يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەك

تەپەككۇر تامچىلىرى 2015-03-30 04:40 2,071 2

يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەك

leglek

مانا ھەش-پەش دېگۈچە 2015-يىلى كىرە-كىرمەيلا باھار پەسلىنىڭ ئاخىرقى ئېيىمۇ كەپ قالدى. تەكلىماكاننىڭ باغرىدىكى بىزنىڭ بۇ يۇرتنىڭ باھار پەسلى باشقا يۇرتلارنىڭكىدىن بەكلا پەرىقلىق. كۆپىنچە كۈنلەرنى چاڭ-توزانلار بىلەن كۈتۈۋالىمىز. بۈگۈنمۇ ھاۋا بەكلا ناچار. بۇلۇتلار ئۆزىگە قۇم-بورانلارنى سۈمۈرۈپلىۋالغاندەكلا بەك دۇغا، قارىغان ئادەمگە ھۇزۇر ئەمەس كۆڭۈل غەشلىكى ئاتا قىلاتتى.

ئۆيدە ئولتۇرۇۋېرىپ، ئىچىم سىقىلىپ، قايسى كۈنى ئاتايىن سېتىۋالغان لەگلەكنى ئالغىنىمچە ھاۋانىڭ ناچارلىقىغا قارىماي ماڭدىم. كوچىدا بىردەم مېڭىۋېدىم، خۇددى مەن لەگلەك ئۇچۇرسام بولمايدىغاندەك ھەممە ئادەم ماڭا قارىشىۋاتاتتى. بۇرۇقتۇمچىلىقتىن زېرىكىپ بىردەم لەگلەك ئۇچۇراي دەپ چىقسام ما كىشلەر نېمە مەن بىلەنلا قالىدۇ، باشقىلار لەگلەك ئۇچۇرسا بولىدىغان، مەن ئۇچۇرسام بولمايدىغان بىر قائىدە بارمىكەن؟ دەپ غۇدىرىدىم ئىچىمدە، ئازادىرەك بىرەر يەردە لەگلەك ئۇچۇرۇشنى پىلانلاپ ماڭدىم. نەدە ئۇچۇرسام بولار؟ لەگلەكلنى شەھەرنىڭ قىستاڭچىلىقلىرىدا ئۇچۇرغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە، بارچە ئادەملەر خەلق مەيدانى ئازادە بولغاندىكىن شۇ يەردە ئۇچۇرىدىكەن. مەنمۇ شۇ يەردە ئۇچۇراي. خەلق مەيدانى تەرەپكە ماڭدىم. بىر نەچچە قەدەم ئېلىپلا توختاپ قالدىم. نېمىشقىدۇر ئۇ يەرگە بېرىشقا رايىم بارمىدى. بەلكىم ئادەم كۆپ يەرگە بېرىشنى خالىمىغاندىمەن. بۇرۇندىن بىر ئەسكى مىجەزىم بار. باشقىلار قىلغاننى قىلغۇم كەلمەيدىغان، بۇ مىجەزىم ماڭا نۇرغۇن قېتىم كۆڭۈل ئاغرىقلىرىنى تېپىپ بەرگەن بولسىمۇ ئەسكى خۇيۇمنى تاشلىيالمىدىم. خىياللار ئىلكىدە شەھەرنىڭ سىرتىدىن ئازادىرەك بىر يەرنى تېپىپ لەگلەكنى ئاسمانغا قويۇۋەتتىم. لەگلەكنى ئۇچۇرۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، لەگلەك سەل كۆتۈرۈلىۋالسىغۇ ئۇچۇپ كەتكىنى شۇ، بولمىسا يەرگە تولا چۈشۈپ ئادەمنى جىلە قىلىۋېتىدۇ. ھازىرقى لەگلەكلەر سۇلياۋدا ياسالغاچقا يەرگە چۈشكەندە لەگلەكنىڭ ئۈچى چۈشسىمۇ ھېچ نەرسە بولمايدىكەن، كىچىك ۋاقىتلىرىمدا ئاكام لەگلەكنى گېزىتتە ياسايىتتى، لەگلەكنى ئاسمانغا قويۇپ بېرىپ ئۇچۇرالماي قېلىپ چۈشۈپ كەتسە، بىرەر ئىككى قېتىمدا بىر نەرسە بولمايىتتى، بەك كۆپ چۈشۈپ كەتسە لەگلەكنىڭ ئۇچىدىكى گېزىت يىرتىلىپ كېتىپ، تايىقى چىقىپ كېتەتتىدە لەگلەك بۇزۇلاتتى. ھازىر لەگلەكنى ئۆزۈڭ ياسىمىغاندىكىن ئۇنداق جاپالار بولمايدىكەن. لېكىن ئەشۇ جاپالار بىلەن ياساپ ئۇچۇرغان لەگلەكلەرنىڭ ھوزۇرى باشقىچە ئىدى. گەرچە ئۆزۈم لەگلەك ياسىيالمىساممۇ ئاكامنىڭ لەگلەك ياسىغىنىنى كۆرۈشكە بەكلا ئامراق ئىدىم.

