ئۇيقۇدىكى ساھىپجامال

تەسىرات ئۈنچىلىرى 2014-11-30 02:21 1,555 18

ئۇيقۇدىكى ساھىپجامال

maleficent

ئۇيقۇدىكى ساھىپجامالنىڭ ھېكايىسىنى كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا چۆچەك كىتابلىرىدا تولا ئوقۇپ يادا بولۇپ كەتكەنىدى. كېيىن بۇ چۆچەكنىڭ كارتونىنى ئىشلىدى، كارتونىنىڭ ۋەقەلىكلىرىنى كىتاپتىكى بىلەن ئوخشاش قىلىپ ئىشلىگەن. بۇرۇنقى زاماندىكى بىر پادىشاھلىقنىڭ يېنىدىكى قويۇق ئورمانلىقتا كىشىلەرگە دائىم زىيان-زەخمەت يەتكۇزۇشنىلا ئويلايدىغان قارا نىيەت پىرىخوندىن بىرسى بار بولۇپ، بۇ دۆلەتنىڭ پادىشاھىنىڭ بەكمۇ گۈزەل بىر مەلىكسى دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ. مەلىكىنىڭ گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوقلىقىغا ھەسەت قىلغان جادىگەر، مەلىكە كىچىك ۋاقتىدا ئۇنىڭغا ئەپسۇن ئوقۇپ، مەلىكە ئون ئالتە ياشقا كىرگەن كۈنى قاتتىق ئۇيقۇغا كېتىدىغان، ئۇنى ئۇيقۇدىن ھېچقانداق ئامال ئويغۇتالمايدىغان، پەقەتلا مەلىكىنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرىدىغان بىر يىگىت پەيدا بولۇپ، مەلىكىنى سۆيگەندىلا ئاندىن مەلىكە ئويغۇنىدىغان ھالدا سېھىرلىۋېتىدۇ. ئەلۋەتتە ھېكايىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ سۆزلەپ ئولتۇرمىساممۇ ئەقىللىق ئوقۇرمەنلەر تەسەۋۋۇر قىلىپ بولدى ھەقىچان، ئاخىرىدا مەلىكىنىڭ يېنىغا باشقا بىر دۆلەتنىڭ شاھزادىسى كېلىپ مەلىكىنى سۆيۈپ ئويغۇتۇپ مەلىكە بىلەن بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ھېكايە ئاخىرلاشتى.

چۆچەك بىلەن كارتوندىكى ۋەقەلەر بىزگە شۇنداق تەبىئىيلا بىلىنەتتى. يەنى بىزنىڭ قىز-ئوغۇلنىڭ مۇھەببىتى ھەممىنى يېڭەلەيدۇ، بۇ مۇھەببەتنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى ھېچ نەرسە توسۇپ قالالمايدۇ، دېگەندەك بۇرۇندىن بىزگە سىڭىپ كەتكەن ئىدىيە بويىچە نورمال ھالدا داۋاملاشماقتا.

بىراق، يېڭىدىن بۇ چۆچەكنىڭ ئادەم نۇسخىسىدىكى كىنوسى ئىشلىنىپ، بىزنىڭ مۇھەببەت ھەققىدىكى يۈكسەك باھالىرىمىزنى بىر تېپىك بىلەنلا بىتچىت قىلىۋەتتى. قىز-ئوغۇلنىڭ ئارىسىدىكى مۇھەببەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى مۇھەببەت ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىنمۇ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان مۇھەببەتنىڭ بارلىقىنى، بىزنىڭ قىز-ئوغۇللارنىڭ مۇھەببەت دۇنياسىدا گاڭگىراپ قالايمىقان چۆرگىلەۋاتقان خىياللىرىمىزنى ئازراق بولسىمۇ سىلكىندۈرۈپ قويدى.

قەدىمكى بىر زامانلاردا ئىنسانلار دۆلىتى بىلەن پەرىزاتلار دۆلىتى بىرگە قوشنا بولۇپ ياشىغان. ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتى يەنىلا ئاچكۆزلۈك، مەنمەنچىلىك، شەخسىيەتچىلىكلەرگە تولغان، ئەتراپىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش كويىدا، باشقىلارنىڭ نېمە بولۇشى بىلەن كارى يوق ياشىماقتا.

