خاتىرەمنى يوقاتقۇم بار

تەپەككۇر تامچىلىرى 2014-12-29 22:31 1,771 22

خاتىرەمنى يوقاتقۇم بار

xatire

كىچىك ۋاقىتلىرىمدا تېلېۋىزورلاردا بىرەرسىنى ماشىنا سوقۇۋېتىپ ياكى بىرەر ھادىسىگە ئۇچراپ ۋاقىتلىق ياكى مەڭگۈلۈك خاتىرىسىنى يوقاتقان كۆرۈنۈشلەرنى تولا كۆرەتتىم، نېمىشقىدۇر بۇنداق خاتىرىسىنى يوقىتىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەستەك، بۇ كىنودىكى رېئاللىققا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان كۆرۈنۈشتەك بىلىنەتتى.

مانا ھازىر چوڭ بولدۇم، كىنودىكى نۇرغۇن كۆرۈنۈشلەرنىڭ رېئاللىقتىكى ئىشلارغا ئاساسەن ئىشلىنىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتتىم. ھەمدە خاتىرىسىنى يوقىتىشنىڭ ئەمەلىيەتتە بولىدىغانلىقىنى ئەتراپىمدىمۇ ئۇچراتتىم.

نېمىشقىدۇر مۇشۇ كۈنلەردە شۇنداق بىر خىياللارنى قىلىدىغان بولۇپ قالدىم، يەنى بىرەر ھادىسىگە ئۇچرىمايلا، بۇرۇنقى، كونا ئەسلىمىلەرنى، مەيلى خۇشاللىنارلىق ئىشلار بولسۇن ۋە ياكى كۆڭۈلسىز ئىشلار بولسۇن ھەممىنى بىراقلا خاتىرەمدىن يوقىتىپ، يېڭىچە بىر قەلب، يېڭىچە بىر خاتىرىدە ياشىغۇم بار.

نېمىشقا بۇنداق ئەمەلگە ئاشمايدىغان قۇرۇق خىياللارنى تولا قىلىدىغاندىمەن، بۇنى ئۆزۈممۇ ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيمەن. بەلكىم، ئەتراپىمدىكى تۈرلۈك-تۈمەن ئىشلاردىن بېسىم ھېس قىلغاندىمەن، زېرىككەندىمەن. سەن باشقىلار ئۈچۈن كېچە-كېچىلەپ ئۇيقۇسىز قېلىپ، ئاھ ئۇرۇپ غەم تارتىپ يۈرۈيدىكەنسەن، ئۇلار بولسا يەنىلا ئۆز يولىدا بەخىرامان كېتىۋېرىدىكەن. شۇنداق چاغلاردا ئۆزۈڭنى باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارتۇقچە ئارلىشىدىغان بىر ئاتىكاچىدەك ھېس قىلىدىكەنسەن. خەقنىڭ ئىشى بىلەن سېنىڭ نېمە كارىڭ، ئۆزۈڭنىڭ ئىشىنى قىل! دەپ، ئۆز-ئۆزۈڭگە ئاچچىقلانغۇڭ كېلىدىكەن، بىراق، سېنىڭ مۇشۇ خۇي-پەيلىڭلا بولىدىكەن، ئەتراپىڭدىكىلەرنىڭ ئازاپلىنىشىنى، ئۇلارنىڭ دەرت تارتىشىنى ھەرگىز خالىمايسەن. ھېچ ئىش بولمىغاندەك بىر چەتتە قاراپ تۇرالمايسەن. ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولغۇڭ كېىلىدۇ، قولۇڭدىن كەلسە، ھەممە ئىشلارنى بىر كۈندىلا ئۆزگەرتىپ بارچە كىشىلەرنى ئازاپتىن خالاس قىلغۇڭ كېلىدۇ. لېكىن، بۇ بىر ئارزۇلا خالاس. سېنىڭمۇ قۇدرىتىڭ چەكلىك. ئۆزۈڭگە بېرىلگەن ئىقتىداردىن نېرىسىغا ئۆتەلمەيسەن.

سەن بىر ئاددىي ئىنسان. ئۆزۈڭنىڭ قۇدرىتى يېتىدىغان ئىشلارنى قىلىپ ياشاپ باق. بەلكىم، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئارزۇ قىلغان شۇ خىياللىرىڭ ئەمەلگە ئېشىپ قېلىشى مۇمكىن.

مېنىڭ يەنىلا خاتىرەمنى يوقاتقۇم بار. ھەممىنى كەينىمگە تاشلاپ، بارچە قارا تۇمانلارنى كەينىمدە قالدۇرۇپ، قۇياشنىڭ ھارارەتلىك نۇرى تەرەپكە يول ئالغۇم بار…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 22 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    مەلەك 2015-01-04 02:56

    مېنىڭمۇ ئىلگىرىكى خاتىرەمنى يوقاتقۇم بار. ھازىرقى خاتىرەمنىڭ مەڭگۈ ياخشى بولىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن.
    بۇ يەرنى سېغىندىم. يازمىڭىزنى سېغىندىم ھەدە.

