ئاجايىپ چۈش

تەپەككۇر تامچىلىرى 2013-03-19 20:54 1,312 15

ئاجايىپ چۈش

بۇرۇندىن چۈش كۆرسەم، سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرسام ھەممىنى ئۇنتۇپ كېتىدىغان ئادىتىم بار. كېچىدىن كۆرگەن چۈشۈمنى سەھەردە ئەسلىسەم، خۇددى كىنو لىنتىسىدەك كۆز ئالدىمدىن بىرمۇ-بىر ئۆتۈۋاتمامدۇ، ھەيرانلا قالدىم. ئۇنىڭدىنمۇ ھەيران قالارلىقى، كۆرگەن چۈشۈم ئاجايىپ غەلىتە، مەن ئادەتتە تەسەۋۋۇر قىلاي دېسەممۇ قىلالمايمەن. قانداق چۈش كۆرۈپتىمەن دېمەيسىلەر. قايسى كۈنى بىر توردىشىمىز كىچىك ۋاقتىمدا خەنچە ئاۋازلىقىنى، كېيىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، رەڭسىز تېلېۋىزورلاردا زوق بىلەن بېرىلىپ كۆرىدىغان «لەخمە ئۇرۇشى» دېگەن فىلىمنى يوللاپ قويۇپتىكەن. كىچىك ۋاقتىمدىكى ئەسلىمىلىرىمنى سېغىنىپ، چۈشۈرۈپ كۆرگەنىدىم. شۇ كىنو بەكلا تەسىر قىلىپ كەتتىمۇ قانداق؟ كېچىسى قالتىس چۈش كۆرۈپ چىقىپتىمەن.

ئەينى يىللىرى جۇڭگونى ياپۇنلار بېسىۋالغان ۋاقىت دەيمىشمەن. مەن ئەسكەرلەردەك كىيىنىپ، يېنىمغا گىراناتلارنى ئېسىپ، پارتىزانلارچە ئۇرۇش قىلىپ كېتىپتىمەن. بىر چاغدا دۈشمەن كەينىمدىن قوغلاپ كېلىۋېدى، كونا تام ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرىدىن سەكرەپ مېڭىپ، بىر يەرگە كەلگەندە ئىككى قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ يېنىغا كېلىپ قالدىم. قارىسام دۈشمەنلەر كەينىمدىن قوغلاپ يۇپۇرۇلۇپ كېلىۋېتىپتۇ. يېنىمدا بىنالارغا يامىشىش ئۈچۈن تەييارلانغان قارماقلىق ئارغامچىمۇ ئېسىقلىق ئىكەن. چاققانلىق بىلەن ئارغامچىنى ئېلىپ، چېنىققان ھەربىيلەردەك بىرلا ئېتىپ بىنانىڭ ئۈستىگە ئىلىندۇرۇپ، بىناغا يامىشىپ قېچىپ كەتتىم.

يەنە بىر چاغدا قارىسام، دۈشمەنلەرگە زەربە بېرىش ئۈچۈن يەر ئاستى لەخمىلەر كولانغان، لەخمىگە يۇشۇرۇنۇپ يۈرۈپ، دۈشمەندىن بىر نەچچىنى ئوق بىلەن يەر چىشلەتتىم. كەينىدىكى دۈشمەنلەر قورشاپ كېلىۋېدى، قاچقاچ يېنىمدىكى گىراناتنىڭ پىلتىسىنى تارتىپ بىر ئېتىۋېدىم،نەچچىسى توپىغا مىلىنىپ ياتتى. مەن، قاچە-قاچ بىر ساسلىققا كېلىپ قالدىم. دۈشمەن كەينىمدىن قوغلاپ كەلمەكتە. مەن ساسلىقتىن سۇلارنى كېچىپ تازا قېچىۋاتماقتا ئىدىم. نېمىسى نېمە بولدى، ئويغۇنۇپ كەتتىم. قارىسام تاڭ يۇراي دەپ قاپتۇ.