پەرىزاتلار دۆلىتىدىكى جانلىقلار ئاقكۆڭۈل، مېھرىبان، باشقىلارغا قىلچىلىك زىيىنى يەتمەيىتتى. ئۇلارنىڭ دۆلىتىدە مۇقىم بەلگىلىگەن پادىشاھ يوق بولۇپ، قاناتلىق كىچىك پەرىزات مەلفىسېنىت ئۇلارنىڭ قوغدىغۇچىسى قەھرىمانى ئىدى، بۇ يەردىكى بارلىق جانلىقلار تەبىئىيلا ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا بوي سۇناتتى. ئۇنى ھۆرمەتلەيىتتى. ئۇلار شۇنداق ياشاۋاتقان كۈنلەردە بۇ يەرگە ئىنسان بالىسىدىن بىرسى ئوغرىلىققا كېلىپ تۇتۇلۇپ قالدى. مەلفىسېنىت ئىنسانلارنىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش ئاقكۆڭۈل دەپ ئويلىغاچ بۇ بالىنىڭ ئوغرىلىغان نەرسىلىرىنى قايتۇرۇۋېلىپ ئۇنى قويۇۋەتتى، ھەم ئىككىسى ئارىسىدا دوستلۇق پەيدا بولدى. بۇ دوستلۇق ئىككىسى چوڭ بولغانسېرى بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشكە ئايلاندى. گەرچە مەلفىسېنىت سىتېفىننىڭ تەبىئىتىنى چۈشەنمىسىمۇ ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە شەكسىز ئىشىنىپ ئۇنى بارلىقى بىلەن سۆيدى. كۈنلەر مۇشۇنداق داۋام قىلماقتا. سىتېفىن تۇرۇۋاتقان دۆلەتنىڭ پادىشاھى پەرىزاتلار دۆلىتىنىڭ زىمىنىنى ئۆز زىمىنىغا قوشۇۋېلىش ئۈچۈن مورىسقا ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. مەلفىسېنىت مورسىتىكى جانلىقلار بىلەن بىرگە ئىنسانلارنى ئاسانلا مەغلۇب قىلىۋەتتى. ئېچىنىشلىق مەغلۇب بولغان پادىشاھ يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەي، قاناتلىق مەلفىسېنىتنى كىم ئۆلتۈرەلىسە شاھلىق تەختىگە شۇنى ئىگە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەسلىدىكى تەبىئىتى يوقالمىغان، ھەم كىچىك ۋاقتىدىلا ئوغرىلىققا قەدەم قويغان سىتېفىن پادىشاھ بولۇش ئىستىكىدە مەلفىسېنىتنى ئىزدەپ بېرىپ، مەلفىسېنىتنى ئۆلتۈرۈشكە قولى بارماي، ئۇنىڭ ئىككى قانىتىنى كېسىۋېلىپ پادىشاھقا ئاپىرىپ بېرىپ، شاھلىق تەختىگە ئىگە بولىدۇ.

ئىنسانلارنىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش ئاقكۆڭۈل ئويلىغان مەلفىسېنىت ئۇيقۇدىن ئويغانغان ۋاقتىدا ئۇنى كۆكتە پەرۋاز قىلدۇرىدىغان قانىتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلىپ چەكسىز ئازابلىنىدۇ، ھەم ئۇنىڭ قەلبىدىكى باشقىلارغا ئىشىنىدىغان، ئاقكۆڭۈللىكى، مېھرىبانلىقى غەزەپ-نەپرەت ئۆچمەنلىككە ئايلىنىدۇ. چۈنكى ئۇ سىتېفىنغا ئىشەنگەن، ئۇنى بارلىقى بىلەن سۆيگەنىدى. سىتېفىننىڭ ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە قىلغان خائىنلىقى ئۇنى بۇ دۇنيادا مېھرى-مۇھەببەتنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەس قىلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ تەبىئىتى ئۆچمەنلىك دۇنياسىدا بارا-بارا ئۆزگىرەپ، ئۇنى قەبىھ قىساسكارغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. سىتېفىن پادىشاھ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئاۋرورا ئىسىملىك گۈزەل بىر قىزى تۇغۇلىدۇ. سىتېفىندىن ئۆچ ئېلىش، ئۇنى ئازاپلاش ئۈچۈن مەلفىسېنىت ئاۋوراغا ئون ئالتە ياشقا كىرگەن كۈنى قولىغا يىپ ئىگىرىش چاقىنىڭ يىڭنىسى كىرىپ كېتىپ، ئاۋرورا ئۇيقۇغا كېتىدىغان، ئۇنى ھېچكىم ئويغۇتالمايدىغان، پەقەتلا ئاۋرورا ھەقىقى چىن مۇھەببەت بىلەن سۆيۈلگەندىلا ئاندىن ئويغۇنىدىغان ھالدا ئۇنى سېھىرلىۋېتىدۇ.

