ۋاقىتنىڭ قىممىتى…

تەپەككۇر تامچىلىرى 2013-02-28 06:04 1,239 7

ۋاقىتنىڭ قىممىتى…

ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى كىچىك ئورۇندۇقتا خېلىلا يىراقتىكى مۇنارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سائەتكە قاراپ ئولتۇرۇۋاتقىنىمغا يېرىم سائەتتىن ئاشتى. سائەت ئىستىرىلكىسى توختىماي ئايلىنىۋاتىدۇ. سائەت توختىماي ئۆز ئوقىدا ئايلانماقتا. بىر مىنۇت، بىر سىكۇنىتمۇ توختاپ قالماي داۋاملىق ئالدىغا قاراپ ماڭماقتا…

بۇ يېرىم سائەت ۋاقىتنى ھېچ ئىش قىلماي سائەتكە قاراپ ئولتۇرۇپ بىكارغا ئۆتكۈزىۋەتتىم.

سائەتكە قاراپ ئولتۇرۇپ نۇرغۇن خام-خىياللارنىمۇ سۈردۈم. سائەتنى كەينىگە قايتۇرغىلى بولغان بولسا بۇ ئۆمرۈمدە ھەممە ئىشلىرىمنى پۇشايمانسىز قىلار ئىدىم. ئالدىمغا كەلگەن نۇرغۇن غەلبە قازىنىش پۇرسەتلىرىنى بىلەلمەي ئۆتكۈزىۋەتكەن ئەشۇ ۋاقىتلىرىمنى كەينىگە قايتۇرۇپ غەلبە قازانغان بولار ئىدىم.

تاتلىق خىياللارنى سۈرگەچ ئەتراپىمدىكى كىشىلەرگە قارىدىم. ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن ئالدىراش كېتىۋاتماقتا ئىدى.

مەندىن خېلىلا يىراقتا بىر سۆگەتنىڭ ئاستىدا ئۆچ-تۆتەيلەن قارتا ئويناۋېتىپتۇ. يىراقتىن ئۇلارنىڭ ھېچ نەرسىدىن غەمسىز ھالدا ئويناۋاتقان ئويۇنلىرىغا قاراپ تۇردۇم. بۇلار ماڭا بۇ دۇنيادىكى ئەڭ غەمسىز ئادەملەردەك بىلىندى. سائەت بۇلارغىمۇ مىنۇتلاپ ئۆتىدۇ. بۇلار ئۈچۈن ۋاقىت ئۇنچە بەك قىممەتلىك بىلىنمەسلىكى مۇمكىن. لېكىن ئىشلىرى كۆپ ئادەملەر ئۈچۈن بىر مىنۇت ۋاقىتمۇ نەقەدەر قىممەتلىك…

بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، مەنمۇ ئەشۇ قارتا ئويناۋاتقانلاردەك غەمسىز ياشاپ باقسام بولماسمۇ؟ نېمىشقا دائىملا جىددىيچىلىك، ئەنسىزچىلىك ئىچىدە ۋاقىتنى-ۋاقىتا يېتىشتۈرەلمەي ياشايدىغاندىمەن؟ دەپمۇ قالىمەن. لېكىن بۇ خىيالىمدىن تېزلا ۋاز كېچىمەن. مەن ئۈچۈن ھەر بىر مىنۇت ۋاقىت بەكلا قىممەتلىك. بىر مىنۇت ۋاقتىم بىكارغا ئۆتۈپ كەتسە بىر مىنۇتلۇق ئۆمرۈم ئازايدى دېگەن گەپ. مەن بۇ دۇنياغا بىر ئىنسان بولۇپ تۇغۇلغانىكەنمەن، بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قېتىپ ياشىشىم، ياشىغاندىمۇ كېيىنكى كۈنلەردە كەينىمگە قايرىلىپ قارىسام، ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلىرىمدىن ئۆكۈنمىگىدەك ھالدا ياشىشىم كېرەك. بولمىسا مېنىڭ يېيىش، ئىچىشنىلا بىلىدىغان ھايۋاندىن پەرقىم قالمايدۇ…

ۋاقىتنىڭ قىممىتى ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن ھەر خىل بولىدۇ. بەزىلەر ئۈچۈن ۋاقىت ئەھمىيەتسىز ئېقىن سۇدەكلا ئۆتۈپ كېتىدۇ، يەنە بەزىلەر ئۈچۈن بىر مىنۇت ۋاقىت ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك بولىدۇ…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 7 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    مەلەك 2013-03-10 23:33