    جۇلالىق

    مەن تېخى سىزنى بۇ يەرنى ئۇنتۇپ قالدىمىكىن دېگەنىدىم، ھەر نېمە بولسا ئۇنتۇپ قالماپسىز ئەزىزىم. سىز كۆرمىگەن يازمىلار جىق. ۋاقىت چىقىرىپ كۆرۈپ بېقىڭ.

  •   #2  

    ھايات 2015-01-05 06:54

    ئادەمنىڭ بىشىغا ھەر تۈرلۈك ئىشلار كىلدىكەن ، بەزىسىگە كۈچىمىز يەتسە بەزىسىگە چىشىمىشنى چىشلەپ قاراپ تۇردىكەنمىز .
    بۇ ھايات مۇشۇنچىلىككەن …
    بىر ئىغىز سۈزىمىز بۇلدىغان ‹‹ ھەممىسى ئۈتۈپ كىتىدۇ ›› بۇ بەلكىم راس ئىيتىلغان سۆز بۇلىشى مۇمكىن .

    جۇلالىق

    ‏سىز دېگەندەك ھەممە ئىشلار ئاسانلا ئۆتۈپ كەتكەن بولسا ھە! لېكىن رېئاللىققا تەن بەرمەي نە چارە!؟

  •   #3  

    سالىھ بەگ 2015-01-06 00:03

    بەزىدە جاھان بەك رەزىل ياكى بەك زىرىكىشلىك بولغاندا ئادەم خاتىرىلىرىنى يوقاتقۇسى كەپ قالىدىكەن . بۇ روھىمىزدىكى بىر زەئىپلىكمىكى دەيمەن . چۈنكى روھنىڭ ئوزۇقى بولغان ناماز ئىبادەتلەرنى قىلساق ، نى ئەسكە ئالساق بۇ خىياللىرىمىزدىن يىرگىنىمىىزكەن . شۇڭا يەنىلا خاتىرەم جايىدا تۇرغىنى ياخشىمىكى دەيمەن…

    جۇلالىق

    دېگىنىڭىزدەك تۇرمۇشتىن ئۈمۈدسىزلەنگەندە نى ئەسلەپ ناماز ئىبادەتلەر بىلەن مەشغۇل بولساق قالايمىقان خىياللاردىن يىراق بولىمىزكەن. ئىنسان بەكلا ئاجىز بولغاچقىمۇ بەزىدە ئادەمنىڭ خىيالىغا شۇنداق ئويلار كېلىپ قالىدىكەن.

  •   #4  

    تۇرمۇش 2015-01-11 10:14

    خاتىرىڭىزنى يوقاتماڭ، بەرىبىر باشقىلار تىپىۋېلىپ يەنە ئۆزىڭىزگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ.

    http://turmux.net/forum.php?mod=viewthread&tid=234

    جۇلالىق

    مېنىڭ خاتىرەم باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، ئاسانلىقچە تېپىۋالالماسلىقى مۇمكىن.

  •   #5  

    سالىھ بەگ 2015-01-16 07:54

    ئادەمنىڭ خاتىرىسىنى كۆرگىلى بولىدىغان بولسا كاللىڭىزنى ئىچىپ كۆرۈپ باقسام دەيمەن جۇمۇ . (سەت ھىجايغان چىراي ئىپادىسى)

    جۇلالىق

    مېنىڭ خاتىرەمنى كۆرسىڭىز چۆچۈپ كېتىسىز بەلكىم، مەن بەك جىق ئىشلارنى خاتىرەمدە ساقلىۋالغان.

  •   #6  

    روشەنگۈل 2015-01-19 09:48

    سالام

    جۇلالىق

    تىنچلىقمۇ

  •   #7  

    سالىھ بەگ 2015-02-10 03:08

    قارىغاندا تۇرمۇشىڭىز ئەگرى توقايلىققا تولغان بىر تۇرمۇش ئوخشايدۇ . شۇنداق تۇرمۇش كىشىنى ئىرادىلىك قەيسەر قىلىدۇ . ئۇنتۇلۇشقا بولمىغۇدەك ئاچچىق ساۋاقلار ئادەمنى قەيسەر قىلسا ئۇلارنىڭ ئاچچىق ھەسرەتلىرى ئۇنتۇشقا ئۇندەيدۇ . لىكىن مەن دۇنيادا ئۇنتۇشنى ئۇنداق ئاسان ئىش دەپ قارىمەيمەن ئ خۇددىي قارنىڭ تىگىدە قالغان مايسىدەك كىيىن كۆكلەپ چىقىشى مۇمكىن . گەپ ئىنساننىڭ شۇنداق خاتىرىدىن زوق ۋە ئىرادىنى تاۋلاپ چىقىشى

