ھايات يولى…

تەپەككۇر تامچىلىرى 2014-10-30 03:13 1,516 20

ھايات يولى…

hayat yoli

ھاياتنىڭ رېتىمى بىر خىللا ئۆز ئىزىدا داۋاملاشماقتا…

تۇرمۇشۇمدىكى نۇرغۇن ئىشلارنىڭ مەن ئارزۇ قىلغاندەك ياخشى بولۇپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتىمەن، لېكىن بەزى ئىشلار مەن ئارزۇ قىلغاندەك بولمايۋاتىدۇ، ئۈمۈدسىزلىك شەيتاندىن، لېكىن مەن يەنىلا ئۈمۈدۋارمەن، چۈنكى ئاللاھ بىر ئىشتىن ئۈمۈدىنى ئۈزمىگەن بەندىنىڭ ئارزۇ قىلغان ئىشىنى ھامان ۋۇجۇدقا چىقىرىپ بەرگۈسى.

ئەتراپىمدا بولۇۋاتقان تۈرلۈك-تۈمەن ئىشلارنىڭ بېسىمىدىن شۇنچىلىك ھالسىزلىنىپ كېتىۋاتىمەنكى، بەزىدە كۆزۈمنى ئېچىپ ئەتراپقا قاراشقىمۇ ئېرىنىدىغان بولۇپ قالدىم. شۇنداق چاغدا كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئويلىماي ئۆزۈمنىلا ئويلاپلا ياشاي دەيمەنۇ يەنىلا بۇنداق قىلىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ، مەن يەنىلا ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىغا خۇشال بولىدىغان، غەم-قايغۇىسغا تەڭ جۆر بولىدىغان ھەمشېرىك بىر ئىنساندۇرمەن. نۇرغۇن نەرسىلەردىن ئايرىلغان ۋاقىتتىلا، شۇ نەرسىنىڭ مەن ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقىنى ھېس قىلدىم. شۇ ھېسلىرىم بويىچە ئۆزۈمنىڭ ئىنسانىيلىق بۇرچۇمنى ھامان جارى قىلدۇرۇشۇم لازىم.

بەزىدە ياشاشنى بەكلا ئاددىيدەك ھېس قىلىمەن، يەنە بەزىدە بۇ ھاياتتا ياشىماقنىڭ بەكلا قىيىن ئىكەنلىكىنى، ئۆمرۈم ئاخىرىغىچە ھاياتنىڭ رېتىمىنىڭ قايسى تەرتىپتە ماڭىدىغانلىقىنىڭ سىرىنى مەڭگۈ بىلەلمەي ئۆتۈپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلىمەن. شۇنداق چاغلاردا بەكلا چارچاپ كېتىمەن. كۆزلىرىم نۇرسىز، پۇت-قولۇمدا ماغدۇر يوق. بىراق، ھامان ياشىماي بولمايىتتى، بۇ دۇنيادا ياشاش ئۈچۈن تىنماي كۈرەش قىلىشقا، داۋاملىق ئالدىغا قاراپ سىلجىشقا توغرا كېلەتتى. مەن ئۆزۈمنىڭ مادارىم يوقلۇقىنى باھانە قىلىپ ئولتۇرۇۋالغىنىم بىلەن بۇ دۇنيا رەھىمسىز، ياشاش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىشىم، كۈرەش قىلىشىم كېرەك.

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 20 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    جۇلالىق 2014-11-10 03:28

    بەزىدە نۇرغۇن ئىشلارغا ئىنساننىڭ قۇدرىتى يەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغىنىمدا بۇ دۇنياغا ئىنسان بولۇپ يارىتىلىپ قالغانلىقىمغا پۇشايمانمۇ قىلىمەن، ئىنسان بەكلا ئاجىز ئىكەن.
    كىمنىڭ ئارزۇسى نىشانى بولمايدۇ دەيسىز، لېكىن شۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن بەرداشلىق بېرەلىگىدەك ئىرادە، چىدامچانلىق بولمىسا ھەممىسى نۆلگە تەڭ بولىدۇ. نېمىلا بولمىسۇن ھامان ياشىماي بولمايدۇ.

