قار ياققان ئەشۇ كۈنلەردە

تەپەككۇر تامچىلىرى 2015-02-27 10:40 1,599 8

قار ياققان ئەشۇ كۈنلەردە

qar

ئەتىياز كىرىشىگىلا نېمىشقىدۇر بىر خىل غېرىپلىق بېسىپ قالدى، كۈز بىلەن ئەتىياز مەزگىللىرىدە سەندىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان يېقىنلىرىڭنى باشقىچە سېغىنىپ قالىدىكەنسەن. دەل-دەرەخلەرنىڭ بىخ چىقىرىشقا باشلىغانلىقىنى كۆرۈپ، بىزدىن ئايرىلغىلى بەكلا ئۇزاق بولغان دادامنىڭ قىش كۈنلىرىدىكى سىمالىرىنى ئەسلەپ قالدىم.

قېلىن قار ياققان كۈنلىرى، دادام ئۇزۇن پاختىلىق چاپىنىنى كىيىپ، بېشىغا قاما تەلپىكىنى چۆكۈرۈپ كىيگىنىچە، خۇرۇم مەسە كالىچىدا قېلىن قارلارنى گۈسۈلدىتىپ دەسسەپ، سەھەردە ناشتىمۇ قىلماستىن ئېغىلدىكى ماللارنى بېقىشقا چىقىپ كېتەتتى. دادام رەھمىتى دەيدىغان، ھايۋاننىڭ تىلى يوق، ئۇنى ئاچ ئۇسسۇز قويساق قىيامەت كۈنى بۇنىڭ جازاسىنى تارتىپ قالىمىز. مەيلى قانداقلا ھايۋان بولمىسۇن ئۇنى ئاچ قويۇپ، ئۇرۇپ-سوقۇپ قىينىماڭلار دەپ بىزگە تەربىيە قىلاتتى. بىر مەھەل ئۆتكەندىن كېيىن دادامنىڭ چاپانلىرى پاسالارنىڭ توپىلىرى ھەم قار بىلەن قوشۇلۇپ ئۇ يەر بۇ يەرلىرى لاي ھالدا ئۆيگە يېنىپ كىرەتتىدە، كىرىپ قاردا نەم بولۇپ قالغان مەسە-كالاچلىرىنى مەشنىڭ ئالدىغا سېلىپ قويۇپ، كىگىز پايپاقلىرىنى مەشنىڭ يېنىغا قاقلاپ قوياتتى. ئېسىمگە كەلسەم، دادام ئاق يۇڭدا ئېتىلگەن كىگىز پايپاق كىيىدىكەن. ئۇ چاغلاردا ھازىرقىدەك كىيىم-كېچەك كەڭرى بولمىغاچ، ھەممە ئادەم شۇنداق پايپاقلارنى كىيەتتىكەن. دادامنىڭ قېلىن بۇ پايپىقى يىرتىلىپ كەتسە ئانامغا جاپا ئىدى، بۇنداق كىگىز پايپاقنى يامىماق خېلى تەس بولغاچ، ئانام پايپاقنى ياماش جەريانىدا يىڭنىنى قوللىرىغا نەچچە سانچىپ ئاندىن ياماپ بېرەتتى. لېكىن، ئانامنىڭ دادامنىڭ پايپىقىنى ياماۋېتىپ بىرەر قېتىم غۇدىراپ باققىنىنى بىلمەيمەن.

قىش كىرسىلا ئانام كۈندە دېگۈدەك بىر پارچە گۆشنى قازانغا چامغۇر بىلەن تاشلاپ ھەممىمىزگە زاغرا چىلاپ ئۈستىگە ئېلىپ بېرەتتى. قازانغا گۆشنىڭ شورپىسى بەك چىقمىسىمۇ ئانچە-مۇنچە تەمى چىقاتتى. شۇ ۋاقىتتا چامغۇر بىلەن زاغرا شۇنچىلىك تەملىك تېتىيىتتى. ئەلۋەتتە، ئۇ چاغدا گۆشمۇ ئەتىۋار، بۇنداق گۆش بىلەن چامغۇر يەيدىغان ۋاقىتلىرىمىز ئېغىلدىكى بىرەر قوينى ئۆلتۈرگەن ۋاقىتلاردا بولاتتى. دادام ياز كۈنلىرى قوينىڭ قوزىلىرىدىن بىرنى قىشتا يېيىشكە ئاتاپ بوردايىتتى. ئايدا بىرەر قېتىم دادام بازارغا كىرگەن ۋاقىتلىرىدا، ھەممىمىزگە بىردىن تاۋا كاۋىپى ئالغاچ چىقاتتى. كەچلىكى ھەممەيلەن قاتار ئولتۇرۇپ مەززە قىلىپ يېيىشىپ كېتەتتۇق. دادام بىلەن ئانام بىزنىڭ شۇنچە ھوزۇرلىنىپ يەۋاتقىنىمىزغا قاراپ ئولتۇراتتى. بىز سىلەرمۇ يېمەمسىلەر؟ دەپ سورىساق، بىز بايا سىلەر يوق چاغدا يەپ بولغان دەپ جاۋاب بېرەتتى. ھازىر ئويلاپ باقسام شۇ چاغلاردا دادام بىلەن ئانام ئۆزى يېمەي بىزگە يېگۈزۈپتىكەن. ھېلىھەم ئانامنىڭ قېشىغا بارسام يېنىدا بار ياخشى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىزگىلا يېگۈزىدۇ.