    جۇلالىق

    دېگىنىڭىزدەك، بۇنداق تۇرمۇش ئادەمنى تاۋلايدىكەن. بېشىڭغا ھەرقانداق ئېغىر كۈن كەلسىمۇ بەرداشلىق بېرەلىگىدەك جاسارەتلىك بولۇپ كېتىدىكەنسەن.
    ئاچچىق ئەسلىمىلەرنى ئۇنتۇش بەكلا قىيىن بولسىمۇ، ئۇنتۇشقا تېگىشلىكىنى ئۇنۇتماي بولمايدىكەن.

  •   #8  

    ھايات 2015-02-13 02:28

    بىر گەپ بولدىغان ھاياتنىڭ پەيزى ئەگرى تۇقايلىقتا …
    بەلكىم بۇ راس ئىيتىلغان سۈز بولشى مۇمكىن .

    جۇلالىق

    ھايات ئەگرى-توقايلا بولسىغۇ مەيلىدى، داۋانلار بەكلا ئېگىز…

  •   #9  

    رىشتە 2015-02-18 00:55

    تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن تارتىپ ھازىرغىچە خېلى كۆپ كىشىلەردىن خاتىرىسىنى يوقاتقۇسى بارلىقىنى ئاڭلاپ كەپتىمەن. ھازىرغىچە نېمىشقا ئۇلارنىڭ ( سىزنىڭمۇ ھەم،، ھى..ھى..) بۇنداق ئويدا بولىدىغانلىقىنى چۈشىنەلمەي كەلگەن بولساممۇ، لېكىن نۇرغۇنلىغان سەۋەبى بارغۇ دەپ ئويلاپ كەلدىم. راست گەپ قىلسام، ھەر قېتىم مۇشۇ ئەسلىمىنى يوقۇتۇش دېگەن گەپنى ئاڭلىسام تۇرۇپلا، قىيامەت يىقىنلاشقانسىرى « كاشكى مۇشۇ قەبرىدىكى كىشى مەن بوپ قالسامچۇ » دەپ ئۈمۈد قىلىدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ قالىدۇ دېگەن گەپ ئىسىمدىن كىچىدۇ.
    « ھەقىقەتەن قەلىبلەر ئىگىمىزنى ئەسلەش بىلەن ئارام تاپىدۇ. »

    ئۇزاق بوپتىكەن، بلوگىڭىزغا ئۆتۈپ باقمىغىلى. يازمىلىرىڭىزنى ياقتۇرىمەن.

    جۇلالىق

    بەلكىم، قىيىن كۈنلەر، ئېغىر سىناقلارغا كۆپ ئۇچراۋەرگەچكە، ئادەمدە شۇنداق خىياللار پەيدا بولىدىغان ئوخشايدۇ.
    ئېيىتقىنىڭىزدەك، قەلىب نى ئەسلەش بىلەن تىنىچلانغۇسى!

  •   #10  

    ئالىم 2015-02-22 06:35

    ئۇزۇن بولدى كۆرۈنمەپتىڭىز،ئەسلى بۇ يەرگە بېكىنۋاپتىكەنسىز ھە،مەن تەرەپكىمۇ ئۆتۈپ قويارسىز،

    جۇلالىق

    سىز تەرەپلەرگىۇ چوقۇم ئۆتىمەن.

  •   #11  

    جۇلالىق 2015-02-27 10:12

    ئېغىر كۈنلەر ھەر قېتىم بېشمىزغا كەلگەندە قەددىمىزنى تېخىمۇ تىك تۇتۇپ ياشاشنى ئۆگىنىدىكەنمىز. كېيىن قانچىلىك قىيىن سىناقلارغا ئۇچرىمايلى، بېشىمىز ھەرگىز ئېگىلىپ قالمايدىكەن.

  •   #12  

    جۇلالىق 2015-03-14 23:10

    تىنچلىقمۇ، پىكىرداش، قەلبداش سىڭلىم.
    يېڭى يازمىلىرىمدا دائىم سىزنىڭ ئىنكاسلىرىڭىزنى كۆرۈپ تۇراتتىم، بۇندىن كېيىن داۋاملىق كىرىپ تۇرۇڭ.
    دېگىنىڭىزدەك، شۇ ئازاپلىق كۈنلەر بىزگە خۇشال كۈنلەرنى قانداق قەدىرلەشنى، ھاياتقا قانداق كۈلۈپ بېقىشنى ئۆگۈتىدىكەن، قىسقىسى، چەكلىك بۇ ھاياتتا ئەنە شۇنداق تاۋلىنىپ ياشايدىكەنمىز.