لەرزان شامالغا قويۇۋەتكەن لەگلىكىم تۇنجى قېتىمدا ئۇچالماي مەغلۇپ بولدى. ئاكامنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ يۈرۈپ لەگلەكنى قانداق ئۇچۇرۇشنىڭ ئېپىنى خېلى ئوبدان ئۆگۈنىۋالغانىدىم، ئىككىنچى قېتىمدا لەگلەك ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. لەگلەك مەن يىپنى تارتقانسېرى كەينىگە داجىپ تېخىمۇ ئېگىز كۆتۈرۈلمەكتە، ئىككى تەرىپىگە ئىغاڭلاپ ئۇچۇۋاتقان لەگلەككە قاراپ، كىچىك ۋاقىتلىرىمدىكى سەبىيلەرچە خىياللار قاينىمىغا چۆكۈپ كەتتىم. ئۇ ۋاقىتلاردا كىنو، كارتونلاردىكى ئۇچۇۋاتقان خاسىيەتلىك ئادەملەرگە قاراپ شۇنداق تاتلىق خىياللارنى قىلاتتىم. مېنىڭمۇ ئەشۇ خاسىيەتلىك ئادەملەردەك كۆكتە پەرۋاز قىلغۇم، قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم قىلىپ ھەممە ھەۋەس قىلىدىغان قەھرىمانغا ئايلانغۇم كېلەتتى. ئۇ چاغلاردا بىزنىڭ ئۈستىمىزدە ھاياتنىڭ ئېغىر يۈكلىرى يوق ئىدى، بەخىرامان تاتلىق خىياللارنى قىلىپ ياشايتتۇق. مانا چوڭ بولدۇق، ھايات بىزنى قايناملىرىدا توختىماي چۆرگىلىتىۋاتىدۇ. بۇ قاينامدا گاھ چۆكۈپ، گاھ لەيلەپ دېگۈدەك قىرغاققا يېقىنلىشىش ئۈچۈن توختىماي تىرىشىۋاتىمىز. بەزىدە قاينامغا چۆكۈپ كەتسەك، سۇلار ئۆپكىمىزگە كىرىپ كېتىپ قاتتىق يۆتىلىپ سۇنى چىقىرۋېتىمىزيۇ، لېكىن بىر يەرلەردە يەنىلا ئاغرىۋاتقان ئىزنالار قالىدۇ. بەزىدە بۇ قاينامغا تۇنجۇقۇپ قالغىدەك دەرىجىدە چۆكۈپ كېتىمىز. لېكىن، بىزگە مۆجىزىلىك ئاتا قىلىنغان بۇ جان ئۈچۈن يەنىلا ھايات قېلىشقا تىرىشىمىز.