چوڭ بولۇپ ئاتا-ئانا بولغاندا، ئاتا-ئانىمىزنىڭ قەدرىگە شۇنچىلىك يېتىدىكەنمىز، لېكىن، يەنىلا ئاتا-ئانىمىز ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تارتقان جاپاسىنىڭ بىرنىمۇ قايتۇرغىدەك ئىش قىلىپ بېرەلمەيدىكەنمىز. ئىنسان مانا مۇشۇنداق ياشاپ ئۆتۈپ كېتىدىكەن.

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 8 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    ھايات 2015-03-06 02:25

    يازمىڭىزنى ئۇقۇپ مىنىڭمۇ شۇ ئىشلارغا شاھىت بولغان چاغلىرىم ئىسىمگە كىلىپ ،بىزنىڭ ھازىرقى كۈنلىرىمىزگە شۈكرى دىدىم …

    جۇلالىق

    ھازىرقى كۈنلىرىمىز شۇنچە باياشات، لېكىن يەنىلا شۇ غەمسىز چاغلارنى سېغىنىدىكەنمىز.

  •   #2  

    سالىھ بەگ 2015-03-07 10:00

    ئاتا ئانىمىزنىڭ شۇ بىز كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدىكى شۇ ئىشلىرىنى ئويلىساق ھەقىقەتەن كۆزدىن ياش ئەگىيدۇ . تاماق يىگەندە مەن جىق يەۋاپتىمەن .تويۇپ كەتتىم . بۇ نەرسىلەر ماڭا زىيان قىلىدىكەن . دىگەندەك گەپلىرىنى بىلمەيدىكەنمىز . بىلگەن چاغدا بولسا قانداق جاۋاپ قايتۇرۇش بىلەن ئاۋارە بولۇپ ئۇلارنى ئۈزۈتۈپ يەنە شۇ بالا دەردى بىلەن بولىدىكەنمىز . لىكىن ئاتا ئانىغا قىلغان ياخشىلىقنى بالىدىن كۆرىدىغان شۇنداق بىر ئۆزگەرمەس تەقدىر ئارقىلىق كىشىلەرگە ساۋاق ئاتا قىلغانكەن . ھەي ئاتا ئانىنىڭ شۇ كۆيىنىشلىرى شۇ مىھرىبانلىقىغا قانداقلا قىلساق جاۋاپ قايتۇرۇپ بولالمايمىزكى دەيمەن .تىلەيدىغىمىزجاۋاپ قايتۇرۇپ رازىلىق ئىلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنى بىزدىن ئايرىمىغايلا . تىنىنى ساق سالامەت قىلغايلا…

    جۇلالىق

    ئاتا-ئانىمىزغا شۇنچە ئىشلارنى قىلىپ بەرگىمىز باريۇ، ئەنە قىلىمەن، مانا قىلىمەن دەپلا ئۆتكۈزۈۋېتىكەنمىز. ئۇلاردىن ئايرىلىپ قالغاندا پۇشايماننى ئالىدىغانغا قاچا يوق. ئۇلار ھايات ۋاقتىدا قىلىپ بەرگىمىز بارنى قىلىۋېلىشقا ئۇ پۇرسەتلەر بەرسۇن!

  •   #3  

    ئويلان 2015-03-07 21:32

    شۇناەق ياخشى يازمىلارنى يېزىپسىز، قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ئاتا ئانىمىزنىڭ ئاشۇ كۈيۈنىشلىرىنى ھەر ئەسلىسەك كۆزلەردىن ياش ئەرگىيدۇ مەن قانداق جاۋاپ قايتۇرالىدىم دىگەننى ئويلىساقلا مەڭدەپ تۇرۇپلا قالىمىز بۇرۇن ئانام لەغمەن ئەتسە باشقا تاماق ئىتەلمەمسىز يىمەيمە ئۈزىڭىز يەڭ دەپ قۇپاللىق قىلغان ئىدىم مۇشۇ كۈنلەردە سىرتلاردا يۈرۈپ ئەمدى يەتتىم شۇ لەغمەننىڭ قەدرىگە ئانام ئەتكەن لەمەنى شۇنداق سېغىندىم ،،،،،،،،،،،،،،بارچە ئانىلارغا سالامەتچىلىك تىلەيمەن

    جۇلالىق

    يازمىلىرىم سىزگە يارىغان بولسىلا، مەن شۇنىڭدىن خۇش.
    بىر ئۆمۈر ئاتا-ئانىمىزنىڭ ئايىغىدا پايپېتەك بولۇپ خىزمىتىنى قىلساقمۇ، ئۇلارنىڭ بىز ئۈچۈن سىڭدۈرگەن بىر كۈنلۈك ئەجرىگە جاۋاب قايتۇرالمايدىكەنمىز.

  •   #4  

    تىۋىش 2015-03-08 23:08

    راست دەيسىز. ئۇلارنىڭ تارتقان جاپاسى ئالدىدا بىزنىڭ ئۇلار ئۈچۈن قىلىپ بېرەلەيدىغىنىمىز ناھايىتى كىچىك، مىسالى دېڭىزدىكى بىر تامچە سۇ ئىكەن. ئەمما ئاتا-ئانا بولغۇچى پەرزەنىتلىرىنىڭ ئاشۇ كىچىككىنە ئىشلىرى ئۈچۈن ئالەمچە خۇشال بولىدىكەن.

    ئاتا-ئانلىرىمىزنىڭ تەنلىرى سالامەت، كۈنلىرى ئاسايىشلىق بولسۇن!

    جۇلالىق

    ئاتا-ئانىمىزغا بەك چوڭ سوۋغاتلارنى بېرەلمىسەكمۇ، ئۇلارغا خۇشال تەبەسسۇم بىلەن ئىللىق كۈلۈپ باققان ۋاقتىمىزدا، ئۇلارنىڭ چىرايىدىكى خۇشاللىققا ھېچنەرسە توغرا كەلمەيدۇ.