، چوقۇم يۈز تۇرانە پاراڭلىشىشقا پۇرسەت كېلىدۇ.
قەشقەر تەرەپكە ئۆتۈپ قالسام كۆرۈشۈشكە پۇرسەت چىقىپ قالار.
خوتەن تەرەپلەرگە ئۆتسىڭىز ھايت دەڭ كۆرۈشىمىز.
#3
كىچىك مەلەك ئەجەپ كەپسىز,تىنىمسىز ئۆتۈپتىكەن,ھا ھا ھا
جۇلالىق
20:02 2013-02-23
ھازىر قانچىلىك تىنىمسىزدۇ بۇ سىڭلىم؟ ھاھاھا….
#4
يو سىزنىمۇ ئاشۇ قىرىشقاندەك بەرەڭڭە قەلەمچىسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ نەدىدۇ دەپ سوراپ ، باھاسى يىزىقسىز كەمپۇت ئىلىپ يىڭى ياچى خىزمەتچىنى ئىزا تاتقۇزۇپ ، سەت كۈلۈپتىمەن مۇشۇ يەنى ئوقىۋىتىپ ، لىكىن مۇشۇ ھەممە كىشى بىر بىرسىگە مۇلايىم ، ئىللىق چىراي بولسا دىگەن خىيال شۇنداق كىشىلەرنىڭ پوزىتسىيەسىدىن نارازى بولغۇچىدا بولىدىغان خىيال دە .
جۇلالىق
07:21 2014-01-02
بىزدە، مۇئامىلىدە ئىللىق بولۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتا ئۇنتۇلۇپ كەتكىنىگە ئېچىنىمەن، ھەم بۇ نۇقتىنى قايتىدىن تونۇپ يەتسەككەن دەپ ئارزۇ قىلىمەن.
#5
شۇنداق ئەمدى بۇ ئىشلانى تۇزىتىمەن دىسەك ، يىڭىدىن بىر ئەۋلاد كىشىلەرنى ياخشى تەربىيىلىسەك 1 ئەسىردە تۇگىشى مۇمكىن . تىز سۇرەتتە تۈگىتىمىز دىسەك ئاشۇندا ئادەملەرنى بىر يەگە ئەكىلىپ گال چەيدودا چاناپ ، تەكلىماكان قۇملىقىغىمۇ چىچىۋەتسە يانا ئۆسەپ چىقامىكى دەپ ئەنسىرەيمەن دىسە .
جۇلالىق
04:24 2014-01-03
بەزىدە بىزدىكى بۇ ئىللەتلەرنى تۈگۈتۈش ئۈچۈن شۇنچە ئۇزۇن جەريان كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ بەكلا ئۈمۈدسىزلىنىپ قالىمەن، لېكىن يەنىلا ئالغا قاراپ ئىلگىرىلىمەي بولمايدۇ. بىز بۇنداق بەل قويۇۋەتسەك، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا كىم مەسئۇل بولىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئاقىۋىۋىتى قانداق بولىدۇ؟
يەنىلا تىرىشىپ-تىرمىشىپ ياشا كېرەك. ئەۋلادلىرىمىزدا زەررىچە ئۈمۈد قالغىچىلىك، بەرداشلىق بېرىش كېرەك.