  •   #2  

    سالىھ بەگ 2014-11-14 09:48

    ھەقىقەتەن ئىنسان نۇرغۇن ئىشلارغا ئاجىز . ئىگىمىز بىزگە مۇھتاج ئەمەس .لىكىن بىز ئىگىمىزگە مۇھتاج . شۇنداق ئاجىز كەلگەن نۇرغۇن ئىشلاردا ئىگىمىزگە دۇئا قىلىمىز . كىنونىڭ سىنارىيەسىنى سىنارىس ئۆز ئارزۇسى بويىچە يازىدۇ . شۇڭا كىنونىڭ كۆرىلىشى نۇرغۇن بولسىمۇ يەنىلا كىشىنىڭ ئارزۇسى يەنىلا شۇ ئارزۇ پىتى . ئارزۇلارنىڭ رىياللىققا ئايلىنىشى شۇنچە تۋەن بولغاچ ئازۇ شۇنچە قەدىرلىك ھەم ئارزۇيىغا يەتكەندىكى خۇشاللىق شۇنچە تاتلىق .

    جۇلالىق

    بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، ئىنسان ئارزۇ قىلغان نەرسىسىگە شۇ زامان ئېرىشەلىسە ئۇ چاغدا نېمە ئىشلار بولۇپ كېتەر؟
    لېكىن بۇنداق بولۇشى بۇ دۇنيادا مۇمكىن ئەمەس، نېسىپ قىلسا كىرەلىسەك شۇنداق بولىدۇ.

  •   #3  

    ھايات 2014-11-20 22:22

    سالىھ بەگنىڭ دىگىنى ئۇرۇنلۇق …

  •   #4  

    جۇلالىق 2014-12-03 22:06

    تىنچلىقمۇ، تېچلىق، غا شۈكرى، ئۆزىڭىزچۇ؟
    بولىدۇ، مەن قوشۇۋالاي.

  •   #5  

    ھايات 2014-12-10 07:56

    مىنىڭ بىكىتىمنى قۇشۇپ قويمامسىز? قارسام كۈرۈنمەيتىيا …
    http://www.alwun.cn

    جۇلالىق

    كەچۈرۈڭ، سەت بولدى، نەچچە كۈندىن ئالدىراش بولۇپ قېلىپ بلوگقا كىرىپ مەشغۇلات قىلغىدەك ۋاقىت بولماي قالدى. بۈگۈن بلوگىڭىزنى قوشۇپ قويدۇم.

  •   #6  

    ھايات 2014-12-16 01:22

    ھەمكارلىقىمىز ئۈزۈلمىگەي …

    سىزنىڭ بلوگ ئۇسلۇبى ماڭا بەك ياقىدۇ…

    جۇلالىق

    ھەمكارلىقىمىز ئەلۋەتتە داۋاملىشىدۇ.
    ئۇسلۇبنى ياقتۇرغىنىڭىزدىن سۆيۈندۈم.

  •   #7  

    ھايات 2014-12-26 02:39

    جۇلالىق نەچچە كۈندىن بىرى ئىچىلماي كۈڭلۈم بەك يىرىم بولدى …
    نە … نەلەردىن سۇراپ يۇردۈم ، سەۋەبىنى ئىزدىنىپ باقتىم .
    بۈگۈن كەچمىشلىرىمدىن ئۇلنىشىدىن سىم سىم دىگەن ئىدىم ئىشىك ئېچىلىپ كۈڭلۈم يايراپ كەتتى …
    بارچە بىكەتلىرىمىز تاقالمىسۇن !

    جۇلالىق

    بوشلۇقنىڭ ئېقىمى تۈگەپ قاپتىكەن شۇڭا ئېچىلماي قالدى، بلوگىمنى شۇنچە ياقتۇرۇپ سېغىنغىنىڭىزدىن بەكلا خۇشال بولدۇم، رەھمەت.