ئويغۇنۇپ كەتكىنىمگە شۇنچىلىك ئاچچىقىم كەلدى. شۇ ئاچچىقىمدا خېلى ئۇزاق ئولتۇرۇپ كېتىپتىمەن. ئويغاق ۋاقتىمدا، چۈشۈمدە قىلغان ئىشلارنى خىيال قىلىشمۇ خېلىلا يىراقتىكى گەپ.

شۇنداق تاتلىق-شىرىن چۈشتىن نېمىشقىمۇ ئويغۇنۇپ كەتكەندىمەن دەيمەن؟ بۇ چۈش بولماي رېئاللىق بولۇپ كەتسىچۇ كاشكى!

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 15 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    مەلەك 2013-03-19 22:06

    ھې ھې سىز خېلىقى تەرتىپلىك چۈش كۆرىدىكەنسىز،مەن ئاجايىپ تېلىۋىزۇردىكى ئادەملەرنى ،ھەتتا بەزىدە كۆرۈپمۇ باقمىغان ئادەملەرنى چۈشەيمەن ،ھېلى ئۇچىۋاتقان ،ھېلى چۈشىۋاتقان ، ئەمما پات پات ئەسەر قىلىپ يازسا شۇنداق نوچى ئەسەر چىققۇدەك پەلسەپىۋى ھېكمەتلەرگە تويۇنغان چۈشلەرنى كۆرىمەن ،ئورنۇمدىن تۇرۇپ دائىملا خاتىرلىۋالىمەن دەيمەن ،يۈز كۆزۈمنى يۇيۇپ دەپتەر قەلەمنىڭ ئالدىغا كەلگۈچە يوق ئۇ چۈشلەر !
    يەنە بىردەم يېتىپ باقماپسىز يا،ئاخىرىنى چۈشەپ قالاتىڭىز ،ھاھا مەن بىر قېتىم ئاشتا قىلسام ئۇخلانمايمەن يا ،شۇنىڭ بىلەن كۆزۈمنى يۇمۇپ ئاخىرىنى خىيال قىلىپ يېتىپتىمەن ،كاللام يېرىم ئۇخلاقلىق يېرىم سەگەك ،شۇنىڭ بىلەن تۇرغاندا داۋامىنى زادى راست كۆردۈممۇ ياكى خىيال قىلدىممۇ دەپ كەتتىم.

    راست ئىشلار خاتىرىسى ياخشى چىقىۋاتىدۇ ھەدە ،داۋاملىق ئالغا !

    جۇلالىق

    ۋاي نەدە تەرتىپلىك چۈش كۆرىمەن دەيسىز، بۇرۇندىن بەكلا قالايمىقان چۈش كۆرەتتىم. قايسى كۈنى نېمە بولدىكىن شۇنداق رەتلىك چۈش كۆرۈپتىمەن. ئۇ چۈشنىڭ تاتلىقلىقىچۇ تېخى!
    سىز دېگەندەك بىردەم يېتىپ باقايمۇ يا؟ چۈشنىڭ كەينىنى كۆرۈپ قالارمەن دەپمۇ ئويلىغان، قارىسام تاڭ يۇرۇپ قاپتۇ. يەنە ئۇخلىسام بامداتنىمۇ قوشۇپ چۈش كۆرىۋەتكىدەكمەن شۇڭا ئۇخلىمىدىم.
    سىزچۇ قاراڭ سىڭلىم، ئاخشىمى ياتقان ۋاقىتتا يېنىڭىزغا قەلەم-قەغەز ئەكىلىپ قويۇپ يېتىڭە، چۈشنى كۆرۈپ ئورنىڭىزدىن تۇرمايلا يازىدىغاننى يېزىۋەتسىڭىز قېچىپ كەتمەيدۇ. ھا ھا ھا……
    رەھمەت، ئەزىزىم، تېخىمۇ تىرىشىمەن. پات-پات كېلىپ تۇرۇڭ. سېغىنىپ قالىدىكەنمەن.

