مۇزلىغان يۈرەك

تەپەككۇر تامچىلىرى 2015-04-30 06:43 2,295 8

مۇزلىغان يۈرەك

yurek

ھاۋا بارغانسېرى ئىللىۋاتىدۇ، ھاۋا شۇنچە ئىللىغانسېرى مەن مۇزلاۋاتىمەن، ياق، مەن ئەمەس يۈرىكىم مۇزلاۋاتىدۇ، يۈرىكىمنى ئىللىتىش ئۈچۈن قەيەردە ئىسسىق بولسا شۇ يەرنى ئىزدەۋاتىمەن، مەن يۈرىكىمنى ئىللىتىماقچى بولغانسېرى، يۈرىكىم ئاستا-ئاستا ھېچنەرسىنى سەزمەس بوپ قېلىۋاتىدۇ.

يۈرىكىم قاچاندىن بېرى بۇنداق سوغۇق مۇزلايدىغان بوپ قالدى، ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. ئىنسان بەدىنىدە ئەڭ ئىسسىق ئەزانى يۈرەك دەيدىكەنۇ، بىراق، مېنىڭ يۈرىكىم ھەممىدىن سوغۇق. يۈرىكىمنىڭ قاچانلاردا مۇزلاشقا باشلىغانلىقىنى شۇنچە ئويلاپمۇ تاپالمىدىم. مېنىڭ يۈرىكىم بۇرۇندىنلا ئىللىماس بولغىيمىدى؟ ياق، بىر چاغلاردا يۈرىكىمدە ئاتەش كەبى بىر قىززىغلىق بار ئىدى، بۇ قىززىغلىق قانداقتۇر بىرسىگە ئاشىق بولغانلىقنىڭ، مۇھەببەتنىڭ قىززىغلىقى ئەمەس. ھاياتقا، گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردىكى مەن نەقەدەر جاسارەتلىك ئىدىم. ھەر قانداق كۆڭۈلسىزلىك قەلبىمدىكى بۇ ئوتقا قىلچە تەسىر قىلالمايىتتى، يۈرىكىمدىكى بۇ ئوت ھەممىنى بىردەمدە كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋېتەتتى. ئاھ، ئەشۇ گۈزەل چاغلار، بەخىتلىك كۈنلەر…

يۈرىكىمدە شۇ ۋاقىتلاردىكى ئوتلۇق ھارارەتلەردىن قىلچىمۇ ئەسەر قالمىغانىدى، خۇددى بۇ يۈرىكىم ھېچ بىر ئىسسىق ھارارەتنى ھېس قىلىپ باقمىغاندەك، يۈرىكىم پۈتۈنلەي مۇزلاي دەپ قالدى. يۈرىكىمنىڭ ئازراق بولسىمۇ ئىللىشى ئۈچۈن قولۇمنى يۈرىكىم ئۈستىگە قويدۇم. قويدۇميۇ قانداق تېز قويغان بولسام شۇنچە تېز تارتىۋالدىم. يۈرىكىمدىكى بۇ مۇز ئاللىقاچان تېشىغا تېپىپ بولغانىدى. يۈرىكىمنىڭ ئۈستىمۇ ئاستا-ئاستا قىرولار باغلاپ مۇزلاۋاتىدۇ. قېلىن كىيىملىرىمنى چىڭ چۈمكەنگىنىمچە پۇتلىرىمنى تەستە يۆتكەپ ھەرىكەت قىلىشقا تىرىشتىم، مەن تېزراق ھەرىكەت قىلاي دېگەنسېرى، پۇتلىرىم ماڭا بويسۇنمايۋاتىدۇ. ئازراق بولسىمۇ ھەرىكەت قىلسام بەدىنىم قىززىپ يۈرىكىمگە ئىسسىق ئۆتەر ئىدى. لېكىن، ماڭالمايۋاتىمەن. ئولتۇرۇشقا ماغدۇرۇم قالمىدى، بىراقلا يىقىلىپ چۈشمەسلىك ئۈچۈن ئاستا يېتىۋالدىم. پۇت-قوللىرىمنى مىدىرلاتقىدەك ھالىم قالمىدى، كۆزلىرىمنى كۆپكۆك ئاسمانغا تىكىپ ياتماقتىمەن. ئاسماندا بىر پارچىمۇ بۇلۇت كۆرۈنمەيىتتى. ئاسماننىڭ تېگى خۇددى دېڭىز سۈيىدەكلا سۈپسۈزۈك، ئادەمگە بەكلا ئىللىق كۆرۈنەتتى. كۆزلىرىم بارغانسېرى يۇمۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ، كۆزلىرىمنى ئېچىش ئۈچۈن قولۇمنىمۇ مىدىرلىتالمىدىم، قولۇم ئاللىقاچان مۇزلاپ بولغانىدى. ئاخىرقى قېتىم غەيرەت قىلىپ كۆزۈمنى ئاچتىم، ئاچتىميۇ كۆپكۆك ئاسماندا ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان ئەينى ۋاقىتلاردىكى قىزغىن ئۆزۈمنىڭ سىماسىنى كۆردۈم. بىر تاتلىق سېزىم پۈتۈن بەدىنمگە تارىدى. مەنمۇ ئاستا كۈلۈمسىرىدىم…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 8 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    سالىھ بەگ 2015-05-09 04:47