  •   #8  

    ھايات 2014-12-26 10:56

    بلوگ ئۇسلۇبىڭىزنى كىم ياساپ بەرگن ئىدى مەنمۇ شۇنداق ئۇستىلار بىلەن كۈرۈشمىسەم بولمىدى .
    بولسا بىكىتىڭىزنى ياساپ بەرگەن كىشى بىلەن كۈرۈشسەم بۇلاتتى .
    ئالاقىلىشىش نۇمۇر ياكى چ چ نۇمۇرنى قالدۇرسىڭىز سىزدىن مىننەتدار بۇلاتتىم .

    جۇلالىق

    بلوگىمنىڭ ئەسلىدىكى ئۇسلۇبىنى ھەم تەرجىمە ئىشلىرىنى شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورىدىكىلەر قىلىپ بەرگەن. ماۋۇ يېشىل ئۇسلۇبنى كېيىن كۆككەپتەر بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى تەرجىمە قىلىپ ئىشلەپ بەرگەن.
    كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورىنىڭ ئادرېسى: http://www.xjcfan.com مۇشۇ بەتكە كىرىپ مەسئۇل خادىملار بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
    كۆككەپتەر بلوگى يېقىندىن بېرى ئېچىلمايۋاتىدۇ، تاقىۋەتتىمۇ سەۋەبى نېمە مەنمۇ بىلمىدىم. ئەگەردە كۆككەپتەرنى ئىزدىمەكچى بولسىڭىز ئىزدىنىش مۇنبىرىگە كىرىپ ئۇچۇر قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. مەندە ھېچقايسى پروگراممىرنىڭ چ چ نومۇرى يوق ئىدى.
    ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ ئادرېسى: http://www.izdinix.com

  •   #9  

    ھايات 2014-12-28 00:26

    كوپ رەھمەت مەن ئىزدىنىشتىن ئىزدەپ باقاي …

  •   #10  

    سالىھ بەگ 2014-12-29 21:59

    سىز تور بىكىتىڭىزگە ICP دەيدىغان نەرسىسىنى ئالمىغانما . بوشلۇقنى قەيەردىن ئالغان ئىدىڭىز ….

    جۇلالىق

    بلوگىمغا icp ئالمىغان، بوشلۇقنى http://www.xjcfan.com مۇشۇ تور بېكەتتىن ئالغانىدىم.

  •   #11  

    سالىھ بەگ 2014-12-30 06:33

    مەنمۇ تور بلوگىمنى قايتىدىن ئىچىپ بىر ماڭغۇزۇشنى ئويلىغان ئىدىم. لىكىن بوشلۇقنى دۆلەت ئىچىدىن ئىلىپ ICPدەيدىغان نەرسە بىلەن قانۇنلۇق ئاچاي دىگەن ، لىكىن زا مۇشۇ ICP بەك ئاۋارىچىلىقكەن . iCP دىگەن نەسە بولمىسا ۋىنشىندا ئىچىلمايدۇ دەيدۇ . مەن تىلفۇن كومپۇيۇتۇردا كۆرىنىدىغان قىلىپ ئىچىشنى ئويلاشقان ،….

    جۇلالىق

    مېنىڭ بلوگىمغىمۇ icpئالمىغان، تېلېفون ھەم كومپيۇتېردا نورمال ئېچىلىدۇ، ئۈندىداردا قانداق ئۇنى بىلمەيدىكەنمەن. چۈنكى بۇ ئۈندىدار بىلەن چىققاندىن تارتىپ ئۇنچە ھەپىلىشىپ باقماپتىمەن.

  •   #12  

    ھايات 2014-12-31 07:03

    http://www.xinjang.net بۇلاردىن ئالساق بۇلدىكەن مەن مۇخلىس ئەپەندىدىن ئالغان ئىدىم بىقىتىم ھازىرچە نۇرمال …

    http://www.alwun.cn

    جۇلالىق

    مەن بوشلۇقنى شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورىدىن ئالغان، بلوگىم بەكلا نورمال مېڭىۋاتىدۇ ھەم بۇلار بەكلا ئىشەنچىلىك.