  •   #2  

    مەلەك 2013-03-21 00:13

    مەن كېچىچە زەينەپنى چۈشەپ قالغانىدىم ، مەزمۇنىنى ئورنىدىمدىن تۇرۇپلا خاتىرلىۋالىمەن دەپ ئۇنتۇپ قاپتىمەن .
    بەزى چۈشلەردىن ئويغانغىم كەلمەيدۇ ،بەزى چۈشلەردىن تىزراق ئويغىنىپ كېتىشنى تىلەيمەن ،چۈشۈمدە سۈرە ئوقۇپ ئوڭۇمدا ئويغىنىپ كېتىمەن ،بەزىدە كۆرۈپمۇ باقمىغان ئادەملەرنى چۈشەپ كېچىچە چۈشلىرىمدە ھېلى ئۇچۇپ ،ھېلى سۇدا ئۈزۈپ يۈرۈپ ئەتىگىنى شۇنداق ھارغىن قوپىمەن .

    جۇلالىق

    زەينەپنى چۈشىگەن بولسىڭىز قالتىس چۈش كۆرۈپتىكەنسىز، ھەقىچان زەينەپ بىلەن خېلى ئوبدان مۇڭداشتىڭىز؟ ئىسىت، ئويغۇنۇپلا خاتىرلىۋالسىڭىزچۇ؟ ئىككىڭلارنىڭ پارىڭىدىن بىزلەرمۇ تەڭ بەھرىرلىنەر ئىدۇق.

  •   #3  

    جۇلالىق 2013-04-16 05:12

    تىنچلىقمۇ، ئىنىم، مېنى يوقلاپ كەلگەنلىكىڭىزدىن بەكلا خۇشال بولدۇم. مەن ياخشى تۇرۇۋاتىمەن، قا شۈكرى!
    ئۆزىڭىز قانداقراق تۇرۇۋاتىسىز؟ مەن تېخى ئوقۇشى بەكلا ئالدىراش بولسا بلوگ ئارىلاشقا ۋاقتى چىقمىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن. ھەم مەنمۇ بەكلا ئالدىراش بولۇپ كېتىپ سىزنىڭ بىلوگىڭىز تەرەپلەرگە ئۆتمىگەچكە بلوگىڭىزنىڭ ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغىنىنى بىلمەي قاپتىمەن. سەت بوپتۇ ئىنىم، كەچۈرۈڭ!
    مەيۈسلەنمەڭ ئىنىم، سىز بۇرۇندىن ئىرادىلىكقۇ، بلوگنى يەنە قايتىدىن جانلاندۇرۇڭ، ئۆز ۋاقتىدىكى بلوگىنىمۇ سىز مۇشۇ ھالاتكە ئەكەلگەن، سىز يەنە قايتىدىن باشلىيالايسىز.
    ئەمدى تاشلىشىپ كەتمەيلى. بىزدەك كونا سىرداش ھەدە-ئىنىلەر تاشلىشىپ كەتسەك بولمايدۇ. بىلوگىڭىزنى يوقلاپ تۇرىمەن.
    ئىنىم، سىزمۇ ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ!

  •   #4  

    جۇلالىق 2013-05-04 00:59

    تىنچلىقمۇ، ئىنىم، مېنى ھەدە دەۋېرىڭ. مەن ھەممىڭلاردىن ياشتا چوڭ، ھەدە دەپ ئاتىسىڭىز خۇرسەن بولىمەن.
    ئۆز پىكىرداشلىرىنى تاپماق بەكلا تەس ئىكەن، بلوگىمدىكى يازمىلار سىزگە شۇنچىلىك بولسىمۇ ئۇزۇق بولالىغان بولسا، مەن بۇنىڭدىن خۇشال بولدۇم، ھەم قىلغان ئەجرىمنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىكىدىن سۆيۈندۈم.
    بەزىدە ئۆزۈم تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز دەرىجىدە شېرىن چۈشلەرنى كۆرىمەن. ئويغۇنۇپ كەتسەم كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ قالىدۇ.