    بۇ بىرەر قاتتىق ئازاپتىن كىيىنكى ھىسياتتىن چىققان ئاچچىق نىدامىدۇ بۇ ….

    جۇلالىق

    مۇزلىغان يۈرەكتىن ئاچچىق نىدا چىقماي يەنە نېمە چىقىدۇ دەيسىز.

  •   #2  

    نۇربەگ 2015-05-10 08:38

    جۇدۇننىڭمۇ – باھارى بار ، ھەممە ئىشلار ئۈتۈپ كىتىدۇ دەپ ئويلايمەن ، ھەم مۇشۇنداق ئويلايدىغان بۇلۇپ قالدىم…
    ئۈزەمچە …

    جۇلالىق

    بەلكىم دېگىنىڭىزدەك بىر كۈنلەردە باھارمۇ كېلىپ قالار.

  •   #3  

    مېھمانگۈل 2015-05-24 11:14

    مۇزلىغان يۈرەك……… مەن بۇ يازمىنى نەچچە قايتىلاپ ئوقۇپ چىقتىم، بىر سوئال سوراش ئۈچۈن بۇ ئىنكاسنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
    سىز بۇرۇن شۇنداق قەيسەر، ھاياتقا تولۇپ تاشقان ئۈمىد بىلەن قارايدىكەنسىزيۇ، ئەمنا ۋە بىراق تۇيۇقسىز يەنە ئۈمىدسىزلىك قەلبىڭىزنى چىرمىۋاپتۇ، دېمەك سىز ئەسلىدە قەيسەر ئەمەس، سىز سىرتقى قىياپىتىڭىزنى باشقىلارغا شۇنداق پەردازلاپ كۆرسەتكەن. ئۈمىدسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشى سىزدەك ھەقنى چۈشەنگەن بىر ئاجىزە ئۈچۈن بۇنداق گەپ ياراشمىسا كېرەك دەپ ئويلاپ قالدىم ئۆزەمچە.
    سىز ئۆزىڭىز بولۇپ ياشاڭ، قانداق ياشىغۇڭىز كەلسە شۇنداق ياشاڭ، بىكاردىن باشقىلارغا باشقا بىر جۇلالىق بولىمەن دەپ ئۆزىڭىزنى قىيناپ ھاردۇرۇپ ئاقىۋەت يۈرىكىڭىزمۇ سىزگە بويسۇنماس بولۇپ قاپتۇ.
    ئىنساننىڭ ھاياتى چەكلىك، ئۆمۈر ھەم شۇنداق بىراق ئۈمىد يەنىلا ئۆمۈردىن ئۇزۇن، ئۈمىدلىك ياشاڭ!

    جۇلالىق

    بەلكىم دېگىنىڭىزدەك بۇرۇندىن قەيسەر ئەمەستۇرمەن. لېكىن، شۇ نۇقتىنى چۈشۈنىۋېلىڭكى، نەچچە ئون يىللىق ھاياتىمدا ياسالمىلىقتىن خالىي ياشاپ كېلىۋاتىمەن. مەن ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان ئىش ياسالما سۈنئىيلىك.
    مەن ھەر ۋاقىت ئۆزۈمنى تېپىپ، ئۆزۈم بولۇپ ياشاۋاتقاچقا بۈگۈنكى مەن بولغاندۇرمەن. ماڭا مەدەت بەرگىنىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم، رەھمەت.

  •   #4  

    نۇربەگ 2015-05-27 04:22

    بەلكىم ئادەمنىڭ ھاياتىدا ئۈزىمۇ ئويلاپ باقمىغان ئىشلار يۈز بىرشى مۇمكىن بىر قىسىم ئىشلارغا ئۈزى ئامال قىلالىسىمۇ بىر قىسىم ئىشلار ئامالسىز قالدىغان يەرلىرىمۇ بار ، بەزى ئىشلارغا ۋاقىت توغرا جاۋاپ بىرەلەيدۇ دەپ قارايمەن …

    جۇلالىق

    نۇرغۇن ئىشلارغا ئامال ئويلاپ تاپساڭمۇ، شۇ تاپقان ئامالىڭنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىش ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن بەدەل كېتىدىكەن.