تۇيۇقسىز شامالنىڭ كۈچىيىشى ۋە لەگلەكنىڭ يىپىنىڭ چىڭىشى مېنى خىياللار ئىلكىدىن قايتۇرۇپ كەلدى. لەگلەك تېخىمۇ ئېگىزگە ئۆرلىمەكتە، ئۇنىڭ يىپىنى مەن چىڭىتىپ تارتماقتىمەن. لەگلەكنىڭ يىپنى ئۈزۈۋېتىپ يىراقلار ئۇچقۇسى باردەكلا، يىپنى تارتىپ كەينىگە داجىماقتا. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ يىپتىن ئايرىلىپ قالسا بەك ئۇزاققا بەرداشلىق بېرەلمەي يەرگە چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى ۋە ياكى بىرەر دەرەخكە ئىلىنىپ قالىدىغانلىقىنى بىلەمدىغاندۇ؟ بەلكىم بىلىدۇ، بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئەركىن بىر ئۈزۈپ باققۇسى كېلىۋاتىدۇ. ئۆز تىزگىنىنى ئۆزى باشقۇرۇپ باققۇسى كېلىۋاتىدۇ.

لەگلەكنىڭ يىپىنى ئۈزۈۋەتتىم، ئۇنى ئاسماندا ئۆز ئەركىدە ئۇچسۇن دەپ قويۇۋەتتىم. قۇدرىتىم يەتسىدى مېنىڭمۇ ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئەشۇ لەگلەكچىلىك بارچە كۆڭۈلسىزلىكلەرنى كەينىمگە تاشلاپ بىردەم بولسىمۇ ئەركىن ئۈزۈۋالغۇم بار.

ئۇچقىن لەگلىكىم، بەلكىم بىرەر سائەت مۇشۇنداق ئۇچالارسەن ۋە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ قىسقا، بىراق مۇشۇنچىلىك ئۇچالىغىنىڭنىڭ ئۆزى سەن ئۈچۈن ئەڭ زور بەخىت…

كۆڭلۈم غەش ھالدا ئۆيگە قايتىۋاتىمەن، كەينىمگە قايرىلىپ قارىدىم، لەگەلەك تېخىمۇ ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ ئۇچۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ قارىسى بارا-بارا يوقاپ كەتتى. مەن ئېغىر قەدەملىرىم بىلەن مەنزىلىم تەرەپكە قايتماقتىمەن…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 2 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    سالىھ بەگ 2015-04-06 01:10

    بۇرۇنلىرى ئاكىلىرىمىز تاغىرىلىرىمىز لەگلەك ياساپ بەرسە بىزمۇ ئۈگۈنۈپ قومۈش تالانىڭ ئىنچىكە تالالىرىنى تپىپ قەغەزدە ياسايتتۇق . كىيىن تەييا ياغاچ چىقتى بىردەمدە قەغەز تەييا قىلساق يىلىممۇ بار لەگلەك ياساش ئاسانلىشىپ كەتتى . كىيىن تەييالىرى چىققىلى تۇردى . لىكىن بىزدىكى قىزغىنلىق بارا بارا سۇسلاپ كەتتى . ھەر ئىشنى جاپا تارتىپ قىلىپ ئاندىن ئۇنىڭدىن پايدىلانسا ئادەمگە بۆلەكچە ھوزۇر بولىدىكەن دىسە ، شۇڭا مەن شۇ جاپانى تارتىشقا ئامراق ئىدىم . لىكىن چوڭ بولدۇق…نۇرغۇن ئىشلار كەينىمىزدە قالدى . بىز نىمىلەرنى قوغلاپ كىتىپ بارىمىزكىنتاڭ …

    جۇلالىق

    بالىلىرىمىز تەييارغا كۆنۈپ كەتتى، ئۆزى ئەقىل ئىشلىتىتىدغان ئويۇنلارنىڭ ھەممىسى تەييارلا، بۇندىن كېيىن نېمە كۈنلەرنى كۆرىمىزكىن ئەمدى.