ئاۋرورا ئۈچ كىچىك پەرىزاتنىڭ ئۇنى قوغداش ئۈچۈن گۈەل ئورمانلىققا ئاپىرىپ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى بىلەن ئون ئالتە ياشقا كىرىدۇ. بۇ ئارلىقتا مەلفىسېنىت ھەر ۋاقىت ئاۋروراغا ھەمراھ بولىدۇ، ئۇنى قوغدايدۇ. ئۇ بىر تەرەپتە ئاۋروراغا ئۆچلۈك قىلغاندەك قىلغىنى بىلەن لېكىن ئۇنىڭ قەلبىنىڭ بىر يەرلىرىدە بۇرۇنقى مېھرىبانلىقى، ئاقكۆڭۈللۈكى بار بولغاچ، ئاۋرورادىن ھەر ۋاقىت ئايرىلماي ئۇنى خېيىم-خەتەرلەردىن قوغداپ كېلىدۇ، ئاۋرورا كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپلا مەلفىسېنىتنى كۆرۈپ باقمىغان بولسىمۇ يېنىدا ھەر ۋاقىت بىرسىنىڭ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ، ئۇنى قوغداپ كەلگەنلىكىنى سېزەتتى. شۇ ئىللىق تۇيقۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئاۋرورا مەلفىسېنىتنى ئاتاق ئانام دەپ ئۇنى بەكلا ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. ئاۋرورانىڭ پاك مۇھەببىتى مەلفىسېنىتنى تېخىمۇ بەك ئېرىتىۋېتىدۇ. مەلفىسېنىت ئاۋرورا ئون ئالتە ياشقا كىرىشكە ئاز قالغان ۋاقىىتا ئۆزىنىڭ ئاۋرورانى سېھىرلىۋەتكىنىگە پۇشايمان قىلىپ، سېھىرنى بىكار قىلىۋەتمەكچى بولىدۇ، تولىمۇ ئەپسۇس، مەلفىسېنىتنىڭ ئەپسۇنىدا شۇنداق بىر سېھرىي كۈچ بار ئىدى. ئۇنى مەلفىسېنىتنىڭ ئۆزىمۇ بىكار قىلىۋېتەلمەيىتتى. مەلفىسېنىتنىڭ پاك قەلبىدىكى مۇھەببەت بىخى سىتېفىننىڭ خىيانەت قىلىشى بىلەن قۇرۇتىۋېتىلىپ، مەلفىسېنىتنى بۇ دۇنيادا ھەقىقىي مۇھەببەت يوق دېگەن قاراشقا كەلتۈرۈپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئەڭ ئاخىرقى ئامالنى سىناپ باقماقچى بولىدۇ. يەنى ئاۋرورا ئۇيقۇغا كەتكەن كۈنى، ئاۋرورا ئورمانلىقتا تونۇشۇپ قالغان شاھزادىنى ئۇنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ، ئاۋرورانى سۆيسە ئاۋرورا ئويغۇنۇپ قېلىش مۇمكىن دېگەن ئۈمۈدتە ئۇنى ئاپىرىدۇ. تولىمۇ ئەپسۇس، يىگىتنىڭ ئاۋورانى سۆيۈشى ئۇنى ئۇيقۇسىدىن ئويغۇتالمايدۇ. بىزگە سىڭىپ كەتكەن قاتمال ئىدىيەلەر بويىچە بولغان بولسا ئىدى. يىگىت ئاۋرورانى سۆيۈپ بولغۇچە ئاۋرورا ئويقۇسىدىن ئويغۇنۇپ شاھزادە بىلەن بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپ كىنو ئاخىرلىشىشى كېرەكتى. لېكىن رېئال تۇرمۇشتا قىز-ئوغۇل ئارىسىدىكى مۇھەببەتتىنمۇ يۈكسەك ئورۇندا تۇرىدىغان مۇھەببەت بار. مەلفىسېنىت شاھزادىنىڭ ئاۋرورانى ئويغۇتالمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا چەكسىز پۇشايمانلارنى قىلىپ، ئاۋرورانى مۇشۇ ئۇخلاۋاتقان ھالىتىدە بىر ئۆمۈر قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئاۋرورارنى سۆيۈپ قويۇپ خوشلاشماقچى بولىدۇ. كىم بىلسۇن، شاھزادىنىڭ سۆيۈشى ئويغۇتالمىغان ئاۋرورارنى مەلفىسېنىتنىڭ چىن يۈرىكىدىن چىقىرىپ سۆيۈشى ئويغۇتىۋەتتى. قىز-يىگىتلەرنىڭ مۇھەببىتىنىڭ كۈچى يەتمىگەن ئىشقا، باشقىلارنىڭ قىزىنى ئۆز قىزىدىن چارە كۆرگەن بىر ئاتاق ئانىنىڭ مۇھەببىتىنىڭ كۈچى يەتتى. سىتېفىن بولسا قىلغان خىيانىتىنىڭ ئازابىنى نەچچە ئون يىل تارتىپ، تېخىمۇ ئەسەبىيلىشىپ، مەلفىسېنىتنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئاۋرورارنىڭ ئۆزىنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرگەن ئاتاق ئانىسىنى، خىيانەتچى دادىسىدىن ئەلا بىلىپ ياردەم بېرىشى بىلەن مەلفىسېنىت سىتېفىندىن ئىبارەت بۇ خىيانەتچىگە تېگىشلىك جازاىسىنى تارتقۇزدى.

