ئۇيقۇدىكى ساھىپجامال

ئۇيقۇدىكى ساھىپجامال ئۇيقۇدىكى ساھىپجامالنىڭ ھېكايىسىنى كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا چۆچەك كىتابلىرىدا تولا ئوقۇپ يادا بولۇپ كەتكەنىدى. كېيىن بۇ چۆچەكنىڭ كارتونىنى ئىشلىدى، كارتونىنىڭ ۋەقەلىكلىرىنى كىتاپتىكى بىلەن ئوخشاش قىلىپ ئىشلىگەن. بۇرۇنقى زاماندىكى بىر پادىشاھلىقنىڭ يېنىدىكى قويۇق ئورمانلىقتا كىشىلەرگە دائىم زىيان-زەخمەت يەتكۇزۇشنىلا ئويلايدىغان قارا نىيەت پىرىخوندىن بىرسى بار بولۇپ، بۇ دۆلەتنىڭ پادىشاھىنىڭ بەكمۇ گۈزەل بىر مەلىكسى دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ. مەلىكىنىڭ […]

ھايات يولى…

ھايات يولى… ھاياتنىڭ رېتىمى بىر خىللا ئۆز ئىزىدا داۋاملاشماقتا… تۇرمۇشۇمدىكى نۇرغۇن ئىشلارنىڭ مەن ئارزۇ قىلغاندەك ياخشى بولۇپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتىمەن، لېكىن بەزى ئىشلار مەن ئارزۇ قىلغاندەك بولمايۋاتىدۇ، ئۈمۈدسىزلىك شەيتاندىن، لېكىن مەن يەنىلا ئۈمۈدۋارمەن، چۈنكى ئاللاھ بىر ئىشتىن ئۈمۈدىنى ئۈزمىگەن بەندىنىڭ ئارزۇ قىلغان ئىشىنى ھامان ۋۇجۇدقا چىقىرىپ بەرگۈسى. ئەتراپىمدا بولۇۋاتقان تۈرلۈك-تۈمەن ئىشلارنىڭ بېسىمىدىن شۇنچىلىك ھالسىزلىنىپ كېتىۋاتىمەنكى، […]

تۈر ۋە ھىندىستان فىلىملىرىگە نەزەر

تۈر ۋە ھىندىستان فىلىملىرىگە نەزەر ئوننەچچە يىللار ئىلگىرى دىيارىمىزدا ھىندىستان فىلىملىرى قىزغىنلىقى قوزغالغاندىن بۇيان ھىندىستان فىلىملىرى ئارقا-ئارقىدىن تەرجىمە قىلىنىپ ھوزۇرىمىزغا سۇنۇلدى، بىزدەك كىنو مەستانىلىرىمۇ يېڭى فىلىملەرنى چۈشۈرۈپ قويماي كۆرۈپ ئۈلگۈردۇق. كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپ، يەنى رەڭسىز تېلېۋىزورلاردا كىنو كۆرۈشكە باشلىغاندىن تارتىپ كىنو كۆرسەم مۇنداقلا كۆرۈپ ئۆتۈپ كەتمەيمەن، بەلكىم بۇ مەندىكى تەبىئىي بار خۇسۇسسىيەت ئوخشايدۇ، بىرەر فىلىمنى […]

قوي ۋە مەن

قوي ۋە مەن كۈندىلىك ئادىتىم بويىچە مەكتەپتىن قايتىپلا قويلارنى ئېغىلدىن چىقىرىپ، قورۇقىمىز تەرەپكە ھەيدەپ ماڭدىم ( قورۇقىمىز توغرۇلۇق ئالدىنقى يازمىلىرىمدا تەپسىلىي دەپ ئۆتكەنىدىم، بۇرۇنقى يازمىلارنى ئوقۇغان دوستلىرىمنىڭ ئېسىدە بار بەلكىم). يەنە شۇ ئەسكى ئاق قۇلاق قوي ھەممە قويلارنىڭ ئالدىدا يۈگرەشكە باشلىدى. ھېچ يېرىدە باشقا رەڭ يوق، رەڭگى ئاپئاق كەلگەن بۇ قويغا مەنلا ئەمەس، ئاكا-ھەدىلىرىم ھەممىسى […]

ھايات ۋە ساغلاملىق

ھايات ۋە ساغلاملىق ھايات ئىنسانغا بېرىلگەن ئەڭ گۈزەل سوۋغىدۇر. بۇ گۈزەل سوۋغىنىڭ يارقىن نامايەندىسىنىڭ ئىنساننىڭ ساغلاملىقى ئىكەنلىكىنى بۇرۇن ھېس قىلىپ باقمىغاندەكلا، مۇشۇ ئىككى ئايدىن بېرى، سالامەتلىكىم بەكلا ناچار بولۇپ، كۈنلەپ كۆرپىدىن قوپماي ياتقاندا ئاندىن ھېس قىلدىم. خۇددى مەن مۇشۇ ياشقا كەلگىچە پەقەتلا ئاغرىپ قالمىغاندەك، بۇ قېتىمقى كېسەل مېنىڭ جېنىمنى ئېلىپ جاڭگالدا قويدى دېسەم ئارتۇق كەتمەيدۇ. […]

شىياڭگاڭ ۋە ھىندىستان فىلىملىرى سېلىشتۇرمىلىرىدىن…

شىياڭگاڭ ۋە ھىندىستان فىلىملىرى سېلىشتۇرمىلىرىدىن… 1996-يىلى رەڭسىز تېلېۋىزورلاردا كىنو كۆرىدىغان ۋاقىتلار ئىدى، بىر كۈنى شىياڭگاڭ كۆپ قىسىملىق فىلىمى «يەڭگەن بەگ بولۇر، يېڭىلگەن خار» دېگەن فىلىمنى قويدى. بۇ فىلىمگە باشتا ئانچە قىزىقمىغان بولساممۇ، ئاخىرقى قىسىملىرىغا كەلگەندە خېلىلا قىزىقىپ قالدىم. بىزنىڭ ئەينى يىللاردىكى بۇ يۇرتنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن بۇ فىلىمدىكى تەرەققىياتلار ئادەمنىڭ چۈشىدەكلا بىلىنەتتى. گەرچە كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپ […]

سىنبا، موگىلى، تارزان …

سىنبا، موگىلى، تارزان… كىچىكلىكىمدىن تارتىپ كارتون كۆرۈشكە بەكلا ئامراقمەن، ئەينى يىللىرى رەڭسىز تېلېۋىزورلارنىڭ ئالدىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ cctv-1 قانىلىدا بېرىدىغان سائەت 3.25 ئۆتكەندە ۋە 4.5 مىنۇت ئۆتكەندە باشلايدىغان كارتونلىرىنى ۋاقتى سائىتىنى ئۆتكۈزىۋەتمەي كۆرەتتىم. 1996-يىللىرى قانچىنچى ئاي ئىكەنلىكى ئېنىق ئېسىمدە قالماپتۇ. ئىتالىيە كۆپ قىسىملىق كارتون فىلىمى «شىر پادىشاھ»نى قويدى. ئۇ ۋاقىتلاردا قولۇمدا سانلىق 5-6 […]