    تىنچلىقمۇ ھەدە !يېڭى يازمىنى ئىسسىقىدا مەن ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولىۋاپتىمەن.
    ئەسلىدە ،كىشىنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىدىغان ئەڭ ئومۇمىي چۈشەنچە شەكلى بولسا ئۆتمۈشتىكى ۋەقەلەرنى ئىبرەت ئېلىش مەقسىتىدە ئەمەس بەلكى ئاڭسىز، مەقسەتسز ھالدا پات-پات ئەسلەپ ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا ئويلاپ ئولتۇرۇشىدۇر.
    ئىنساننىڭ بېشىغا كەلگەن ۋە كېلىدىغان ھەر ئىش ياراتقان تەقدىر دائىرسىدە بولغاچقا شۇڭا ئۆتۈپ كەتكەن ياكى يۈز بەرمىگەن بىر ئىش توغرىسىدا ئويلىنىپ زۆرۈر ئىزاھ بىرىپ ئولتۇرۇش ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغانلىقتۇر دېيىلىدىكەن ،ئەمما بىز ئىنسانلار تولاراق ئەنە شۇنداق يۈز بېرىش ئىھتىماللىقىمۇ يوق ۋە ياكى تارىخقا ئايلانغان ئىشلارنى ،كەلگۈسىمىزنى خىيال قىلىش بىلەن نۇرغۇن ۋاقتىمىزنى ئۆتكۈزىۋىتىدىكەنمىز.

    ۋاقت دەبدەبىسز ئۇزۇتۇلماقتا،
    ياش يالتىراپ تۇرغان كۆزۈمدىن.
    بېرەلمىگەچ ئاڭا ھېچنىمە.
    ئۇ يىراقلار ئاستا مېنىڭدىن …

    ئوقۇۋاتقان كىتابنىڭ بىر بۇرجىكىنى قاتلاپ قويۇپ قويۇپ ،باشقا ۋاقىتتا يەنە ئوقۇۋالغىلى بولىدىكەن ،ئەمما ۋاقىتنى توختىتىپ قويغىلى ،ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى تۇرغان جايىدىن قايتا ماڭغۇزغىلى بولمايدىكەن.
    بەزىدە مەن خىيالنى سۈرۈپ سۈرۈپ بولۇپ ئۆزۈمدىن چۆچۈپ ئەيىپلەپ كېتىمەن ، ئەنە شۇنداق خىياللار كىشىنى ئازابلايدىكەن ،خام خىياللارنى سۈرۈشكە ۋاقىتمۇ چىقىرالمىغان ئاساستا خۇددى كېيىنكى نەپەستىلا دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغاندەك پوزىتسىيەدە ئالدىراش ياشىسا ياخشىكەن ئىنسان …
    يېقىندىن بۇيان ئىشى ۋاقتىن كۆپ بولغانلار دەپ بىر كىتابنى ئوقۇۋاتىمەن ،ھەربىر شەخسنىڭ ئىش ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلغاندا ئۆزۈمدىن نۇمۇس قىلىپ كېتىمەن،كىچىككىنە،چەكلىك ۋاقىتلىرىدا ئالدىراش بولۇپ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىۋىتەلىگەن ياخشكەن…

    جۇلالىق

    تىنچلىقمۇ، سىڭلىم!
    ئىنكاسىڭىزغا ۋاختىدا جاۋاب قايتۇرالمىدىم خىجىلمەن. ئىنكاسىڭىزنى تەستىقلاپ قويۇپ ئەتىسى ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغىچە، تور سىمى ئۈزۈلۈپ كېتىپ نەچچە كۈن تورغا چىقالماي قالدىم. ئەمدى جاۋاب قايتۇردۇم.
    ھەر قېتىم بىرەر يېڭى يازمىنى بلوگىمغا يوللسام، تاكى شۇ يېڭى يازمىغا سىزنىڭ ئىنكاسىڭىز چۈشكىچە، پات-پات كىرىپ قاراپ قويىدىغان بولۇپ قالدىم.
    يېڭى يازمامنى مەلەك سىڭلىم كۆرگەنمىدۇ؟ ئۇ ئەشۇ ئاددىي يازمامغا قانداق باھالارنى بەرگەندۇ؟ دېگەندەك خىياللارنى قىلىمەن. قىسقىسى، مەن يازغان شۇ يازمىلاردا سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى كۆرمىسەم بىر خىل باشقىچە بولىدىغان كەيپىيات شەكىللىنىپ قالدى. سىزنىڭ قىممەتلىك ئىنكاسلىرىڭىزغا خۇمار بوپلا قاپتىمەن.
    بەزىدە بىر ئىشلارغا بەكلا ئەھمىيەت بېرىپ كېتىدىغان مىجەزىمدىن بىزار بولۇپمۇ قالىمەن. مەنمۇ باشقا ئادەملەردەك ھەممە ئىشلارغا پەرۋاسىز قاراپ، ئەتراپىمدا بولۇۋاتقان ئىشلارنى كۆرمەسكە سېلىپ ياشاپ باقاي دەيمەنۇ، يەنىلا قاملاشتۇرالمايمەن. بۇنداق قىلىش مېنىڭ خاراكتىرىمگە ماس كەلگىلى ئۇنىمايدۇ.
    ئەتراپىمدىكى مۇھىتتىن، كىشىلەردىن ئۈمۈدسىزلەنگەن چاغلىرىمدا، تەنھا ئولتۇرۇپ خىيال سۈرۈش بىر خىل ئادىتىمگە ئايلىنىپ قالدى. تىنىچ بىرەر سائەت ئولتۇرۇۋالسام، بارچە غەم-قايغۇلار بىراقلا ئۇنتۇلۇپ كەتكەندەك ھېسياتتا بولىمەن. بەلكىم بۇمۇ ئۆزۈڭگە تەسەللىي بېرىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلىدۇر.
    ئۆتۈپ كەتكەن ئەسلىمىلەرنى، مەغلۇبىيەتلەرنى قايتىدىن ئەسلەپ ئولتۇرۇشنىڭ، بىزلەرگە پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلىمىزيۇ، يەنىلا ئۆتمۈشنى ئەسلىگىمىز كېلىدۇ. بۇ ئىنساننىڭ يارىتىلىشىدىكى تەبىئىتىدىن بولسا كېرەك. تەبىئىتىڭ خالىغان نەرسىنى، سەن قانچە توسىمەن دەپمۇ توسالمايدىكەنسەن. ئەنە شۇ چاغدىلا ئۆزۈڭنىڭ نەقەدەر ئاجىز بەندە ئىكەنلىكىڭنى تونۇپ يېتىدىكەنسەن.