شۇنداق قىلىپ ئاۋرورار ئىنسانلار دۆلىتىگە ھەم پەرىزاتلار دۆلىتىگە پادىشاھ بولۇپ ئىككى دۆلەتنى بىرلىككە باشقۇردى .مەلفىسېنىت ئاۋرورارغا مورىسنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىنى قايتىدىن باشقىچە سىياقتا كۆرسەتتى. مەلفىسېنىت يەنە كۈچلۈك قاناتلىرى بىلەن كۆكتە پەرۋاز قىلالايدىغان بولدى. ئۇنىڭ ئۆچمەنلىك، نەپرەتكە تولغان قەلبى يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئاقكۆڭۈللۈك ۋە مېھرىبانلىقققا تولدى.

مانا بۇ ئۇيقۇدىكى ساھىپجامالنىڭ ھېكايىسى، ھېكايىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسى بىز ئويلىغاندەك ئەمەس. دۇنيادا شۇنداق مۇھەببەتلەر باركى، سىز ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ھەرگىز تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز. بۇ دۇنيا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر.

جۇلالىق

بۇ كىنونىڭ يوكۇدىكى ئۇيغۇرچە خەتلىكىنىڭ ئادرېسىنى قالدۇراي.

http://v.youku.com/v_show/id_XNzg2MDQ0Nzg4.html

بۇ يازمىدا جەمئىي 18 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    تۇرمۇش 2014-12-14 01:48

    دۇنيا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر…

    قالتىس سۆزدە بۇ، مىھرى – مۇھەببەتنى دېمىسە دۇنيا كىمگە لازىم ؟

    جۇلالىق

    بۇ دۇنيادا مېھرى-مۇھەببەت لازىم ئەمەسلەرمۇ نۇرغۇن دەپ ئويلايمەن. ئۆزىنىلا ئويلايدىغان شەخسىيەتچى ئادەملەر مۇشۇ تىپتىكىلەردىن ھەقىچان.