  •   #5  

    تورسودا 2013-05-05 21:13

    بىلوگىڭىزدا ئىسىل مەزمۇنلار بار جۇمۇ، مەن ياقتۇرىمەن

    جۇلالىق

    بلوگىمدىكى يازمىلارنى ياقتۇرغىنىڭىزدىن خۇرسەنمەن.

  •   #6  

    ئىستىقلال 2013-05-11 05:22

    تىمىڭىزغا رەخمەت ئۇزۇن بوپتىكەن يۈركىمدىن كۈلۈپ باقمىغىلى ، ياخشى چۈش تىن يامان چۈش شەيتاندىن دىيىلىدىكەن ، ھەپتە بۇرۇن مەنمۇ بىر خاسىيەتلىك چۈش كۈرۈپتىمەن ، نەتىجىسىنى ئەمىليەتتە كۆردۇم ، قانداق چۈش دىمەمسىلەر، 5 يىللىق ۋاز كەشمەي كۇرسەتكەن تىرىشچانلىقىمنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى ئىكەن ، قا چەكسىز ھەمدۇسانالار بولسۇن.

    جۇلالىق

    بەزىدە ئالدىن بولىدىغان ئىشلار ئادەمنىڭ چۈشىگە كىرىپ قالىدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ. بۇمۇ نىڭ بىز بەندىلەرگە قىلغان مەرھەمىتى ئىكەن. ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ روناق تاپقۇسى!

  •   #7  

    ئابدۇسالام 2013-05-29 04:29

    ياخشىمۇ سىز ھەدە،
    ھاھا، رىئاللىق بولسىچۇ دەمسز، شۇنداق بولغان بولسا سىز مەن بەرگەن قەھىرمانلىق ئوردىنىغا ئېرىشكەن بولاتتىڭىزدە خى خى……

    جۇلالىق

    مەن ياخشى ئىنىم، قا شۈكرى!
    ئۆزىڭىزچۇ ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟
    قەھرىمانلىق نامىغا لايىق ئىش قىلالمىغان بولساممۇ، ئوردىندىن بىرگە ئېرىشىۋالىدىكەنمەن ئەمەسمۇ، ھەي ئىسىت…..ھاھاھا

  •   #8  

    سالىھ بىگ 2013-12-29 07:46

    تەتقىقاتلاردا كۈندۈزى تەسىر قىلغان كىشى ۋە ئىشلار كىچىسى چۈش بولۇپ كۆرىنىدۇ دەيدىكەن . لىكىن كىنونىڭ سىنارىيەسىنى يازغاندەك چۈش كۆرۈش ئادەمگە ھەقىقەتەنمۇ ھوزۇردە . داۋاملىق فانتازىيە ، كىلاسسك چۈشلەرنى كۆرۈپ يوللاپ تۇرۇڭ . بىرەر كىنو شىركىتى كۆرۈپ قالسا داڭلىق كىنو رىژىسورى بوپ قالامسىز تىخى .

    جۇلالىق

    بەلكىم، رېئاللىقتا ئەمەلگە ئاشمىغان ئىشلار، چۈشتە ئاسانلا ئەمەلگە ئاشىدىغان چېغى، مەندەك خىيالپەرەس بۇنداق چۈشلەرنى تولا كۆرىمەن.

    سالىھ بىگ

    مەنمۇ شۇنداق چۈشلەرنى كۆرۈپ ئويغانغاندا ئاۋاتار فىلىمىنى ئىشلىگەن رىژىسور بىلەن بەكلا كۆرۈشكۈم كىلىدۇ دىسە …چۈشۈمدىن تەڭ ھوزۇرلانساق بىر كىنو قىلىپ دەپ . لىكىن ئەتىگەنكى ھىسيات چۈشتە يوق . دۇنيا ھەلەكچىلىكى .