  •   #2  

    مەلەك 2013-03-19 07:56

    كىمدۇر بىرسى ۋىجدانلىق قەلىب ئېگىلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى ئازابلىنىش تۇيغۇسىنىڭ بولغانلىقىدا دەپتىكەن .
    ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنىمۇ ئويلايدىغان ،ھەتتا باشقىلار ئۈچۈنمۇ ئازابلىنالايدىغان روھى ھالەتتە ياشايدىغانلار ئەڭ نورمال كىشلەر ئىكەن ،مەن ھەم ئۆزۈمنى شۇنداق تىپتىكىلەر دەپ قارايمەن.شۇڭا سىزمۇ بۇ مىجەزىڭىزدىن مەيۈسلىنىپ كەتمەڭ!
    ھەممىلا ئادەم پەرۋاسىزلىشىپ كەتكەن ،ئۆلىۋاتامدۇ،كۈلىۋاتامدۇ بىراۋ بىلەن بىراۋنىڭ كارى يوق ھالەت نېمىدىگەن قورقۇنچلۇق ھە!
    ۋاقتىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن ھەدە !
    يېڭى يازمىلارغا تەشنامىز.

    جۇلالىق

    دېگىنىڭىز بەكلا ئورۇنلۇق، ھەممە ئادەم ئۆزى ئۈچۈنلا ياشىسا بۇ دۇنيا نېمە بولۇپ كېتىدۇ؟ ئۇنداق كۈنلەرنىڭ كېلىشىدىن ساقلىسۇن!
    يېڭى يازمىلارنى يوللاپ تۇرىمەن.
    ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن سىڭلىم، كۈنلىرىڭىز خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتكەي!

  •   #3  

    سالىھ بىگ 2013-12-29 07:51

    بەزى ۋاقىتتا شۇنداق ھىچكىم كۆرۈنمەيدىغان پىلاچ بولسا ئادەملەر ئارىسىدا شۇنداق نەزەر سىلىپ چوڭدىن كىچىككىچە قىلىۋاتقان ئىشلىرى . چوڭلارنىڭ غەمكىن چىرايى ،كىچىكلەرنىڭ غەمسىز تۇرقى ، ھەر تەبىقىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىش ئىزلىرىنى كۆرۈشمۇ ئادەمگە بىر خىل ھوزۇر ھەم كىشىنى چوڭ قىلىدىغان تۇرمۇشنى چۈشىنىدىغاندەك ئەھمىيەتلىك بىر ئىشتەك تۇرىدۇ . لىكىن ۋاقىتىڭ كەتتى ، بەختىڭ كەتتى دەيدۇ . خام خىيال ھەجەپ تاتلىق دىسە .

    جۇلالىق

    ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنىڭ قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىمىزيۇ، يەنىلا ۋاقتىمىزنى قەدىرلەشنى ئۇنۇتقان ھالدا غەمسىز ياشايمىز.

    سالىھ بىگ

    ھەقىقەتەن توغرا . يەنە شۇنى بىلىمىزيۇ لىكىن خالىغىنىمىزچە ياشايمىز . ‹قىيا كۈنى بۇ دۇنيادا ئالغان ھەر بىر نەپىسىمىزدىن سۇئال تارتىلىدۇ ›