  •   #2  

    جۇلالىق 2014-12-15 03:08

    دېگىنىڭىز بەكلا توغرا، ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى مۇھەببەت ياراتقۇچىغا بولۇشى كېرەك. بىراق بىز بۇ نۇقتىنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتتۇق. ئەمدى بولسىمۇ ئۇيقۇمىزدىن ئويغانمىساق مەڭگۈلۈك ئۇخلاپ قالىمىز.

  •   #3  

    ھايات 2014-12-17 07:46

    بۇ كۈنلەردە ئۈزۈمدىن گۇمانلىنىپمۇ قالىمەن ،شەخسەن ئۈزۈمدىن باشقىنى سۈيمەيدىغاندەك …

    جۇلالىق

    ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ تەسىرىدىنمىكىن، مەنمۇ بەزىدە سىزدەكلا ئويلاپ قالىمەن.لېكىن، بىزدە يەنىلا مېھرى-مۇھەببەتلىك بىر قەلب بار.

  •   #4  

    ھايات 2014-12-26 11:10

    بەزىدە ئۈزۈمنى شۇنداق بەخىتسىز دەپ قالىمەن .لىكىن مىنى كۈنى ئىززەيدىغانلارغا قاراپ يالغۇز ئەمەسلىكىمنى ھىس قىلىمەن …
    بىراق ئۇلارنىڭ مىھرى مۇھەببىتى شەرتلىك ھالدا ئىكەنلىگىنى بىلگىنىمدە يەنىلا تەنھالىقمنى ھىس قىلىپ يەتتىم .
    بەزىدە مانا شۇنداق مەۋھۇم دۇنيانى خالاپ دوسلۇرۇمنىڭ غەم قايغۇ خۇشاللىقىغا جۈر بۇلىمەن …
    تىمىدا دىيىلگەندەك سايىبجاماللار كۈز ئالدىمىزدا مەۋجۇت ئەمما ئۇلاردىن ھىچ قانداق سىزىم ھىس قىلالمايدىكەنمىز .
    بىز سەزگۈرىمىزنى يۇقاتتۇقمۇ ياكى ئۇلاردا ئوتلۇق ھارارەت قالمىدىمۇ ؟
    قىززىپ قالدىممۇ نىمە ھەي …

    جۇلالىق

    ئەمەلىي تۇرمۇشتىن تاپالمىغان ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى مانا مۇشۇنداق مەۋھۇم دۇنيادىن ئىزدەپ روھىيىتىمىزنى قاندۇرغىمىز كېلىدىكەن، بەزىدە بۇ مەۋھۇم دۇنيانىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق لەززىتى بار. سەن بۇ يەردە ئەركىن، پىكىرداش دوستلىرىڭ بىلەن ھال-مۇڭ بولالايسەن، رېئال تۇرمۇشتا بۇنداق لەززەتنى تاپماق بەكلا تەس بوپ كەتتى.

  •   #5  

    سالىھ بەگ 2014-12-29 22:07

    بىر كىنونىڭ داۋامىنى ھەرخىل كىشىلەر ھەرخىل ئويلايدۇ .
    سەۋەپنىڭ نەتىجىسى كىشى ئويلىغاندەك بولسا بۇ كىنونىڭ كۆرىلىشى يۇقىرى بولماسلىقى مۇمكىن . لىكىن ئويلىمىغاندەك بولغاندا يۇقىرى كۆرىلىشكە ئىرىشەلىشى مۇمكىن . لىكىن شۇ كىشىلەر ئويلىغاننى باشقا ئۇسۇل ئارقىلىق ئىپادىلىگەندە بۇ كىنو مەڭگۈلۈك كىنو بولىشى مۇمكىن …. مىھىر مۇھەببەتنىڭ ئىپادىلىنىشى ھەرخىل . كىشىلەرنىڭ چۈشىنىشىمۇ ھەرخىل . بۇ كىنونى بىر كۆرۈپ باقاي قىنى….

    جۇلالىق

    دېگىنىڭىزدەك ھەر بىر فىلىم ھەر بىر ئادەمگە باشقىچە چۈشەنچە ئاتا قىلىدۇ، بەلكىم بۇ فىلىمنى باشقىلار مەندەك چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن. مەيلى شۇ فىلىمنى قانداقلا چۈشۈنەيلى، ۋاقتىمىزنى سەرپ قىلىپ كۆرگەنگە چۇشلۇق ئازراق بولسىمۇ بىر نەرسىنى ھېس قىلالىساق شۇ ئەۋزەل.

  •   #6  

    razzak 2015-01-14 12:21

    مەزكۈر فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقىنى بىكىتىمىزدە ئىلان قىلغان ئىدۇق، قارىسام دوستلار ئۇلىنىشىدا بۇ بىكەتنى بايقاپ قالدىم ، مەزمۇنلىرىنى بىرقاتار ئارلاپ مەزمۇنىنىڭ موللىقىنى ھىسقىلىپ قالدىم ، بىكەت قۇرۇلمىسىمۇ ئىنتايىن رەتلىك ۋە سىپتا چىقىپتۇ ، بۇلۇپمۇ بىكەتنى ئىچىشى چىقىدىغان مۇزىكا ، مەن ياقتۇردىغان كورىيە فىلىمىنىڭ مۇزۇكىسى ئىكەن ، ماڭا باشقىچە ھۇزۇر ھىس قىلدۇردى ، شۇ تاپتا مۇزۇكىنى چۈشۈرۈپ يانفۇنۇمنىڭ چاقىرىش مۇزۇكىسى قىلۋالدىم ، ۋاقتىم بولسا پاتپات كىلىپ ئايلىنىپ چىقىپ كىتىمەن.

    جۇلالىق

    بلوگىمنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ سىزگە ھەر تەرەپتىن ياققانلىقىدىن خۇرسەن بولدۇم. ئۆزۈممۇ لىرىك مۇزىكىلارغا بەكلا ئامراق بولغاچقا بلوگقىمۇ ئامراق مۇزىكىلىرىمنى قويغانىدىم.
    ‏بلوگىمغا پات-پات كېلىپ تۇرۇشىڭىزنى قارشى ئالىمەن.

  •   #7  

    ئالىم 2015-02-22 06:32

    سالام، ئۇزۇن بوپتۇ كۆرمىدىم سىزنى

    جۇلالىق

    تىنچلىقمۇ، مەن بار، بلوگىمنى چۆرگىلەپ دېگەندەك.

  •   #8  

    مەلەك 2015-03-13 16:19

    مەن ياقتۇرىدىغان ئاۋاز،ياقتۇرىدىغان گەپ: سۆيۈملۈك خانىملار،ناشتا قىلىدىغان ۋاقىت بولدى،ئويغىنىڭلار،ئۇيقۇدىكى ساھىپجاماللار چاققان ناشتا قىلىڭلار…
    ..مەن كارىدوردا توۋلاپ بولغۇچە ھەتتا توۋلاشتىن بۇرۇن ئويغىنىپ بولىمەن. ياتاقتىكى قىزلار قوپمىسا بىر دىن بىرنى ئىسمىنى چاقىرىپ،جانىم،ئەمدى بولدى قوپامسەن، ھەممە ئادەم قوپۇپ بولدى تىز تۇر،مەنمۇ ئۇيقۇمغا قانمىدىم،مەنمۇ تۇرۇپ بولدۇمغۇ،بولدى نازلانما…دەپ بىر تالاي تاتلىق گەپ قىلىدۇ[呲牙]مۇئەللىملەر….
    نۆۋەتچى مۇئەلىملەر كۈندە ئالمىشىدۇ،ئەمما دەيدىغان گەپنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق تاتلىق،ئادەمنىڭ تېخىمۇ ئويغانغۇسى كەلمەيدۇ

    ئۆيدە ئاچام، ئانام قوپقۇزالماي جىلە بوپ تاس قالىتى سۇ چېچىۋەتكىلى، بۇيەردە ئەركىلەپ يېتىۋالىدىغانغا ھېچكىم بولمىغاندىكىن، ئورنۇمدىن ۋاششىدە قوپىمەنكى،بەزىدە قوپۇشۇمدىن،ئويغاتقىلى كىرگەن مۇئەللىم جېنىدا چۆچۈپ كېتىپ: ayyy دەيدۇ[呲牙](قورقۇتۇپ ئۆتۈمنى سۇغاردىڭ)

    بىر كۈنى،تاتلىق گەپنى مەنمۇ ئاڭلاپ باقاي دەپ، جىممىدە يېتىۋالغانىدىم، مۇئەلىم باشقىلارنى ئويغىتىپ، مېنىڭ كارۋىتىمنىڭ ئۇدۇلىغا كەپ: ، ئۇيغۇر خەدىچە سەنمۇ تۇرمىدىڭمۇ؟ بىلىمەن سەن چوقۇم ئويغاق،قوپ نۇمارا ياپماي دەيدۇ.شۇنىڭ بىلەن تامام خوجام دەپ ھىجاراپ قويۇپ قوپۇپ كېتىشكە مەجبۇر بولدۇم.
    Numara yapmak(ئۇستىلىق قىلىش،نۇمۇر ئورۇنلاش)
    ئۇيقۇدىكى ساھىنجامال دېگەن ماۋزۇغا قاراپلا بۇ ئىش ئېسىمگە كەپ قالدى….سۆزلەپ سالدىم دەرسكا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ….

    جۇلالىق

    سىڭلىم، ما ئىنكاسلارنى ئوقۇپ چۆچۈپ كەتتىميا؟! ناشتا قىلىدىغان ۋاقىتقىچە ئۇخلىمايدىغان بولغىيدىڭىز ھە؟
    سىزنىڭ مۇنۇ ئىنكاسىڭىزدىن سىز ياشاۋاتقان ئەشۇ قىسقىغىنە ھاياتنىڭ نەقەدەر كۆڭۈللۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. مەكتەپ ھاياتى شۇنچىلىك قىسقا، شۇنچىلىك كۆڭۈللۈك ھايات. گەرچە ئۆزۈمنىڭ مەكتەپ ھاياتى بەك قىسقا بولسىمۇ، مۇشۇنداق سۆزلەرنى ئوقۇغىنىمدا، شۇ مەنلىك چاغلارغا بىردەم بولسىمۇ قايتىپ باققۇم كېلىدۇ.
    سىڭلىمنىڭ خەتلىرىدە ئىملا دەھشەت چالىغۇ؟ ئەمدى ئاۋۇ يەرنىڭ تىلىنى ئۆگۈنۈۋېرىپ، بىزنىڭ يېزىقىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتامسىز؟ (چاخچاق ھە!)

  •   #9  

    مەلەك 2015-03-20 15:09

    ھەدە تېلىفۇندا ئۇيغۇرچىنى ئەپلەپ يېزىپ بولالماي،ئەپلەپ يازساممۇ گۈزەل شەكىلدە كۆرۈنمەيدۇ ئۇيغۇرچە،شۇڭا خاتالىقنى ھېس قىلالمايمەن.
    سىزگە ئىزدىنىشتا بىر پاتمان ئۇچۇر يازدىم قاراپ بېقىڭ ھە.
    ناشتا قىلدىغان ۋاقىتقىچە ئۇخلىمايمىز. سەھەر نامازدا تۇرغانچە،ئەتىگەنلىك مۇزاكىرە بار.ئۇندىن كېيىن بىر سائەت ۋاقىت بار…ئارام ئېلىش…ھەممىسى ئۇخلايدۇ.ئاندىن ناشتىلىق دەپ ئويغىتىدۇ…ھې ھې

    جۇلالىق

    ئىزدىنىشتىكى ئۇچۇرىڭىزغا مەنمۇ بىر پاتمان جاۋاب قايتۇرۇۋەتتىم ئوماق سىڭلىم، سىزنى بەكلا سېغىندىم.
    دەيمىنا ئەمدى، ناماز ۋاختىغىمۇ تۇرماي ئۇخلايدىغان چېغى دەپچۇ، ھاھاھا…. چاخچاق ھە!
    ئوقۇشىڭىزنىڭ تېخىمۇ كۆڭۈللۈك بولۇشنى تىن تىلەيمەن. جانىم، تىنچ-ئامانلىق سىزگە ھەر ۋاقىت ھەمراھ بولغاي!

  •   #10  

    ئاقنۇر 2015-05-03 05:39

    ئىسمىڭىزنى مەلەك دېدىڭىزما!؟ مەن سىزنىڭ تۈزگەن 500 جۈملە دېگەن كىتابىڭىزنى ئوقۇغانتىم ..سىزگە رەھمەت